لۇمىيا 620 ئېلان قىلىندى
نوكىيا شىركىتى پارىژ LeWeb پەن- تېخنىكا يىغىنىدا، يېڭى تىپتىكى لۇمىيا 620 يانفۇنىنى ئېلان قىلغان، لۇمىيا 620 ھازىر Windows Phone 8 سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئەرزان تېلېفۇن ھېساپلىنىدۇ، ئۇنىڭ 7 خىل رەڭدىكىسى بار.
بۇ يانفۇننىڭ سەپلىمىسى:
سىستېمىسى: wp8
ئېكران چوڭلۇقى: 3.8
چېكىتى: 800*480
ئىچكى ساقلىغۇچ: 512M
سىغىمى: 8G (سىغىم كارتىسى سېلىشنى قوللايدۇ.)
...
ئەڭ ئەرزان؟ باھاسى قانچىدۇ ؟ WP نىڭ ئاندىروئىدتىن قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار؟ باھاسى 249 دوللار، 1550 يۈەن ئەتىراپىدا..ئارتۇقچىلىقى، سىستېمىسى wp8 بولۇشتىن باشقا، word, excel, onenote, ppt قاتارلىقلار بار. ھەر كىمنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ، شەخسەن مەن ئاندرويىد ئىشلەتكۈم بولغان بولسا ئاللىقاچان تېلېفۇن يەڭگۈشلەپ بولاتتىم، wp7.5 نى 8 گە كۆتىرىشكە بولمىغاچقا، 8 نى ساقلاپ كەلدىم. 920 نىڭ باھاسى 4500 ئەتىراپىدا، 820 بولسا 3500 ئەتىراپىدا.. پارىژدا ئېلان قىلىنىپتۇ. دۆلىتىمىزگە قاچان كىرىپ، سېتىلار؟ تەيپىنەمنىڭ نوكىياسىنى ئالماشتۇراي دەۋاتقان. 620نىڭ باھاسى سىز دېگەندەك 1500 ئەتراپىدا بولسا يامان ئەمەس باھاكەن. بۇ تېلىفونمۇ جۇڭگو بازىرىدا چەتئەلدىكى باھاسىدىن ئۈچ-تۆت يۈز سوم ئۆرە سېتىلارمىكىن. ھازىر 7.5سېستىمىلىقنى ئىشلىتىۋاتىمەن، راۋانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. دوستلىرىمغا تەۋسىيە قىلىپ يۈرۈپ، ھازىر بەش-ئالتەيلەننىڭ قولىدا windows phone. مەنمۇ ساقلاۋاتىمەن، قارىغاندا 720 مۇ چىقىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
ئاۋۇ يانفوننى بايا zol.com.cn دا كۆرۈپ چىققانىدىم تېخى. تىزرەك كەلسە بولاتتىدە لۇمىيا 920 نىڭ شىياڭگاڭ نۇسخىسىدىن بىرنى سېتىۋالدىم توردىن. ئەمما، مال تېخى قولغا تەگمىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شىياڭگاڭلىقلارلا ئەمەس، ئامېرىكىدىمۇ مال يېتىشمەيۋېتىپتىمىش. ساقلاپ تۇرۇشىمىز كېرەكمىش... ئايفونغا قەتئى قىزىقمىدىم
ئاندروئىدمۇ بىر خىللا تۇيۇلىدۇ،ئىشلەتكۈم كەلمەيدۇ، بەكلا قالايمىقان كۆرۈنىدۇ كۆرۈنمە يۈزلىرى...
شۇڭا ھازىرغىچە ۋىن موبايل 6.5 ئىشلىتىۋاتىمەن{:92:} ئەمما smart phone windows mobile2003 ئىشلەتكەن چاغلار ئاجايىپتى ،windows لا بولىدىكەن مىكروسوڧت ھامان بۇ ساھانى سورايدۇ!!! نوكىيانىڭ تىلغۇنلىرنى ياخشى كۆرەتتىم باشتىن. خ ت غ دىن بىر نى ئىلىپ ئىشلەتسەم بىر يىل مىڭىپ ۋاپا قىلمىدى.
ماۋۇ تىلىفۇن بولغۇدەك، مەنمۇ ساقلاي ئەمسە !!!
7- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
لۇمىيا 920 نىڭ شىياڭگاڭ نۇسخىسىدىن بىرنى سېتىۋالدىم توردىن. ئەمما، مال تېخى قولغا تەگمىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شىياڭگاڭلىقلارلا ئەمەس، ئامېرىكىدىمۇ مال يېتىشمەيۋېتىپتىمىش. ساقلاپ تۇرۇشىمىز كېرەكمىش...
تېلفۇن قولىڭىزغا تەككەندە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى بارمۇ يوق؟شۇنى بىر خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز.
رەھمەت سىزگە .
مەنمۇ بىرنى ئالاي دەيمەن لېكىن شۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى بارلىقىغا ئانچە ئىشەنچ قىلالماي توختاپ قالدىم.
ئالدىراشلىقتا تۈنۆگۈن تولۇق يازالماپتىمەن، بۇ تېلېفۇن ئالدى بىلەن ئاسىيادا، ئاندىن ياۋرۇپادا سېتىلغۇدەك، 1- ئايدا بازاردا كۆرەلەيدىغان ئوخشايمىز. يەنە، كۆچمە خەۋەرلىشىش بىلەن نوكىيا بىرلىشىپ، 920 نى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت قىلىپ بازارغا سالغۇدەك، بۇنىڭ بىلەن نوكىيانىڭ پاي چېكى ئىككى خانىلىق سان ئۆسۈپتۇ، مېنىڭمۇ مۇشۇ ئەرزان ۋاقتىدا نوكىيانىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ قويغۇم بار ئىدى، بىراق قانداق ئېلىشنى ئۇقمايمەن. ئۆتكەندە بىرى 30 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىن پاراشوتتا سەكرىگەنغۇ، بۇدا قىزىقچىلار 920 نىمۇ سىن ئېلىشنى بېسىپ قويۇپ ھاۋا شارىغا ئېسىپ، ئاشۇنداق ئېگىزلىكتىن تاشلاپتىمىش.. جۇڭگوغا كەلسە بىرەرنى ئېلىپ ئىشلىتىپ با قىدىغان ئىشمىكىن. مەنمۇ قىزىقىۋااتىمەن جۇمۇ ماۋۇ ئۇيغۇرچە win8 كە قىزىققاندەك. ھەببەللى! @kulke ئەپەندىم، نەق گەپنى قىلدىڭىز..ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىشلەنگەن win8 غا ئەگىشىپ، wp8 يانفۇنلىرىنىمۇ كۆرۈپ قالارمىز! ئىككىسىگە (ئاسمان دېسكا) SkyDrive قوشۇپ ئىشلەتكەن ھالەتكە بەك قىزىقىمەن.
15- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەببەللى! @kulke ئەپەندىم، نەق گەپنى قىلدىڭىز..
ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىشلەنگەن win8 غا ئەگىشىپ، wp8 يانفۇنلىرىنىمۇ كۆرۈپ قالارمىز! ئىككىسىگە (ئاسمان دېسكا) SkyDrive قوشۇپ ئىشلەتكەن ھالەتكە بەك قىزىقىمەن.
مۇشۇنداق گۈزەل تۇرسا بۇ سىستېما. ھازىر خېلى جىق يېرىگە ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپ ئۇيغۇرچە بولۇپ كەتتى دەيمەن.
ما تېلېفون تېزراق چىقسا بولاتتى.
ئىزدىنىشتە WindowsPhone چىلار خىلە جىققكەن جۇمۇ لۇمىيا920 نىڭ تېلگىراف كارتا قوللايدىغىنىنى قانچىگە ئالغىلى بۇلار؟ گالاگسى نوتې ئىشلىتىپ باشقىچە مېھرىم چۈشۈپ قاپتىكەنتۇق، كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئايرىلىشقا مەجبۇر بۇپ قالدىم. ئورنىغا يەنە بىرنى ئالاي دەپ تۇرغاندا بۇ يەردە ۋ پ 8 گەپلىرى دېققىتىمنى تارتىۋالدى. ئۆزۈمنىڭغۇ ئەسلىدىنلا لۇمىيا 920 ئىشلىتىش نىيىتىم بار ئىدى. باھاسىغا قاراپ توختاپ قالغان ئىدىم. ھازىرقى ئەھۋالدا 4000دىن ئېشىپ كەتمىسە بۇلاتتى. تاۋباۋدىغۇ بىر ئاي ئىلگىرى 6مىڭ نەچچە يۈزنىڭ گىپىنى كۆرگەنتىم، ئارىلىقتا چۈشتىمۇ چۈشمىدىمۇ بىلمىدىم . ھازىرقى باھا 920 نىڭ 4500 ئەتىراپىدا، 820 نىڭ 3500 ئەتىراپىدا، 820 مۇ ئوخشاش سىمسىز توك قاچىلاشنى قوللايدۇ.820 نىڭ 830 ۋە 822 قاتارلىق نەشىرلىرى چىقتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى تېلېگىراف، بىرلەشمە قاتارلىقلارنىمۇ نىشانلاۋاتقان ئوخشايدۇ. كۆچمىنىڭ 4G تورىنىڭ كۈچىنى كېلەر يىلى كۆرۈپ باقساق بولاتتى.
بەت:
[1]
2