«كرورانلىق بالىلار» ناملىق روماننىڭ تولۇق نۇسخىسى نەشردىن چىقتى
«كرورانلىق بالىلار» ناملىق روماننىڭ تولۇق نۇسخىسى نەشردىن چىقتى
ئىقتىدارلىق شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، بالىلارنىڭ سۆيۈملۈك دوستى پەرھات ئىلىياسنىڭ «كرورانلىق بالىلار» ناملىق بالىلار رومانىنىڭ تولۇق نۇسخىسى نەشردىن چىقتى.
«كرورانلىق بالىلار» رومانى ئۇيغۇر بالىلار رومانچىلىقىدىكى نادىر رومانلارنىڭ بىرى بولۇپ مەملىكەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتى ۋە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
بۇ رومان «بالىلىق تۇيغۇلارغا تويۇنغان، دۇنيادىكى تىلسىملارنى بالىلارچە ساددا تەپەككۇر، ئىزگۈ خىياللار ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن، رېئاللىق بىلەن تەسەۋۋۇر، چۈش بىلەن خىيال ئارىلىشىپ كەتكەن خىيالىي دۇنيانى ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئەكس ئەتتۈرگەن، ۋەقەلىكلەرنى قىزىقارلىق فانتازىيىلىك تۈس ۋە چۆچەكلىك خاراكتېرگە ئىگە قىلىش ئاساسىدا جانلىق ئوبرازلارنى ياراتقان، ئۆسمۈر – بالىلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان روماندۇر.»
«كرورانلىق بالىلار» ناملىق رومان ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا خەنزۇ، ئىنگلىز، قازاق، قىرغىز تىللىرىدا نەشر قىلىنغان.
قىزىق لىنىيە تېلېفونى: 13669993828
كىتابقا مۇناسىۋەتلىك سۈرت:

خىيالچى ئەپەندى، ئالدىنقى ئۈچ قىسىمىنى ئوقۇپ چىققان بالىلارغا پايدىسى بولسا بولىدۇكى زىيىنى يوق. مەن ئوقۇپ چىققان بۇ كىتابنى. ئاداشلىرىم مازاق قىلغانىدى، سەن چوڭ بولماپسەن، دەپ.
مەزمۇنىغۇ بەك ياخشى چىققان. ئەسەردە خېلى يېڭىلىقلار بار. بالىلارنىڭ تىلى بىلەن ساددا تەپەككۇرلىرىغا تەدبىقلىغان ھالدا پەن-تېخنىكىلىق بىلىملەرنى سىڭدۈرۈپ ماڭغان. ئوقۇغان ئادەم رىۋايەت ئوقۇغاندەك ئەمەس، بەلكى، مىللىي تارىخىمىزنىڭ شولىسىنى، ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيەسىدىكى ئەۋزەللىكلەرنى، ئۇزاق ۋاقىت ئەستىن چىقمىغۇدەك پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ جۇغلانمىسىنى چۈچۈك تىل بىلەن ئوقۇيدىكەنسىز. بۇ جەھەتتە يازغۇچىنىڭ ئىستېداتىغا قول قويدۇم. لېكىن، روماننىڭ ئەڭ دەسلەپكى بابىنىڭ ئوتتۇرىدا لوگىكىسىز جۈملىدىن ئىككى-ئۈچى بار. بۇ پۈتكۈل روماننىڭ نوچىلىقىغا تەسىر قىلمايدۇ.
ئۆز يۇرتى چۆل بولسىمۇ يايلاق قوغلىشىپ يۇرتىنى تاشلىۋەتمەيدىغان تۆگىلەر، تارىخ سۆزلەيدىغان توغراقلار، يىلتىزلىرى بىلەن مائارىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن قومۇشلار پادىشاھلىقى ... بالىلارنىلا ئەمەس، چوڭلارنىمۇ ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلىدۇ.
بولسا ئىككىلەنمەي بالىڭىزغا بىرنى ئېلىپ بېرىڭ. ئېسىل كىتاپ. «كىرورانلىق بالىلار» رومانى دەسلەپ،«ماڭالايدىغان ئورمان»، «يېغلاڭغۇ توغراق»، «تەتۈرلەر شەھەرى» بۇلۇپ ئۈچ قىسىم چىققان، ھەم ئىچكى مۇقاۋىسىدا بۇ كىتابنىڭ داۋاملىق يېزىلۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بار، كېيىن ئۈچ قىسىمىنى توپلام قىلىپ چىقاردى. ئەڭ دەسلەپ چىققان يۇمشاق مۇقاۋىلىق ئۈچ كىتاب ئىچكى قىستۇرما رەسمىلرى بار بەڭ ياخشى ئىدى. مۇشۇ يۇمشاق مۇقاۋىلىقىنى تاپالماي بەك ئاۋارە بولغان، قالغان قىسىملىرى قاچان چىقار پات-پات كىتابچى دوست بۇرادەرلەردىن سوراپ تۇراتتىم. بۇ توپلام چىقىپ بەڭ ياخشى بۇپتۇ، تىلى ئاجايىپ ئۆزگىچە.
3- قەۋەتتىكى karizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئالىب ئەپەندى، بۇ سەككىز قىسىمنى يىغىپ ئىككى توم قىلىپ نەشىر قىلىنغان نۇسخىسى.
خىيالچى ئەپەندى، ئالدىنقى ئۈچ قىسىمىنى ئوقۇپ چىققان بالىلارغا پايدىسى بولسا بولىدۇكى زىيىنى يوق.
بۇ زادى قانچە قىسىم كىتاب؟
ئۈچ قىسىمكەن دەپ، نامىنى ئاڭلاپ ئاقسۇدىن تاپالماي ئۈرۈمچىدىن ئەكەلتۈرگەن ئىدىم. ئەمدى سەككىز قىسىم بولۇپ قالدىغۇ؟
بىر قىسىمنىڭ ئىسمى كىرورانلىق بالىلار-يىغلاڭغۇ توغراقلار ... شۇنداققۇ دەيمەن. ئىككىمىز ئىككى كىتابنىڭ گىپىنى دىيىشىۋاتىمىزمۇ يا؟
ماشىنامنىڭ 720 ئام رادىيو قانىلىدا ھەركۈنى ئوماق قوزىلىرىم دەپ چۆچەك ئۇقۇيدىغان بىر ئايال بار ئاۋازى شۇنداق ماس كىلىدىكەن ، شۇ ئۇقۇيدىغان رومان چۆچەكلەرنى باللىرىمغا ئاڭلىتىپ قويىمەن ، شۇنداق كۆپ ھۆججەتلىرى ردىئو بېكىتىدە بەك كۆپ فىلاشتا كۆپ قېتىم ماسلاشتۇرۇپ بىر نەرسە ئىشلەي دەپ ،ۋاقىت يوق .. ئاۋاز ھۆججەت تەييار تۇرسا ، ھەي .... ( ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق )
بۇ زادى قانچە قىسىم كىتاب؟
ئۈچ قىسىمكەن دەپ، نامىنى ئاڭلاپ ئاقسۇدىن تاپالماي ئۈرۈمچىدىن ئەكەلتۈرگەن ئىدىم. ئەمدى سەككىز قىسىم بولۇپ قالدىغۇ؟
بىر قىسىمنىڭ ئىسمى كىرورانلىق بالىلار-يىغلاڭغۇ توغراقلار ... شۇنداققۇ دەيمەن. ئىككىمىز ئىككى كىتابنىڭ گىپىنى دىيىشىۋاتىمىزمۇ يا؟
بۇ كۆپ قىسىملىق رومان. ئاۋۋال ئۈچ قىسىم ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئاندىن ھەممىسىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن تولۇق ئىككى توم قىلىپ نەشىر قىلىنغان.
ھىم ، بۇ كىتاپقا ماۋجۇشى ھەققىدىكى بايانلار كىرگۈزۈلمەپتۇدە . يامان بوپتۇ ، يامان بوپتۇ ..... بەكلا يامان ئىش بوپتۇ . ماۋجۇشى روھىغا قانداقمۇ يۈز كىلەلەيمىز . پەرھاتكام بالىلىقىغا چىدىمايلا قالغاندەك سۆزى كەم ئادەم.
خىيالىدىكى ئۆستەڭ بويىدا بىر توپ لاي چىراي بالىلار ئۇنى سېپىگە چاقىرىپ تۇرسا كېرەك.
روھى بالىلىقنىڭ شاۋقۇنىغا تولغان بۇ ئادەمنىڭ يازمىلىرى بالىلىرىمىزغا مەنىۋىي نەپ بىرەلەيدۇ. خوتەنگە كەلگەندە ئالاي بۇ كىتابنى .نەۋرەم كىتاپخۇمار بالا بولدى . مەزمۇنى ساغلامدۇ ھە ؟
4- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ئوقۇپ چىققان بۇ كىتابنى. ئاداشلىرىم مازاق قىلغانىدى، سەن چوڭ بولماپسەن، دەپ.
مەزمۇنىغۇ بەك ياخشى چىققان. ئەسەردە خېلى يېڭىلىقلار بار. بالىلارنىڭ تىلى بىلەن ساددا تەپەككۇرلىرىغا تەدبىقلىغان ھالدا پەن-تېخنىكىلىق بىلىملەرنى سىڭدۈرۈپ ماڭغان. ئوقۇغان ئادەم رىۋايەت ئوقۇغاندەك ئەمەس، بەلكى، مىللىي تارىخىمىزنىڭ شولىسىنى، ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيەسىدىكى ئەۋزەللىكلەرنى، ئۇزاق ۋاقىت ئەستىن چىقمىغۇدەك پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ جۇغلانمىسىنى چۈچۈك تىل بىلەن ئوقۇيدىكەنسىز. بۇ جەھەتتە يازغۇچىنىڭ ئىستېداتىغا قول قويدۇم. لېكىن، روماننىڭ ئەڭ دەسلەپكى بابىنىڭ ئوتتۇرىدا لوگىكىسىز جۈملىدىن ئىككى-ئۈچى بار. بۇ پۈتكۈل روماننىڭ نوچىلىقىغا تەسىر قىلمايدۇ.
ئۆز يۇرتى چۆل بولسىمۇ يايلاق قوغلىشىپ يۇرتىنى تاشلىۋەتمەيدىغان تۆگىلەر، تارىخ سۆزلەيدىغان توغراقلار، يىلتىزلىرى بىلەن مائارىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن قومۇشلار پادىشاھلىقى ... بالىلارنىلا ئەمەس، چوڭلارنىمۇ ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلىدۇ.
بولسا ئىككىلەنمەي بالىڭىزغا بىرنى ئېلىپ بېرىڭ.
بىرى ئاپتۇرنىڭ ياخشى ئادەملىكىنى بىراۋدىن ئاڭلىدىم، بۇنىڭغا سىزنىڭ يۇقارقى بايانلىرىڭىز قوشۇلۇپ ، بۇكىتاپنى 2013 -يىللىق خامچوتتىن ئالدىن پۇل ئاجرىتىپ سېتىۋىلىشنى قارار قىلدىم .
يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى بەزى نەرسىلەرنى ئوقۇپ ئاپتۇرىغا قاراپ كىتاپ ئالىدىغان بولۇپ قالدىم . ئانىسىنى كۆرۇپ قىز ئال دەيدىغان گەپ بار ...