karton3020 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 01:15:46

ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق مەنپەتى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلنىدۇ ؟

كاپالەت سوممىسى ئارانلا نەچچە مىڭ يۈەن تۇرسا ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەتى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلنىدۇ ؟


<< تور سودىسى>> دىگەن ئۇقۇم كۆپىنچە كىشىلىرىمىزگە ئانچە ناتۇنۇش ئەمەس ، بەزىلىرىمىز بىۋاستە تور سودىسىغا قاتنىشىپ باققان ، بەزىلىرىمىز باشقىلارنىڭ توردىن مال سېتىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ، ھەممەيلەن دىگۈدەك توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم مۇھىتتىمۇ قايناق بازارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز... بىراق تور سودىسىدا زىيان تارتىپ گاڭگىراپ يۈرگەنلەردىن زادى قانچىلىكىمىز بار ؟  تور سودىسىدا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك ؟ تور سودىسىدا ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەتى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلنىدۇ ، قانداق قىلغاندا بىخەتەر تور سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلغىلى بۇلىدۇ ؟ دىگەندەك مەسىلىلەر ھەرزامان بېشىمىزنى قاتتۇرۇپ كەلمەكتە...


مەنمۇ سىىزگە ئوخشاش تور سودا ھەۋەسكارى ، توردىن ئىبارەت بۇ  مەۋھۇم مۇھىتتا بازار ئايلىنىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلمايمۇ ، ئەڭ ئەرزان زاۋۇت باھاسىدا مال سېتىۋىلىشقا كۈنۈپ كەتكەنلەرنىڭ بىرسى ، يېقىندا بۇرۇنقى ئادىتىمگە ئوخشاشلا تاۋباۋ تورسودا بازىرىغا كىرىپ ئايلىنىپ 2250 قىممىتىدىكى بىر تېلفۇنغا كۆزۈم چۈشتى ، مەزكۇر تېلفۇننى سېتىۋالغان تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىنى كۆرۈپ ، ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلاشتىم ھەم باھاسىنى پۈتۈشۇپ بىخەتەر تور سودا ياردەمچىسى بولغان 支付宝 ئارقىلىق تېلفۇننى سېتىۋالدىم . دەرۋەقە يەتتە كۈن ئىچىدە تېلفۇندىن رازى بولمىسا بىردەك پۇل قايتۇرلىدۇ ، 15 كۈن ئىچىدە سۈپەتتىن مەسىلە كۆرۈلسە تېلفۇن ئالماشتۇرۇپ بىرلىدۇ ، بىر يىلغىچە ھەقسىز رىمىنۇت قىلىپ بىرلىدۇ دىگەندەك سۈپەت كاپالەتلىرى مىنى خاتىرجەم قىلدى . توپتوغىرا 19 كۈن بولغاندا تېلفۇننى تاپشۇرۇپ ئالدىم . تېلفۇننىڭ سۈپىتى قارىماققا ئىنتايىن ياخشى ئىدى ، ئالدىراپلا ياخشى باھا بىرىپ 支付宝 دىكى پۇلنى مال ئىگىسىگە تاپشۇرۇشقا قوشۇلدۇم . تېلفۇننى ئىشلىتىپ 10 كۈن بولغاندا چاتاقلىرى سىزىلىشكە باشلىدى ، 30 كۈن بولغاندا تېلفۇن ئۈزلىكىدىن قايتا قوزغۇلۇپ ئېچىلمىدى . ئاچچىقىمدا دەرھال مال ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلاشتىم ، مال ساتقۇچىنىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپ تېلفۇننى قايتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئادىرسىغا ئەۋەتىپ بىرىشىنى ، تەكشۈرگەندىن كىيىن ھەقىقەتەنمۇ مەن ئىنكاس قىلغاندەك سۈپەت مەسىلىسى بولسا ئالماشتۇرۇپ بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . مەنمۇ دەرھال تېلفۇننى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتتىم . بىراق تېلفۇن ئاللىقاچان مال ئىگىسىنىڭ قولىغا تىگىپ بولغان بولسىمۇ ئىزچىل ماڭا تېلفۇننى ئەۋەتمىدى ياكى پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىدى ، تېلفۇن بەرسەم ئالماي يا تورغا چىقماي مىنى بەكمۇ جىلە قىلدى ، ئۈچ كۈن بولغاندا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى بىلدىم . قانداق قىلىش كېرەك ؟ ھېچ ئامال قىلالماي تاۋباۋ تورىنىڭ ماجىرالارنى بىرتەرەپ قىلىش گۇرپىسىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدىم . تاۋباۋ تورىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا ئەگەر مال ساتقۇچى كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا مەجبۇرىي كىسىم قىلىپ مال سېتىۋالغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلەشكە بۇيرۇش ، ئەگەر مال ساتقۇچى تۆلەشكە قوشۇلمىسا تاۋباۋ تورىغا تۆلىگەن ئىستىمالچىلار ھوقوقىنى قوغداش كاپالەت پۇلىدىن مەجبۇرى تۇتىۋىلىپ مال سېتىۋالغۇچىغا قايتۇرۇپ بىرىلىدىكەن . دەرھال تېلفۇن سېتىۋالغان دۇكاننىڭ كاپالەت پۇلىنى تەكشۈردۇم ، ئەپسۇس ئۇ بىر موچەنمۇ تاپشۇرمىغان ئىدى ، نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ ؟ تاۋباۋ دەك يۈكسەك ئىناۋەتكە ئىگە كاتتا شىركەت ئەجابا بۇنداق ئالدامچىلىقلارغا يول قويامدۇ؟ توردىن مۇناسىۋەتلىك ماقالىلارنى كۆردۈم ، تاۋباۋ تورنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى قالدۇرماي كۆرۈپ چىقتىم ، ئەسلىدە تاۋباۋ تورى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن << بىرسى ساختا بولسا ئۈچنى قايتۇرۇش >> ، << يەتتە كۈن ئىچىدە رازى بولمىسا شەرتسىز قايتۇرۇش >>،<<ھەقىيقى مال >> دىگەندەك مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويغان ئىكەن . بۇ مۇلازىمەتلەرنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ھەر بىرىگە ئەڭ ئاز بولغاندا 1000 يۈەن ئەڭ كۆپ بولغاندا 5000 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشقا بۇلىدىكەن ، ئەگەر مال ساتقۇچى ئىختىيار قىلسا كاپالەت پۇلى تاپشۇرمىسىمۇ  بۇلىدكەن .


ئويلاپ قالدىم ، بىزگە لازىمى نىمە ، ھەقىيقى تاۋار ، ساختا ناچار بېسلىپ قالغان ئەخلەتلەر ئەمەس ، نىمىشقا كاپالەت پۇلى نەچچە ئون مىڭ يۈەن بولمايدۇ ، ئەجابا بەش ئالتە مىڭ يۈەنلىك نەرسە سېتىۋىلىپ چاتاق چىقسا كاپالەت پۇلى زىيىنىمىزنى تولدۇرۇشقا يىتەمدۇ ؟ تور سودىسىكى ھەقىيقى كاپالەت قەيەردە؟

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 10:22:02

تور سودىسىدىكى ھەقىقي كاپالەت ساتقۇچىنىڭ يۈرىكىدە .

توردا تېلېفۇن ، كومپىيۇتۇر ئېلىپ قويۇلۇپ كەتكەنلىك توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار تولۇپ يىتىپتۇ ، ھىچ بولمىسا سودا قىلىشتىن بۇرۇن تاۋباۋ تورىنىڭ جۇڭگۇچە تور ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىۋىراق سودا قىلغان بولسىڭىز قارماققا ئىلىنمىغان بولاتتىڭىز .

مۇشۇ مىڭ يۇەن پۇلنى تاپشۇرماق تەس كىلىپ تاس قالىتى تاۋباۋنىڭ ئۇۋىسى چۇۋىلىپ كەتكىلى ، ئون مىڭ دىسە كەم دىگەندە يېرىمى قارمىقىنى يۇغۇشتۇرۇپ كوچىغا چىقىپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ . ھازىرقىدەك بۇنداق مەبلەغ قاتتىق زۆرۈر بولىۋاتقان چاغدا بۇ تاۋباغا ئېغىر زەربە بولىدۇ .

تور سودىسى نازارەت ئاپپىراتلىرىنىڭ بېسىمى بولمىغان بولسا مايۈن بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈنلۈك پۇلنى تېپىپ بىر -بىرىنى قويىۋالغانلارنى كۆمىگەنگە سېلىپ يۈرىۋىرىدۇ . توردىن ئامىرىكىنىڭ تاۋباغا بەرگەن باھالىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ .

تاۋباۋنىڭ ھازىرقى نەتىجىسى دەل مۇشۇ بىر كۆزىنى قىسۋىلىشتىن كەلگەن . لىكىن دىققەت قىلىپ پايدىلانسىڭىز ناھايتى ياخشى تەرەپلىرىنى بايقايسىز ، كۈرمىڭ ئادەم تاۋباۋغا تاينىپ جېنىنى گۈلدەك بېقىپ كىتۋاتىدۇ .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 10:58:55

تاۋباۋدىن كىيىم كېچەك دىگەندەك ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا بۇلىدۇ، ھەرگىز ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى جىڭدوڭ تورىدىن سېتىۋېلىش كېرەك.

bibaris يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 11:02:15

ھازىر تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىش مودىدىن قالدى ,

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 11:34:52

2- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تاۋباۋدىن كىيىم كېچەك دىگەندەك ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا بۇلىدۇ، ھەرگىز ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى جىڭدوڭ تورىدىن سېتىۋېلىش كېرەك.


دۇككاننى تاللىيالىسىڭىز نېمىنى سېتىۋالسىڭىز بولاۋېرىدۇ. مەن تاۋباۋدىن كىيىم-كېچەك، تېلېفون، كومپىيوتېر،باشقا ئۇششاق-چۈششەك ئېلىكتىرون مەھۇلاتلىرى، ھەتتا ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتنىمۇ ئەكەلدۈرۈپ باقتىم. ھازىرغىچە بىرەرسىدىن چاتاق چىقىپ باققىنى يوق.
جىڭدوڭ تورىدىنمۇ ئەكەلدۈرىمەن لېكىن ئۇلارنىڭ بەك تەستە كېلىدۇ، ئادەتتە 20 كۈن ئەتراپىدا ساقلىتىدۇ.


ئالدىنقى ئايدا تاۋباۋدىن سونىينىڭ بىر تېلېفوندىن بىرنى ئالدىم، 5 كۈن ئۆتكەندە مالنى سالدۇق دېدى، ھە دەپ 10 كۈن ساقلىسام يوق، ئالاقىلاشسام خاپا بولما مال باشقىلارنىڭكى بىلەن ئالمىشىپ كېتىپتۇ، پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بېرەيلى دەپ شۇھامان پۇلنى ياندۇرۇپ بەردى، مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەي شۇھامانلا تاۋباۋغا مېنى بىكاردىنبىكارغا 15 كۈن ساقلاتتى دەپ ئەرىزنامىدىن بىرنى يىزىپ تۆلەم تەلەپ قىلدىم، ئەتىسى تاۋباۋنىڭ ئەرىزنى قۇبۇل قلغانلىقى، بىرھەپتە ئىچىدە بىرتەرەپ قىلىمىز دەپ بىر خەت ئەۋەتىپتۇ. راس دېگەندەك 2-كۈنى سودا سوممىسىنىڭ 30% بويىچە 438 كوي تۆلەم تۆلىگۈزدۇق دەپ پۇلنى ھېساۋاتىمغا ئۇرۇپ بەردى.


تاۋباۋدىن مال سېتىۋالغاندا ئامال بار  淘宝商城 دىن سېتىۋالساڭلار ياخشى، باھاسى قىممەترەك بولغان بىلەن سۈپەت، مۇلازىمەت جەھەتتە ياخشى. مەسىلە كۆرۈلسىمۇ تاۋباۋ ناھايىتى تېز بىرتەرەەپ قىلىپ بېرىدۇ.


alshah يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 20:43:08

4- قەۋەتتىكى hanjar01نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تاۋباۋدىن كىيىم كېچەك دىگەندەك ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا بۇلىدۇ، ھەرگىز ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى جىڭدوڭ تورىدىن سېتىۋېلىش كېرەك.

دۇككاننى تاللىيالىسىڭىز نېمىنى سېتىۋالسىڭىز بولاۋېرىدۇ. مەن تاۋباۋدىن كىيىم-كېچەك، تېلېفون، كومپىيوتېر،باشقا ئۇششاق-چۈششەك ئېلىكتىرون مەھۇلاتلىرى، ھەتتا ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتنىمۇ ئەكەلدۈرۈپ باقتىم. ھازىرغىچە بىرەرسىدىن چاتاق چىقىپ باققىنى يوق.   جىڭدوڭ تورىدىنمۇ ئەكەلدۈرىمەن لېكىن ئۇلارنىڭ بەك تەستە كېلىدۇ، ئادەتتە 20 كۈن ئەتراپىدا ساقلىتىدۇ.


ئالدىنقى ئايدا تاۋباۋدىن سونىينىڭ بىر تېلېفوندىن بىرنى ئالدىم، 5 كۈن ئۆتكەندە مالنى سالدۇق دېدى، ھە دەپ 10 كۈن ساقلىسام يوق، ئالاقىلاشسام خاپا بولما مال باشقىلارنىڭكى بىلەن ئالمىشىپ كېتىپتۇ، پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بېرەيلى دەپ شۇھامان پۇلنى ياندۇرۇپ بەردى، مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەي شۇھامانلا تاۋباۋغا مېنى بىكاردىنبىكارغا 15 كۈن ساقلاتتى دەپ ئەرىزنامىدىن بىرنى يىزىپ تۆلەم تەلەپ قىلدىم، ئەتىسى تاۋباۋنىڭ ئەرىزنى قۇبۇل قلغانلىقى، بىرھەپتە ئىچىدە بىرتەرەپ قىلىمىز دەپ بىر خەت ئەۋەتىپتۇ. راس دېگەندەك 2-كۈنى سودا سوممىسىنىڭ 30% بويىچە 438 كوي تۆلەم تۆلىگۈزدۇق دەپ پۇلنى ھېساۋاتىمغا ئۇرۇپ بەردى.


تاۋباۋدىن مال سېتىۋالغاندا ئامال بار  淘宝商城 دىن سېتىۋالساڭلار ياخشى، باھاسى قىممەترەك بولغان بىلەن سۈپەت، مۇلازىمەت جەھەتتە ياخشى. مەسىلە كۆرۈلسىمۇ تاۋباۋ ناھايىتى تېز بىرتەرەەپ قىلىپ بېرىدۇ.






ئىنكاس باھالىغىلى بولغان بولسا ئەلا باھالايتىم، بىزمۇ ھوقۇق مەنپەئەتىمىزنى قوغداشنى ئۈگىنىشىمىز كېرەك.
بەت: [1]
: ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق مەنپەتى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلنىدۇ ؟