ئەيساجان، «بىر سوم پىلانى» غا ئاتالغان 11-ئايلىق پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى، ئاق بۈركۈت تورى بۇ يىل 10-ئايدىن بېرى بىكەت مۇلازىمىتىر چىقىمىنى قامداش ۋە ئىزدىنىشتا يولغا قويۇلىۋاتقان <بىر سوم پىلانى> غا ياردەم قىلىپ موقىم كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ھەر بىر فىلىمنى بىر يۈەندىن سېتىپ چىقىرىشنى يولغا قويغان، بۇ جەرياندا كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 10-ئايدا پىلاننى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتۈرۈپ، ئاي ئاخىرىدا 371.25يۈەن پۇل ئايرىغان، بىراق مۇنبىرىمىزدىكى بىر سوم پىلانىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجراچىسى ئەيساجاننىڭ ئالدىراش بولۇپ قېلىشى سەۋەپلىك پۇلنى يەتكۈزۈپ بېرىپ بولالمىغان، ئەمما بىز بۇ پۇلنى 400 يۈەن قىلىپ كۆيۈك ئازابىدا پۇچۇلىنىۋاتقان بىر ئانىغا ياردەم قىلدۇق، ئشىنىمىزكى تورداشلارمۇ بىزنىڭ بۇ ھەركىتىمىزنى قوللىغۇسى.
11-ئايدا بىر سوم پىلانىغا 321.5 يۈەن پۇل يىغىلغان، شۇڭا ئەيساجان ئالپاي ھىسابات نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويسا ئەۋەتىپ بەرسەك، ياكى بولمىسا گودلاك بۇرادەر ئالپاي نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويسا بىز ئۇنىڭغا ئۇرۇپ بەرسەك گودلاك ئەيساجانغا ئۇرۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ، بۇ توغۇرلۇق ئىنىق جاۋاب بېرىۋەتكەن بولساڭلار.
بىز بۇنىڭدىن كىيىن مەلۇم مەزگىلدە بىر ھىسابات قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن يىغىلغان پۇلنى <بىر سوم پىلانى> غا ياردەم قىلىشقا تىرىشىمىز.
مەن ئاق بۈركۈت تورى نامىدىن مۇنبىرىمىزنى قوللاپ كۈچ چىقىرىۋاتقان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى
http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3936&extra=&page=1
كاتتا ئىش بوپتۇ جۇما بۇرادەرلەر، ھارماڭلار!!!. سىلەرگە تولىمۇ رەھمەت ،بۇرادەرلەر ،مەندە ئالىپاي ھېساباتى يوق ،مۇمكىن بولسا گۇدلاك بۇرادەر يوللاپ قويسا شۇ ئارقىلىق كارتىغا ئاغدۇرساق .... ھەقىقى ئەزىمەتلەر،جاپالىق ئەمگەك بىلەن قېرىنداشلارغا قوش نەپ يەتكۈزدۈڭلا!!!! مەن جىق تورغا چىقالماي بۇ تېمىنى كۆرمەي قاپتىمەن.kainam12@163.com 安外尔.艾麦尔 مۇشۇ ئالىپايغا يوللانسا ئەيساجانغا تېگىدۇ. مۇشۇ «بىر سوم پىلانى» نىڭ ئىگە تەرەپ بانكا ھېسابات نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلا. مېنىڭ، باشقىلارنىڭ بولۇپ، ئازراق بەدەل پۇلى بار ئىدى، سېلىۋىتەي. 9559982980538213019
يېزا-ئىگلىك بانكا كارتىسى
艾沙江.尼扎木丁 http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3756