osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 13:39:35

خۇش - خەۋەر( بېيىجىڭ)

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم يۇرتداشلار

بىز بىر مەزگىل كۆزۈتۈش ۋە ئالاقە قىلىش ئارقلىق بىېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە كىلىپ كىتىپ تۇرغان باشقا ئاتا - ئانىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ ماللىرىنى ئەكەلدۇق.

بىز كەلتۈرگەن ماللارنىڭ تىزىملىكى ھازىرىچە  تۆۋەندىكىدەك:

يۇرتۇم شىركىتنىڭ ئىچىملىكلىرى ۋە پىچىنە پىرەنىكلىرى

شىرىن تەم يۈرۈشلۈك قىزىلار

دەرمان شىركىتى نامىدىكى ئاي توقاچلار ۋە ئابلاجان نانلىرى

دېھقان شىركىتنىڭ قوتۇرماچ ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرى

مىزان سودا چەكلىك شىركىتنىڭ مىزان ماركىسىدىكى ئالتە خىل تەييار چۆپ

خوتەن قارىقاشنىڭ ئەركىن ماركىسىدىكى سوقماقلار

خوتەن ۋە قۇمۇلنىڭ چىلان ياڭاقلىرى، تۇرپاننىڭ ئۈزۈملىرى

ئۈلكەر ۋە ئىخلاسنىڭ ماللىرى

بىز ھازىرچە يۇقىردا ئيتىلغان مەھسۇلاتلارنى ئەكەلدۈردۇق، ھەم توختىماي مىللى كارخانىلار بىلەن ئالاقە قىلۋاتىمىز. ئەگەر يۇرتداشلار بىلىدىغان بىزنىڭ نەزىرىمىزدىن ساقىت بوپ قالغان مەھسۇلاتلار بولسا، بىزگە شۇ مۇناسىۋەتلىك مەسۇلات تەۋە بولغان شىركەتلەرنىڭ ئالاقلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرسا، بىز ئامال قىلىپ ئەكەلدۈرۈشكە تىرىشىمىز.

بىزنىڭ نىشانىمز: ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ تاللا بازارلىرىغا بىزنىڭ مىللى كارخانىلارنىڭ ماللىرىنى كىرگۈزۈپ بۇ ماللارنى كەڭ بازار بىلەن تونۇشتۇرۇش ۋە يۇرتداشلارغا ئىشەنچىلىك ماللار بىلەن تەمىنلەش

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتنىڭ تاللا بازىرىغا يىڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ بۇ ماللارنى كىرگۈزۈشكە ۋە بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بىرىشكە تىرىشىمىز! ۋاقتىنچە دۇككىنىمىزغا قەدەم تەشىرىپ قىلىشڭلارنى قارشى ئالىمىز.

دۇككان ئادىرسىمىز: نۇرلۇق كۆۋرۈكىنىڭ غەرىبىدە( 明光村公交站和明光西站103, 620 ,645)

ئالاقلاشقۇچى: تۇرسۇن ، تىلفۇن 18911250965

                      ئادىل، 18901371975

qq: 160333064

ساۋاقداشلار مۇناسىۋەتلىك تور تۇرالاردا تارقىتىپ قويۇشنى سورايمىز.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 15:09:07

ياخشى بوپتۇ ، ھالال ئىشەنچلىك يىمەكلىكلەرنى تاپماق تەس ھازىر .


http://bbs.huanqiu.com/thread-2285334-1-1.html

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 15:09:34

ئىشلىرىڭلار بەركەتلىك بولسۇن ! \"\"

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 15:43:52

بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. ھېلىتىن باشلاپ بېيجىڭدىكى بەزى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ مەۋسۇمدا پارچە سېتىشنى بولسىمۇ باشلىغاچ تۇرساڭلار بوپتىكەن. ئاز كىرىم قىلمايتتىڭلار، ھەم ئوقۇغۇچىلارمۇ سىلەردىن خۇش بولۇپ قالتىس قوللىۋېتەتتى. ئىلگىرى بىر قانچەيلەن بىرلىشىپ زور مىقداردا ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى ياتاقلار ئارا تېزلا سېتىۋەتكەنىدى. مەن بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ قوياي، چوقۇم يەنە قىلىشنى خالايدۇ.

SalamMawjushi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 16:57:20

ئەگەر خالىساڭلار بېيجىڭدا ياشاۋاتقانلارغا ماۋجۇشى تاللانما ئەسەرلىرىنى ئەۋەتىپ بىرەي . شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى تىيەنئەنىمگە كىلىپ ، ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۈزۈندە يادلاڭلار . ماۋجۇشى روھى خوش بولىدۇ . ماۋجۇشى دىگەن بىزنىڭ ئاتىمىز ھەم ئانىمىز .

pomiqik يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 17:14:16

4- قەۋەتتىكى SalamMawjushiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر خالىساڭلار بېيجىڭدا ياشاۋاتقانلارغا ماۋجۇشى تاللانما ئەسەرلىرىنى ئەۋەتىپ بىرەي . شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى تىيەنئەنىمگە كىلىپ ، ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۈزۈندە يادلاڭلار . ماۋجۇشى روھى خوش بولىدۇ . ماۋجۇشى دىگەن بىزنىڭ ئاتىمىز ھەم ئانىمىز .



ماۋجۇشىغا بولغان مىھرى مۇھەبىتىڭىزھەقىقەتەن كۇچلۈككەن مۇشۇ روھىڭىزنى ئۇزۇلدۇرۇپ قويماي داۋاملاشتۇرۇڭ رەھمەتلىكنىڭ روھى چوقومكى ئۇدۇنيادا بولسىمۇ سىزنى يولەيدۇ

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 18:48:24

ئىچكىرىدىكى تۇغقانلارمۇ يىيىشنى ئۆگەنسە سوداڭلار ئەن كەتكەي ئىلاھىم .

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 21:17:20

بۈگۈن لوپنۇر توقاچلىرى كەلدى. بەك يىيىشلىككەن، ئالدىغانلار بولسا ئالاقلىشىڭلار!
بەت: [1]
: خۇش - خەۋەر( بېيىجىڭ)