AlghaBiz يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 14:44:20

«2-ئەۋلات ئالغا يان كومپيۇتېرى» بازارغا سېلىندى

ئالغا يان كومپيۇتېرى بازارغا سېلىندى




تورداشلار ئالدى بىلەن كۆرۈنىشلىرىدىن ھوزۇرلانغاي


1-رەسىم




















بۇ رەسىملەر لاھىيەلەنگەن ئۈنۈم رەسىم بولماستىن، ئېكراندىن تۇققان رەسىملەردۇر.





ئالغا ئېلېكترون پەن- تېخنىكا شىركىتى «1-ئەۋلاد  ئالغا يان كومپيۇتېرى»نى بازارغا سالغاندىن كېيىن، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىقى، ئىشلىتىشچانلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن سېتىۋالغان ھەر-بىر كىشىنىڭ رازىلىقىنى كەلتۈرگەن ئىدى. بىز يەنىمۇ  زو تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، 1-ئەۋلاد ئاساسىدا قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ «2-ئەۋلاد ئالغا يان كومپيۇتېرى»نى رەسمىي بازارغا سالدۇق. 2- ئەۋلاد ئالغا يان كومپيۇتېرى بازارغا سېلىنغان 1 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، سېزىمچانلىقىنىڭ ياخشىلىقى، ئىجرا بولۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى بىلەن سېتىۋالغان ھەربىر ئادەمنى ئۆزىگە رام قىلىپ، ئۇلارنىڭ ناھايىتى ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. شىركەت ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلغان بولۇپ قىزىتقۇچىلار شىركەت تور بېتىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرسە بولىدۇ.

«2- ئەۋلاد ئالغا يان كومپيۇتېرى»نىڭ ئاساسلىق يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرى

«2- ئەۋلاد ئالغا يان كومپيۇتېرى» غا Android 4.0.4 مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ھازىر Android4.1 سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، سىناش تاماملانغاندىن كېيىن ئىشلەتكۈچىلەر 4.1 گە كۆتۈرۈپ ئىشلىتەلەيدۇ. مەشغۇلات تىلى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە، ئەرەبچە، رۇسچە، ياپونچە، فرانسۇزچە قاتارلىق 8 خىل تىلنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. Word, Excel,Powerpoint قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر Office 2003 ۋە 2007 ھۆجەتلىرىنى قۇرۇش، تەھرىرلەش مەشغۇلاتىنى قىلالايدۇ. AVI،MP4، RM، RMVB ،MOV ،MKV ،DAT ،FLV  قاتارلىق فورماتتىكى سىن ھۆججىتىنى، PDF ،WORD ،HTML ،TXT، CHM قاتارلىق فورماتتىكى ئېلكىتابلارنى، JPG، BMP، JPEG، GIF فورماتتىكى سۈرەت ھۆججىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ.

تىل ئۆگەنگۈچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىزچە»، «ھەمراھ»، «3 تىللىق لۇغەت» «ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى» قاتارلىق ئەپلەر قاچىلانغان بولۇپ، تىل ئۆگىنىش ۋە باشقا ئۆگىنىشلەردە ئەڭ ياراملىق ياردەمچى بولالايدۇ. يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار شىركەت تور بېكىتىدە بار.  ئومۇمەن ئېيتقاندا يۇمشاق دېتالنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شىركىتىمىزمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى يۇمشاق دېتاللارنى تەمىنلەپ تۇرىدۇ.

«2- ئەۋلاد ئالغا يان كومپيۇتېرى»نىڭ ئاساسلىق قاتتىق دېتال ئۇچۇرلىرى

مەھسۇلات ئىسمى: 2-ئەۋلاد ئالغا يان كومپيۇتېرى

مەھسۇلات تىپى: Algha Tab A718

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: Cortex1.2Gz

ئىچكى ساقلىغۇچ: 1GB DDR3

ئېكران چوڭلۇقى: يەتتە دىيۇيم

ھۆججەت ساقلىغۇچ سىغىمى: 8GB

توكدان: 3200mAh

كامېرا: ئۈچ مىليون پىكسېل

مەشغۇلات سىستېمىسى: Android4.0.4

مەشغۇلات تىلى: ئۇيغۇرچە (كۆپ تىللىق)

چوڭلۇقى: 193mm x 116mm x 11mm



ئېغىرلىقى: 325g





باھاسى : 880 يۈەن خەلق پۇلى                         ئىگە تەرەپ تور بېكىتى HTTP://WWW.ALGHA.BIZ

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 15:13:27

باھاسى قانچە پۇلدۇ .


http://bbs.huanqiu.com/thread-2285334-1-1.html

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 15:30:57

880 يۇەن كەن كۆرمىدىڭىزما ؟

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 16:14:17

ئەمدى كۆردۈم .

SalamMawjushi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 16:55:16

ئالما دۇكىنىدا ماۋجۇشى ھەققىدە بىر ئەپ باركەن ، مۇمكىن بولسا ماۋجۇشىغا روھىنى ئۇنتۇمىغان ئەزمەتلەرنىڭ ، ئەنجۈرگىمۇ شۇنداق ئەپ ئىشلەپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 18:46:13

يۇقۇرىدىكى يولداشقا : ماۋجۇشىغا ئاتاپ بىرنى ئېلىپ بېيجىڭغا ئاپرىپ يوقلاپ كېلەمسىز يا ئۇكام .

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 19:43:50

4- قەۋەتتىكى SalamMawjushiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالما دۇكىنىدا ماۋجۇشى ھەققىدە بىر ئەپ باركەن ، مۇمكىن بولسا ماۋجۇشىغا روھىنى ئۇنتۇمىغان ئەزمەتلەرنىڭ ، ئەنجۈرگىمۇ شۇنداق ئەپ ئىشلەپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .



ۋاپادارلىقىڭىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن شۇ ئەپنى سىز ياساپ قويسىڭىز بولمامتى...قوڭامدا ئىشتان يوق ئېتىم مارجان بۈۋى دەپ كۈندە غەلۋە قىلىپ يۈرگۈچە....

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 20:37:27

ئاۋۇ ئاداشنى ئۆلگەندە ،،ماۋجۇشىنىڭ ئايغىغا دەپنە قىلايلى جامائەت ،،مەن بەك تەسىرلىنىپ كەتتىم ! \"\"

fisherman يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 20:53:52

ئى ئېدىشنىڭ ئىنكاسىنى كۆسەم ئىچىم پۇشىدىغان بوپ قالدى. \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 21:28:31

گوگىلنىڭ ھەقسىز ئاندىرويىد سىستېمىسى نۇرغۇن ياساش كارخانىلىرىغا ۋە ۋاكالىتەن ياساتقۇچى كارخانىلارغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات ئارىلاشما ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي مەھسۇلات سۈپىتىدە قارىلىدۇ.



تېما يوللىغۇچىغا تەكلىپ، مەھسۇلات ئېكرانىنىلا ئەمەس، مەھسۇلاتنىڭ ئۆز رەسىمىنىمۇ يوللاشنى ئۇنتۇماڭ.. بولسا تەقلىدىي رەسىمنى ئەمەس، بولسا يورۇق نۇر ئاستىدا پاكىز تەگ رەخت ئۈستىگە قويۇپ تارتىلغان ھەقىقىي بۇيۇم سۈرىتىنى يوللىساڭلار، خېرىدارلارغا تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇر بېرىشكە بولىدۇ.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 22:01:13

7- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋۇ ئاداشنى ئۆلگەندە ،،ماۋجۇشىنىڭ ئايغىغا دەپنە قىلايلى جامائەت ،،مەن بەك تەسىرلىنىپ كەتتىم ! \"\"


نېمىشقا ئۇنىڭ ئۆلۇشىنى ساقالاپ تۇرىمىز ، تىرىكلا تۇتۇپ ئاپىرىپ ، ماۋ رەئىسنىڭ يىنىغا كۆمۇپلا قويساق ئىش تۇگىمەمدۇ







1- پىقىر ئۆتمۇشتە ، ھازىرمۇ ، كەلگۇسىدىمۇ بۇ تىمىنىڭ يازما ئاپتۇرىنى تونۇمايدۇ ، ھەم ئاپتۇر بىلەن ھىچقانداق پايدا زىيان ، مەنپەئەت توقۇنۇشۇم يوق ، ئىنكاسىمدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى (قىستۇرما رەسىم ، خەت ، ھەرىپ ، بەلگە ، ئۈن -سىن ماتىرياللىرى ) ئىنتىرنىت تورىدىن كۆچۇرۇپ ئەكەلگەن ، كۆچۇرۇلگەن مەزمۇننى پىقىر تولۇق ياكى قىسمەن چۇشەنمەيدۇ (ئىنكاس مەزمۇنىنى چۇشىنىش ، ئوقۇش ، مۇلاھىزە قىلىش ، خۇلاسە چىقىرىش ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يوق ).

2- يازما ئاپتۇرىنڭ يازغان مەزمۇنى پىقىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، پىقىر پەقەت «تېما كۆرۇپ ئىنكاس يىزىش شەرەپ ، ئۆزگىمۇ ،ئۆزگىگىمۇ مەنپەئەت يەتكۇزۇش » مەقسىتى بويىچە «ئېشىشنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ئىچكى ئىھتىياجىنى كىڭەيتىپ ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ، خەلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ،ئىلمىي تەرەققىي قىلىپ ، ئىناق جەمىيەت قۇرۇش » پىرىنسىپى بويىچە ئىنكاس يېزىپ ، مۇنبەر دەرىجەمنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدىم .

3- پىقىرنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى پەقەت كومپىيۇتىرنىڭ كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ۋە باشقا قىسىملىرىنىڭ ئېلېكتىرلىق ، ئوپتىكىلىق، مىخانىكىلىق ئقتىدارلىرىنى سىناش ئۇچۇن ، بۇ ھەرگىزمۇ پىقىرنىڭ بۇ يازمىغا بولغان تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا بولغان قوشۇلۇشى ياكى قارشى تۇرۇشىنى ئىپادىلىمەيدۇ .

4- تۇمۇشتا خەۋىپ خەتەر كۆپ ، پىقىرنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى ھىچقانداق بىر ئوقۇرمەننىڭ ياشاش ئۇسۇلى ، خىزمەت پوزىتسىيسى ، نىكاھ ۋە دوسىتلۇق ، پەرزەنىت تەربىيسى ياكى سەلبىي قاراشلىرىنى قوللاش ، دارىتمىلاش، رىغبەتلەندۇرۇش ، ئەكىس ئەتتۇرۇش مەقسىتى يوق . قورامىغا يەتمىگەنلەر چوقۇم چوڭلارنىڭ ھەمرالىقىدا كۆرۇڭ ، ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى يوقلار بۇ توربەتتىن چىكىنىپ چىقىڭ ، ھەمدە %20 لىك كالىي پېرمانگاناتقا (مارگانسوۋ) %75 لىك دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرىتنى قوشۇپ ئۆزىڭىز ۋە كۆمپىيۇتىرنڭ كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ، CPU , GPU , قاتتىق دىسكا ، يۇمشاق دىسكا قاتارلىقلارنى بىللە چىلاپ دېزىنفىكسىيە قىلىڭ .

5- پىقىرنڭ بۇ ئىنكاسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئەمىر پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا ، تور باشقۇرغۇچى ئىنكاسىمنى تازلىۋەتسىڭىز بولىدۇ ، ئىنكاسنى ۋاقتىدا تازلىماسلىقتىن كېلىپ چىققان قانۇنغا (ئاساسىي قانۇن ، ئوم قانۇنى ، نىگىزلىك قانۇن ، ئىنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش ساقلىنىش قانۇنى ، نىيۇتۇننىڭ 1-،2- ، 3- قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار يەرلىك قانۇن نىزاملارنى(يەنى كەينىدە خەنچە 法 خىتى بولغان بارلىق قانۇنلار ، مەسىلەن :加法、减法、乘法、除法、剑法、拳法、脚法、民法,刑法,书法,公检法,基本法,劳动法,婚姻法,输入法,没办法,国际法,

今日说法,吸星大法,与台湾关系法及文中涉及或可能涉及以及未涉及之法,قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ ) ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ ) تاقىشىدىغان مەسىلىلەردە ، تالاش تارتىشلاردا پىقىر ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالمايدۇ .

6- پىقىر ھەرقانداق شەكلىدىكى دەرىجە ئاتلاپ تۇتۇپ كېتىشنى رەت قىلىدۇ ، ئەگەر تۇتۇشقا توغرا كەلسە تىما يازغۇچىنى ، تەستىقلىغۇچىنى ،مۇنبەر مەسئۇلىنى ، تور بەت باشقۇرغۇچىنى ياكى قانۇنىي ۋەكىلنى تۇتۇڭ ، زادى تۇتمىسام پۇقرانىڭ غەزىپى بىسىلمايدۇ ياكى باشلىق خاپا بولۇپ مۇئاشىمنى بەرمىسە ، خوتۇن باللىنى باقالماي قالىمەن دەيدىغانلار بولسا ، خاپا بولماي خىزمەت كىنىشكىسى ، كىملىك ، توي قىلىش ئاجرىشىش كىنىشكىسى ، يالغۇز پەرزەنىتلىك كىنىشكىسى ، ساغلاملىق كىنىشكىسى ، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىسكىسى ، ئوقۇش پۇتتۇرۇش كىنىشكىسى ... ۋە ناھىيدىن يۇقرى دەرجىلىك ھۆكۇمەت ئورگىنى چىقىرىپ بەرگەن تونۇشتۇرش خىتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ ئادەم تۇتۇڭ ، تۇتۇش تەرتىۋى: تېما تەستىقلىغۇچى ، تىما يازغۇچى ، مۇنبەر مەسئۇلى ، تور نازارەتچىسى ، تور بوشلۇقى تەمىنلىگۇچى ، ISP تور مۇلازىمەت تەمىنلىگۇچى ، توك تەمىنلىگۇچى ، كومپىيۇتىر ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلار ، ئويغۇرچە كىرگۇزگۇچ كەشىپ قىلغانلار

7- يۇقارقى مەزمۇننى پىقىر كەلگۇسى نەچچە مىنۇتتا ئۇنتۇپ قالىدۇ ، يۇقارقى مەزمۇنغا نىسبەتەن ھىچقانداق قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ .

8-بۇ ئىنكاسنىڭ ئاخىرقى چۇشەندۇرش ھوقۇقى پىقىرغا مەنسۇپ .


alip28 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 11:49:28

شۇنداق قىلىپ پىڭ بەن دىيەنناۋ دىگەن بۇ گەپنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىسى نېمە بولۇپ كەتتى زاى، بۇ خىل كومپىيوتېر يېڭى چىققان ۋاقتلاردا تاختا كومپىيوتېر دەپمۇ ئېلىنغان ئىدى، كېيىن بىلكان شىركىتى بىلكان پەد دەپ « پەد » تەرجىمىسى بويىچە ئالدى، ئەمدى يان كومپىيوتېر بوپتۇ، بولسا 平板电脑 دىگەن بۇ گەپنىڭ

ئۆلچەملىك تەرجىمىسى بويچىچە ئېلىنسا بوپتىكەن .



  لېكىن قارىماققا ئېسىل مەھسۇلاتتەك قىلىدۇ، ئالغا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسىگە كۆپ رەھمەت
بەت: [1]
: «2-ئەۋلات ئالغا يان كومپيۇتېرى» بازارغا سېلىندى