meryemgul يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 13:02:54

مويەننىڭ نوبىل مۇكاپاتى نۇتۇقى

مويەننىڭ
نوبىل مۇكاپاتى نۇتۇقى


خەنزۇ
تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر
ئىمىن


خەلق تورى خەۋىرى،8-دىكابىر
تىلىگىراممىسى،بىيجىڭ ۋاقتى سەھەر دە،2012-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا
ئېرىشكۇچى جۇڭەولۇق يازغۇچى مويەن
شۋېتسىيە ئاكادىمىيېسىدە نۇتۇق
سۆزلىدى.تېمىسى:ھېكايە سۆزلىگۇچى



(1)


ھۆرمەتلىك شېۋىتسيە ئاكادىمىيسىدىكى بارلىق ئاكادىېمىكلار، خانىملار، ئەپەندىلەر:


مېنىڭچە ئولتۇرغان ھەر بىرەيلەن تېلېۋىزۇر ياكى تور ئارقىلىق يىراق
شەرقتىكى ئادەملەر كۆپ شەرقى شمال يېزىلىرىنى ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشەنگەن بولۇشى
مۇمكىن.سلەر بەلكىم مىنىڭ 90ياشلىق ياشانغان دادامنى ،مىنىڭ
ئاكام،ئاچام،ئايالىم،قېزىم ۋە بىر ياش تۆت ئايلىق بولغان نەۋرە قېزىمنى كۆرگەن
بولۇشۇڭلار مۇمكىن.بىراق مۇشۇ دەقىقىدە مەن ئەڭ سىغىنىدىغان كىشى مىنىڭ ئانامنى
سلەر مەڭگۇ كۆرەلمەيسلەر.مەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىين ،نۇرغۇن كىشلەر مەن بىلەن
شەرەپنى ئورتاقلاشتى.بىراق مىنىڭ ئاپام ئورتاقلىشالمىدى.


مىنىڭ ئانام 1922-يىلى تۇغۇلۇپ،1994-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى.ئۇنىڭ جەسەت كۈلى
كەنتىمىزنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى شاپتۇللۇق باغقا دەپنە قىلىندى.ئۆتكەن يىلى ئۇ يەرگە
بىر تۆمۈر يول ياسىماقچى بولغاندا،بىز ئۇنىڭ قەبرسىنى كەنىتتىن تېخىمۇ يىراق
بولغان بىر يەرگە يۆتكەشكە مەجبۇر بولدۇق.قەبرىنى كولىغاندىن كىين بىز جەسەت
ساندۇقىنىڭ ئاللىقچان چىرىپ كەتكەنلىكىنى،ئانامنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرىنىڭ لاي-تۇپراق
بىلەن ئارىلىشپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم.بىز پەقەت سموۋۇللۇق قىلىپ ئازراق تۇپراق
كولاپ ئىلىپ،يېڭى قەبرە ئىچىگە يۆتكەپ قويدۇق.شۇنىڭدىن باشلاپ،مەن ئانامنىڭ كەڭ
زېىمىننىڭ بىر قسمىغا ئايلانغانلىقىنى ھس قىلدىم،مەن مىنىڭ زىمىن ئۈستىدە تۇرۇپ
ئيتقان دەرتلىرىم ئاپامغا دەرت تۆكىشىمدۇر.



مەن ئاپامنىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى.مەن ئەسلىيەلەيدىغان ئەڭ بۇرۇنقى بىر
ئش،ئائىلىمىزدىكى بىردىنبىر  چايداننى
كۆتۇرۇپ جامائەت ئاشخانىسغا بىرىپ سۇ ئالغانلىقىم.شۇ چاغدا ئاچلىقتىن بەدىنىمدە
ماغدۇر يوق،قولۇمدىكى چايدان يەرگە چۇشۇپ چىقىلىپ كەتتى،مەن بەك قورقۇپ كېتىپ
،چۆپلۇككە كېرىۋىلىپ بىر كۇنگىچە چىقالمىغانتىم.كەچ بولغاندا،ئاپامنىڭ مىنىڭ كىچىك
ئسمىمنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدىم.مەن چۆپلۇكتىن چىقتىم،ئىچىمدە تىل ئشتىپ تاياق
يەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغانتىم،ئەمما ئانام مىنى ئۇرمىدى،تىللىمىدى،پەقەت
بېشىمنى سىيلاپ تۇرۇپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ئۇھسنىپ كەتتى.ئەسلىمەمدىكى ئەڭ ئازاپلىق
بىر ئش ،ئاپامغا ئەگىشپ كوللىكتىپنىڭ يېرىغا بۇغداي باشىقى ئۈزگىلى
بارغانلىقىم،بۇغدايلىققا قارايدىغان ئادەم كەلگەندە ،باشاق ئۇزۇۋاتقانلارنىڭ
ھەممىسى قېچىپ كەتتى.ئاپام ياخشى يۇگرەلمىگەچكە تۇتۇلۇپ قالدى.ھىلىقى ئىگىز يوغان
ئادەم ئاپامنى بىر تەستەك ئۇردى.ئاپام پىرقىراپ يەرگە دۇم چۇشتى.كۆزەتچى بىزنىڭ
باشاقلىرىمىزنى مۇسادىرە قىلىپ،ئسقارتقان پېتى كېتىپ قالدى.ئاپامنىڭ ئاغزى قان
ھالدا يەردە ئولتۇرغان چاغدىكى ئاشۇ ئۇمۇتسز روھى ھالىتىنى مەڭگۇ ئۇنتۇيالمايمەن.خىلى
يىللاردىن كىين چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بىر بوۋايغا ئايلانغان ھىلىقى بۇغدايلىق
كۆزەتچىسنى بازاردا ئۇچرىتىپ قالدىم.مەن ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ قساس ئالماقچى
بولغاندا ئانام مىنى تۇتۇۋالدى،ئۇ ماڭا سوغۇققانلىق بىلەن :‹‹ئوغلۇم،مىنى ئۇرغان
ئادەم بىلەن بۇ قېرى ئادەم بىر ئادەم ئەمەس››-دىدى.




ماڭا تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان بىر ئش ،بىر تاۋۇز چاغىنىدا چۇشتە بولغان
ئش،ئائىلىمىز مىڭ تەسلىكتە بەنشر تۇگۇشكە مۇيەسسەر بولدۇق،ھەر بىرەيلەنگە بىر
قاچىدىن تىگەتتى.بىز بەنشرنى يەيلى دەپ تۇرساق،بىر دىۋانە بوۋاي ئشكىمىز ئالدىغا
كەلدى.مەن يېرىم قاچا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بىرىپ يولغا سىلىۋەتمەكچى
بولدۇم،ئەمما ئۇ قاتتىق زەردە بىلەن:‹‹مەن بىر قېرى تۇرسام،سلەر بەنشر يەپ،ماڭا
تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بىرىشكە يۇرىكىڭلار قانداق چىدايدۇ؟››-دىدى.مەن
ئاچچىقىمنى باسالماي :بىز يىلدا ئاران بىر نەچچە قېتىم بەنشر يەيمىز،بىرىمىزگە بىر
قاچا تېگىدۇ.قورسقىمىز يېرىممۇ بولمايدۇ،ساڭا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى
بەرگەنلىكىممۇ خىلىلا ياخشى بولغىنى،ئالساڭ ئال،ئالمىساڭ يوقال››ئاپام مىنى
ئەيىپلەپ كەتتى،كىين ئۇ يىرىم قاچا بەنشرنى بوۋاينىڭ قاچىسغا سىلىپ بەردى.


مەن ئەڭ پۇشايمان قىلدىغان بىر ئش ،ئاپام بىلەن يېسۋىلەك ساتقىلى چىققاندا
،دىققەت قىلماي بىر بوۋايدىن بىر مو پۇلنى كۆپ ئاپتىمەن.پۇلنى ھساپلاپ بولۇپلا
مەكتەپكە مېڭىپتىمەن.مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كىلىپ ناھايتى ئاز يىغلايدىغان
ئاپامنىڭ تارام-تارام يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۇم،ئاپام مىنى تىللىمىدى،پەقەت
بوشقىنا قىلىپ،ئوغلۇم،سەن ئاپاڭنىڭ يۇزىنى يەرگە قاراتتىڭ-دىدى.


مەن ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە،ئاپام ئىغىر ئۆپكە كېسلىگە گىېرىپتار
بولدى،ئاچلىق،كېسەل ئازاۋى،ئەمگەك ھارغىنلىقى ئائىلىمىزنى ئىغىر كۇنگە
قويدى،يورۇقلۇق ۋە ئۇمۇتنى كۆرەلمەيتتۇق.مەندە ئاپام ھامان بىر كۇنى ئۇمۇتسزلىكتىن
ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالىدۇ دەيدىغان  ناھايتى
كۇچلۇك بىر خىل شۇملۇق تۇيغۇسى پەيدا بولدى،ھەر قېتىم ئەمگەكتىن قايتىپ
كەلسەم،ئشىكتىن كىرىپلا،ئاپا دەپ ئۇنلۇك ۋاقىرايتتىم،ئۇنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ ئاندىن
يۇرىكىم جايىغا چۇشەتتى.ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماڭلا قالسام،قورقۇپ تىترەپ
قازناق ئۆي،تۇگمەن ھەممسنى ئىزدەپ چىقاتتىم.بىر قېتىم ھەممە ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپمۇ
ئاپامنىڭ سايىسنىمۇ كۆرەلمىدىم.ھويلىدا ئولتۇرۇپ قاتتىق ئۇن سىلىپ يىغلاپ
كەتتىم.بۇ چاغدا ئاپام بىر باغلام تەرمەش قورايلارنى يۇدۇپ كىرىپ كەلدى.ئۇ
يىغىلىىشىمدىن بەك خاپا بولدى،ئەمما ئۇنىڭغا ئەنسرىشىمنىڭ سەۋەبىنى دىمىدىم.ئاپام
مىنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىۋىلىپ:‹بالام،خاتىرجەم بول،گەرچە ھاياتىمدا تۇزۇكرەك
خۇشاللىق بولمىسمۇ ،بىراق خۇدايىم مىنى چاقىرىپ ئەكەتمىگىچە ئۆزۇم كەتمەيمەن››.


مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا بەك كۆرۇمسز ئىدىم،كەنىتتىكى نۇرغۇن ئادەملەر مىنى
يۇز-تۇرانە مەسخىرە قىلاتتى.ھەتتا مەكتەپتىكى بىر نەچچە مىجەزى ئوسال بالىلار مىنى
مۇشۇنىڭ ئۇچۇنلا ئۇرغانىدى.ئۆيگە قايتىپ قاتتىق يىغلاپ كەتكىنىمدە ئاپام
ماڭا:‹‹ئوغلۇم،سەن سەت ئەمەس،سىنىڭ بۇرنۇڭ بار،كۆزۇڭ بار،يەتتە ئەزايىڭ
ساغلام،نەرىڭ سەتكەن؟ئەكسچە،سىنىڭ كۆڭلۇڭ ياخشى بولسلا،ياخشى ئشنى كۆپرەك
قىلساڭ،سەت بولساڭمۇ،چىرايلىق بولالايسەن››.كىين مەن شەھەرگە كىردىم،تېخى بەزى
بىلىملىك ئادەملەر كەينىمدە ھەتتا ئالدىمدا مىنىڭ تۇرقۇمنى مەسخىرە قىلىشتى.مەن
ئاپامنىڭ سۆزىنى ئەسلەپ،كۆڭلۇم خاتىرجەم ھالدا ئۇلاردىن كەچۇرۇم سورىدىم.


ئاپام ساۋاتسز ئىدى،ئەمما ساۋاتى بارلارغا بەكلا ھۆرمىتى بار
ئىدى.ئائىلىمىز بەكلا نامرات ئىدى،ئەتتىگىنى يېسەك،كەچلىككە  يوق ئىدى.لېكىن ئەگەر مەن ئۇنىڭغا كىتاب،دەپتەر
–قەلەم ئالىمەن دىسەملا ،ئۇ تەلىۋىمنى قاندۇراتتى.ئۇ بەك ئشچان ئىدى.ھورۇن
بالىلارغا ئۆچ ئىدى،لىكىن ئەگەر مەن كىتاب ئوقۇيمەن دەپ ،ئشنى كىچىكتۇرسەم،ئۇ
ئەزەلدىن مىنى تەنقىد قىلىپ باقمىغانىدى.بىر چاغلاردا بازارغا بىر ئۇقۇمۇشلۇق
ئادەم كەپتۇ.مەن ئوغرىلىقچە ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇپ بەرگىنىنى ئاڭلاش ئۇچۇن
بىرىپ،ئاپامنىڭ ماڭا بۆلۇم بەرگەن ئشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.بۇ ئش ئۇچۇن ئاپام مىنى
تەنقىد قىلدى.كەچلىكى،ئۇ جىنچىراق يورۇقىدا پاختىلىق كىيم تىكىۋاتقاندا،مەن چىداپ
تۇرالماي ،كۇندۇزى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمدىن ئاڭلىغان ھىكايىنى ئاپامغا سۆزلەپ بەردىم،دەسلەپتە
ئۇ تاقەت قىلىپ ئاڭلىمىدى،چۇنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى
ئاغزىدا قۇرۇپ گەپ تولا،ئەمەلى ئش قىلالمايدىغان ئادەملەر ،ئاغزىدىن ياخشى گەپ
چىقمايدىغان ئادەملەر ئىدى.


كىين مەن سۆزلەپ بەرگەن ھىكايە ئۇنىڭ دىققتىنى تارتتى.شۇنىڭدىن كىين ھەر قېتىم
كۆپچىلىك يېغىلىپ ئش قىلغاندا،ئۇ ماڭا ئش بۆلمەي،كوللىكتىپ بازارغا بىرىشىمغا يول
قوياتتى.ئاپامنىڭ شەپقىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۇچۇن،ھەم ئۇنىڭغا ئۆزۇمنىڭ ئەستە
ساقلاش قابىلىتىمنى كۆز-كۆز قىلىش ئۇچۇن كۇندۇزى ئاڭلىغان ھىكايىلەرنى مەزمۇننى
بىيتىپ ئاپامغا سۆزلەپ بىرەتتىم.


(داۋامىنى تەستىقلانغاندىن كىين يوللاي)


meryemgul يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 14:42:58

ناھايتى تىزلا مەن ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم سۆزلەپ بەرگەن ھىكايىىنى تەكرارلاشتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم،مەن تەكرارلاش جەريانىدا،مەن توختىماي ھىكايە مەزمۇنىغا رەڭ قوشتۇم.ئاپامنىڭ قىزىزىقىشىغا ئاساسەن،بەزى ۋەقەلىكلەرنى توقۇپ چىقتىم،ھەتتا بەزىدە ھىكاينىڭ نەتىجىسنى ئۆزگەرتتىم.مىنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىم پەقەت ئاپام بىلەنلا قالماي،يەنە ئاچام،مومام،ھامماملارمۇ مىنىڭ ئاڭلىغۇچۇم بولۇپ قالدى.ئاپام ھىكايەمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىين ،بەزىدە بىر نەرسىدىن ئەنسرىگەندەك قىلىپ،ماڭىمۇ ياكى ئۆزىگىمۇ ئەيتاۋۇر :ئوغلۇم،چوڭ بولساڭ قانداقراق ئادەم بولارسەن ھە؟كوت-كوت ئاغزىڭغا تايىنىو گەپ جان باقىدىغان ئادەم بولۇپ قالارسەنمۇ ھە؟-دەييتتى.مەن ئاپامنىڭ ئەنسرىشنى چۇشىنەتتىم.مەن ئاپامنىڭ ئەنسىرىشنى چۇشىنەتتىم،چۇنكى كەنىتتە گەپنى تولا قىلىدىغان بالىلارغا ھەممەيلەن ئۆچ ئىدى.بۇنداق بالىلار ئۆزى ۋە پۇتۇن ئائىلىسى ئۇچۇن بالا بولىدىغان گەپلەرنى قىلىپ تاشلايتتى.مەن ‹‹كالا››رومانىدا يازغان ھىلىقى گىپى تولا بولغانلىقتىن كەنىتتىكىلەر تەرىپىدىن ئۇر-سوققا قالغان بالا دەل مىنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى تەسراتىم ئىدى.ئاپام ماڭا ھەمىشە گەپنى ئاز قىل دەيتتى،ئۇ مىنىڭ گىپى ئاز،ئىغىر بېسىق ،تەمكىن ۋە سالاپەتلىك ئادەم بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلاتتى.بىراق مەندە ئاشكارا بولغان ناھايتى كۇچلۇك گەپدانلىق ۋە سۆزمەنلىككە بولغان ئشتىياق ،شۈبھسزكى بىر زور خەتەر ئىدى،بىراق مىنىڭ ھىكايە سۆزلەش ئىقتىدارىم ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئىلىپ كەلدى.بۇ ئۇنى چوڭقۇر بولغان زىدىدىيەت ئىچىگە باشلىغان ئىدى.



كونىلاردا ‹‹تاغنى يۆتكەش ئاسان،مىجەزنى ئۆزگەرتىش تەس ››دىگەن گەپ بار،گەرچە ئاتا-ئانام ماڭا تەنبىھ –تەلىملەرنى بىرىپ تۇرسىمۇ،بىراق مەن گەپ قىلىشقا ئامراق تۇغما مىجەزىمنى ئۆزگەرتەلمىدىم،بۇ مىنىڭ ‹‹مويەن››(مۆرىمەس)دىگەن ئسمىمنى خۇددى ئۆزۇمنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىپ قويىدۇ.مەن باشلانغۇچىنى پۇتتۇرمەيلا ئوقۇشتىن چىكىنگەن،چۈنكى تېىنىم ئاجىز،ئىغىر ئش قىلالمايمەن،پەقەت ئوتلاققا بىرىپ پادا بىقىشقىلا يارايتتىم.مەن قوي-كالا پادىسنى مەكتەپ ئىشكى ئالدىدىن ھەيدەپ ماڭغاندا،بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەكتەپتە قىقاس-سۈرەن سىلىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسەم يۇرىكىم ئىچىشىپ كىتەتتى،بىر ئادەمنىڭ ،بىر بالىنىڭمۇ دەيلى،كۆپچىلىكتىن ئايرىلغاندىن كىينكى ئازابىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتكەنىدىم.مەن قوي-كالىلارنى ئوتلاشقا قويۇۋىتىپ ،خيال سۇرۇپ ئولتۇرۇپ كىتەتتىم.دىڭىزدەك پايانسز كۆك ئاسمان،چەكسز كەتكەن ئوتلاق،ئەتراپتا ھىچكىمنىڭ سايسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.ئۇن-سادامۇ يوق.پەقەت قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىلا بار.مەن ناھايتى غىرىپلىق،زىرىكىشلىك ھىس قىلاتتىم.ئىچىم قۇپ-قۇرۇقلا ئىدى.بەزىدە ئوتلاقتا يېتىپ كۆك ئاسماندا لەيلەپ يۇرگەن ئاق بۇلۇتلارغا قاراپ ،كاللامدا نۇرغۇن غەلىتە خىياللار پەيدا بولاتتى.بىزنىڭ ئۇ تەرەپلەردە نۇرغۇن تۇلكىلەرنىڭ گۇزەل قىزلارغا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىدەك ھىكايىلەر كۆپ تارقالغانىدى.



مەن بىر تۇلكىنىڭ گۇزەل قىزغا ئۆزگىرىپ مەن بىلەن بىللە پادا بىېقىشنى بەك خىيال قىلاتتىم،بىراق ئۇنداق بولمىدى.بىراق بىر قېتىم بىر قىزىل رەڭ تۇلكە ئالدىمدىكى ئوتلاقتىن يۇگرەپ چېققاندا،مەن قورقۇپ يەرگە يېتىۋالغان ئىدىم.

تۇلكە يۇگرەپ كەتكەندىن كىين،مەن يەنە تىترەپ كەتكەنىدىم.بەزىدە مەن كالىنىڭ يېنىدا يېتىپ ،كالىنىڭ توق كۆك كۆزى ۋە كالىنىڭ كۆزىدىكى مىنىڭ شولامغا قارايتتىم.بەزىدە قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى دوراپ،ئاسماندىكى قۇشلار بىلەن مۇڭداشماقچى بولاتتىم،بەزىدە بىر دەرەخكە ئۆزۇمنىڭ دەردىنى تۆكمەكچى بولاتتىم.بىراق قۇشمۇ ،دەرەخمۇ ماڭا پەرۋا قىلمايتتى.نۇرغۇن يىللاردىن كىين،مەن بىر رومانچىغا ئايلانغاندىن كىين ،شۇ چاغدىكى نۇرغۇن خياللىرىمنى رومانلىرىمغا يېزىپ كىرگۇزۋەتتىم.نۇرغۇن كىشلەر مىنى تەسەۋۇر كۇچى باي دەپ ماختايدۇ.بەزى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى مەندىن تەسەۋۇر كۇچىنى ئۆستۇرۇشنىڭ سىرىنى دەپ بىرىشمنى ئۇمىد قىلىدۇ،مەن بۇنىڭغا پەقەت ئاچچىق كۇلكە بىلەن جاۋاب بىرىمەن.خۇددى جۇڭگونىڭ دانىشمىنى لاۋزى ئىيتقاندەك،‹‹قۇتلۇق بىلەن شۇملۇق ئش تەڭ مەۋجۇتتۇر.شۇملۇقمۇ قۇتلۇق ئشقا ئايلىنالايدۇ.››مەن كىچىك چىغىمدا ئوقۇشتىن چىكىنگەن،ئاچلىق،يېتىملىك ئازاۋىنى ،ئوقۇغدەك كىتاۋىمۇ يوق ئىغىر كۇنلەرنى كۆرگەن.بىراق مەن مۇشۇنىڭ ئۇچۇنلا خۇددى بىزنىڭ ئىلگىرىكى پشقەدەم يازغۇچىلاردىن شېىن سۇڭۋىن ئەپەندىگە ئوخشاش،بۇرۇنلا جەمىيەتتىن ئىبارەت بىر كاتتا كىتابنى ئوقۇشقا باشلىغان.بايا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن بازاردا ئۇچراتقان ھىلىقى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم مۇشۇ جەمىيەت كتاۋىدىكى بىرلا بەت.

ئوقۇشتىن چىكىنگەندىن كىين،مەن چوڭلار ئارىسدا جان بېقىش كويىدا يۇرۇپ،‹‹قۇلاق بىلەن ئوقۇش››ئۇزۇن ھاياتىمنى باشلىدىم.ئىككى يۇز يىل ئىلگىرى مىنىڭ يۇرتۇمدىن بىر ھىكايە سۆزلەشكە ئۇستا ئۇلۇغ تالانت ئىگىسى پۇسۇڭلىن چىققانىكەن،بىزنىڭ كەنىتتىكى نۇرغۇن ئادەملەر،مەنمۇ شۇنىڭ ۋارىسى.مەن كوللىكتىپ ئەمگەك جەريانىدا،ئشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىنىڭ ئات-كالا قوتانلىرىدا ،بوۋام-مومامنىڭ ئسىق كاڭلىرىدا ،ھەتتا مۆدۇرۇپ-سىدىرپ مىڭىۋاتقان كالا ھارۋىلىرىدا نۇرغۇن سرلىق غەلىتە ھىكايىلەرنى ،جەڭنامىلەرنى،ئۆزگىچە ئشلارنى ئاڭلايتتىم.بۇ ھىكايىلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىكنىڭ تەبئى مۇھىتى،جەمەت تارىخى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك بولۇپ،مەندە كۇچلۇك رىئاللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلغانىدى.

مەن ئۇخلاپ چۇشۇمدىمۇ بىر كۇنلەردە بۇ نەرسلەرنىڭ مىنىڭ يېزىقچىلىق خام ماتېريالىم بولۇپ قىلىشنى ئويلىمىغانىدىم،مەن ئەينى چاغدا بىر ھىكايىغا مەپتۇن بولغان بىر بالا ئىدىم، كىشلەرنىڭ سۆزلىگىننى مەستانە بولۇپ

ئاڭلايتتىم.ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر مۇتلەق خۇدانىڭ بارلىقىغا ئىشنەتتىم،مەن پۇتۇن كائىناتتىكى مەۋجۇداتلارنىڭ جېنى بارلىقىغا ئىشنەتتىم.چوڭ بىر دەرەخنى كۆرسەممۇ ھۆرمەت بىلدۇرەتتىم.بىر قۇشنى كۆرسەم،ھامان ئۇنىڭ بىر ئادەمگە ئۆزگىرەيدىغانلىقنى تەسەۋۇر قىلاتتىم.بىر يات ئادەمنى كۆرسەم ئۇ چوقۇم بىر ھايۋاندىن ئۆزگەرگەنمىدۇ دەپ گۇمان قىلاتتىم.ھەر كۇنى كەچتە مەن ئشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئەمگەك خاتىرىلەش ئۆيىدىن ئۆيگە قايتقاندا،تۇگىمەس قورقۇنچلار مىنى قورشىۋالاتتى،قورقماسلىق ئۇچۇن بىر تەرەپتىن يۇگرەپ ،بىر تەرەپتىن ناخشا توۋلاپ ماڭاتتىم.ئۇ چاغدا ئاۋازىم ئۆزگىرىۋاتقان مەزگىل ئىدى،ئاۋازىم خىر-خىر ،ئاھاڭ يېقىمسز ئىدى،مىنىڭ ناخشىلىرىم مىنىڭ يۇرتداشلىرىم ئۇچۇن بىر ئازاپ ئىدى.

مەن يۇرتۇمدا 21 يىل ياشىدىم،بۇ جەرياندا يۇرتۇمدىن ئەڭ يىراق بارغان يېرىم پويىز بىلەن چىڭداۋغا بارغىنىم.تېخى ياغاچ ماتېرياللىرى زاۋۇتىنىڭ چوۇ ياغاچ ماتېرياللىرى ئارىسدا ئىزىزىقىپ قالغىلى تاس قالغانىدىم،ئاپام مەندىن چىڭداۋغا بىرىپ نىمە كۆرگەنلىكىمنى سورىغاندا ،مەن روھىم چۇشكۇن ھالدا:ھىچنىمىنى كۆرمىدىم،پەقەت بىر دۆۋە ياغاچنى كۆردۇم-دىدىم.

بىراق مۇشۇ قېتىملىق چىڭداۋ سەپىرى مەندە يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ سرتقى دۇنيانى كۆرۇپ بېقىشقا بولغان كۇچلۇك ئارزۇنى پەيدا قىلدى.

1976-يىلى 2-ئايدا ،مەن ئاپام توي قىلغاندا ئشلەتكەن زىننەت بويۇملىرىنى سېتىپ ماڭا ئىلىپ بەرگەن تۆت پارچە ‹‹جۇڭگونىڭ ئومۇمى تارىخى››نى يۈدۈپ ئارمىيەگە كىردىم. مىنى سۆيۇندۇرگەن ۋە يىرگەندۇرگەن جاي- گاۋمى شەرقى شمال يېزىسىدىن چېقىپ ھاياتىمدىكى مۇھىم دەۋرنى باشلىدىم.ئېتىراپ قىلىشىم كىرەككى،ئەگەر جۇڭگو جەمئىيتىنىڭ غايەت زور تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىىشى بولمىغان بولسا،ئەگەر ئسلاھات ئېچىۋېتىش بولمىغان بولسا،مەندەك بىر يازغۇچىمۇ بولمىغان بولاتتى.

meryemgul يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 14:44:36

گازارمىدىكى زىرىكىشلىك تۇرمۇشتا،مەن 80-يىللاردىكى ئىدىدىيە ئازاتلىقى ۋە
ئەدەبىيات قىزغىنلىقىنى كۇتۇۋالدىم،مەن بىر قۇلىقى بىلەن ھىكايە ئاڭلايدىغان
،ئاغزى بىلەن ھىكايە سۆزلەيدىغان بالىدىن قەلەم بىلەن ھىكايە سۆزلەشكە ئۇرۇنۇشقا
باشلىدىم.دەسلەپتە يولۇم ئاسان بولمىدى،ئەينى چاغدا مەن ئۆزۇمنىڭ 20يىللىق سەھرا
تۇرمۇش تەجرىبەمنىڭ ئەدەبىيات خەزىنسى ئىكەنلىكىنى بايقىماپتىمەن.ئۇ چاغدا مەن
ئەدەبىيات ياخشى ئادەم ،ياخشى ئشلارنىلا ،قەھرىمان ئۇلگىلەرنىلا يازىدۇ دەپ
ئويلاپتىمەن،گەرچە بىر نەچچىلا ئەسەر ئىلان قىلساممۇ ،بىراق ئەدەبى قىممىتى
ناھايتى تۆۋەن بولغانىدى.


1984-يىلى كۈزدە،مەن ئازاتلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنۇستىتۇتى ئەدەبىيات
فاكۇلتىېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىردىم.مىنىڭ كۆيۇمچان ئۇستازىم مەشھۇر يازغۇچى
شۇخۇۋەيجۇڭنىڭ ئىلھام بىرىشى ،يتەكلىشى بىلەن،مەن ‹‹كۈز سۇلىرى››،‹‹قۇرۇغان
دەريا››،‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››،‹‹قىزىل قوناقلىق››قاتارلىق بىر يۇرۇش پوۋست ھىكايىلەرنى
يازدىم.‹كۇز سۇلىرى››دىگەن ھىكايىدە،تۇنجى قېتىم ‹‹گاۋمى شەرقى شىمال
يېزىسى››دىگەن بۇ سۆز ئوتتۇرىغا چىقتى،شۇنىڭدىن باشلاپ،ھەر تەرەپتە سەرگەردان
بولۇپ يۇرگەن دىھقانلارنىڭ بىر يېرى بولدى،مەندەك بىر ئەدەبىيات سەرگەردانىمۇ باش
تىققۇدەك بىر جايغا ئېرىشتى.ئېتىراپ قىلىشىم كىرەككى،ئۆزۇمنىڭ ئەدەبىيات تەۋەلىكىدىكى
‹‹گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسى››نى قۇرۇش جەريانىدا،ئامېرىكىلىق ۋىليام فائۇكنىر ۋە
كولۇمبىيەلىك گارسيا ماركۇس ماڭا بەك ئىلھام بولدى.مەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئانچە
ئەستايىدىل ئوقۇمىغان،ئەمما ئۇلارنىڭ مسلى كۆرۇلۇپ باقمىغان دەرىجىدىكى مەردانە
روھى ماڭا ئىلھام بەردى ۋە مەندە يازغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزۇمگە تەۋە بىر
بوشلۇقنى ھس قىلدۇردى.بىر ئادەم ئەمەلى تۇرمۇشتا كەمتەر،كىچىك پېئىل بولۇشى
كىرەك،ئەمما ئەدەبى ئىجادىيەتتە قەتئى تەۋرەنمەيدىغان،ئۆزى خالىغاننى چوقۇم
قىلىدىغان بولۇشى كىرەك.




مەن بۇ ئىككى بۇيۇك ئۇستازنىڭ ئارقىسدىن ئىككى يىل ئەگەشتىم،تونۇپ
يەتتىمكى،دەرھال ئۇلاردىن ئايرىلىشىم كىرەككەن،مەن بىر پارچە ماقالىدا
يازغانىدىم،ئۇلار ئىككى دانە يېىنىپ تۇرغان ئوچاق،مەن بولسام مۇز پارچىسى،ئەگەر
ئۇلارغا بەك يېقىنلىشپ كەتسەم،ئۇلار مىنى ئېرىتىپ تاشلايدۇ.مىنىڭ ھس قىلىشىمچە،بىر
يازغۇچىنىڭ يەنە بىر يازغۇچىنىڭ تەسرىگە ئۇچرىشنىڭ تۇپكى سەۋەبى شۇكى،تەسر
كۆرسەتكۇچى بىلەن تەسرگە ئۇچرىغۇچىنىڭ روھلىرىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە ئوخشايدىغان
جايلار بار.خۇددى ‹‹روھلار ئاخىرى جۆرسىنى تاپىدۇ››دىگەنگە ئوخشايدۇ.شۇڭلاشقا مەن
گەرچە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى ئوقۇمىغان بولساممۇ ،پەقەت بىر نەچچە بەت
ئوقۇغان بولساممۇ ئەمما ئۇلارنىڭ نىمە ئشلارنى قىلغانلىقىنى چۇشەندىم،ھەم ئۇلارنىڭ
قانداق قىلغانلىقىنى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزۇمنىڭمۇ نىمە قىلىشىم،قانداق قىلىشىم
كىرەكلىكىنى بىلىۋالدىم.مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئش تولىمۇ ئاددى.ئۇ بولسىمۇ ئۆزۇمنىڭ
ئۇسۇلى بىلەن ئۆزۇمنىڭ ھىكايىسنى سۆزلەش.مىنىڭ ئۇسۇلۇم ئۆزۇم تونۇشلۇق بولغان
ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمنىڭ ئۇسۇلى ،بوۋام،مومام ،كەنىتتىكى چوڭلارنىڭ ھىكايە سۆزلەش
ئۇسۇلى.راستىنى دىسەم،ھىكايە سۆزلىگەن چاغدا،مەن كىمنىڭ ئاڭلىغۇچۇم
بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان،بەلكىم مىنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىم مىنىڭ ئاپام بىلەن
ئوخشاش كىشلەردۇر،بەلكىم ئاڭلىغۇچۇم مىنىڭ ئۆزۇم شۇدۇر،ئۆزۇمنىڭ ھىكايىسى
دەسلىۋىدە ئۆزۇمنىڭ باشتىن كەچۇرگەنلىرى،مەسلەن‹‹قۇرۇپ كەتكەن دەريا›دىكى قاتتىق
تاياق يىگەن بالا،‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››تىكى باشتىن-ئاخىر گەپ قىلمايدىغان ھىلىقى بالا .


مەن ئىلگىرى بىر ئشنى خاتا قىلغانلىقىم ئۇچۇن دادامدىن ئۆلگۇدەك تاياق
يىگەن،مەنمۇ كۆۋرۇك ئش ئورنىدا تۆمۇرچى ئۇستاملار ئۇچۇن شامالدۇرغۇچ تارتىپ
باققان.ئەلۋەتتە،بىر ئادەمنىڭ كەچۇرمىشى قانچىلىك ئۆزگىچە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر
ھەممىنى رومانغا يېزىپ كىرگۇزگىلى بولمايدۇ،رومان چوقۇم توقۇلما بولۇشى
كىرەك،تەسەۋۇر بولۇشى كىرەك.نۇرغۇن دوستلار ‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››نى منىڭ ئەڭ ياخشى
رومانىم دەيدۇ،مەن بۇنىڭغا قارشى ئەمەس،ھەم قوللاپمۇ كەتمەيمەن،بىراق مەن ‹‹سۇزۇك
تۇرۇپ››ئەسەرلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ سموۋللۇق خاراكتېرىگە ئىگە ،مەنىگە تويۇنغان
ئەسەرلىرىمدىن بىرى دەپ قارايمەن.ئۇستى بېشى قاپقارا،ھەرقانداق ئادەمدىن بەكرەك
ئازاپقا بەرداشلىق بىرىش ئېقتىدارى ۋە ھس قىلىش ئېقتىدارىغا ئىگە بالا بولسا مىنىڭ
بارلىق رومانلىرىمنىڭ روھى.


گەرچە مەن كىينكى رومانلىرىمدا نۇرغۇن ئادەملەرنى يازغان بولساممۇ،بىراق
مىنىڭ روھىمغا شۇ بالىدىنمۇ بەكرەك يىقىنلاشقان ئادەم يوق.ديىشكە بولىدۇكى،يازغۇچى
ياراتقان غوللۇق شەخسلەر ئىچىدە ،ھامان بىر باشلامچى ئوبراز بولىدۇ،بۇ كەمسۆز بالا
شۇ باشلامچىدۇر.ئۇ ھىچنىمە دىمەيدۇ،بىراق نۇرغۇن ھەر خىل ئادەملەرگە رەھبەرلىك
قىلىدۇ،گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە ،پۇتۇن ھاياجان بىلەن نۇمۇر
قويىدۇ.ئۆزىنىڭ ھىكايىسى ھامان چەكلىك بولىدۇ،ئۆزىنىڭ ھىكايىسنى سۆزلەپ
بولسا،باشقىلارنىڭ ھىكايىسنى سۆزلىشى كىرەك.شۇڭلاشقا،مىنىڭ تۇققانلىرىمنىڭ ھىكايىسى
،كەنىتداشلىرىمنىڭ ھىكايىسى ۋە مەن چوڭلارنىڭ ئازىدىن ئاڭلىغان بوۋىلارنىڭ
ھىكايىلىرى ،خۇددى يېغىلىش بۇيرۇقى ئاڭلىغان ئەسكەرگە ئوخشاش مىنىڭ ئەسلىرىمنىڭ
چوڭقۇر جايلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.ئۇلار تەشنالىق نەزىرى بىلەن ماڭا
تىكىلىدۇ.مىنىڭ ئۇلارنى يېزىشىمنى كۇتىدۇ.مىنىڭ
بوۋام،مومام،دادام،ئاپام،ئاكام،ئاچام،ھاممام،تاغام،ئايالىم،قىزىم ھەممىسى مىنىڭ
ئەسەرلىرىمدە ئوتتۇرىغا چىقىپ باققان،يەنە بىزنىڭ گاۋمى شەرقى شىمال يېزىمىزدىكى
يېزىداشلار ھەممىسى مىنىڭ رومانىمدا كۆرۇنىدۇ.ئەلۋەتتە مەن ئۇلارغا ئەدەبىيلەشكەن
بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمەن،ئۇلارنى ئۆزىدىن ھالقىتىپ،ئەدەبىيات ئىچىدىكى
ئادەملەرگە ئايلاندۇرىمەن.


مىنىڭ ئەڭ يېقىندىكى رومانىم ‹‹پاقا››دا،مىنىڭ ھاممامنىڭ ئوبرازى بار.مەن
نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرشكەنلىكىم ئۇچۇن نۇرغۇن مۇخبىرلار ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ زىيارەت
قىلدى.دەسلىۋىدە ئۇ سۇئاللارغا ناھايتى سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاپ بەردى.لىكىن ئۇزاق
ئۆتمەي،ئۇ بۇنىڭدىن تويۇپ ،ناھىيە بازىرىدىكى ئوغلىنىڭ يېىنىغا  بىرىپ يوشۇرنىۋالدى.ھاممام راستىنلا مىنىڭ ‹‹پاقا››نى
يېزىشىمدىكى بىر مودىل،ئەمما روماندىكى قىزچاق بىلەن رىئاللىقتىقى قىزچاق ئارىسدا
ئاسمان زىمىن پەرق بار دە.



روماندىكى قىزچاق كاج،ھاكاۋۇر،بەزىدە لۇكچەك قىزلارغا
ئوخشايدۇ،رىئاللىقتىكى قىز بولسا ئىللىق چىراي،ئوچۇق،ئۆلچەملىك بىر مىھرىبان
ئانا.رىئاللىقتىكى قىزنىڭ كىينكى چاغلىرى بەختلىك،خۇشال ،روماندىكى قىز
ياشانغاندىن كىين روھى جەھەتتە ئىغىر ئازاپلارغا دۇچار بولۇپ،كۆرمەس بولۇپ
قالىدۇ،ھىچنىمىنى كۆرەلمەي قاراڭغۇلۇق ئىچىدە سەرسان بولۇپ يۇرگەن روھقا ئوخشاپ
قالىدۇ.مەن قىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىغا رەھمەت ئىيتىمەن.ئۇ روماندىكى ئادەملەر ۋە
رىئاللىقىتىكى ئادەملەرنىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىنى توغرا چۇشەندى.مىنىڭ ئۇنى
روماندا شۇنداق تەسۋىرلىگەنلىكىم ئۇچۇن خاپا بولمىدى.ئاپام ۋاپات بولغاندىن كىين
مەن بەك قايغۇردۇم،ئۇنىڭ ئۇچۇن بىر رومان بىغىشلاپ يېزشنى قارار قىلدىم.بۇ دەل
‹تولغان كۆكرەك،سىمىز كاسا›،دىگەن رومانىم.كۆڭلۇمدە سان بولغاچقا،ئوي-پىكىر تەييار
بولغاچقا پەقەت 83 كۇندە 500مىڭ خەتكە سوزۇلغان بۇ روماننىڭ ئورگىنالىنى
تاماملىدىم.


‹تولغان كۆكرەك،سىمىز كاسا›دىگەن بۇ كىتابتا،مەن ئازراقمۇ
تەپتارتماستىن،ئاپامنىڭ كەچۇرمىشلىرى بىلەن مۇناسۋەتلىك خام ماتېرياللارنى
ئشلەتتىم.بىراق كىتاپتىكى ئاپامنىڭ ھسيات جەھەتتىكى كەچۇرمىشلىرى توقۇلما ياكى
گاۋمى شەرقى شمال يىزىسدىكى نۇرغۇن ئانىلارنىڭ كەچۇرمىشلىرىگە ئوخشايدۇ.بۇ
كىتابنىڭ ئالدىنقى كىرىش سۆزىدە دىگەندەك،مەن ‹‹تەڭرىنىڭ روھىغا يېىقىن ئاپامغا
بېغىشلايمەن›،دەپ يازغان ئىدىم،بىراق بۇ كىتاب ئەمەلىيەتتە ‹‹زىمىندىكى
ئانىلار››غا بېغىشلاپ يېزىلغان.بۇ مىنىڭ تەلۋىلەرچە قىلغان ئاچكۆزلۇكۇم،خۇددى مەن
كىچىككىنە ‹‹گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسى››نى جۇڭگونىڭ ھەتتا دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن
نۇسخسى سۇپىتىدە يازغىنىمدەك.



يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدا ھەر خىل ئالاھىدىلىك بولىدۇ،ھەر بىر
كتاۋىمدىكى تەپەككۇر ۋە ئىلھامنىڭ قوزغىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ.بەزى رومانلىرىم
ئارزۇلارنى مەنبە قىلغان،مەسلەن:‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››،بەزى رومانلار رىئال تۇرمۇشتا يۇز
بەرگەن ئشلارنى مەنبە قىلغان ،مەسىلەن ‹‹جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى››.بىراق،مەيلى
رىئاللىقنى مەنبە قىلسۇن ياكى خام خيالنى مەنبە قىلسۇن ،ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى
شەخسنىڭ تەجرىبىسى بىلەن زىچ بىرىكىشى كىرەك.شۇنداق بولغاندىلا روشەن خاسلىققا
ئىگە بولغان،ساناقسز جانلىق ئىنچىكە تەسۋىرلەر ئارقىلىق تېپىك ئادەملەرنى،تىلى مول
،رەڭدار بولغان قۇرۇلمىسى پۇختا مۇستەقىل بۆلەكلىرى بولغان ئەدەبى ئەسەر ياراتقىلى
بولىدۇ.ئالاھىدە تىلغا ئىلىش زۆرۈر بولغىنى شۇكى،‹‹جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى››دا
،مەن بىر ھەقىقى ئۇقۇمۇشلۇق بىرىنى سەھنىگە ئىلىپ چىقتىم ۋە ئۇ كىتابتا ناھايتى
مۇھىم بولغان رولنى ئوينىدى.مەن ئنتايىن تەۋەززۇ بىلەن بۇ ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمنىڭ
ھەقىقى ئسمىنى ئشلەتتىم،بىراق،ئۇنىڭ كىتابتىكى بارلىق قىلمىشلىرى ھەممىسى
توقۇلما.مىنىڭ يېزىقچىلىقىمدا،بۇنداق ھادىسلەر نۇرغۇن قېتىم يۇز بەرگەن،دەسلەپتە
يېزىقچىلىققا كىرىشكەندە،ئۇلارنىڭ ھەقىقى نامىنى ئشلىتىمەن،بۇنىڭ بىلەن يېقىنلىق
تۇيغۇسىغا ئېرىششنى ئويلايمەن.بىراق ئەسەر پۇتكەندىن كىين ئۇلارنىڭ ئسمىنى
ئۆزگەرتىشنىڭ ئاللقىچان كىچىككەنلىكىنى بايقايمەن،شۇڭلاشقا رومانىمدىكى
پىرسوناژلار بىلەن ئىسمداش كىشلەر دادامنى ئىزدەپ كىلىپ ئاچچىقىنى چىقارغان ،دادام
ئورنۇمدا ئۇلاردىن ئەپۇ سورىغان ،شۇنداقلا ئۇلارنى بۇنى راست دەپ قالماسلىققا
دەۋەت قىلغان يەرلىرىمۇ بولدى.دادام:ئۇ ‹‹قېزىل قوناقلىق›تا،ئۇنىڭ ئشلەتكەن
بىرىنجى جۇملىسى ‹‹مىنىڭ دادام مۇشۇ يەرلىك باندىت ››دىگەندە،مەنمۇ خاپا بولمىغان
تۇرسام،سلەر نىمىگە خاپا بولىسلەر؟››


مەن ‹‹جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى››غا ئوخشاش رىئال تۇرمۇشقا ناھايتى يېقىن
روماننى يېزىۋاتقان چىغىمدا ،دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە –مىنىڭ جەمىيەتتىكى
قاراڭغۇ ھادسىلەرنى تەنقىت قىلىشقا جۇرئەت قىلالىشىم ياكى قىلالماسلىقىم ئەمەس،بەلكى
بۇ يالقۇنجاۋاتقان قاينات ھسيات ۋە غەزەپ سياسىينى ئەدەبىياتنى بېسقا
مەجبۇرلىشىدىن ،بۇ روماننىڭ ئىجتىمائى ھادىسدىن ئەدەبى ئاخبارات بولۇش
قىلىشىى.رومانچى بولسا جەمىيەتتىكى ئادەم ،ئۇنىڭ تەبئىيلا ئۆزىنىڭ
مەيدانى،كۆز-قارىشى بولىدۇ،بىراق رومانچى يېزىقچىلىق قىلىۋاتقاندا،چوقۇمكى
ئنساننىڭ مەيدانىدا تۇرۇشى ۋە بارلىق ئنساننى ئنسان قاتارىدا كۆرۇشى كىرەك.


مۇشۇنداق بولغاندىلا،ئەدەبىيات ھادىسنى مەنبە قىلىدۇ ئەمما ھادىسدىن
ھالقىپ كتەلەيدۇ،سياسىيغا كۆڭۈل بۆلىدۇ بىراق سىياسىىدىن ھالقىپ كىتەلەيدۇ.بەلكىم
ناھايتى ئۇزۇن مەزگىل جاپا تارتقانلىقىمدىن بولسا كىرەك،مىنىڭ ئادەملىككە بولغان
تونۇشۇم بىر ئاز چوڭقۇر.مەن ھەقىقى باتۇرلۇقنىڭ نىمىلىكىنى بىلىمەن،ۋە نىمىنىڭ
ھەقىقى ھەسرەت ئىكەنلىكىنى چۇشىنىمەن.مەن ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ھەق
ناھەق،توغرا خاتا،ئالىيجاناپ رەزىللىكىنى ئېىنىق ئايرىش قېيىن بولغان بىر خېرە
جاينىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن.بۇ خېرە جاي دەل ئەدەبىياتچى ئۆز تالانتىنى جەۋلان
قىلىدىغان بىپايان بوشلۇقتۇر.پەقەت مۇشۇ زىدىدىيەتكە تولغان خېرە بەلباغنى
توغرا،جانلىق تەسۋىرلەپ بىرەلىگەن ئەسەرلا مۇقەررەر ھالدا سياسىيدىن ھالقىپ
مۇنەۋۋەر ئەدەبى ئەسەر بولۇش لاياقىتىنى ھازىرلايدۇ.


كەچكىچە ئۆزىنىڭ ھىكايسنى سۆزلەش كىشنى زىرىكتۇرۇپ قويىدۇ.بىراق مىنىڭ
كىشلىك ھاياتىم ۋە مىنىڭ ئەسەرلىرىم زىچ باغلانغان،ئەسەرلىرىمدىن باشلىمىسام،مەن
نىمە دىيىشىمنى بىلمەيمەن،شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ چۇشىنىشنى ئۇمىد قىلىمەن.مىنىڭ
بۇرۇنقى ئەسەرلىرىمدە ،مەن يېڭى دەۋردىكى بىر ھىكايە سۆزلىگۇچى بولۇش سۇپىتىم
بىلەن تېكىسىتنىڭ كەينىگە يوشۇرنۇۋالىمەن.بىراق ‹‹ئاق ساندال جازاسى››دىگەن روماندا
،مەن ئاخىرى ئارقا سەپتىن ئالدىنقى سەپكە چىقتىم.ئەگەر مىنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىم
ئۆز-ئۆزۇمگە بايان ،ئوقۇرمەن يوق دىيلسە،بۇ رومانىمدىن باشلاپ،مەن ئۆزۇمنىڭ بىر
چوڭ مەيداندا تۇرۇپ،نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرگە يۇزلىنىۋاتقانلىقىمنى  ھس قىلىپ ،ھىكايىنى جانلىق سۆزلەشكە باشلىدىم.بۇ
دۇنيا رومانچىلىقىنىڭ ئەنئەنىسى،جۇڭگو رومانچىلىقىنىڭ تىخىمۇ ئەنئەنىسى.مەن
ئىلگىرى غەرپنىڭ مودىرنىزىم ئىقىمىدىكى رومانلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگەنگەن،ھەر
خىل ،رەڭگارەڭ بايان ئۇسلۇبلىرىنى ئويناپ باققان،بىراق ئاخىردا يەنە ئەنئەنىگە
قايتتىم.



tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 15:06:21







تاھىر ئىمىن ۋە meryemgul نىڭ ئەجرىگە رەھمەت.مويەننىڭ ئانىسى توغرىلىق ئېيتقانلىرى مېنى خېلىلا تەسىرلەندۈردى.....ھايات ياشاۋاتقان ئاپامنىڭ قېشىغا بېرىپ يوقلاپ،كۆرۈشۈپ كەلگۈمنى كەلتۈرىۋەتتى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 15:11:16

راستلا نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇشقا مۇناسىپ كىشىكەن. ئوبدان يىزىپتۇ.

meryemgul يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 16:01:24

تولۇق نۇسخسنى ھىلىراق بىرلا قىلىپ يوللاپ قوياي.كەچۇرسىلەر.

meryemgul يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 16:19:18

مويەننىڭ نوبىل مۇكاپاتى نۇتۇقى (تولۇق نۇسخسى)



خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن



خەلق تورى خەۋىرى،8-دىكابىر تىلىگىراممىسى،بىيجىڭ ۋاقتى سەھەر دە،2012-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۇچى جۇڭەولۇق يازغۇچى مويەن شۋېتسىيە ئاكادىمىيېسىدە نۇتۇق سۆزلىدى.تېمىسى:ھېكايە سۆزلىگۇچى



ھۆرمەتلىك شېۋىتسيە ئاكادىمىيسىدىكى بارلىق ئاكادىېمىكلار، خانىملار، ئەپەندىلەر:

مېنىڭچە ئولتۇرغان ھەر بىرەيلەن تېلېۋىزۇر ياكى تور ئارقىلىق يىراق شەرقتىكى ئادەملەر كۆپ شەرقى شمال يېزىلىرىنى (گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسى سۆزى-مويەننىڭ ئەسىرى ئارقىلىق يورۇتۇلغان يەرنامى )ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن.سلەر بەلكىم مىنىڭ 90ياشلىق ياشانغان دادامنى ،مىنىڭ ئاكام،ئاچام،ئايالىم،قېزىم ۋە بىر ياش تۆت ئايلىق بولغان نەۋرە قېزىمنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن.بىراق مۇشۇ دەقىقىدە مەن ئەڭ سىغىنىدىغان كىشى مىنىڭ نى سلەر مەڭگۇ كۆرەلمەيسلەر.مەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىين ،نۇرغۇن كىشلەر مەن بىلەن شەرەپنى ئورتاقلاشتى.بىراق مىنىڭ ئانام ئورتاقلىشالمىدى.

مىنىڭ ئانام 1922-يىلى تۇغۇلۇپ،1994-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى.ئۇنىڭ جەسەت كۈلى كەنتىمىزنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى شاپتۇللۇق باغقا دەپنە قىلىندى.ئۆتكەن يىلى ئۇ يەرگە بىر تۆمۈر يول ياسىماقچى بولغاندا،بىز ئۇنىڭ قەبرسىنى كەنىتتىن تېخىمۇ يىراق بولغان بىر يەرگە يۆتكەشكە مەجبۇر بولدۇق.قەبرىنى كولىغاندىن كىين جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاللىقچان چىرىپ كەتكەنلىكىنى،ئانامنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرىنىڭ لاي-تۇپراق بىلەن ئارىلىشپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم.بىز پەقەت سموۋۇللۇق قىلىپ ئازراق تۇپراق كولاپ ئىلىپ،يېڭى قەبرە ئىچىگە يۆتكەپ قويدۇق.شۇنىڭدىن باشلاپ،مەن ئانامنىڭ كەڭ زېىمىننىڭ بىر قسمىغا ئايلانغانلىقىنى ھس قىلدىم،مەن مىنىڭ زىمىن ئۈستىدە تۇرۇپ ئيتقان دەرتلىرىم ئانامغا دەرت تۆكىشىمدۇر.



مەن ئانامنىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى.مەن ئەسلىيەلەيدىغان ئەڭ بۇرۇنقى بىر ئش،ئائىلىمىزدىكى بىردىنبىر چايداننى كۆتۇرۇپ جامائەت ئاشخانىسغا بىرىپ سۇ ئالغانلىقىم.شۇ چاغدا ئاچلىقتىن بەدىنىمدە ماغدۇر يوق،قولۇمدىكى چايدان يەرگە چۇشۇپ چىقىلىپ كەتتى،مەن بەك قورقۇپ كېتىپ ،چۆپلۇككە كېرىۋىلىپ بىر كۇنگىچە چىقالمىغانتىم.كەچ بولغاندا،ئانامنىڭ مىنىڭ كىچىك ئسمىمنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدىم.مەن چۆپلۇكتىن چىقتىم،ئىچىمدە تىل ئشتىپ تاياق يەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغانتىم،ئەمما مىنى ئۇرمىدى،تىللىمىدى،پەقەت بېشىمنى سىيلاپ تۇرۇپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ئۇھسنىپ كەتتى.ئەسلىمەمدىكى ئەڭ ئازاپلىق بىر ئش ،ئانامغا ئەگىشپ كوللىكتىپنىڭ يېرىغا بۇغداي باشىقى ئۈزگىلى بارغانلىقىم،بۇغدايلىققا قارايدىغان ئادەم كەلگەندە ،باشاق ئۇزۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەتتى.ئانام ياخشى يۇگرەلمىگەچكە تۇتۇلۇپ قالدى.ھىلىقى ئىگىز يوغان ئادەم ئانامنى بىر تەستەك ئۇردى.ئانام پىرقىراپ يەرگە دۇم چۇشتى.كۆزەتچى بىزنىڭ باشاقلىرىمىزنى مۇسادىرە قىلىپ،ئسقارتقان پېتى كېتىپ قالدى.ئانامنىڭ ئاغزى قان ھالدا يەردە ئولتۇرغان چاغدىكى ئاشۇ ئۇمۇتسز روھى ھالىتىنى مەڭگۇ ئۇنتۇيالمايمەن.خىلى يىللاردىن كىين چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بىر بوۋايغا ئايلانغان ھىلىقى بۇغدايلىق كۆزەتچىسنى بازاردا ئۇچرىتىپ قالدىم.مەن ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ قساس ئالماقچى بولغاندا ئانام مىنى تۇتۇۋالدى،ئۇ ماڭا سوغۇققانلىق بىلەن :‹‹ئوغلۇم،مىنى ئۇرغان ئادەم بىلەن بۇ قېرى ئادەم بىر ئادەم ئەمەس››-دىدى.



ماڭا تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان بىر ئش ،بىر تاۋۇز چاغىنىدا چۇشتە بولغان ئش،ئائىلىمىز مىڭ تەسلىكتە بەنشر تۇگۇشكە مۇيەسسەر بولدۇق،ھەر بىرەيلەنگە بىر قاچىدىن تىگەتتى.بىز بەنشرنى يەيلى دەپ تۇرساق،بىر دىۋانە بوۋاي ئشكىمىز ئالدىغا كەلدى.مەن يېرىم قاچا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بىرىپ يولغا سىلىۋەتمەكچى بولدۇم،ئەمما ئۇ قاتتىق زەردە بىلەن:‹‹مەن بىر قېرى تۇرسام،سلەر بەنشر يەپ،ماڭا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بىرىشكە يۇرىكىڭلار قانداق چىدايدۇ؟››-دىدى.مەن ئاچچىقىمنى باسالماي :بىز يىلدا ئاران بىر نەچچە قېتىم بەنشر يەيمىز،بىرىمىزگە بىر قاچا تېگىدۇ.قورسقىمىز يېرىممۇ بولمايدۇ،ساڭا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بەرگەنلىكىممۇ خىلىلا ياخشى بولغىنى،ئالساڭ ئال،ئالمىساڭ يوقال››ئانام مىنى ئەيىپلەپ كەتتى،كىين ئۇ يىرىم قاچا بەنشرنى بوۋاينىڭ قاچىسغا سىلىپ بەردى.

مەن ئەڭ پۇشايمان قىلدىغان بىر ئش ،ئانام بىلەن يېسۋىلەك ساتقىلى چىققاندا ،دىققەت قىلماي بىر بوۋايدىن بىر مو پۇلنى كۆپ ئاپتىمەن.پۇلنى ھساپلاپ بولۇپلا مەكتەپكە مېڭىپتىمەن.مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كىلىپ ناھايتى ئاز يىغلايدىغان ئانامنىڭ تارام-تارام يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۇم،ئانام مىنى تىللىمىدى،پەقەت بوشقىنا قىلىپ،ئوغلۇم،سەن ئاپاڭنىڭ يۇزىنى يەرگە قاراتتىڭ-دىدى.

مەن ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە،ئانام ئىغىر ئۆپكە كېسلىگە گىېرىپتار بولدى،ئاچلىق،كېسەل ئازاۋى،ئەمگەك ھارغىنلىقى ئائىلىمىزنى ئىغىر كۇنگە قويدى،يورۇقلۇق ۋە ئۇمۇتنى كۆرەلمەيتتۇق.مەندە ئانام ھامان بىر كۇنى ئۇمۇتسزلىكتىن ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالىدۇ دەيدىغان ناھايتى كۇچلۇك بىر خىل شۇملۇق تۇيغۇسى پەيدا بولدى،ھەر قېتىم ئەمگەكتىن قايتىپ كەلسەم،ئشىكتىن كىرىپلا،ئانا دەپ ئۇنلۇك ۋاقىرايتتىم،ئۇنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ ئاندىن يۇرىكىم جايىغا چۇشەتتى.ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماڭلا قالسام،قورقۇپ تىترەپ قازناق ئۆي،تۇگمەن ھەممسنى ئىزدەپ چىقاتتىم.بىر قېتىم ھەممە ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپمۇ ئانامنىڭ سايىسنىمۇ كۆرەلمىدىم.ھويلىدا ئولتۇرۇپ قاتتىق ئۇن سىلىپ يىغلاپ كەتتىم.بۇ چاغدا ئانام بىر باغلام تەرمەش قورايلارنى يۇدۇپ كىرىپ كەلدى.ئۇ يىغىلىىشىمدىن بەك خاپا بولدى،ئەمما ئۇنىڭغا ئەنسرىشىمنىڭ سەۋەبىنى دىمىدىم.ئانام مىنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىۋىلىپ:‹بالام،خاتىرجەم بول،گەرچە ھاياتىمدا تۇزۇكرەك خۇشاللىق بولمىسمۇ ،بىراق خۇدايىم مىنى چاقىرىپ ئەكەتمىگىچە ئۆزۇم كەتمەيمەن››.

مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا بەك كۆرۇمسز ئىدىم،كەنىتتىكى نۇرغۇن ئادەملەر مىنى يۇز-تۇرانە مەسخىرە قىلاتتى.ھەتتا مەكتەپتىكى بىر نەچچە مىجەزى ئوسال بالىلار مىنى مۇشۇنىڭ ئۇچۇنلا ئۇرغانىدى.ئۆيگە قايتىپ قاتتىق يىغلاپ كەتكىنىمدە ئانام ماڭا:‹‹ئوغلۇم،سەن سەت ئەمەس،سىنىڭ بۇرنۇڭ بار،كۆزۇڭ بار،يەتتە ئەزايىڭ ساغلام،نەرىڭ سەتكەن؟ئەكسچە،سىنىڭ كۆڭلۇڭ ياخشى بولسلا،ياخشى ئشنى كۆپرەك قىلساڭ،سەت بولساڭمۇ،چىرايلىق بولالايسەن››دەپ بەزلىدى.كىين مەن شەھەرگە كىردىم،تېخى بەزى بىلىملىك ئادەملەر كەينىمدە ھەتتا ئالدىمدا مىنىڭ تۇرقۇمنى مەسخىرە قىلىشتى.مەن ئانامنىڭ سۆزىنى ئەسلەپ،كۆڭلۇم خاتىرجەم ھالدا ئۇلاردىن كەچۇرۇم سورىدىم.

ئانام ساۋاتسز ئىدى،ئەمما ساۋاتى بارلارغا بەكلا ھۆرمىتى بار ئىدى.ئائىلىمىز بەكلا نامرات ئىدى،ئەتتىگىنى يېسەك،كەچلىككە يوق ئىدى.لېكىن ئەگەر مەن ئۇنىڭغا كىتاب،دەپتەر –قەلەم ئالىمەن دىسەملا ،ئۇ تەلىۋىمنى قاندۇراتتى.ئۇ بەك ئشچان ئىدى.ھورۇن بالىلارغا ئۆچ ئىدى،ئەمما مەن كىتاب ئوقۇيمەن دەپ ،ئشنى كىچىكتۇرسەم،ئۇ ئەزەلدىن مىنى تەنقىد قىلىپ باقمىغانىدى.بىر چاغلاردا بازارغا بىر ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم كەپتۇ.مەن ئوغرىلىقچە ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇپ بەرگىنىنى ئاڭلاش ئۇچۇن بىرىپ،ئانامنىڭ ماڭا بۆلۇم بەرگەن ئشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.بۇ ئش ئۇچۇن ئانام مىنى تەنقىد قىلدى.كەچلىكى،ئۇ جىنچىراق يورۇقىدا پاختىلىق كىيم تىكىۋاتقاندا،مەن چىداپ تۇرالماي ،كۇندۇزى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمدىن ئاڭلىغان ھىكايىنى ئانامغا سۆزلەپ بەردىم،دەسلەپتە ئۇ تاقەت قىلىپ ئاڭلىمىدى،چۇنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاغزىدا قۇرۇپ گەپ تولا،ئەمەلى ئش قىلالمايدىغان ئادەملەر ،ئاغزىدىن ياخشى گەپ چىقمايدىغان ئادەملەر ئىدى.

كىين مەن سۆزلەپ بەرگەن ھىكايە ئۇنىڭ دىققتىنى تارتتى.شۇنىڭدىن كىين ھەر قېتىم كۆپچىلىك يېغىلىپ ئش قىلغاندا،ئۇ ماڭا ئش بۆلمەي،كوللىكتىپ بازارغا بىرىشىمغا يول قوياتتى.ئانامنىڭ شەپقىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۇچۇن،ھەم ئۇنىڭغا ئۆزۇمنىڭ ئەستە ساقلاش قابىلىتىمنى كۆز-كۆز قىلىش ئۇچۇن كۇندۇزى ئاڭلىغان ھىكايىلەرنى مەزمۇننى بىيتىپ ئانامغا سۆزلەپ بىرەتتىم.

2-

ناھايتى تىزلا ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم سۆزلەپ بەرگەن ھىكايىىنى تەكرارلاشتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم، تەكرارلاش جەريانىدا، توختىماي ھىكايە مەزمۇنىغا رەڭ قوشتۇم.ئانامنىڭ قىزىزىقىشىغا ئاساسەن،بەزى ۋەقەلىكلەرنى توقۇپ چىقتىم،ھەتتا بەزىدە ھىكاينىڭ نەتىجىسنى ئۆزگەرتتىم.مىنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىم پەقەت ئانام بىلەنلا قالماي،يەنە ئاچام،مومام،ھامماملارمۇ ئاڭلىغۇچۇم بولۇپ قالدى.ئانام ھىكايەمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىين ،بەزىدە بىر نەرسىدىن ئەنسرىگەندەك قىلىپ،ماڭىمۇ ياكى ئۆزىگىمۇ ئەيتاۋۇر :ئوغلۇم،چوڭ بولساڭ قانداقراق ئادەم بولارسەن ھە؟كوت-كوت ئاغزىڭغا تايىنىپ گەپ سېتپ جان باقىدىغان ئادەم بولۇپ قالارسەنمۇ ھە؟-دەييتتى.مەن ئانامنىڭ ئەنسرىشنى چۇشىنەتتىم.چۇنكى كەنىتتە گەپنى تولا قىلىدىغان بالىلارغا ھەممەيلەن ئۆچ ئىدى.بۇنداق بالىلار ئۆزى ۋە پۇتۇن ئائىلىسى ئۇچۇن بالا بولىدىغان گەپلەرنى قىلىپ تاشلايتتى.مەن ‹‹كالا››رومانىدا يازغان ھىلىقى گىپى تولا بولغانلىقتىن كەنىتتىكىلەر تەرىپىدىن ئۇر-سوققا قالغان بالا دەل مىنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى تەسراتىم ئىدى.ئانام ماڭا ھەمىشە گەپنى ئاز قىل دەيتتى،ئۇ مىنىڭ گىپى ئاز،ئىغىر بېسىق ،تەمكىن ۋە سالاپەتلىك ئادەم بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلاتتى.بىراق مەندە ئاشكارا بولغان ناھايتى كۇچلۇك گەپدانلىق ۋە سۆزمەنلىككە بولغان ئشتىياق ،شۈبھسزكى بىر زور خەتەر ئىدى،بىراق مىنىڭ ھىكايە سۆزلەش ئىقتىدارىم ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئىلىپ كەلدى.بۇ ئۇنى چوڭقۇر بولغان زىدىدىيەت ئىچىگە باشلىغان ئىدى.

كونىلاردا ‹‹تاغنى يۆتكەش ئاسان،مىجەزنى ئۆزگەرتىش تەس ››دىگەن گەپ بار،گەرچە ئاتا-ئانام ماڭا تەنبىھ –تەلىملەرنى بىرىپ تۇرسىمۇ،بىراق مەن گەپ قىلىشقا ئامراق تۇغما مىجەزىمنى ئۆزگەرتەلمىدىم،بۇ مىنىڭ ‹‹مويەن››(مۆرىمەس)دىگەن ئسمىمنى خۇددى ئۆزۇمنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىپ قويىدۇ.مەن باشلانغۇچىنى پۇتتۇرمەيلا ئوقۇشتىن چىكىنگەن،چۈنكى تېىنىم ئاجىز،ئىغىر ئش قىلالمايمەن،پەقەت ئوتلاققا بىرىپ پادا بىقىشقىلا يارايتتىم.مەن قوي-كالا پادىسنى مەكتەپ ئىشكى ئالدىدىن ھەيدەپ ماڭغاندا،بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەكتەپتە قىقاس-سۈرەن سىلىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسەم يۇرىكىم ئىچىشىپ كىتەتتى،بىر ئادەمنىڭ ،بىر بالىنىڭمۇ دەيلى،كۆپچىلىكتىن ئايرىلغاندىن كىينكى ئازابىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتكەنىدىم.مەن قوي-كالىلارنى ئوتلاشقا قويۇۋىتىپ ،خيال سۇرۇپ ئولتۇرۇپ كىتەتتىم.دىڭىزدەك پايانسز كۆك ئاسمان،چەكسز كەتكەن ئوتلاق،ئەتراپتا ھىچكىمنىڭ سايسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.ئۇن-سادامۇ يوق.پەقەت قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىلا بار.مەن ناھايتى غىرىپلىق،زىرىكىشلىك ھىس قىلاتتىم.ئىچىم قۇپ-قۇرۇقلا ئىدى.بەزىدە ئوتلاقتا يېتىپ كۆك ئاسماندا لەيلەپ يۇرگەن ئاق بۇلۇتلارغا قاراپ ،كاللامدا نۇرغۇن غەلىتە خىياللار پەيدا بولاتتى.بىزنىڭ ئۇ تەرەپلەردە نۇرغۇن تۇلكىلەرنىڭ گۇزەل قىزلارغا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىدەك ھىكايىلەر كۆپ تارقالغانىدى.



مەن بىر تۇلكىنىڭ گۇزەل قىزغا ئۆزگىرىپ مەن بىلەن بىللە پادا بىېقىشنى بەك خىيال قىلاتتىم،بىراق ئۇنداق بولمىدى.بىراق بىر قېتىم بىر قىزىل رەڭ تۇلكە ئالدىمدىكى ئوتلاقتىن يۇگرەپ چېققاندا،مەن قورقۇپ يەرگە يېتىۋالغان ئىدىم.

تۇلكە يۇگرەپ كەتكەندىن كىين،مەن يەنە تىترەپ كەتكەنىدىم.بەزىدە مەن كالىنىڭ يېنىدا يېتىپ ،كالىنىڭ توق كۆك كۆزى ۋە كالىنىڭ كۆزىدىكى مىنىڭ شولامغا قارايتتىم.بەزىدە قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى دوراپ،ئاسماندىكى قۇشلار بىلەن مۇڭداشماقچى بولاتتىم،بەزىدە بىر دەرەخكە ئۆزۇمنىڭ دەردىنى تۆكمەكچى بولاتتىم.بىراق قۇشمۇ ،دەرەخمۇ ماڭا پەرۋا قىلمايتتى.نۇرغۇن يىللاردىن كىين،مەن بىر رومانچىغا ئايلانغاندىن كىين ،شۇ چاغدىكى نۇرغۇن خياللىرىمنى رومانلىرىمغا يېزىپ كىرگۇزۋەتتىم.نۇرغۇن كىشلەر مىنى تەسەۋۇر كۇچى باي دەپ ماختايدۇ.بەزى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى مەندىن تەسەۋۇر كۇچىنى ئۆستۇرۇشنىڭ سىرىنى دەپ بىرىشمنى ئۇمىد قىلىدۇ،مەن بۇنىڭغا پەقەت ئاچچىق كۇلكە بىلەن جاۋاب بىرىمەن.خۇددى جۇڭگونىڭ دانىشمىنى لاۋزى ئىيتقاندەك،‹‹قۇتلۇق بىلەن شۇملۇق ئش تەڭ مەۋجۇتتۇر.شۇملۇقمۇ قۇتلۇق ئشقا ئايلىنالايدۇ.››مەن كىچىك چىغىمدا ئوقۇشتىن چىكىنگەن،ئاچلىق،يېتىملىك ئازاۋىنى ،ئوقۇغدەك كىتاۋىمۇ يوق ئىغىر كۇنلەرنى يەتكۇچە كۆرگەن.بىراق مەن مۇشۇنىڭ ئۇچۇنلا خۇددى بىزنىڭ ئىلگىرىكى پشقەدەم يازغۇچىلاردىن شېىن سۇڭۋىن ئەپەندىگە ئوخشاش،بۇرۇنلا جەمىيەتتىن ئىبارەت بىر كاتتا كىتابنى ئوقۇشقا باشلىغان.بايا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن بازاردا ئۇچراتقان ھىلىقى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم مۇشۇ جەمىيەت كتاۋىدىكى بىرلا بەت.

ئوقۇشتىن چىكىنگەندىن كىين،مەن چوڭلار ئارىسدا جان بېقىش كويىدا يۇرۇپ،‹‹قۇلاق بىلەن ئوقۇش››ئۇزۇن ھاياتىمنى باشلىدىم.ئىككى يۇز يىل ئىلگىرى مىنىڭ يۇرتۇمدىن بىر ھىكايە سۆزلەشكە ئۇستا ئۇلۇغ تالانت ئىگىسى پۇسۇڭلىن چىققانىكەن،بىزنىڭ كەنىتتىكى نۇرغۇن ئادەملەر،مەنمۇ شۇنىڭ ۋارىسى.مەن كوللىكتىپ ئەمگەك جەريانىدا،ئشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىنىڭ ئات-كالا قوتانلىرىدا ،بوۋام-مومامنىڭ ئسىق كاڭلىرىدا ،ھەتتا مۆدۇرۇپ-سىدىرپ مىڭىۋاتقان كالا ھارۋىلىرىدا نۇرغۇن سرلىق غەلىتە ھىكايىلەرنى ،جەڭنامىلەرنى،ئۆزگىچە ئشلارنى ئاڭلايتتىم.بۇ ھىكايىلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىكنىڭ تەبئى مۇھىتى،جەمەت تارىخى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك بولۇپ،مەندە كۇچلۇك رىئاللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلغانىدى.

مەن ئۇخلاپ چۇشۇمدىمۇ بىر كۇنلەردە بۇ نەرسلەرنىڭ مىنىڭ يېزىقچىلىق خام ماتېريالىم بولۇپ قىلىشنى ئويلىمىغانىدىم،مەن ئەينى چاغدا ھىكايىغا مەپتۇن بولغان بىر بالا ئىدىم، كىشلەرنىڭ سۆزلىگىننى مەستانە بولۇپ ئاڭلايتتىم.ئۇ چاغدا مەن پەقەت خۇدانىڭ بارلىقىغا مۇتلەق ئشەنگۇچى ئىدىم. پۇتۇن كائىناتتىكى مەۋجۇداتلارنىڭ جېنى بارلىقىغا ئىشنەتتىم.چوڭ بىر دەرەخنى كۆرسەممۇ ھۆرمەت بىلدۇرەتتىم.بىر قۇشنى كۆرسەم،ھامان ئۇنىڭ بىر ئادەمگە ئۆزگىرەيدىغانلىقنى تەسەۋۇر قىلاتتىم.بىر يات ئادەمنى كۆرسەم ئۇ چوقۇم بىر ھايۋاندىن ئۆزگەرگەنمىدۇ دەپ گۇمان قىلاتتىم.ھەر كۇنى كەچتە مەن ئشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئەمگەك خاتىرىلەش ئۆيىدىن ئۆيگە قايتقاندا،تۇگىمەس قورقۇنچلار مىنى قورشىۋالاتتى،قورقماسلىق ئۇچۇن بىر تەرەپتىن يۇگرەپ ،بىر تەرەپتىن ناخشا توۋلاپ ماڭاتتىم.ئۇ چاغدا ئاۋازىم ئۆزگىرىۋاتقان مەزگىل ئىدى،ئاۋازىم خىر-خىر ،ناخشامنىڭ ئاھاڭى يېقىمسز ئىدى،مىنىڭ ناخشىلىرىم مىنىڭ يۇرتداشلىرىم ئۇچۇن بىر ئازاپ ئىدى.

مەن يۇرتۇمدا 21 يىل ياشىدىم،بۇ جەرياندا يۇرتۇمدىن ئەڭ يىراق بارغان يېرىم پويىز بىلەن چىڭداۋغا بارغىنىم.تېخى ياغاچ ماتېرياللىرى زاۋۇتىنىڭ چوڭ ياغاچ ماتېرياللىرى ئارىسدا ئىزىزىقىپ قالغىلى تاس قالغانىدىم،ئانام مەندىن چىڭداۋغا بىرىپ نىمە كۆرگەنلىكىمنى سورىغاندا ،مەن روھىم چۇشكۇن ھالدا:ھىچنىمىنى كۆرمىدىم،پەقەت بىر دۆۋە ياغاچنى كۆردۇم-دىگەنىدىم.

بىراق مۇشۇ قېتىملىق چىڭداۋ سەپىرى مەندە يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ سرتقى دۇنيانى كۆرۇپ بېقىشقا بولغان كۇچلۇك ئارزۇنى پەيدا قىلدى.

1976-يىلى 2-ئايدا ،مەن ئانام توي قىلغاندا ئشلەتكەن زىننەت بويۇملىرىنى سېتىپ ماڭا ئىلىپ بەرگەن تۆت پارچە ‹‹جۇڭگونىڭ ئومۇمى تارىخى››نى يۈدۈپ ئارمىيەگە كىردىم. مىنى سۆيۇندۇرگەن ۋە يىرگەندۇرگەن جاي- گاۋمى شەرقى شمال يېزىسىدىن چېقىپ ھاياتىمدىكى مۇھىم دەۋرنى باشلىدىم.ئېتىراپ قىلىشىم كىرەككى،ئەگەر جۇڭگو جەمئىيتىنىڭ غايەت زور تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىىشى بولمىغان بولسا،ئەگەر ئسلاھات ئېچىۋېتىش بولمىغان بولسا،مەندەك بىر يازغۇچىمۇ بولمىغان بولاتتى.

گازارمىدىكى زىرىكىشلىك تۇرمۇشتا،مەن 80-يىللاردىكى ئىدىدىيە ئازاتلىقى ۋە ئەدەبىيات قىزغىنلىقىنى كۇتۇۋالدىم،مەن بىر قۇلىقى بىلەن ھىكايە ئاڭلايدىغان ،ئاغزى بىلەن ھىكايە سۆزلەيدىغان بالىدىن قەلەم بىلەن ھىكايە سۆزلەشكە ئۇرۇنۇشقا باشلىدىم.دەسلەپتە يولۇم ئاسان بولمىدى،ئەينى چاغدا مەن ئۆزۇمنىڭ 20يىللىق سەھرا تۇرمۇش تەجرىبەمنىڭ ئەدەبىيات خەزىنسى ئىكەنلىكىنى بايقىماپتىمەن.ئۇ چاغدا مەن ئەدەبىيات ياخشى ئادەم ،ياخشى ئشلارنىلا ،قەھرىمان ئۇلگىلەرنىلا يازىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن،گەرچە بىر نەچچىلا ئەسەر ئىلان قىلساممۇ ،بىراق ئەدەبى قىممىتى ناھايتى تۆۋەن بولغانىدى.

1984-يىلى كۈزدە،مەن ئازاتلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنۇستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتىېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىردىم.مىنىڭ كۆيۇمچان ئۇستازىم مەشھۇر يازغۇچى شۇخۇۋەيجۇڭنىڭ ئىلھام بىرىشى ،يتەكلىشى بىلەن، ‹‹كۈز سۇلىرى››،‹‹قۇرۇغان دەريا››،‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››،‹‹قىزىل قوناقلىق››قاتارلىق بىر يۇرۇش پوۋست رومانلارنى يازدىم.‹كۇز سۇلىرى››دىگەن ھىكايىدە،تۇنجى قېتىم ‹‹گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسى››دىگەن بۇ سۆز ئوتتۇرىغا چىقتى،شۇنىڭدىن باشلاپ،ھەر تەرەپتە سەرگەردان بولۇپ يۇرگەن دىھقانلارنىڭ يېرى بار بولدى،مەندەك بىر ئەدەبىيات سەرگەردانىمۇ باش تىققۇدەك بىر جايغا ئېرىشتى.ئېتىراپ قىلىشىم كىرەككى،ئۆزۇمنىڭ ئەدەبىيات تەۋەلىكىدىكى ‹‹گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسى››نى قۇرۇش جەريانىدا،ئامېرىكىلىق ۋىليام فائۇكنىر ۋە كولۇمبىيەلىك گارسيا ماركۇس ماڭا بەك ئىلھام بولدى.مەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئانچە ئەستايىدىل ئوقۇمىغان،ئەمما ئۇلارنىڭ مسلى كۆرۇلۇپ باقمىغان دەرىجىدىكى مەردانە روھى ماڭا ئىلھام بەردى ۋە مەندە يازغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزۇمگە تەۋە بىر بوشلۇقنى ھس قىلدۇردى.بىر ئادەم ئەمەلى تۇرمۇشتا كەمتەر،كىچىك پېئىل بولۇشى كىرەك،ئەمما ئەدەبى ئىجادىيەتتە قەتئى تەۋرەنمەيدىغان،ئۆزى خالىغاننى چوقۇم قىلىدىغان بولۇشى كىرەك.





مەن بۇ ئىككى بۇيۇك ئۇستازنىڭ ئارقىسدىن ئىككى يىل ئەگەشتىم،تونۇپ يەتتىمكى،دەرھال ئۇلاردىن ئايرىلىشىم كىرەككەن،مەن بىر پارچە ماقالىدا يازغانىدىم،ئۇلار ئىككى دانە يېىنىپ تۇرغان ئوچاق،مەن بولسام مۇز پارچىسى،ئەگەر ئۇلارغا بەك يېقىنلىشپ كەتسەم،ئۇلار مىنى ئېرىتىپ تاشلايدۇ.مىنىڭ ھس قىلىشىمچە،بىر يازغۇچىنىڭ يەنە بىر يازغۇچىنىڭ تەسرىگە ئۇچرىشنىڭ تۇپكى سەۋەبى شۇكى،تەسر كۆرسەتكۇچى بىلەن تەسرگە ئۇچرىغۇچىنىڭ روھلىرىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە ئوخشايدىغان جايلار بار.خۇددى ‹‹روھلار ئاخىرى جۆرسىنى تاپىدۇ››دىگەنگە ئوخشايدۇ.شۇڭلاشقا مەن گەرچە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى ئوقۇمىغان بولساممۇ ،پەقەت بىر نەچچە بەت ئوقۇغان بولساممۇ ئەمما ئۇلارنىڭ نىمە ئشلارنى قىلغانلىقىنى چۇشەندىم،ھەم ئۇلارنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزۇمنىڭمۇ نىمە قىلىشىم،قانداق قىلىشىم كىرەكلىكىنى بىلىۋالدىم.مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئش تولىمۇ ئاددى.ئۇ بولسىمۇ ئۆزۇمنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئۆزۇمنىڭ ھىكايىسنى سۆزلەش.مىنىڭ ئۇسۇلۇم ئۆزۇم تونۇشلۇق بولغان ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمنىڭ ئۇسۇلى ،بوۋام،مومام ،كەنىتتىكى چوڭلارنىڭ ھىكايە سۆزلەش ئۇسۇلى.راستىنى دىسەم،ھىكايە سۆزلىگەن چاغدا،مەن كىمنىڭ ئاڭلىغۇچۇم بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان،بەلكىم مىنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىم مىنىڭ ئانام بىلەن ئوخشاش كىشلەردۇر،بەلكىم ئاڭلىغۇچۇم مىنىڭ ئۆزۇم شۇدۇر،ئۆزۇمنىڭ ھىكايىسى دەسلىۋىدە ئۆزۇمنىڭ باشتىن كەچۇرگەنلىرى،مەسلەن‹‹قۇرۇغان دەريا›دىكى قاتتىق تاياق يىگەن بالا،‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››تىكى باشتىن-ئاخىر گەپ قىلمايدىغان گومۇش بالا .

مەن ئىلگىرى بىر ئشنى خاتا قىلغانلىقىم ئۇچۇن دادامدىن ئۆلگۇدەك تاياق يىگەن،مەنمۇ كۆۋرۇك ئش ئورنىدا تۆمۇرچى ئۇستاملار ئۇچۇن شامالدۇرغۇچ تارتىپ باققان.ئەلۋەتتە،بىر ئادەمنىڭ كەچۇرمىشى قانچىلىك ئۆزگىچە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھەممىنى رومانغا يېزىپ كىرگۇزگىلى بولمايدۇ،روماندا چوقۇم توقۇلما بولۇشى كىرەك،تەسەۋۇر بولۇشى كىرەك.نۇرغۇن دوستلار ‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››نى منىڭ ئەڭ ياخشى رومانىم دەيدۇ،مەن بۇنىڭغا قارشى ئەمەس،ھەم قوللاپمۇ كەتمەيمەن،بىراق مەن ‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››ئەسەرلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ سموۋللۇق خاراكتېرىگە ئىگە ،مەنىگە تويۇنغان ئەسەرلىرىمدىن بىرى دەپ قارايمەن.ئۇستى بېشى قاپقارا،ھەرقانداق ئادەمدىن بەكرەك ئازاپقا بەرداشلىق بىرىش ئېقتىدارى ۋە ھس قىلىش ئېقتىدارىغا ئىگە بالا بولسا بارلىق رومانلىرىمنىڭ روھى.

گەرچە مەن كىينكى رومانلىرىمدا نۇرغۇن ئادەملەرنى يازغان بولساممۇ،بىراق مىنىڭ روھىمغا شۇ بالىدىنمۇ بەكرەك يىقىنلاشقان ئادەم يوق.ديىشكە بولىدۇكى،يازغۇچى ياراتقان غوللۇق شەخسلەر ئىچىدە ،ھامان بىر باشلامچى ئوبراز بولىدۇ،بۇ كەمسۆز بالا شۇ باشلامچىدۇر.ئۇ ھىچنىمە دىمەيدۇ،بىراق نۇرغۇن ھەر خىل ئادەملەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ،گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە ،پۇتۇن ھاياجان بىلەن نۇمۇر قويىدۇ.ئۆزىنىڭ ھىكايىسى ھامان چەكلىك بولىدۇ،ئۆزىنىڭ ھىكايىسنى سۆزلەپ بولسا،باشقىلارنىڭ ھىكايىسنى سۆزلىشى كىرەك.شۇڭلاشقا،مىنىڭ تۇققانلىرىمنىڭ ھىكايىسى ،كەنىتداشلىرىمنىڭ ھىكايىسى ۋە مەن چوڭلارنىڭ ئازىدىن ئاڭلىغان بوۋىلارنىڭ ھىكايىلىرى ،خۇددى يېغىلىش بۇيرۇقى ئاڭلىغان ئەسكەرگە ئوخشاش مىنىڭ ئەسلىرىمنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.ئۇلار تەشنالىق نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلىدۇ.مىنىڭ ئۇلارنى يېزىشىمنى كۇتىدۇ.مىنىڭ بوۋام،مومام،دادام،ئانام،ئاكام،ئاچام،ھاممام،تاغام،ئايالىم،قىزىم ھەممىسى مىنىڭ ئەسەرلىرىمدە ئوتتۇرىغا چىقىپ باققان،يەنە بىزنىڭ گاۋمى شەرقى شىمال يېزىمىزدىكى يېزىداشلار ھەممىسى مىنىڭ رومانىمدا كۆرۇنىدۇ.ئەلۋەتتە مەن ئۇلارغا ئەدەبىيلەشكەن بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمەن،ئۇلارنى ئۆزىدىن ھالقىتىپ،ئەدەبىيات ئىچىدىكى ئادەملەرگە ئايلاندۇرىمەن.

مىنىڭ ئەڭ يېقىندىكى رومانىم ‹‹پاقا››دا،مىنىڭ ھاممامنىڭ ئوبرازى بار.مەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرشكەنلىكىم ئۇچۇن نۇرغۇن مۇخبىرلار ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ زىيارەت قىلدى.دەسلىۋىدە ئۇ سۇئاللارغا ناھايتى سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاپ بەردى.لىكىن ئۇزاق ئۆتمەي،ئۇ بۇنىڭدىن تويۇپ ،ناھىيە بازىرىدىكى ئوغلىنىڭ يېىنىغا بىرىپ يوشۇرنىۋالدى.ھاممام راستىنلا مىنىڭ ‹‹پاقا››نى يېزىشىمدىكى بىر مودىل،ئەمما روماندىكى قىزچاق بىلەن رىئاللىقتىكى قىزچاق ئارىسدا ئاسمان زىمىن پەرق بار.



روماندىكى قىزچاق كاج،ھاكاۋۇر،بەزىدە لۇكچەك ئاياللارغا ئوخشايدۇ،رىئاللىقتىكى قىز بولسا ئىللىق چىراي،ئوچۇق،ئۆلچەملىك بىر مىھرىبان ئانا.رىئاللىقتىكى قىزنىڭ كىينكى چاغلىرى بەختلىك،خۇشال ،روماندىكى قىز ياشانغاندىن كىين روھى جەھەتتە ئىغىر ئازاپلارغا دۇچار بولۇپ،كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ،ھىچنىمىنى كۆرەلمەي قاراڭغۇلۇق ئىچىدە سەرسان بولۇپ يۇرگەن روھقا ئوخشاپ قالىدۇ.مەن قىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىغا رەھمەت ئىيتىمەن.ئۇ روماندىكى ئادەملەر ۋە رىئاللىقىتىكى ئادەملەرنىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىنى توغرا چۇشەندى.مىنىڭ ئۇنى روماندا شۇنداق تەسۋىرلىگەنلىكىم ئۇچۇن خاپا بولمىدى.ئانام ۋاپات بولغاندىن كىين مەن بەك قايغۇردۇم،ئۇنىڭ ئۇچۇن بىر رومان بىغىشلاپ يېزشنى قارار قىلدىم.بۇ دەل ‹تولغان كۆكرەك،سىمىز كاسا›،دىگەن رومانىم.كۆڭلۇمدە سان بولغاچقا،ئوي-پىكىر تەييار بولغاچقا پەقەت 83 كۇندە 500مىڭ خەتكە سوزۇلغان بۇ روماننىڭ ئورگىنالىنى تاماملىدىم.

‹تولغان كۆكرەك،سىمىز كاسا›دىگەن بۇ كىتابتا،مەن ئازراقمۇ تەپتارتماستىن،ئانامنىڭ كەچۇرمىشلىرى بىلەن مۇناسۋەتلىك خام ماتېرياللارنى ئشلەتتىم.بىراق كىتاپتىكى ئانامنىڭ ھسيات جەھەتتىكى كەچۇرمىشلىرى توقۇلما ياكى گاۋمى شەرقى شمال يىزىسدىكى نۇرغۇن ئانىلارنىڭ كەچۇرمىشلىرىگە ئوخشايدۇ.بۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى توم كىرىش سۆزىدە دىگەندەك،مەن ‹‹تەڭرىنىڭ روھىغا يېقىن ئانامغا بېغىشلايمەن›دەپ يازغان ئىدىم،بىراق بۇ كىتاب ئەمەلىيەتتە ‹‹زىمىندىكى ئانىلار››غا بېغىشلاپ يېزىلغان.بۇ مىنىڭ تەلۋىلەرچە قىلغان ئاچكۆزلۇكۇم،خۇددى مەن كىچىككىنە ‹‹گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسى››نى جۇڭگونىڭ ھەتتا دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخسى سۇپىتىدە يازغىنىمدەك.



يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدا ھەر خىل ئالاھىدىلىك بولىدۇ،ھەر بىر كتاۋىمدىكى تەپەككۇر ۋە ئىلھامنىڭ قوزغىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ.بەزى رومانلىرىم ئارزۇلارنى مەنبە قىلغان،مەسلەن:‹‹سۇزۇك تۇرۇپ››،بەزى رومانلار رىئال تۇرمۇشتا يۇز بەرگەن ئشلارنى مەنبە قىلغان ،مەسىلەن ‹‹جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى››.بىراق،مەيلى رىئاللىقنى مەنبە قىلسۇن ياكى خام خيالنى مەنبە قىلسۇن ،ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى شەخسنىڭ تەجرىبىسى بىلەن زىچ بىرىكىشى كىرەك.شۇنداق بولغاندىلا روشەن خاسلىققا ئىگە بولغان،ساناقسز جانلىق ئىنچىكە تەسۋىرلەر ئارقىلىق تېپىك ئادەملەرنى،تىلى مول ،رەڭدار بولغان قۇرۇلمىسى پۇختا مۇستەقىل بۆلەكلىرى بولغان ئەدەبى ئەسەر ياراتقىلى بولىدۇ.ئالاھىدە تىلغا ئىلىش زۆرۈر بولغىنى شۇكى،‹‹جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى››دا ،مەن ھەقىقى ئۇقۇمۇشلۇق بىرىنى سەھنىگە ئىلىپ چىقتىم ۋە ئۇ كىتابتا ناھايتى مۇھىم رولنى ئوينىدى.مەن ئنتايىن تەۋەززۇ بىلەن بۇ ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمنىڭ ھەقىقى ئسمىنى ئشلەتتىم،بىراق،ئۇنىڭ كىتابتىكى بارلىق قىلمىشلىرى ھەممىسى توقۇلما.مىنىڭ يېزىقچىلىقىمدا،بۇنداق ھادىسلەر نۇرغۇن قېتىم يۇز بەرگەن،دەسلەپتە يېزىقچىلىققا كىرىشكەندە،ئۇلارنىڭ ھەقىقى نامىنى ئشلىتىمەن،بۇنىڭ بىلەن يېقىنلىق تۇيغۇسىغا ئېرىششنى ئويلايمەن.بىراق ئەسەر پۇتكەندىن كىين ئۇلارنىڭ ئسمىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاللقىچان كىچىككەنلىكىنى بايقايمەن،شۇڭلاشقا رومانىمدىكى پىرسوناژلار بىلەن ئىسمداش كىشلەر دادامنى ئىزدەپ كىلىپ ئاچچىقىنى چىقارغان ،دادام ئورنۇمدا ئۇلاردىن ئەپۇ سورىغان ،شۇنداقلا ئۇلارنى بۇنى راست دەپ قالماسلىققا دەۋەت قىلغان يەرلىرىمۇ بولدى.دادام:ئوغلۇمنىڭ ‹‹قېزىل قوناقلىق›تا ئشلەتكەن بىرىنجى جۇملىسى ‹‹مىنىڭ دادام مۇشۇ يەرلىك باندىت ››دىگەندە،مەنمۇ خاپا بولمىغان تۇرسام،سلەر نىمىگە خاپا بولىسلەر؟››

مەن ‹‹جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى››غا ئوخشاش رىئال تۇرمۇشقا ناھايتى يېقىن روماننى يېزىۋاتقان چىغىمدا ،دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە –مىنىڭ جەمىيەتتىكى قاراڭغۇ ھادسىلەرنى تەنقىت قىلىشقا جۇرئەت قىلالىشىم ياكى قىلالماسلىقىم ئەمەس،بەلكى بۇ يالقۇنجاۋاتقان قاينات ھسيات ۋە غەزەپ- سياسىينى ئەدەبىياتنى بېسقا مەجبۇرلىشىدىن ،بۇ روماننىڭ ئىجتىمائى ھادىسە ھەققىدىكى ئەدەبى ئاخبارات بولۇپ قىلىشى.رومانچى بولسا جەمىيەتتىكى ئادەم ،ئۇنىڭ تەبئىيلا ئۆزىنىڭ مەيدانى،كۆز-قارىشى بولىدۇ،بىراق رومانچى يېزىقچىلىق قىلىۋاتقاندا،چوقۇمكى ئنساننىڭ مەيدانىدا تۇرۇشى ۋە بارلىق ئنساننى ئنسان قاتارىدا كۆرۇشى كىرەك.

مۇشۇنداق بولغاندىلا،ئەدەبىيات ھادىسنى مەنبە قىلىدۇ ئەمما ھادىسدىن ھالقىپ كتەلەيدۇ،سياسىيغا كۆڭۈل بۆلىدۇ بىراق سىياسيىدىن ھالقىپ كىتەلەيدۇ.بەلكىم ناھايتى ئۇزۇن مەزگىل جاپا تارتقانلىقىمدىن بولسا كىرەك،مىنىڭ ئادەملىككە بولغان تونۇشۇم بىر ئاز چوڭقۇر.مەن ھەقىقى باتۇرلۇقنىڭ نىمىلىكىنى بىلىمەن،ۋە نىمىنىڭ ھەقىقى ھەسرەت ئىكەنلىكىنى چۇشىنىمەن.مەن ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ھەق ناھەق،توغرا خاتا،ئالىيجاناپ رەزىللىكىنى ئېىنىق ئايرىش قېيىن بولغان بىر خېرە جاينىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن.بۇ خېرە جاي دەل ئەدەبىياتچى ئۆز تالانتىنى جەۋلان قىلىدىغان بىپايان بوشلۇقتۇر.پەقەت مۇشۇ زىدىدىيەتكە تولغان خېرە بەلباغنى توغرا،جانلىق تەسۋىرلەپ بىرەلىگەن ئەسەرلا مۇقەررەر ھالدا سياسىيدىن ھالقىپ مۇنەۋۋەر ئەدەبى ئەسەر بولۇش لاياقىتىنى ھازىرلايدۇ.

كەچكىچە ئۆزىنىڭ ھىكايسنى سۆزلەش كىشنى زىرىكتۇرۇپ قويىدۇ.بىراق مىنىڭ كىشلىك ھاياتىم ۋە مىنىڭ ئەسەرلىرىم زىچ باغلانغان،شۇڭا ئەسەرلىرىمدىن باشلىمىسام، نىمە دىيىشىمنى بىلمەيمەن،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ چۇشىنىشنى ئۇمىد قىلىمەن.مىنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىمدە ،مەن يېڭى دەۋردىكى بىر ھىكايە سۆزلىگۇچى بولۇش سۇپىتىم بىلەن تېكىسىتنىڭ كەينىگە يوشۇرنۇۋالىمەن.بىراق ‹‹ئاق ساندال جازاسى››دىگەن روماندا ،مەن ئاخىرى ئارقا سەپتىن ئالدىنقى سەپكە چىقتىم.ئەگەر مىنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىم ئۆز-ئۆزۇمگە بايان ،ئوقۇرمەن يوق دىيلسە،بۇ رومانىمدىن باشلاپ،مەن ئۆزۇمنىڭ بىر چوڭ مەيداندا تۇرۇپ،نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرگە يۇزلىنىۋاتقانلىقىمنى ھس قىلىپ ،ھىكايىنى جانلىق سۆزلەشكە باشلىدىم.بۇ دۇنيا رومانچىلىقىنىڭ ئەنئەنىسى،جۇڭگو رومانچىلىقىنىڭ تىخىمۇ ئەنئەنىسى.مەن ئىلگىرى غەرپنىڭ مودىرنىزىم ئىقىمىدىكى رومانلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگەنگەن،ھەر خىل ،رەڭگارەڭ بايان ئۇسلۇبلىرىنى ئويناپ باققان،بىراق ئاخىرىدا يەنە ئەنئەنىگە قايتتىم.

ئەلۋەتتە،بۇ خىل قايتىش قەتئى ئۆزگەرمەيدىغان قايتىش ئەمەس،‹‹ئاق ساندال جازاسى››دىن كىينكى رومانلار جۇڭگو كىلاسسىك رومانچىلىق ئەنئەنىسگە ۋارسىلىق قىلدى ۋە غەرپ رومانچىلىق تېخنىكىسدىن ئۆرنەك ئالغان ئارىلاشما تېكىتسلاردۇر.رومانچىلىق ساھەسىدىكى دىيىلىمىش يېڭىلىقلار ئاساسەن بۇ خىل ئارىلاشمىلىقنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.بۇ پەقەت مۇشۇ دۆلەت ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بىلەن چەتئەل رومانچىلىقى ماھارىتىنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپلا قالماي،يەنە رومان بىلەن باشقا سەنئەت تۇرلىرىنىڭمۇ ئارىلاشمىسدۇر.خۇددى ‹‹ئاق ساندال جازاسى››ئەلئارىسى مۇزىكا تىياتىرنىڭ ئارىلاشمىسىغا ئوخشاش،خۇددى مىنىڭ بۇرۇنقى بەزى رومانلىرىم گۇزەل سەنئەت،مۇزىكا ھەتتا سىرىك ئىچىدىن ئوزۇق ئالغانغا ئوخشايدۇ.

ئاخىرىدا مېنىڭ «ھايات-ماماتلىق ھارغىنىلىق» ھەققىدە قايتا سۆزلىشىمگە روخسەت قىلىڭ. بۇ كىتاپنىڭ ئىسمى بۇدادا دەستۇرلىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، بىلىشىمچە، بۇ كىتاپنىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلىش ھەر قايسى ئەل تەرجىمانلىرىنىڭ بېشىنى قاتتۇرۇپتۇ. مەن بۇددا دەستۇرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ باقمىغان، بۇددا دىنىغا بولغان چۈشەنچەم تەبئىيلا تولىمۇ يۈزەكى، بۇنى تېما قىلىپ تاللىشىمنىڭ سەۋەبى، مېنىڭچە بۇددا دىنىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاساسىي ئىدىيىلىرى ھەقىقەتەنمۇ كائىناتقا بولغان تونۇش بولۇپ، پانى ئالەمدىكى خىلمۇ-خىل تالاش-تارتىشلار بۇددىزىمچىلارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئەھمىيەتسىز. بۇنداق تەڭداشسىز ئىلاھىي نەزەر ئاستىدىكى پانى دۇنيا تولىمۇ پاجىئەلىكتۇر. ئەلۋەتتە مەن بۇ كىتاپنى خۇتپە-ۋەز قىلىپ يازمىدىم. مېنىڭ يازغىنىم يەنىلا ئىنساننىڭ تەقدىرى ۋە ھېسىياتى. ئىنساننىڭ چەكلىمىلكى ۋە كەڭ قۇرساقلىقى شۇنداقلا ئىنساننىڭ بەخىت ئىزلەش، ئۆز ئېتىقاتىدا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن كورسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە قوربانلىقلىرى. روماندىكى ئۆز ھاياتى بىلەن دەۋىر ئېقىمىنى قارشى قويغان لەن لىيەن، مېنىڭ قەلبىمدە ھەققىقى بىر قەھرىمان. بۇ پىرسوناژزنىڭ ئەسلى تىپى بىزنىڭ قوشنا يېزىمىزدىكى بىر دېھقان بولۇپ، بالا چاغلىرىمدا دائىم ئۇنىڭ ياغاچ چاقلىق ھارۋىسىنى غىچىلدىتىپ كىشىلەرنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى يولدىن ئوتكەنلىكىنى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ ھارۋىسىنى بىر ئاقساق ئېشەك سۆرەيتى، كىچىك پۇتلۇق خۇتۇنى ئۇنىڭ ئېشەكنى يىتلەيتى. بۇ غەيرى ئەمگەك گۇرۇپپىسى ئەينى دەۋىردىكى كوللىكتىپلاشقان جەمئىيەتتە شۇقەدەر غەلىتە ۋە زاماندىن قالغاندەك كۆرۈنەتتىكى، بىز بالىلارمۇ ئۇلارنى تارىخنىڭ قارشى يۆلنىشىگە قاراپ ھەركەت قىلىۋاتقان ھەييارلاردەك ھېس قىلاتتۇق، ھەتتا ئۇلار كوچىدىن ئۆتكەندە بىز غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ تاش ئاتاتتۇق. ئۇزاق يىللاردىن كېيىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىقچىلىققا تۇتۇنغىنىمدا، شۇ كىشى، شۇ مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى. مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر پارچە كىتاپ يازىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ ھېكايىسىنى بارلىق كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرەتتم، بىراق 2005-يىلىغا كەلگەندىلا، بىر بۇتخانىدا « ئالتە خىل ئاقىۋەتنىڭ دەۋر قىلىشى» ناملىق تام رەسىمىنى كۆرگەن چېغىمدىلا ئاندىن بۇ ھېكايىنى ئېيتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم.

  مەن نوبىل مۇكاپاتىغان ئېرىشكەندىن كېيىن بىر قاتار بەس-مۇنازىرىلەر بولۇندى. دەسلەپتە كىشىلەرنىڭ مۇلاھىزە ئوبىكتى مەنمىكىن دەپ قاپتىمەن، بارا-بارا، تالاش-تارتىشقا سەۋەپ بولغان بۇ ئوبىكتنىڭ مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. مەن گويا ئويۇن كۆرىۋاتقان ئادەمدەك كىشىلەرنىڭ ماھارىتىنى كۆرەتتىم. مەن ھېلىقى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ گۈل دەستىلەرگە كۆمۈلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ھەم ئۇنىڭ تاشقا باغلىنىپ، يۇندىغا مىلەنگەنلىكىنىمۇ كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ تۈگىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتىم، ئەمما ئۇ گۈل-چېچەك ۋە توپا-تاشلار ئىچىدىن كۈلۈمسىرىگىنىچە چىقىپ، تېنىدىكى يۇندىلارنى سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن بىمالال ھالدا بىر ياندا توختىدى ۋە كۆپچىلىككە: بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئېتقاندا، ئەڭ ياخشى سۆز قىلىش ئۇسۇلى يېزىقچىلىق. مەن دېمەكچى بولغان گەپلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەسەرلىرىمگە سىڭدۈرىۋېتىلگەن. ئېغىزدا دىيىلگەن سۆز شامالدا ئۇچۇپ كېتىدۇ، قەلەم بىلەن يېزىلغىنى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. مەن سىلەرنڭ كىتابىمنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئەلۋەتتە، سىلەرنى كىتابىمنى ئوقۇشقا زورلاش سالاھىيىتىم يوق،- دېدى.

سىلەر كىتابىمنى ئوقۇغان تەغدىردىمۇ، مەن سىلەرنىڭ ماڭا بولغان كۆز-قارىشىڭلارنى ئۆزگەرسىكەن دېمەيمەن. دۇنيادا ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشەلىگەن يازغۇچى يوق. بۈگۈنكىدەك دەۋىردە تېخىمۇ شۇنداق.

گەرچە مەن ھېچنىمە دېيىشنى خالىمايدىغان بولساممۇ، بىراق بۈگۈنكىدەك بۇنداق سورۇندا چوقۇم سۆزلىشىم كېرەك. ئۇنداقتا مەن يەنە ئاددىيلا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلاي.

مەن بىر ھېكايە ئېيتىدىغان ئادەم، يەنىلا سىلەرگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچۈنجى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا، مەكتەپ بىزنى بىر جاپا-مۇشەققەت كۆرگەزمىسىگە تەشكىللىدى، بىز مۇئەللىمىنىڭ كۈتكىنىچە ئاۋازىمىزنى قۇيىۋېتىپ يىغلايتۇق. مۇئەللىمگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن مەن مەڭزىمدىكى ياشلىرىمنى سۈرىتىۋېتىشكە قىيمايتىم. بىر قانچە ساۋاقداش شۆلگىيىنى يۈزلىرىگە سۈركەپ يىغلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغاندى. مەن راست-يالغان يىغلاۋاتقان بۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا يەنە بىر ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭ يۈزىدە بىر تامچىمۇ ياش كۆرۈنمەيتى، ئاۋازمۇ چىقمايتى. يۈزلىرىنى توسۇپمۇۋالمىغان بولۇپ، چوڭ كۆزلىرى بىلەن بىزگە قاراۋاتقانىدى، كۆزىدىن ھەيرانلىق ۋەياكى گاڭگىراش ئىپادىلىرى چاقناپ تۇراتتى. كېيىن مەن مۇئەللىمگە بۇ ساۋاقداشنىڭ قىلمىشىنى چېقىپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ بۇ ئوقۇغۇچىقا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى. كۆپ يىللاردىن كېيىن، مەن مۇئەللىمگە ئۇنى چېقىپ قويغانلىقىمغا پۇشايمان قىلغانلىقىمنى ئېتقاندا، مۇئەللىم شۇ كۈنى يەنە ئون نەچچە ئوقوغۇچىنىڭ ئۇ ئىشنى مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ساۋاقداش ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى ئۈلۈپ كەتتى، ئۇنى ئەسلىگىنىمدە ، چوڭقۇر ئۆكۈنىمەن. بۇ ئىش ماڭا بىر ساۋاقنى ھېس قىلدۇردى: كۆپچىلىك يىغلاۋاتقان ۋاقىتتا بەزەنلەرنىڭ يىغلىماسلىقىغا يول قويۇش كېرەك. يىغا بىر خىل ئويۇنغا ئايلانغاندا بەزىلەرنىڭ يىغلىماسلىقىغا تېخىمۇ يول قويۇش كېرەك.

  يەنە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي: ئوتتۇز نەچچە يىللار ئىلگىرى، مەن تېخى قىسىمدا خىزمەت قىلىۋاتاتتىم. بىر كۈنى كەچتە مەن ئىشخانىدا كىتاپ كۆرىۋاتاتتىم، بىر پىشقەدەم كوماندىر ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپ كەلدى، مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇنغان بىر قارىۋېتىپ، ئۆز-ئۆزىگە؛ «ھە..ئادەم يوقما؟» دېدى. مەن شۇئان ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا:« مەن ئادەم ئەمەسمىكەنمەن؟» دېدىم. ھېلىقى پىشقەدەم كوماندىر قولاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى ۋە ئوڭايسىزلانغىنىچە چىقىپ كەتتى. بۇ ئىش ئۈچۈن مەن خېلى ئۇرۇنغىچە كۆرەڭلەپ يۈردۈم، ئۆزەمنى جەسۇرلارچە سوقىشالىدىم دەپ قالغان ئىدىم، بىراق كۆپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئەكسىچە بۇ ئىش ئۈچۈن چوڭقۇر ئۆرتەندىم. مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھېكايىنى سۆزلىشىمگە رۇخسەت قىلغايسىلەر، بۇنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ماڭا بوۋام سۆزلەپ بەرگەن: سىرىتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان سەككىز تامچى بار ئىكەن، بىر قېتىملىق جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىش ئۈچۈن، بىر كونا بۇتخانىغا قىستىلىپ كىرىپتۇ. سىرىتتىكى چاقماق ئاۋازى بارغانسىرى ئەدەشكە باشلاپتۇ، ئوت پارچىلىرى بۇتخانا ئىشىكى ئالدىدا دۇملاشقا باشلاپتۇ، ھاۋادا يەنە ئەجدىھانىڭ چىقىرقىرىغان ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلانغۇدەك. ھەممەيلەننىڭ قورقۇپ جان-پېنى چىقىپ، چىرايلىرى سارغىيىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن بىرەيلەن: « سەككىزىمىنىڭ ئارىسىدا چوقۇم بىر ئادەم ئەسكى ئىشلارنى قىلغان، كىم ئەسكى ئىش قىلغان بولسا شۇ ئۆزى بۇتخانىدىن چىقىپ تەڭرىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسۇن، ياخشى ئادەملەر چېتىلىپ قالمىسۇن» دەپتۇ. تەبئىيلا ھېچكىمنىڭ چىققۇسى كەلمەپتۇ. يەنە بىرەيلەن: « ھېچقايسىمىز چىقىشنى خالىمىغان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا ھەممىمىز چىغ قالپىقىمىزنى تاشلايلى، كىمنىڭ قالپىقى ئۇچۇپ بۇتخانىنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ كەتسە، شۇ ئەسكى ئىش قىلغان بولىدۇ. ئۇنداقتا شۇ كىشى چىقىپ تەڭرىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چىغ قالپاقلىرىنى بۇتخانا ئىشىكىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپتۇ، يەتتە ئادەمنىڭ قالپىقى شامالدا ئۇچۇپ بۇتخانا ئىچىگە قايتىپ كىرىپتۇ. بىرلا ئادەمنىڭ قالپىقى ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئۇنى چىقىپ جازانى قۇبۇل قىلىشقا ئۈندەپتۇ، ئۇنىڭ ئەلۋەتتە چىققۇسى كەلمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى كۆتۈرۈپ بۇتخانىنىڭ سىرتىغا تاشلىۋېتىپتۇ. ھېكايىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بەلكىم ھەممەڭلار پەرەز قىلىپ بولغان بولۇشىڭلار مۇمكىن ـــــ ھېلىقى ئادەم سىرتقا تاشلىۋېتىلىشى بىلەنلا، بۇ كونا بۇتخانا گۈمۈرلۈپ چۈشۈپتۇ.

  مەن ھېكايە سوزلەيدىغان ئادەم. ھېكايە سۆزلىگەنلىكىم ئۇچۈن مەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم. مەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە نۇرغۇنلىغان نادىر ھېكايىلەر بارلىققا كەلدى، بۇ ھېكايىلەر مېنى ھەقىقەتكە ۋە ھەققىانىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا قەتئىي ئىشەندۈردى.

بۇنىڭدىن كىيىنكى يىللاردا، مەن داۋاملىق ھېكايەمنى سۆزلەۋېرىمەن.

  كۆپچىلىككە رەھمەت!

  ئەسلى ماقالە مەنبەسى : نوبىل مۇكاپاتى تورى








western يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 17:00:44

مەن ئىلگىرى غەرپنىڭ مودىرنىزىم ئىقىمىدىكى رومانلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگەنگەن،ھەر خىل ،رەڭگارەڭ بايان ئۇسلۇبلىرىنى ئويناپ باققان،بىراق ئاخىرىدا يەنە ئەنئەنىگە قايتتىم.

--------------------------------------------------------------------------

  رىئاللىقنى يېزىش ئەڭ مۇھىم دىمەكچى مېنىڭچە

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 17:48:52

بۇ نۇتۇق ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىسى ئوخشاشلا ئۇلۇغ ئەسەرلەردىن بۇلۇشقا مۇناسىپكەن ، جەۋھەرلەپ قۇيايلى بالىلار .

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 19:33:31

ئاڭلىشىمچە مويەن ھازىرغىچە ئاخبارات ۋاستىللىرىدا پەقەت ئىككى ئىغىز گەپ قىلغانمىش ...

1- ئاغىينەم لىيۇ شاۋبو(刘晓波) بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئىرىشسە ياكى تۇرمىدىن قويۇپ بېرىلسە .... ئەمدى لىيۇ شاۋبونىڭ نېمە ئەدەملىكى ئۆزەڭلەرگە قالدى ، گوگۇللاپ بىقىڭلار ...

2- مەن ئىرىشكەن نوبىل مۇكاپات پۇلىغا بىيجىڭدىن 100 كۇۋادىراتمىتىرلىق ئۆيدىن بىرنى سېتىۋالالايمەن ...

ئويلىغىنىم : يازغۇچى =جەمىيەتنىڭ قاۋاپ تۇرغان ئىتى (قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ تۇرىدىغان ، باغلاقتىكى ئەمەس )=جەمىيەتنىڭ ۋىجدانى .....

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 19:57:18

مەريەمگۇلنىڭ تەرجىمە تېمىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن ،جاپا چەكتىڭىز ھارمىغايسىز،،،

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 20:09:25

مويەننىڭ ئاپىسىغا ھۆرمىتىم قوزغالدى.

Nezife يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 21:29:52

بۇ نوتۇق تېكىستىنى ئوقۇپ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى مويەننىڭ سەمىمىيلىكى بولدى. \"\"

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 21:51:53

ھۆرمەتكە لايىق ئىنسان ئىكەن ،ئانىسى ھەققىدىكى قۇرلاردىن بەك تەسىرلەندىم ...

meryemgul يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 08:32:39

10- قەۋەتتىكى yuwax0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەريەمگۇلنىڭ تەرجىمە تېمىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن ،جاپا چەكتىڭىز ھارمىغايسىز،،،



ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن،تەرجىمە ھەممىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ تەرجىمىسى،تاھىركام تەرجىمىسنى پۇتتۇرۇپ ماڭا بىرىدۇ،مەن ئىملاسىنى تۇزۇتۇپ،مۇنبەرگە يوللاپ قويىمەن.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 09:43:17



يۇقارقى ۋىدىئودىن بىلىۋىلىشقا بولىدۇكى مويەننىڭ مەركىزى تىلۋىزيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن


جاۋابىدىن مويەننىڭ تالانىتلىق يازغۇچىلا ئەمەس بەلكى ئۆتكۈر ناتىقلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇ


ھەقىقەتەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا لايىق ئىكەن.



چاتاق يىرى، مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىدەك \"مۇھىم\" ئاخبارات  ۋاستىسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ بۇنچىلىك


سەۋىيەسىزلىكىدىن (دۆتلىكىدىن )ئەپسۇسلاندىم ، جوڭگۇلوقلارغا (ماس كەلگەن)  -سىز بەخىتلىكمۇ !؟


دىگەن سۇئال سېتوكھۇلىمغا ھەرگىز ماس كەلمەيدۇ. بۇ دىگەن كىچىك باللارنى ئالدايدىغان راي سىناش سۇئالى..


مەنمۇ بىر مۇخبىر بولوش سۈپىتىم بىلەن، مەركىزى تىلۋىزيە ئىستانسىنىڭ مەملىكەت خەۋەرلىرىدە \"مودا\"


بولغان \"سىز بەخىتلىكمۇ!؟\" دىگەن سۇئالنى \"جوڭەۇلوقلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىشى \"دەپ  ئەپسۇسلىنىمەن


ئەجەبا جوڭگۇلوقلارنىڭ ھەممىسى \"بەخىتلىكمۇ!؟\" چۈنكى مەن 1 ئايغا يىقىن كۈزىتىش جەريانىدا


بىرەر جوڭگۇلوقنىڭ ئۆزىنى بەخىتسىز دىگەننى ئاڭلاپ باقمىدىم


      مانا مەن بەخىتلىك ئەمەس، چۈنكى 2 ياشقا كىرگەن قىزىم، ئايالىمۋە مەن بىر ئۆيگە جەم بولوپ


ياشىيالمايمىز، بىز ئايرىلىپ ياشاۋاتقىلى 3 يىلدىن ئاشتى، بىزنى قانداقمۇ بەخىتلىك دىگىلى بولسۇن


مىنىڭ بەخىتلىك بولماسلىقىمنىڭ سەۋەبى، ئايالىمنىڭ\" خىزمەت ۋاقتى توشمىغان\" ئەمەلىيەتتە مۇناسىۋەتلىك


قانۇن-نىزاملاردا ئەسلىدىكى ئوروندا ئىشلىگەن ۋاقتى 3 يىلغا توشسا يۆتكىلىش رەسمىيتى بىجىرىشكە بولىدۇ


دىيىلگەن، لىكىن 4 يىلدىن ئاشتى، مانا بۇ دۆلەتتە مەندەك بەخىتلىك بولمىغانلاردىن يەنە يوق دىيشكە بولامدۇ!؟





مويەن  پۈتكۈل جوڭگۇلوقلارنى بەخىتلىك ئەمەس دىمەكچى!

چۈنكى مويەن جوڭگۇنىڭ ئاساسى ئىقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ

مۇخبىر - ئۇنىڭدىن: سىز بەخىتلىكمۇ دەپ سورىغاندا ..

مويەن - مەن «بۈگۈن» بەخىتلىك دىدى

             ئۇ مەن ئىلگىرى بەخىتلىك ئەمەس، پەقەت بۈگۈن

             سېتوكھۇلىمدەك ئەركىن شەھەردە بولغانلىقىم ئۈچۈن

             بەخىتلىك دىمەكچى



مويەن ھەتتا سۆزىدىلا ئەمەس، ھەركىتىدىمۇ ئىنتايىن ئۆتكۈر كىنايە قىلدى

«سەن مەركىزى تىلۋېزيە ئىستانسىدىنما!؟» مويەن بۇ سۆزنى دەپ بولوپلا

مازاق تەرىقىسىدە كۈلدى



نىمە دىگۈلۈك: جوڭگۇدەك نوبىل مۇكاپاتىنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدىغان

دۆلەتتە بىر ئادەمنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرشىشى كىشىنى ئويغا چۆمدۈرىدۇ

ئۇنىڭ ئۈستىگە نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش شەرتىنى ئەدەبىيات بىرەر، سىنىپقا

، بىرەر ئىجتىمائى تەشكىلاتقا، بىرەر پارتىيگە ماھال بولوشىغا يول قويۇلمايدۇ

لىكىن بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ سىنىپىيلىقى ئەڭ كۈچلۈكتە...


ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 12:08:20

ئېسىل

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 12:21:51

بۇۋاي ھەقىيقەتەن قالتىسكەن .بىراق بېيجىڭدىن ئۆي ئلالىغاندىمۇ ؟

مۇشۇ بۇۋاي ئۆي ئېلىش تەس كەلگەندە نېمىنى ئويلىغاندۇ ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 12:26:55

دولىتىمىزدىنمۇ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئالىدىغانلا چىقىپتۇدىسە ، ھەيرانمەن ، مويەننىڭ ئەسەرلىرىنى تور بەتتىن ھەقسىز ئوقۇغۇلى بولامدىكەن ؟ بولسا بىر يوللاپ قويساڭلار ، سىللەردىن رازى بولۇپ كىتىتىم .

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 12:36:34

لەيدىيىس ئەند جېنتېلمېن:

ماي چاينىز نەيېم ئىز شات ئاپ!

مويەننىڭ ئەڭ مەشھۇر نۇتۇقلىرىنىڭ بىرىمىش \"\"
بەت: [1] 2
: مويەننىڭ نوبىل مۇكاپاتى نۇتۇقى