قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى[كۆچۈرۈلمە]
قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى
ئالىم ئەھەد
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]
«ئۇيغۇر تىلى» مەن ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئاجايىپ بىر سېھرىي كۈچكە تولغان تىل، چۈنكى مەن بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر نەزەرىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز كەسپىم بولغان «ھېسابلاش ماتېماتىكىسى» بويىچە بۇ تىلدىكى ھەرپلەر، بوغۇملار، سۆزلەر، كىشى ئىسىملىرى،…قاتارلىقلارنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ باققان ئىدىم.
نەچچە كۈن ئىلگىرى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تاماملاش ئالدىدا، تەكرارلىقى ئەڭ يۇقىرى سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى 251 مىڭ سۆز ئارىسىدىن يەنە «ئۇيغۇر تىلى»غا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھېسابلاشلارنى قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك قىزىقارلىق نەتىجىگە يەنە ئېرىشتىم. بۇنى مەن 10 يىل بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ھېسابلاپ كۆرگەن، بۇ قېتىمقىسى ئەڭ يېڭى مەلۇماتتىن خۇلاسىلەندى. ئاران 31 ھەرپ تۇرىدۇ، ئالىم مۇئەللىم بىر ھەرپنى چۈشۈرۈپ قويدىمۇ-نېمە؟ بۇ ھەرپ قايسىدۇ؟ سىز تاپالامسىز؟
ئۇيغۇر تىلىدا «ت»، «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئەڭ كۆپ، ئۇنداقتا 3-ئورۇندا تۇرىدىغنى قايسى؟ ئۇنىڭ كەينىدىكىچۇ؟ ئۇنداقتا بۇ جەدۋەلنى كۆرۈپ بېقىڭ.
نېمە ئۈچۈن «ت»، ئاندىن «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنىنىڭ ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟ ناۋادا سىزگە سۆز ئويۇنى توقۇشقا بۇيرۇلسا، سىز ئەمدى قايسى ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى توقۇپ باقماقچى، باشقا تىلدا بۇنداق ئالاھىدىلىك ئاز تېپىلىدۇ جۇمۇ، ئىنگلىز تىلىدا مۇشۇنداق ئىش بارمىدۇ؟
مەسىلەن: «ت» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
تۇرسۇن توختى تۇرپاندا تاۋۇز تېرىدى، تومۇزدا تاۋۇز تاتلىق تەمگە تولدى. تۇرسۇن توختى تاۋۇزلار تارىمدىكى تاغىسى توختى تۇرسۇنغا تىراكتوردا توشۇدى.
يەنە مەسىلەن: «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
قىمار قەبىھ قىلمىشتۇر، قىماۋازلارنىڭ قىلمىشى قەتئىي قاملاشمىغاندۇر. قېرىندارشلار! قىماۋازلارنى قاچۇرۋەتمەي قانۇن قامچىسىدا قاتتىق قامچىلايلى.
يۇقىرىدا ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلار ۋە سان-سىفىرلارنى كۆرۈپ چارچاپمۇ قالغانسىلەر، شۇڭا ئازىراق چاقچاقمۇ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ، راست دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئۇيغۇر تىلىدا «ئا» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئىچىدە گۈزەل، يېقىملىق سۆزلەر كۆپ ئىكەن.
مەسىلەن: ئاللاھ، ئاسمان، ئالەم، ئاي، ئادەم، ئاتا، ئاپا، ئانا، ئاچا، ئاكا، ئالىم (چاقچاق)،
سىز يەنە داۋاملىق تاپالىسىڭىز، ئىنكاس يېزىپ داۋاملاشتۇرۇڭ، مەرھەمەت.
ئەمما «ج» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئىچىدە قوپال، يېقىمسىز سۆزلەر كۆپ ئىكەن.
مەسىلەن: جاھانگىر، جىنايەت، جەرىمانە، جاپاكەش، جىنازا، جازا، جەبرائىل، جەھەننەم،…
بۇنداق سۆزلەرنى سىز يەنە تاپالامسىز؟ ئۇنداقتا ئىنكاس يېزىپ داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭ.
مەنبە : ئالىم ئەھەد بلوگى
http://www.alimahat.com/?p=2181
بۇ يازمىنى كۆچۈرۈپ كەلمەي دېسەممۇ بەك كۆچۈرگۈم كېلىپ ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم . ئالىم مۇئەللىم كەچۈرۋېتەرسىز!!!!!
خاتالاشمىسام ج ھەرىپى قەدىمى تۈركچىدە يوقمۇ دەيمەن ئىشقىلىپ ئىنىق يادىمدا قالماپتۇ، بىراق تىلىمىزدىكى ج دىن باشلانغان سۆزلەر ئاساسەن پارىسچە، ئەرەپچە، خەنزۇچىدىن قوبۇل قىلغان سۆزلەر، تۈرك جەمىيتىدە بولمىغان كەسىپ ناملىرى، ئىسىملار، دىنى ئاتالغۇلار بىلەن كۆپرەك ئالاقىسى بار سۆزلەر.
3- قەۋەتتىكى digharنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جەبرائىل دىگەن سۆز قۇلىقىڭىزغا يېقىمسىز، قوپال ئاڭلىنامدىكەن؟!!!
.................................
ئويلانمايلا يېزىلىپ قالغاندۇ بەلكىم.
4- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خاتالاشمىسام ج ھەرىپى قەدىمى تۈركچىدە يوقمۇ دەيمەن ئىشقىلىپ ئىنىق يادىمدا قالماپتۇ، بىراق تىلىمىزدىكى ج دىن باشلانغان سۆزلەر ئاساسەن پارىسچە، ئەرەپچە، خەنزۇچىدىن قوبۇل قىلغان سۆزلەر، تۈرك جەمىيتىدە بولمىغان كەسىپ ناملىرى، ئىسىملار، دىنى ئاتالغۇلار بىلەن كۆپرەك ئالاقىسى بار سۆزلەر.
@tepekkurchi@
كۆك تۈركچىدە »ج، ف، غ، ھ، ژ،
ۋ« تاۋۇشلىرى كۆرۈلمەيدۇ. » د، گ، ل، م، ن، ڭ، پ، ر، ش، ز« تاۋۇشلىرى بىر قانچە
ئىستىسناسى سىرتىدا سۆز بېشىدا كۆرۈلمەيدۇ. بۇ يەردە كۆرۈلمىگەن »ڭ« تاۋۇشى پۈتۈن
ئالتاي تىللىرىدا سۆز بېشىدا كۆرۈلمەيدۇ.
paltahunنىڭ تېمىسىدىن نەقىلتوغرا ئۇيغۇرچىدا ڭ ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆز يوق ئىدى. ئەممازە مېنىڭ ئوغلۇم بىر سۆز ئىجات قىلىۋەتتى.
قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى
ئالىم ئەھەد
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]«ئۇيغۇر تىلى» مەن ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئاجايىپ بىر سېھرىي كۈچكە تولغان تىل، چۈنكى مەن بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر نەزەرىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز كەسپىم بولغان «ھېسابلاش ماتېماتىكىسى» بويىچە بۇ تىلدىكى ھەرپلەر، بوغۇملار، سۆزلەر، كىشى ئىسىملىرى،…قاتارلىقلارنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ باققان ئىدىم.
نەچچە كۈن ئىلگىرى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تاماملاش ئالدىدا، تەكرارلىقى ئەڭ يۇقىرى سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى 251 مىڭ سۆز ئارىسىدىن يەنە «ئۇيغۇر تىلى»غا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھېسابلاشلارنى قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك قىزىقارلىق نەتىجىگە يەنە ئېرىشتىم. بۇنى مەن 10 يىل بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ھېسابلاپ كۆرگەن، بۇ قېتىمقىسى ئەڭ يېڭى مەلۇماتتىن خۇلاسىلەندى. ئاران 31 ھەرپ تۇرىدۇ، ئالىم مۇئەللىم بىر ھەرپنى چۈشۈرۈپ قويدىمۇ-نېمە؟ بۇ ھەرپ قايسىدۇ؟ سىز تاپالامسىز؟
چۈشۈپ قالغان يەنە بىرسى ئەلۋەتتە «ڭ» ھەرپى بولىۇدە؟
مەن ئۇيغۇرچە ساۋادىمنى چىقارغىلى 15~16 يىل بوپ قالدى، ھازىرغىچە «ڭ» ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆز يازالماي قىينىلىپ كىتىپ بارىمەن.....
ئۇ كىچىكىدە دائىم ياڭاق دىگەننى دىيەلمەي ڭاڭاق دەيتتى ئەمەسمۇ. ج ھەرىپىدىكى يېقىملىق سۆزلەر :
جەننەت ، جىبرىئىل ، جۇلا ، جۇشقۇن ، جۈمە ، جەمىلە ، توڭلىغاندا جۇۋا ، ياغ تارتىدىغان جۇۋاز ، جەرەن ، جۈزە ،
ئا ھەرىپىدىكى قۇلاققا يېقىمسىز سۆزلەر :
ئالدامچى ، ئاخماق ، ئالغاي ،؟؟؟؟؟؟؟؟، بەزى كىتابلاردا « ل » دىن باشلانغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى كىرمە سۆزلەر دېيىلدىكەن. مەن بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالدىم.
سىلەرچە شۇنداقمۇ؟ ماۋۇ تېمىغا قىززىقىپ قالدىم ، خەتچۈك سېلىپ قوياي