hawaskar133 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 17:04:59

ئىزدىنىشتىكى تېۋىپلاردىن ياردەم!!!!!

مەجۇن دىگەن قانداق نەرسە؟قانداق ياسلىدۇ؟شۇ نەرسە توغرۇسدا پاراڭلىشىپ باقايلى!!!!!!!!!!!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 09:20:58

مەجۈننىڭ ئاساسلىق تەركىۋى نەشە .

پايدىلىق تەرىپى يوق دېيەرلىك، زىيانلىق تەرىپى كۆپ بولۇپ ئاساسلىقى خۇمار قىلىدۇ، كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ئەقىلنى كېمەيتىدۇ، روھىي قۇۋۋەتنى خورىتىپ قورقۇنچاق، زەئىپ قىلىدۇ.

ئىلگىركى ۋاقىتلاردا بىرەر بەگ، دورغىلارغا خۇشامەت قىلىنىش ئۈچۈن تەييارلانغان سورۇنلارنى قىززىتىش ئۈچۈن ھەزىلكەش، ناخشا-ئۇسسۇلچىلارغا مەجۈن يېگۈزۈپ تاماشا قىلار ئىكەن. ئۆزىمۇ ھەم پاھىشە خوتۇنلارغا مەجۈن يىگۈزۈپ كەيىپ قىلار ئىكەن.

ھازىر جەمئىيەتتە ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى نەشە، مەجۈن، چۇمادۇ دېگەندەك خۇمار قىلىش خاراكتىرىگە ئىگە دورا ۋە چىكىملىكلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى يۈزلىنىشىنىڭ ئېغىرلىقى. مېنىڭچە بۇنىڭغا مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئاتا-ئانىلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشلىرى زۆرۈر تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قاپتۇ.

ھازىر بۇنى يەيدىغانلار ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ ئۆتۈپ قىز سىتۇدىنتلار ئارىسىدىمۇ كۆپمىش. ئاڭلىشىمچە مەخسۇس ئەشۇ سىتۇدېنتلارغا مەجۈن ياساپ بىرىدىغان تېۋىپ سىياقتىكى قىزىل كۆز كىشىلەر بارمىش. كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ چىرايىنىڭ نۇرى قاچقان ئاۋاق بالىلار دۇكانغا كىرىپ << ئاكا، مەجۈن بارمۇ؟>> دەپ سورايدۇ. كەيپىم ئۇچۇپ بەزىلىرىگە  قوپاللا، << يوق >> دەپ جاۋاپ بىرىمەن. بەزى باللانى گەپكە سىلىپ قويىمەن. بۇ بالىلارنىڭ تۇرقى سىياقى ئوقۇغۇچى باللا ئىكەنلىكى بىلىنىپلا تۇرىدۇ. قورساقنى ياخشىراق تويغۇزۇپ يۈرەلمەيدۇ، كىم قويۇپتۇ كەيىپ قوغلىشىپ بۇ ماڭقىلارغا دەپ ئارقىسىدىن ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلەپ قالىمەن. سازەندە، ناخشىچى باللامۇ يەپ قويىدىكەن. مەجۈن يەۋالسا ناخشا-مۇزىكا دېگەننى << ئۆلتۈرۋەتكۈدەك>>.

مېنىڭچە پەزىلەتلىك تېۋىپلار بۇنداق جەمئىيەتكە زىيانلىق، پاك قەلىبنى ئۆلتۈردىغان زىيانداشنى ياساپ ساتمايدۇ. ئادەمنى بولۇپمۇ ياش بوغۇنلارنى زەئىپلەشتۈردىغانلىقىنى بلىپ تۇرۇپ ئۇنى ياساپ ساتقان  تېۋىپ ھەم پەزىلەتسىز ھېسابلىنىپ لەنەتكە لايىقتۇر.

مەنبە: http://http://80halta.com/article/termiler/95.htm


تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن (بىرزات)



شۇنداق زىيانلىق نەرسىنى يەپ ساراڭ بولغۇچە <<بىرزات ساپ ھەسىلى>> دىن ئىچسە بولمامدۇ دەيمەن\"\":


ياشلاردا توي قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆيىگە يەشىكلەپ <<كالا>>، <<بۇقا>> دېگەندەك روھلاندۇرۇش ئىچىملىكلىرىنى ئەكىرىۋالىدىغانلىقىنى ...


مەسلەھەت، سورايدىغان گەپ بولسا 80خالتىغا كىرمەمسىلە دەيمە.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 10:09:00

3- قەۋەتتىكى uyghurbezنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېۋىپلار ماڭا بىر مەسلەھەت بەرسەڭلار يىقىندىن بۇيان بىلىم ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالدى ،سەل ئىگلىپ ئىش قىلساملا ئاغرىيدۇ،بەزدە پۇتۇمدا جان قالمايدۇ خۇددى كۇيشۇپ قالغاندەكلام ،مەن سۇغا كىچىپ تۇلا ئىش قىلمەن ،،،،،،.......

  ساغلىق كۆرمىگەن قوزا قوچقارنىڭ پودىقىنى قورۇپ ياكى كاۋاپ قىلىپ يەڭ. ئۈنىمى كۆرۈلمىسە مىنى ئىزدەڭ.   

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 17:31:53

ئۇمۇ زەھەرنىڭ بىر تۈرى .



http://bbs.huanqiu.com/thread-2285334-1-1.html

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 17:33:23

قىززىق چاي بىلەن قوناقتەك يەپ باقسىڭىز ،،قانداق نەرسىلكىنى ،ئوپتان بۈلۈپ قالسىز !


---------------------------------------


\"\"

uyghurbez يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 17:42:49

تېۋىپلار ماڭا بىر مەسلەھەت بەرسەڭلار يىقىندىن بۇيان بىلىم ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالدى ،سەل ئىگلىپ ئىش قىلساملا ئاغرىيدۇ،بەزدە پۇتۇمدا جان قالمايدۇ خۇددى كۇيشۇپ قالغاندەكلام ،مەن سۇغا كىچىپ تۇلا ئىش قىلمەن ،،،،،،.......

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 17:52:38

مەجۈن بىر ياسالما تۈرىنىڭ ئورتاق ئسمى خالاس. تىببىى كىتاپلاردا ماجۈنات دەپمۇ ئاتايدۇ.

مەجۇن دىگەن ..بىر خىل شەكىل ..مەجۇن دورىلاردىگەن يومشاق سۇقۇلۇپ،دورا ئۇمۇمىي مىقدارىنىڭ 3ھەسسە ھەسەل چەكلىنىپ ،دورىلارغا ئارلاشتۇرىلىپ ،ياسىلدىغان بىر خىل دورىلارنىڭ ئۇمۇمى ئاتىلىشى...مەسىلەن «مەجۇنى ئامىلەنۇشدارى،مەجۇنى ماددەتۇل ھايات،مەجۇنى لوبوبى كەبىر،مەجۇنى چۆپچىن...ئالدىدىكى مەجۇن دىگەن شۇ دورىنىڭ ياسالما شەكلىگە قارىتىلغان.....

ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى دورا ياسالمىلىرىنىڭ تۈرى ناھايى جىق،

مەجۈن ـ خېمىر شەكىللىك ياسالما، مەسلەن مەجۈنى ماددەتۇلھايات يەپ بەرسىڭىز ئۇمۇمەن ئوغۇللارغا ناھايتى ماس كىلىدۇ.

ئەرەق ـ دورلارنى ھورلاندۇرۇپ جەۋھىرى سۈزۋىلىندۇ

ھەب ـ كۇمۇلاچ شەكىللىك ياسالما

لوئوق ـ يالانچۇقلار

زىماد ـ بەدەنگە تېڭىلدىغان دورلار ۋاھاكاز..



ئىنكاسلارنى مىسرانمدىن تىرىپ كەلدىم.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 17:54:05

قالىغىنىغا ۋاقتى يەتسە بىرزات ھەكىملەر كىرىپ جاۋاپ بېرىدۇچوقۇم.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 18:12:46

ھە قېنى ھەكىم، ھەكىمەلەر \"\"

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 18:17:00

سەكسەن خالتىدىمۇ مۇشۇ توغرىلىق تىما باردەك ئىسىمدە \"\"

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 20:33:10

ئىزدىنىش مۇنبىرى >>>>> ئېلېكترون مەھسۇلاتلار>>>>> ئىزدىنىشتىكى تېۋىپلاردىن ياردەم!!!!!    \"\" \"\" \"\"

farwana يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 20:50:24

8- قەۋەتتىكى sazguriنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىش مۇنبىرى >>>>> ئېلېكترون مەھسۇلاتلار>>>>> ئىزدىنىشتىكى تېۋىپلاردىن ياردەم!!!!! \"\" \"\" \"\"



تازا چۈشمىگەن ھە \"\"

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 21:38:20

8- قەۋەتتىكى sazguriنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىش مۇنبىرى >>>>> ئېلېكترون مەھسۇلاتلار>>>>> ئىزدىنىشتىكى تېۋىپلاردىن ياردەم!!!!! \"\" \"\" \"\"

بىلمىدىڭلىما ئېدىش،سۈنۋۇكۇڭنىڭ يىپ باغلاپ كېسەل داۋالىنىغا ئوخشاش،ما تەقسىرمۇ زامانغا ماسلىشىپ ئاشۇنداق قىپتۇ،خاتا قىلماپتىغۇ {:181:}

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 00:08:14

6- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھە قېنى ھەكىم، ھەكىمەلەر \"\"



ھەكىمە چاڭ جىن دىگەن كىنو ئىسىمگە كەلدى  .

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 11:05:35

12- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل .

شۇنداق زىيانلىق نەرسىنى يەپ ساراڭ بولغۇچە <<بىرزات ساپ ھەسىلى>> دىن ئىچسە بولمامدۇ دەيمەن\"\":

ياشلاردا توي قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆيىگە يەشىكلەپ <<كالا>>، <<بۇقا>> دېگەندەك روھلاندۇرۇش ئىچىملىكلىرىنى ئەكىرىۋالىدىغانلىقىنى ...


مەسلەھەت، سورايدىغان گەپ بولسا 80خالتىغا كىرمەمسىلە دەيمە.



تۈنۈگۈن مەسىلھەت سورايدىغان ئازراق ئىش چىقىپ قىلىپ 80خالتىغا كىرگەن ئىدىم، سوئال جاۋاپ سەھىپىسىدىكى ۋاراڭ چۇرۇڭلارغا چىداپ بولالماي قايتىپ چىقتىم، بەزى گەپ سۆزلەرگە قارىسام سىلى ھازىر ئۈرۈمچىدىكى دۇكاندا تۇرۋاتقاندەك قىلىلا. ئۇ يەردە قىسلىپ يۈرگىچە ئۆزلىرىنى  ئىزدىنىشتىلا تاپاي دەپ ئىزدەپ يۈرگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن نەقلا تېپىۋالدىم.  سىلىچە مەسىلھەتنى  80خالتا تور بىتىدە سورايمۇ، مۇشۇ مۇنبەردە قىسقا ئۇچۇر ئارقلىق سورايمۇ ياكى مۇشۇ يەرگىلا يازايمۇ؟ تىزرەك جاۋاپقا ئىرىشسەم بولاتتى تەقسىر.\"\"


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 11:43:05

12- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىلگىركى ۋاقىتلاردا بىرەر بەگ، دورغىلارغا خۇشامەت قىلىنىش ئۈچۈن تەييارلانغان سورۇنلارنى قىززىتىش ئۈچۈن ھەزىلكەش، ناخشا-ئۇسسۇلچىلارغا مەجۈن يېگۈزۈپ تاماشا قىلار ئىكەن. ئۆزىمۇ ھەم پاھىشە خوتۇنلارغا مەجۈن يىگۈزۈپ كەيىپ قىلار ئىكەن.





يۇرت شۇنداق بەگ- دورغىلارغا قالغانلىقتىن شۇڭا ئالتۇن ئۈستىدىكى نامرات ئىكەنمىزدە..
بەت: [1]
: ئىزدىنىشتىكى تېۋىپلاردىن ياردەم!!!!!