SkyDrive باش ۋە ئىچكى بەتلىرى ئۇيغۇرچە بولۇپ بوپتۇ!
ئالدىنقى قېتىم، Outlook نىڭ (Hotmail) تىزىملاپ كىرىش بېتىنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇپ بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىم، بۈگۈن يەنە بىر ئېسىل ئىشتىن خەۋەردار قىلاي:
SkyDrive باش ۋە ئىچكى بەتلىرى ئۇيغۇرچە بولۇپ بوپتۇ!
كىرىش ئادرىسى: skydrive.live.com
مىكروسوفت ھەقسىز 7 گېگالىق تور دېسكىسى مەشغۇلات يۈزلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ بولغان. پەقەت، مۇندەرىجە يۈزىدىكى ئىلگىرى قۇرۇلغان سىستېما تەمىنلىگەن مۇندەرىجە ئىسىملىرى خەنچە پېتى تۇرغان، ئۇلارنى ئۆزىمىز ئۆزگەرتىۋالساق بولىدۇ، ئۇ بىزنىڭ ئىشىمىز.
بۈگۈن، مىكروسوفت ئىزدەش بېتى بىڭ (www.bing.com) يۈزىدە خوتمايىل نامىمغا تىزىملىتىپ، كەينىدىن ئادرىسقا www.outlook.com ئادرىسىنى ئۇرۇپ كىرسەم، بەت يۈزى مەشغۇلات بۇيرۇقلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە تۇرىدۇ! بۇرۇن، مەسىلەن خوتمايىلغا كىرسەك، بەتنىڭ سول ئۈستى بۇرجىكىدە بىر كۇنۇپكا بارغۇ، «خەت، كىشىلەر، كالېندار، SkyDrive» قاتارلىق كۇنۇپكا گۇرۇپپىسى چىقىدىغان، بۇ كۇنۇپكا ۋە كۇنۇپكا گۇرۇپپىسى، skydrive غا ئۆتكەندىن كېيىن، قىزىقارلىق ھالدا ئوڭ بۇرجەككە يۆتكلىپ قالىدىكەن، ھەمدە، مەن تىرناقتا تەمىنلىگەن پېتى ئۇيغۇرچە خەت بىلەن چىقىدىكەن.
ئەگەر سىزدە ئاۇتلۇك ياكى خوتمايىل نامى بولسا، ھەمدە ئىشلەتكەن سىستېمىڭىز ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلگەن win7 ياكى 8 بولسا، سىز چوقۇم بۇ ئۇيغۇرچە يۈزلۈكتىن بەھىرمەن بولالايسىز، ئۇيغۇر يېزىقىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!
شۇنداقلا، مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن قان- تەر سىڭدۈرۈۋاتقان ئەزىمەتلەرگە ھۆرمەت ۋە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
رەسىمنى، ئاسمان دېسكىنىڭ «ئورتاق» مۇندەرىجىسىدىن ئىزدىنىشقا چىقىرىش ئۈچۈن، رەسىم كۆرۈش ھالىتىدە بەت پىشانىسىدىكى «دەسلەپكى نۇسخىسىنى كۆرۈش» بۇيرۇقىنى چېكىپ، ئايرىم بەتتە ئېچىلغان رەسىمنىڭ خاسلىقىدىن ئۇلىنىشنى كۆچۈرۈپ، ئىزدىنىش سۈرەت قوشۇش رامكىسىغا چاپلىسىڭىز بولىدۇ.
خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت

----------
بىڭنىڭ ئۇيغۇرچىسى پۈتكەندە، بەيدۇنى شىنجاڭدا ئېچىلماس قىلىپ قويساقمۇ بولىدۇ.
مەنمۇ ئۇزۇن بولدى شۇنداق ئىشلىتىۋاتىمەن. {:92:} ئانا تىلىمىز ئۈچۇن جاپا چەككەن قېرىناداشلارغا چىن كۆڭلىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. كومپيۇتېرىمغا قاچىلىغان ئاسمان دېسكا پروگراممىسى بىلەن، ئۇنىڭغا كۆزنەكتىنلا ھۆججەت تاشلاپ قويۇپ، تور بەت يۈزىدىكىنى ئاچمىغىلى بىر مەزگىل بوپتىكەن، بۈگۈن مۇندەرىجىدىن ئىزدىمەي تور بەتتىن ئىزدەپ ئەمدى كۆرگەن ئوخشايمەن، بىرەر- ئىككى ئايدىن ئاشتىمۇ؟ 1.مېنىڭ كومپيۇتۇرىممۇ ۋىن 7 مەشغۇلات سېستمىسى بىراق ئادرسىنى ئاچسام ھىچقانداق ئۇيغۇرچە كۆرۈنمىدىغۇ ؟!!
2.سىستىمىنى ئۇيغۇرچىغا قانداق تەڭشەيمىز ؟ «پارول » دېمەي «ئىم» دەپ كىرگۈزگەن بولسا بوپتىكەن. مەن ئىشلىتىۋاتىمەن، ئەمما خەت يېزىپ بۇلۇپ يوللايدىغان يەرنى دائىم بەك تەستە تاپىمەن، يەنە تېخى ئەۋەتكۈچى ئاددېرس قۇشۇلىدىغان يېرى كۆرۈنمەي بەك تېرىكتۈرىۋاتىدۇ. خەت يوللىسام يېرىم سائەت كېتىدۇ. ياكى تەڭشىكىم خاتا بۇلۇپ قالدىمىكىن. ئىشقىلىپ شۇنچە قىينالساممۇ ئۇيغۇرچە بولغاندىكىن چىداپ ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇنىڭدا ئىلگىركى خەت ساندۇقىغا كەلگەن ئۇچۇرنى مۇشۇنىڭغا كېلىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدىكەن، مەن شۇنداق قىلىۋالدىم. {:92:}