AVAR يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 12:46:07

بىلكان شىركىتى cdma/gsm قوش مودىللىق u5 يانفونىنى بازارغا سالدى




Bilkan U5


























































































مەھسۇلات نامى:



بىلكان U5



مەشغۇلات
سىستېمىسى
:



Android
2.3



تىلى:



ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگلىزچە،
رۇسچە، ئەرەبچە، تۈركچە، قازاقچە



مەركىزىي بىر تەرەپ
قىلغۇچ:



800MHz



ئىچكى
ساقلىغۇچ
:



256M ROM, 512M
RAM



ئېكران
چوڭلۇقى
:



320*480



كامېرا:



ئىككى مىليۇن پىكسىل



قوش
كارتا
:



قوللايدۇ (كۆچمە خەۋەرلىشىش،
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، تېلېگىراف
)



SD كارتا:



8GB



WiFi :



بار



كۆك
چىش
:



بار



يۆنىلىش
سېنزورى:



بار



GPS:



بار



كومپاس:


يوق

رادىيو:



بار

كۆپ نوقتا سىزىمچان :



قوللايدۇ



قاچىلانغان ئۇيغۇرچە
ئەپلەر:



بىلكان ئوچۇق
دەرس
،ئېلىپبە، بىلكان
خەۋەرلىرى
، ئېلكىتاب،بازار، تام قەغەز، تېكىست
كىتاب
، خەۋەر ئوقۇغۇچ، لەتىپە، يۇمۇر، لۇغەت، رەسىملىك
كىتاب
، مەشھۇر شەخىسلەر، ھايۋاناتلارنى
تونۇش
















    رەڭگى : ئاق، قارا، قىزىل، سېرىق 4 خىل رەڭدە .



        باھاسى 790سوم

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 04:37:31

بىلكاندىكىلەر تەيپىڭەمنىڭ يولىغا قاراپ ماڭدىمۇ نېمە؟ باشقا يېرىغۇ مەيلى، ھازىر 8 مېگا پىكسىللىق كامېرانى ياراتمىغىلىۋاتساق، 2 مېگاپىكسىللىق كامېرانى كىم ئىشلىتىدۇ؟ بۇ يانفوننى دەرھال ئىسلاھ قىلساق بولغۇدەك!

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 06:33:38

ئېكران قانچىلىك؟

شۇنچە مۇھىم كۆرسەتكۈچ يىزىلماپتىغۇ ؟

لىكىن ئۈچ تورنى قۇللايدىغان ئىشى نوچىكەن

murad يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 08:14:55

ئېكران چوڭلۇقى 3.5 دىيۇم. يۇقىرىدا تورداشلار ئېيتقاندەك يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسىمۇ بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 09:11:20

مەن ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم. ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ئىشلىگەن مەھسۇلات بولغاندىكىن دەپ تۈزۈك سىنىمايلا ئاپتىمەن. ئېلىپ بىر نەچچە سائەت ئۆتمەيلا قېتىۋېلشقا باشلاپتى باتارىيىسىنى ئېلىپ قايتا سېلىپ قوزغاتسام نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا يەنە قېتىۋېلىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ GPS كومپاس ئىقتىدارىنى پەقەت ئاچالمىدىم.

ئەتىسى ساتقۇچى تەرەپنىڭ قېشىغا ئاپارسام cdma/gsm قوش كارتىلىق تېلېفۇنلارنىڭ مۇشۇنداق تولا قېتىۋالىدىغانلىقىنى، تېلېفۇنۇمنى باشقا تېلفۇنغا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىۋاتىدۇ.

ئەمىسە GPS ۋە كومپاس ئىقتىدارىنى ئېچىپ بېرىڭ دىسەم بىر ھازا ھەپىلىشىپمۇ ئاچالماي ئاخىرى راس گېپىنى قىلدى، يەنى بۇ تېلېفۇندا ئەسلى GPS قاتتىق دىتالى يەنى GPS ئۈزىكى يوق ئىكەن.شۇنداق بولغاچقا كومپاس ئىشلىمەيدىكەن. يول باشلاش ۋە ئورۇن بەلگۈلەش ئىقتىدارىنى پەقەت خەرىتە يۇمشاق دىتالىغا تاينىپلا ئىشلىتىدىغان گەپ ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن يەنە پۇل قوشۇپ بېرىپ سەنشىڭ تېلېفۇندىن بىرنى ئېلىپ قايتتىم.



بىلكان شىركىتىگە بېرىدىغان تەكلىۋىم شۇكى؛ بىز سىلەردەك بىر مىللى كارخانىمىزنىڭ بولغانلىقكىدىن پەخىرلىنىمىز، شۇنداق بولغان ئىكەن ئېلان تەشۋىقات ئىشلىرىدا كۆپتۈرمىچىلىك قىلمىساڭلار!

يەنە جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ مۇلازىمەت كەسىپ ئەخلاقىغا تەلەپنى يۇقىرىراق قويساڭلار!!

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 09:26:32

سەپلىمىسى بەك تۆۋەن ئىكەن ، android نەشىرىمۇ بەك تۆۋەن. 800 يۈەنگە سەپلىمىسى خېلى ياخشى قوش يادرولۇق تېلفون سېتۋالغىلى بولىدۇ.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 09:29:25

مەنمۇ قولۇمدىكى بىلەي تاشنى مۇشۇنداق ئاندىرويىد سېستىمىلىق ئەقلىفونغا ئالماشتۇراي دەپ تۇرغان، تەلىم بەرگەيسىلەر، باھاسى 1000 يۈەن ئەتراپىدا بولسا بولاتتى

alwun يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 10:37:48

سەپلىمىسىنى تۆۋەن دەيسىلە، يۇقۇرى قىپ ئىشلىسە دەيسىلە. سەپلىمىسى يۇقۇرى، قىممەت بولساڭلا قانچىڭلا ئالارسىلەر. قىممەت تېلېفۇن ئالىدىغانلار يەنە ئالدى بىلەن سامسۇڭ، ئەچتىسى، ئايفوننى تاللايدۇ.

ئۇيغۇر بازىرىدا ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان تېلېفۇنلار يەنىلا 100-200 كويلۇق تاغتۇرا تېلېفۇنلىرى.

ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان، ئەقلى ئىقتىدارلىق، سۈپىتى ياخشى بولسا مۇشۇ باھامۇ مۇۋاپىق. مۇشۇنداق ساپ ئۇيغۇرچە چىققان تېلېفۇننىڭ بولغۇنىغا، مەسىلە چىقسا تىلىمىزنى ئۇقتۇرۇپ مۇلازىمەت تېلېفۇنىغا تېلېفۇن قىلالىغىنىمىزغا، ساتقان يەرگە ئاپاساق «ھە، مەن ساتقان» دەپ ئىگە بولىدىغان يەر بولغىنىغا خوش بولساق بولىدۇ.

سەپلىمىسى تۆۋەنكەن دىگەنلەر دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدىكى تېلېفۇنغا سېلىشتۇرۋالماڭلار. قىممەتكەن دىگەنلەر زاپەر، سۈپەت كاپالىتى يوق تېلېفۇنلارغا سېلىشتۇرۋالماڭلار. ئىچىدە بىر تالاي ئۇيغۇرچە ئەپلەر باركەن. ئۇنى تۈزۈشكىمۇ پۇل ۋاقىت كەتكەندۇ. شۇمۇ ئۈسكۈنىنىڭ تەننەرخىگە قېتىلىدىغاندۇ.



ئۇيغۇرنىڭ كارخانىسىكەن دەپ خەيرىخاھلىق قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما ئىلمىراق مۇئامىلە قىلايلى. يامان گىپىنى قىلىپ سېسىتمايلى.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 10:42:40

15- قەۋەتتىكى bapkarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ قولۇمدىكى بىلەي تاشنى مۇشۇنداق ئاندىرويىد سېستىمىلىق ئەقلىفونغا ئالماشتۇراي دەپ تۇرغان، تەلىم بەرگەيسىلەر، باھاسى 1000 يۈەن ئەتراپىدا بولسا بولاتتى



sony st25iكۆرۈپ بېقىڭ.

murad يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 10:52:19

13- قەۋەتتىكى alim012نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم. ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ئىشلىگەن مەھسۇلات بولغاندىكىن دەپ تۈزۈك سىنىمايلا ئاپتىمەن. ئېلىپ بىر نەچچە سائەت ئۆتمەيلا قېتىۋېلشقا باشلاپتى باتارىيىسىنى ئېلىپ قايتا سېلىپ قوزغاتسام نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا يەنە قېتىۋېلىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ GPS كومپاس ئىقتىدارىنى پەقەت ئاچالمىدىم.

ئەتىسى ساتقۇچى تەرەپنىڭ قېشىغا ئاپارسام cdma/gsm قوش كارتىلىق تېلېفۇنلارنىڭ مۇشۇنداق تولا قېتىۋالىدىغانلىقىنى، تېلېفۇنۇمنى باشقا تېلفۇنغا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىۋاتىدۇ.

ئەمىسە GPS ۋە كومپاس ئىقتىدارىنى ئېچىپ بېرىڭ دىسەم بىر ھازا ھەپىلىشىپمۇ ئاچالماي ئاخىرى راس گېپىنى قىلدى، يەنى بۇ تېلېفۇندا ئەسلى GPS قاتتىق دىتالى يەنى GPS ئۈزىكى يوق ئىكەن.شۇنداق بولغاچقا كومپاس ئىشلىمەيدىكەن. يول باشلاش ۋە ئورۇن بەلگۈلەش ئىقتىدارىنى پەقەت خەرىتە يۇمشاق دىتالىغا تاينىپلا ئىشلىتىدىغان گەپ ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن يەنە پۇل قوشۇپ بېرىپ سەنشىڭ تېلېفۇندىن بىرنى ئېلىپ قايتتىم.



بىلكان شىركىتىگە بېرىدىغان تەكلىۋىم شۇكى؛ بىز سىلەردەك بىر مىللى كارخانىمىزنىڭ بولغانلىقكىدىن پەخىرلىنىمىز، شۇنداق بولغان ئىكەن ئېلان تەشۋىقات ئىشلىرىدا كۆپتۈرمىچىلىك قىلمىساڭلار!

يەنە جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ مۇلازىمەت كەسىپ ئەخلاقىغا تەلەپنى يۇقىرىراق قويساڭلار!!



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك خېرىدار: خاتىرجەم بولۇڭ، بىلكان U5 تېلېفونىدا GPS ئۈزىكى بار. GPS ئىقتىدارىنى شۇ ئىقتىدارنى قوزغىتىپ ئىشلىتىدىغان مەلۇم ئەپ ئارقىلىق ئاندىن پايدىلىنالايسىز. مەسىلەن يول باشلاش سىستېمىسى ياكى گۇگل خەرىتە دىگەندەك. كومپاسنىڭ GPS بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، GPS ئۇرۇن بەلگىلەيدۇ. كومپاس يۆنىلىش كۆرسىتىدۇ. قېتىۋېلىش مەسىلىسىنى سىزدىن تۇنجى ئاڭلىدۇق، مەسىللەر بولسا شىركەت مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسگە بىۋاستە تېلېفون قىلسىڭىز مۇناسىۋەتلىك خادىملار سىزگە ئاكتىپ ياردەمدە بولىدۇ. سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا ئېتىبار بىلەن قارايمىز.

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 10:59:12

مەن 1 - نۇسخىسىنى ئېلىپ خېلى رازى بولغان. ئۈرۈمچىدىكى سېتىش ئورنىنى دەپ بېرەمسىز مانىڭدىن بىرنى سېتىۋالاي.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 14:16:56

ماۋۇ تېلېفون بوپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.

مەنمۇ يېقىندا بىرنى سېتىۋېلىشىم مۇمكىن. بۇ خىل يانفوننى تېلېگراق تىجارەت زالىدىن سېتىۋالساقمۇ بولارمۇ؟ ياكى مەخسۇس بىلكاننىڭ شىركىتىگە بېرىپ سېتىۋالىدىغان گەپمۇ؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 14:37:27

باھاسىنى تاپالماي بىكالىقمىكىن دېسەم، بۇلۇڭدا پىتتەك يېزىپ قوياپسىلىيا، قىمەت ئەمەسكەنتۇق بولمىسا.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 15:52:06

سەپلىمىسىگە نىسبەتەن باھاسى مۇۋاپىقكەن.

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 16:22:42

ئەقلىي تېلېفون دەپ ئېلىشنى ئويلىشىپ باقساڭلار، چۈنكى بۇ خېلى ئومۇملاشتى، ھەم كېڭەيتىش، تۈرلەشكە ئاسان ئاتالغۇ.

سەپلىمىسى سەل تۆۋەنمۇ نېمە؟

serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 19:57:11

ھازىرقى زامانغا نىسبەتەن سەپلىمىسى (بولۇپمۇ ئىكران ئېنىقلىقى) تۆۋەنكەن.

anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 20:35:29

سەپلىمىسى سەل تۆۋەنكەن . سەپلىمىسىنى يۇقىرى ، پۇلىنىمۇ ئۆرە قىلىپ بىرەر ياخشى تىلفۇن ئىشلىسە بولىتى ، يىلدا يۇرتقا قايىتقاندا بىرنى ئىلىشقا ۋەدە بىرىتىم . بۇنداق ئىھتىياجى بارلار مىنىڭچە خىلى كۆپ .

zulyar0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 22:25:27

يۇقىرىقى تورداشنىڭ پىكرىنى دەھشەت قوللايمەن. باھاسىنى1200~1000يۈەنگىچە بولسىمۇ ،سەپلىمىسى بىر -ئىككى يىلغىچە جاھاننىڭ كەينىدە قالمىغۇدەك بولسا ،بىزلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تاللىشىمىز بۇلۇپ قالاتتىكەن.مەنمۇ ھازىر قايسى خىل تىپتىكىنى ئېلىش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتاتتىم.

puhra يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 23:10:18

بىلكاندىكىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن! \"\"   



بىلكاننىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلېگىرافنىڭ كارتىسىنى قوللايدىغان تېلىفۇنىنى ئىشلەۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ساقلاپ تۇرغانتىم. سەپلىمىسى تۈۋەنمۇ قانداق. قىممەترەك بولسىمۇ سەپلىمىسى يۇقىرراق بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتىكەن.

\"\"

ھېچ بولمىغاندا بىلكانU8نىڭكىدەك بولغان بولسىمۇ بۇلاتتى.

يەنە بىر مۇھىم ئىش باتارىيىسىنىڭ سېغىمىنىمۇ بىراز چوڭلاتسا .

شۇنداق بولسىمۇ بىرنى ئالاي.ئۆزىمىزنىڭ شىركەتلىرىنى ئۆزىمىز قوللايمىز. يۇقۇرى سەپلىمىلىكلىرى چىققاندا چۆنتەككە قاراپ بېقىپ يەنە بىرنى ئالۇرمىز.{:92:}

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 00:12:17

ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىيراق يېزىپ قويسىڭز قانداق .
بەت: [1] 2
: بىلكان شىركىتى cdma/gsm قوش مودىللىق u5 يانفونىنى بازارغا سالدى