ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 22:26:23

كاپالەت خاراكتىرلىك ئۆي ئالغانغا تويدۇم

توۋا  دىدىم ئۆزەمچە تېخې ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان << كاپالەت خاراكتىرلىك ئۆي>> نى ئەرزان ئېلۋالدىم دەپ خوش بولۇپ كىرىلىپ يۇرۇپتىكەنمەن. ئەجەپ توغرا دەپتىكەن كونىلار – ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دەپ . ئۆتكەن يىل قىشقۇ ئۆيلەر يامان  ئەمەس ئىسسىپ قىشنى ساق –سالامەت ئۆتكۈزۋالدۇق.يېڭى ئەمەسمۇ تېخى ،شۇڭا ئىسسىغان ئوخشايدۇ. ئەمما بۇيىل قىشتا پەمىمچە بىزنىڭ بىنادىكى بىرەر ئادەم سوغۇقتىن مۇزلاپ ئۆلۈپ قالدىغاندەك تۇرىدۇ.


سەۋەبى بىنا كونىردى ئىككى يىل بولدى ئەمەسمۇ ئەلۋەتتە كونىرايدىكەن .بۇ دىگەن كاپالەت


خاراكتىرلىك ئۆي تۇرسا . قىش كېلىپ سوغۇق باشلىنىپ ھەيۋىسىنى كۆرسەتكىلى تۇردى. قېيىشقاندەك بىزنىڭ ناھىيە خەلق تۇرمىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ناھىيە بولغاچكا تېخچە ئىسسىقلق بىلەن تەمىللمىدى ، بىزنى بەك باتۇر چاغلىسا كېرەك رەھبەرلىرمىز، شۇنداق قىلىپ ناھىمىزدە توك پارنىڭ باھاسى ئۆسۈپ دۇكانلاردىكى توك پارلار ئىھتىياجنى قاندۇرۇلماي توك پار سودىدىسى قىزىپ كەتتى . مەنمۇ ئايالىمنىڭ قاتتىق ئىتراز بىلدۈرشىگە قەتئىيلىك بىلەن قارشى تۇرۇپ توك بىلەن ئىسسىتىدىغان نەرسىدىن بىرنى ئېلۋاپتىكەنمەن ،شۇ نەرسىنىڭ كچككنە ئىسىقىنىڭ ياردىمىدە بۇ خەتلەرنى يېزىۋاتىمەن . ئەمدى يەنە ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك،تەخمىنەن 15كۈنلەر ئىلگىرى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش باشلىنىپتۇ دىگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ئەمدى خاتىرجەم ئىسسىق ئولتۇرۇپ ئىزدىنىشقا چىقىلايدىغان بوپتىمەن دەپ خوش بولۇپ كىتىپتىمەن تېخى .


ئۆزۈمنىڭ ئۆيىنىڭ سېلىنغىنىغا ئاللا بۇرۇن ئىككى يىل بولغان كونا ئۆي ئىكەنكى خىيالىمغىمۇ كەلمەي كەچتە ئۆيۈم ئىسسىپ كىتىدۇ دەپ خام خيال قىپ كېتىپتىمەن. بىر ھەپتىگىچە ئىسسىقتىن خەۋەرمۇ يوق . چىداپ تۇرالمىدىم مەن گەپ قىلمىسام باشقىلار ھېچ گەپ قىلدىغاندەك ئەمەس ، شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىم رسىمى كېلىپ تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە  تىلفۇن قىلسام    ئۆيۈڭ ئىسسىمىسا ئۆي ئالغان شەھەر قۇرلۇش ئىدارىسىغا دىمەمسەن ؟ ئۆينى بىز ساتتۇقمۇ  دەيدۇ. ھەي ئىسىنىش پۇلىنى سىلەرگەبەرگەندىكىن  سىلەرنى ئىزدىمەي كىمنى ئىزدەيمەن ، سىلەر ئوڭشاپ   بىزنىڭ بىنانى   ئىسىىتمىساڭلار  ئەرىز قىلىمەن  دېسەم قورقۇپمۇ  قالماي   قەيەرگە ئەرىز قىلساڭ   قىل  دەيدۇ. بۇ قاملاشمىدى دەپ ئۇنىڭ گپى بويچە شەھەر قۇرلۇش  ئىدارىسىغا دەيلى  دەپ باشقىلارنىمۇ  تەڭ دىيىشكە ئۈندىسەم باشقىلارنىڭ گېپى   مېنى  ھەيران  قالدۇرۇپ  بۇ  نىيتىمدىن  ياندىم.  چۈنكى  ئۇلارنىڭ  دىيىشچە شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى ئىسىنىش  پۇلىنى كىمگە بەرگەن  بولساڭلار ئۆيۈڭلارنى شۇ ئىسسىتىپ  بېرىدۇ دەپتىمىش،  بۇ ئىشلارنى  ھەل قلىپ  بولغۇچە بىزنىڭ بىنانىڭ ئۆيلىرى  ئىسسىماي  تۇرۇپلا  چوڭ پار  تۇربىسى  يېرلىپ  كېتىپتۇ . ئەمدى  دىمىسەك  بولمىدى دەپ ئالتە ئايالنى ئەگەشتۇرۇپ ناھىمىزدىكى ئەرىز شىكايەت قىلدىغان جايغا بېرىپتىمەن ، ئەرلەردىن  مەنلا  با، بەلكىم  باشقا  ئەرلەر  توڭلىمىسا كېرەك. بارساق يوغان  قۇلۇپ..،ئامال بولماي.ناھىيلىك  ھۆكىمەتكە  باردۇق ئارلىقى بەك  يېقىن  ئىدى.  بىر  مۇئاۋىن  ھاكىم بىزنى  سوغۇقلا قارشى  ئېلىپ بىزنىڭ چىڭ  تۇرۋىلشىمىزدىن ئىشلارنى  بىر  قۇر  ئورۇنلاشتۇرغان بولدى، چۇنك ئۇ كۇنى شەنبە  كۇنى  ئىدى.  باشلىقىمىزمۇ شەنبىدە  ئاۋارە  قىلدى  دەپ  ئويلىدىمۇياكى ئۆزلىرى  ئىسسىق  جايدا ياشاۋاتقاچقىمۇ ئەيتاۋۇر تازا  خوش  بولمدى، بىزلەر  ھەر نىمە  بولمىسۇن  ئۆيلىرىمىز ئىسسىديدىغان  بولدى  دەپ ئۇ  باشلىققا  رەخمەت ەەپ كېلىپ   قارساق كېچىككىنە  تۆشۈك 2 كۈندە ئاران ئېتىلدى.ئالدى ئاخىرى بولۇپ 5كۈندە ئېتىلىپتۇ.  بۇنىڭغىمۇ  شۈكرى دەپ  ئولتاساق ئەتىسلا بىر  بىنا  ئەمەس بىر  قورۇغا سۇ كىردىغان چوڭ تۇربا  يېرلىپ  كېتىپتۇ،  ۋا .. نېمە  بالا  بولدى  ئەمدى  دەپ  چىداپ  ئولتادۇق بۇ چوڭ تۆشۈكمۇ 2كۈندە ئېتىلدى . ئەمدىغۇ ئويلىرىمز ئىسىپ كېتەر دىسەك يەنە ئوخشاش . ئەمدى ئۈمۈد ئۈزۈلدى. ئەمدى ئۆز ئۆيلىرىمىزدە قىشلاپ ئولتۇرالماي باشقا جايدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرساق بولدىغان ياكى مۇزلاپ ئاغرىپ قېلىشنى كۈتۈپ ئولتاساق بولدىغان ئوخشايدۇ. چۈنكى ئىسىنىشقا پۇل تۆلىگەن بېلەن بىزگە ئېگە بولدىغان ئادەم چىقمىدى. ئۆيدىنمۇ قاتتىق رايىم قايتتى .ئەسلىدە ئىككى  يىل  بۇرۇن  ناھىمىزدە  ئۆي  بەك  كەمچىل بولۇپ  تۇنجى قېتىم  ھۆكىمەت تەرپىدىن  سېلىنغان << كاپالەت خاراكتىرلىك ئۆي>> دىن  سېتىۋاپتىكەنمەن ، ئۇ  چاغدا مۇشۇ ئۆيلەرلا  سېلىنغانتى، ئەمما ئىككى  يىلدىن  بۇيان  ئۆيلەر  بەك  كۆپ  سېلىندى،خېلى ياخشى ئۆيلەرمۇ  سېلىندى.  لېكىن  ئۆي ئەپ بولاپتىكەنمەن . ھازىر تۇرقمىزمانا شۇ. تىترەپ ئولتۇرىمىز ،  باشقا  ئاغىنىللرىمنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بەك  ئىسسىپ  كەتكەنلىكى كەچلىرى ئۇخلىيالماي نەچچە قېتىم   ئورنىدىن  تۇرۇپ سوغۇق چاي ئىچىدىغانلىقى توغرىسىدىكى گەپلىرىنى  خىيال  قىلىپ مۇزلاپ ئولتۇرمىز . كاپالەت خاراكتىرلىك ئۆي ئالغانغا  تويدۇم .

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 10:00:52

ھۆكۈمەت خادىملىرى ئارىلاشقان مەھسۇلات ئاشتاق سۈپەتسىز چىقىدۇ، ھۆكۈمەت ئەڭ ياخشىسى باشقىلارغا تاشلاپ بېرىپ، نازارەت قىلغىنى ياخشى.


نەچچە يىل بۇرۇن مۇشۇنداق تۆۋەن كاپالەتلىك ئۆيلەرنىڭ ئازراق ئىشىنى قىلغان، قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ تامغا باسقان ھۆججىتىدە (بىر تېلى 90 يۈەنلىك) ياخشى ماتېرىيالنى ئىشلىتىش كېرەكلىكى يېزىلغانىدى، ئەمما بىزگە ئىش بۇيرۇتقۇچى ئەڭ ئەرزان (بىر تېلى 25 يۈەنلىك) نى ئىشلىتىشنى بۇيرۇدى، ھەم ئورنىتىشتىن بۇرۇن، ماتېرىيالنىڭ ماركىسىنى سۇيۇپ تاشلاشنى ئېيتتى. بىز ھۈنەرۋەن بولغانكىن، خېرىدارنىڭ تەلىپى بويىچە قىلدۇق.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 10:53:14

ئاۋال بىرەر  سىكىرتانى ئىزدەپ بېقىڭ ،ئۇمۇ ساقىلىغا تۈكۈرسە دەرىجە ئاتلايمەن ،يا بولمىسا ھۆكۈمەتتىن ئىسسىق ئىشخانا بەر كۈدە كۆرپەمنى يۆتكەپ كىلەي  ..دەپ قورقاق سېلىپ باقامسىز يا ...

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 11:10:40

پار تۇربىسىدا ئىلمان بولسىمۇ سۇ بار بولسا ، كىلەر يىلى چىداپ ئۇ باشتىن بۇ باشقىچە پار قويىلى ، ناھايتى بىر قىش توك پار ياققاننىڭ پۇلىغا كىلىدۇ ، خېلى ئوبدان ئىسسيدىغان بولىدۇ .

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 13:45:58

بۇرادەر شۇكرى قىلىڭ مەنمۇ شۇنداق كاپالەتلىك ئۆيدىن ئالغان

ئالغاندىمۇ تازا 5-قەۋەتتىن ئالغان ئالغىلى 3 يىل بولدى تىخىچە پار تۇربىسى ياتقۇزۇلمىدى

بەلكىم ئۆينى قانداق ئىسسىتقانسىلە دەپ ئويلىغانسىز

باشتا گازبىلەن ئىسسىيدىغان تام مەش ئالىمىز دەپ ئويلىغان لىكىن بىرقوشنىمىز ئىلىپ ئۆيىنى ئىستالماي بەكلا قاقشاپ كەتتى

سەۋەبى گازنىڭ بىسىمى ئىنتايىن تۆۋەن تاماق ئىتىشمۇ بىرمەسىلە

قانداق قىلىش كىرەك توك بىلەن ئىستىلى دىسەك بىزنىڭ تۆۋەنكى قەۋۋەتتە ئولتۇرغان قوشىنىمىزنىڭ سىم يولى كۆيۇپ كىتىپ بىرمۇنچە پۇلغا

رىمىنوت قىلدۇردى ئاخىرى 5-قەۋەتكە مەش قويدۇق ئۆتكەن يىلى بىرئەر-خوتۇن مۇشۇ كۆمۇرگازىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى

بۇيىل بىنانىڭ ئالدىدىن چوڭ بىر پار تۇربىسى ياتقۇزغىلى تۇرۇپتى ھەنىم بولسا بۇيىل پار بىرىلىدىغان بولدى دەپ خوش بولساق

ئۇنى بىزگە ئەكەلمەي يىنىمىزدىكى ھۆكىمەت بىناسىغا ئەكىرىپ كەتتى بىزدەك پۇقرالار نىمىگە ھىساپ

بەزىلىرىڭلار دەيسىلەر ھەقاچان بىكارلىق بىنا ئۆي بەرسە نىمىگە مۇنچە كوتۇلدايسەن دەپ

بىكارلىق مۇشۇك ئاپتاپقا چىقامدۇ ھازىر بۇرۇنقى چوڭ قورو ئۆيىمىزنى چىقىۋىتىپ ئاندىن مۇش 50 كۇۋادىرات مىتىرلىق ئويدىن بىرنى بەردى

خوتۇن بىلەن ئىككەيلەن ئولتۇرمىز ئانامغا باشقا يەردىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ بەردۇق

شۇڭا شۇكرى دەڭلا

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 14:42:10

مەن شۇكىرى قىلىپ ئولتۇرۇشقا قاتتىق قارشى .

ئەرزىيەت ئىشخانىسى چوقۇم ئىسسىق ، يوتقان -كۆپىنى ئېلىپ بېرىپ ھەپتە كۈن ياتساڭلا بىر تەرەپ بولىدۇ .

ئەگەر ئۇنچىلىك جۇرئەت بولمىسا ئازىراق كويچەنگە چىداپ ياخشىراق مىس توك سىم ئېلىپ كىلىپ بىنانىڭ 2-قەۋىتىكى توك ساندۇقىدىن ئايرىم سىم تارتىپ چىقىپ (توك سائىتىدىن ئۆتكۈزۈپ) مەخسۇس توك پار چاتساڭلار ھىچقانداق سىم كۆيمەيدۇ .

چوڭ قورۇ ئوينى چاققىچە چىڭ تۇرمىغانلىقتىن كىلىۋاتقان دەرت بۇ .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 14:44:55

كىشىلەرنىڭ قورو جايلىرىدىن كېچىپ بىنا ئۆيگە چىقىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى مۇشۇ ئوت قالىمىسىمۇ ئۆزى ئىسسىيدىغان پار ئىدى... ھەي ...



بۇ دەرىتنى تېخى ئۆيسىز قالغان نەۋرىلەر تارتىدۇ.

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 16:00:03

2- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋال بىرەر  سىكىرتانى ئىزدەپ بېقىڭ ،ئۇمۇ ساقىلىغا تۈكۈرسە دەرىجە ئاتلايمەن ،يا بولمىسا ھۆكۈمەتتىن ئىسسىق ئىشخانا بەر كۈدە كۆرپەمنى يۆتكەپ كىلەي  ..دەپ قورقاق سېلىپ باقامسىز يا ...

دەل سىز دىگەندەك دپمۇ باقتۇق . ھېلقى كۈنى مۇئاۋىن ھاكىملا يالغۇز باركەندۇق . مەن دېدىم ئۇ ھاكىمغا : سىلەرنىڭ بۇ ئىشخاناڭلار خېلى ئىسسىقكەن مەنمۇ بالامنى ئېلىپ كەلدىم ئاينا دەپ ماشىنا ئىچىدىكى تۆت ياشلىق قىزىمنى كۆرسەتتىم .چۈنكى ئانىسى ئىشقا چقىپ كەتكەن بولۇپ قارايدىغان مەندىن باشقا ئادەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئامالسىزبىرگەئېلۋالغان ئىدىم. يەنە بىر ئايالمۇ بالىسىنى ئېلۋالغان ئىكەن ئۇئايالمۇ بارسىغا قارايدىغان ئادەم يوق ئامالسىز لىقتىن ئېلۋالغان . ئەمما ئۇ باشلىق قورقۇپ قالمىدى. ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولدى.ئەمما يەنىلا ئوڭشالمىدى. پار يوقمقكى دىسە با، بارمىكى دىسە يوق. ھەي سوغۇق...بۇگۈن ئەتىگەن تېخې قىزىق .ئوڭشايدىغانلارغا تىلفۇن قىلساق كېلىپلا تۇربا يولى ئىتەككەن دەپلا ئوچۇق تۇربىنى ئېتىپ قوياۋاتىدۇ. ھەي ئوچۇق ئىدى ئېتىلىپ قالدى دىسەك مەن بىلىمەنمۇ سەنمۇ ؟ دەيدۇ. يەنە تېخې سەن بىلگەنندىكىن بىزگە تىلفۇن قىلماي ئۆزۈڭ ئوڭشىساڭ بولمامدۇ دەيدۇ . راس دىگگندەك 10مىنۇتتىلا تېخىڭمۇ سوغۇق بوپ كەتتى . يەنە چۈشۈپ ئېچىپ قويسام .ئاندىن ئازراق ئىسسىدى.

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 16:07:24


2- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋال بىرەر  سىكىرتانى ئىزدەپ بېقىڭ ،ئۇمۇ ساقىلىغا تۈكۈرسە دەرىجە ئاتلايمەن ،يا بولمىسا ھۆكۈمەتتىن ئىسسىق ئىشخانا بەر كۈدە كۆرپەمنى يۆتكەپ كىلەي  ..دەپ قورقاق سېلىپ باقامسىز يا ...


ئىزدىدىم . ئىزدىسىڭىز باشلىقلىرىمىز ياق دىمەيدىكەن مۇناسىۋەتلىكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇدىكەن. ئۇلار كېلىپ ئوچۇق يارنى ئېتىپ قويۇپلا كېتىدىكەن تېخې. يەنە دىسىڭىز يەنە ئورۇنلاشتۇردىكەن .ئەمما ئەھۋال ياخشىلانمايدىكەن . دەۋىرىپئۇلار زىرىكمىدى مەن زىرىكتىم


ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 16:11:31

بىر مۇنچە ئىملا خاتالىقى بار يا؟ بۇندىن كيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن. \"\"

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 20:15:27

ھەي ئادىشوي، ما جىرگەنلىك ئۆيى بەك سەت ئىسسىپ كەتتى، چىقساڭ بولمامدا  {:90:}

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 20:17:13

ئاران بىر كەلگەن، بىر كېچە ئىسسىق ئۇخلايدىغان جىرگەنلىك پۇرسىتىدىن ئۆزەڭ ۋاز كېچىپ، ئورنۇڭغا مەن تۇرۇۋاتىمەن مانا \"\" يا ما ئىسسىقتىن ئازراق ئەۋەتكىلى بولمىدى \"\"

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 21:29:36


11- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاران بىر كەلگەن، بىر كېچە ئىسسىق ئۇخلايدىغان جىرگەنلىك پۇرسىتىدىن ئۆزەڭ ۋاز كېچىپ، ئورنۇڭغا مەن تۇرۇۋاتىمەن مانا \"\" يا ما ئىسسىقتىن ئازراق ئەۋەتكىلى بولمىدى \"\"



ئۇ يەردە ياتقاندىن ماشىنا ئىچىدە يېتىشنىڭ مىڭ ئەۋزەللىكنى  ئوبدان  بىلسەن ھەقچان مەن  دىمىسەممۇ.




nur يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 22:50:49

مەنمۇ كەسىپ ئىھتىياجى تۈپەيلى ئىجارە ئولتۇرغان ئاشۇنداق ئۆيدە،بىرىنجى يىلى شۇنداق ياخشى،كىيىنكى يىللىرى پار تۇربىلىرى ، سۇ تۇربىلىرى يىرىلىپ ئارام بەرمىدى.ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ تۇرسام يىڭىدىن كەلگەن دادۇي ساقچىلىرى دىگەن ئاداشلار گىلەم سالغان ئۆيۈمگە سىسىق چورۇقلىرى بىلەن كىرىپ دەسسەپ،ھەپتىدە بىر ئۆي ئاقتۇرۇپ ئارام بەرمەي ئاخىرى شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى ئىگىز بىنادىن بىر ئۆينى ئىجارە قىلىۋالدىم،ئۆيمۇ شۇنداق ياخشى،نەدىن كەلدىڭ،نەدە تۇردۇڭ دەيدىغان پاششاپ بەگلەردىن قۇتۇلدۇم...

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2012-12-9 00:02:25

ئىراندىن كىرگۈزگەن گاز يىقىلغۇ قىلىدىغان(تەبىئى گاز بولسىمۇ،سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بولسىمۇ بولىدۇ)مەشتىن بىرنى ئىلىڭ.

بىخەتەر:(ئوت ئۆچۈپ قالسا گاز چىقىپ كەتمەيدۇ).گاز ئوچاقنىڭ ئوتىنى تەڭشىگەندەك،چوڭ-كىچىك قىلالايسىز.(ئۆينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ).

چوڭلۇقى:(1كۇۋادىرات مىتىردىن چوڭراق.كەڭلىكى 30 سانتا.ئۇنىڭدىن چوڭى بولىشىمۇ مومكىن).

كۆيگەن گاز كاناي ئارقىلىق چىقىپ كىتىدۇ.مەشكە ئىشلەتكەن كاناي چۈشىۋىرىدۇ.

ئۆيىڭىزنىڭ چوڭلۇقى 60 دىن 100 كۇۋادىرات مىتىر ئەتراپىدا بولسا دەلىزگە قويسىڭىز ھەممە ئۆيىڭىز ئىسسىيدۇ.

باھاسى:1200دىن1500 گىچە بولۇشى مومكىن.(باھاسى ئۆسمىگەن بولسا).مەن 1500 گە ئالغان.

ئادرىسى:قەشقەر يىڭى بازار، ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنلىرى كوچىسدا.دۇكاننىڭ ئىنىق ئىسمىنى بىلمەيمەن.سورىسىڭىز تاپالايسىز.

ماركىسى:شارق توس.(پارىسچە خەت).

مەنمۇ پارنىڭ خاپىلىقىنى تولا كۆرەپ،يىقىندا مۇشۇ گاز مەشتىن بىرنى ئالغان.رازى بولدۇم.

خەلىققە ھەقىقى كۆيۈنىدىغان باشلىقلار چىققىچە مۇشۇنى ئىشلىتىپ تۇراسىز.‹‹بەلكىم خىلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىپ قىلىشىڭىز مومكىن››.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-12-9 05:51:40

\"\"http://news.qq.com/a/20121208/000745.htm#p=3

yexilbulut يوللانغان ۋاقتى 2012-12-9 13:07:06

ئۆي ئىسسىمىسا ئۆينى سالغان شىركەت مەسئۇل بولاتتىغۇ؟..قۇرۇلۇش شىركەتلىرى ئۆزىمۇ شۇنداق دەيدۇ پارنى چىڭ تۇتمىساق كېيىن ئۆيى ئىسسىمىسا ئۆي ئىگىلىرى ئەرىز قىلىدۇ دەپ..يا بولمىسا ئەينى چاغدا قۇرلۇش قىلغاندا نازارەت قىلغان شىركەتنى ئىزدەپ باقسا ئازراق پايدىسى بولامدىكىن...

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 07:36:38

ئۆينى ئالغاندا ئۇ ھاكىم، ئۇ باشلىقلارغا خۇشامەت قىلىپ، نەرسە سوۋغا قىلىپ تەستىقلىتىپ يالۋۇرۇپ ئالغاندىكىن خوپ بوپتۇ. ئەمدى ئۆي ئىسسىمىسا قانداق قىلغۇلۇق.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 08:58:43

قۇتقۇزۇش ئۆيى شۇمۇ؟


پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەركەك، قۇتقۇزۇش ياردىمى بىلەن جان ئۆتۈۋېتىپسىزدە؟


تاپانچىنى كۆتۈرۈپ ئىزدىنىشتە يۈرگۈچە مەدىكارلىق قىلسىڭىزمۇ ئۆزىڭىز ئۆي ئالالاتىڭىز؟ ھېچ بولمىسا ئىجارە ئۆيدە بولسىمۇ ئولتۇرالاتىڭىز؟

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 09:01:05

17- قەۋەتتىكى alimjan15نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆينى ئالغاندا ئۇ ھاكىم، ئۇ باشلىقلارغا خۇشامەت قىلىپ، نەرسە سوۋغا قىلىپ تەستىقلىتىپ يالۋۇرۇپ ئالغاندىكىن خوپ بوپتۇ. ئەمدى ئۆي ئىسسىمىسا قانداق قىلغۇلۇق.

شۇ ئەمەسمۇ. ئوقۇڭ دېسە تۈزۈك ئوقۇمىغان، ھۈنەر ئۆگەن دېسە خوشياقمىغان، ماۋۇ ئىشنى قىل پۇل بېرەي دېسە «مائاشىم (باردىباۋ پۇلىنى دېمەكچى) » دەپ ياراتمىغان.
بەت: [1] 2
: كاپالەت خاراكتىرلىك ئۆي ئالغانغا تويدۇم