(ياردەم)ئامەنەت قەرىز كوپراتىۋىنى قايسى ئورۇنغا ئەرىز قىلىمەن
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئىزدىنىش جامائىتى ئوبدان تۇرۇشلىمۇ
قۇرۇپ تەكەللۇپنى ئازقىلاي
ئەسلى ئىش مۇنداق مەن بىريىل بۇرۇن يەكەن ناھىيسىنىڭ مەلۇم يىزىسىنىڭ ئامەنەت قەرىز كوپراتىۋىدىن ئۆسۇمى 1000يۇەنگە 80يۇەنلىك ئۆسۇم بىلەن 15مىڭ يۇەن قەرىز ئالغانتىم . قەرىزنى قايتۇرۇش مۇددىتى 2يىل 15مىڭ يۇەنن 2 يىلغا بولۇپ قايتۇرش ئۇچۇن ئالغان 11 ئايدا قەرىز بەرگۇچى بانكا خىزمەتچىسى 11 ئايدا قەرىزنى سۇيلەپ تىلفۇن قىلىپتۇ مەن 12ئاينىڭ 15كۇنى قەرىزنى قايتۇرۇشنى ھازىر قولۇمدا ئۇنچە جىق نەق پۇل يوقلىقىنى دەپ تىلفۇننى قويۋەتكەن تۇنۇگۇن ئايالىمغا 3قىتىم تىلفۇن قىلىپ 3-قىتىمدا ئىنتايىن سەت گەپلەربىلەن ھاقارەتلەپتۇ كەچتە ئىشتىن چۇشۇپ ئۆيگە بارسام يىغلاپ ئولتۇردۇ نىم بولدى دەپ سورىسام مۇشۇنداق سەتگەپلەربىلەن ھاقارەتلىدى دەيدۇ شۇ ئاچچىغىمدا تىلفۇن قىلىپ بىر تىللايدىگەن لىكىن . مەن ئۇنى تىللىسام مىنىڭ ئۇنىڭدىن ھىچقانداق پەرقىم قالمىغۇدەك شۇڭا ئۆپكەمنى بىسىۋىلىپ توردىن بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ پاش قىلىش تىلفۇن نۇمرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم لىكىن باشقا ئۆلكىلەرنىڭ باركەن شىنجاڭنىڭ يوق ئىكەن ياكى مەن تاپالمىدىممۇ شۇڭا ئىزدىنىشتا
ھەرساھە ھەركەسپتىكى ئۇستازلار بولغاندىكىن قەشقەرۋىلايىتىنىڭ بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىش تىلفۇن نۇمرىنى
ئىزدەپ بىرىشىنى ئۇمىت قىلىمەن
مىنىڭ ئەڭ ئاچچقىم كەلگىنى بىر ئالي مەلۇماتلىق بانكا خىزمەتچىسىنىڭ ئادەم تىللىشى
ئەگەر بۇ قەرىزنى شەخسىدىن ئالغان بولسام ئۇنداق تىلىغان بولسا گىپىم يوق ئىدى چۇنكى بىزدىگەن باشقىلارغا قەرىزدار
لىكىن بىزبانكىدىن قەرىز ئالساق بىزئۇلارنىڭ خىرىدارى ئۇلارنىڭ ئادەم تىللاش ھوقوقى يوق شۇڭا
ئەرىز قىلىپ بىقىش كىرەك شۇڭا مۇشۇلارنى باشقۇردىغان ئورۇنلارنىڭ پاش قىلىش تىلفۇن نۇمرىنى بىلىدىغانلار قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار
قەرىزنىڭ ۋاقتى توشقان بولسا ئۇلارنىڭ قايتا - قايتا تېلفون قىلىپ سۈرۈشتۈرگىنى نورمال ئىش . ھەر بىر كېردىت خادىمى ئۆزى تارقاتقان قەرىز پۇللارنى ئۆزى يىغىۋالىدىغان گەپ ، يىغالمىسا يىللىق باھالاشتا لاياقەتسىز بولۇپ بىرمۇنچە ئىقتىسادى زىيان تارتىدۇ.
كېردىت خادىمى ھەقىقەتەن ئايالىڭىزنى تىللىغان بولسا شۇ قەرىز كوپراتىۋىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىللىرىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ .
مېنىڭچە ئامانەت قەرىز كوپراتىۋىدىكىلەرنىڭ قەرىزنى قايتۇرمىسىڭىز سوتقا ئەرىز قىلىش ھۆقۇقى بار لېكىن تىللاش ،ھاقارەتلەش ھوقۇقى يوق . پەقەتلا بولدى قىلمايمەن دىسىڭىز سوتقا ئەرىز قىلىڭ .
بانكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى نەچچە يىل بۇرۇنلا ھەر قايسى ناھىيەلەردىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ، يەكەندە بارمۇ يوق بىلمىدىم. بولغان تەقدىردىمۇ كەسىپكە ئەمەس ئەخلاققا ياتىدىغان بۇنداق ئىشلارغا ئۇلارمۇ بىرنېمە دىيەلمەسلىگى مۇمكىن.
|
ئامانەت قەرىز كوپىراتىۋىنىڭ پۇلبەرگۈسىدە نۇمۇرى بار. 1-سىزنىڭ قەرىز قايتۇرۇش ئاخىرقى قەرەلىڭىز قاچان ؟(قەرىزىڭىزنىڭ ۋاقتى قاچان توشاتتى ؟)
2- تىللىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئۇنگە ئېلىنغان ماتىريال بارمۇ ؟
تەكلىپ :
1-ئاچچىقىڭىزنى بىسىۋىلىڭ ، قەرىز قايتۇرۇش قەرەلىڭىز ئىشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ ئۆزىڭىز بىۋاستە قەرىز بەرگۇچى خادىمنى ئىزدەپ كىيىنرەك قەرىز قايتۇرۇش خىيالىڭىز بارلىقىنى دېگەنمۇ ؟ ئۇلار قانداق پىكىردە بولغان ؟ سىزدە ياكى ئايالىڭىزدا كەتكۇزۇپ قويغان تەرەپلەر بارمۇ يوق ؟ بەك كۆڭلىڭىزگىمۇ ئېلىپ كەتمەڭ ، يەنە ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ....
2- ئەگەر ئاچچىقىڭىز يەنىمۇ يانمىسا ، قاتتىق خاپا بولغان بولسىڭىز ، يەكەن ناھىيە 1-كوچىنىڭ يانتۇ ئۇدۇلىدا قەرىز كوپىراتىپ بىرلەشمىسى بار ، شۇلارنىڭ مەخسۇس كەسىپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تەپتىش ئىشخانىسى بار ، شۇلارغا دەپ بىقىڭ .
3- ئۇلارمۇ توغرا ھەل قىلمىسا ......96596 غا تىلفۇن قىلىڭ (زۇۋانى خەنچە بەلكىم ) 15000مىڭ يۇەن 15مىليۇن دېگەن گەپمۇ؟ يەكەن ناھىيسىدىمۇ بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كوممىتېتىنىڭ ئىش بىجىرىش ئىشخانىسى بار ،شۇ يەرگە بىرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىڭ...
تىلفۇن نومىرىنى 118114 گە تىلفۇن قىلىپ تاپقىلى بولدىغۇ دەيمەن
ئۇ بانكا ، بانكىلارنىڭ شاھىنشاھى ، ساختىپەزلەرنىڭ ماكانى ... مەن دىسەممۇ گەپ جىق مارالبېشى يەكەن تاشيولى يېنىدىكى ئاناركۆل يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىپى خادىملىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى ئىدىم، ئەمما يېزىپ قويغان ئەرز ـ شىكايەت تېلفۇنىغا تېلفۇن قىلسام ئۇلانمىدى. 12580 گە تېلفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرسەم تامدىكى مەن كۆرگەن نۇمۇر شۇكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەينەكنىڭ تېشىدا، ئۇلار ئەينەكنىڭ ئىچىدە ۋارقىراشتۇق. تېخى بىرى كۈلگۈمنى كەلتۈرۈپ ‹‹بۇ نامرات بانكىدا بىر باۋئەن بولغان بولسا بۇنداق ئۆكتەملەرنىڭ گېلىدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتەتتىيەي››،‹‹ بىزنى ئايال كىشى كۆرۈپ بوزەك قىلىدىيەي›› (ئەمەلىيەتتە 3نەپەر ئايال،2نەپەر ئەر خادىم بار ئىدى)، دەپ سۆزلەپ يۈرۈيدۇ.
جېدەلنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا مەن ئالدىغا كەلگىلى نەچچە مىنۇت بولسىمۇ تېلفۇنىنى قۇيۇۋەتمەي، شەخسى پاراڭ سېلىپ يۈردى. ئاچچىقىم كېلىپ، پۇلنى كۆزنەكتىن تەڭلىسەم تېلفۇننىمۇ قويماي ‹‹نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى›› دەيدۇ. تېخى يوغان بىرنى ئالىيىۋېتىپ. ئاچچىقىم كېلىپ، ‹‹تاماق يېگىلى كەلگەن›› دەپ قويسام سەكرەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يېنىدىكى خۇتۇنغا تەڭلىسەم پۇلنى ساناپ بۇلۇپ، نۇمۇر يازغان قەغىزىڭز بىلەن كىملىكنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى بېرىڭ›› دەيدۇ. بىر قولىدا كىملىكىمنىڭ كۆپىيەسى، بىر قولىدا مەن يېزىپ بەرگەن تالون. شۇنىڭ بىلەن قۇلۇمدىكى كونا ھېسابات تالونىنى دەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قولۇمدىكىنى تەڭلىسەم چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ قايناپلا كەتتى. مەن تېرىكىپ ‹‹كۆزۈڭىزگە ئىشتان كىيىۋالغانمۇ، قولىڭىزدىكى نېمۇ؟›› دېسەم بېسىقىپ قالدى. بۇ بېسىقسا بايىقى تېلفۇندا سۆزلىشىۋاتقان خوتۇن تېلفۇننى قويىۋېتىپ، سۆزلەۋاتىدۇ. تازا تىللىدىم ئاندىن . شۇنىڭ بىلەن جېدەل چىقتى، بەلكىم بۇلاردىن بىرەرى خەن يولداش بولغان بولسا ‹‹مىللەتلەر ئىتپاقلىقى›› غا تەسىر يەتكۈزدىڭ دەپ نېمىلەر بۇلۇپ كېتەر ئىدىكىن دەيمەن ....
ئۇيغۇر بىلەن ئۇيغۇر، خەن بىلەن خەن خېلى چوڭ جېدەل قىلسا، ھەتتا بىرىنى چانىشىپ ئۆلتۈرىۋەتسىمۇ ئادەتتىكىچە بىر تەرەپ بولىدۇ. ناۋادا ئىككى تەرەپ ئادەتتىكى تالىشىپ قالسا ...
6- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇ بانكا ، بانكىلارنىڭ شاھىنشاھى ، ساختىپەزلەرنىڭ ماكانى ... مەن دىسەممۇ گەپ جىق
جىق گەپنى بىزمۇ ئاڭلاپ قالمايلىمۇ ...
بانكىمۇ بولالمىغان كوپىراتىپ قانداق قىلىپ بانكىلارنىڭ شاھىنشاھى بولۇپ قالغاندۇ ؟؟
باش ئاخىرىنى ئوچۇق دەڭلا ، بىزمۇ بىلىپ قالىلى ...
ئۈرۈمچىگىلا كىلىڭە ، تەنتەربىيە يولى بىلەن ئالتۇن -كۆمۈش يولىنىڭ كسىشكەن يىرىدە ئامانەت -قەرىز كوپراتىپنىڭ ئەڭ چوڭ باش بىرلەشمىسى بار ، پۈتۈن باشلىقلىرىنىڭ ئىشخانىسى بىر قەۋەتكىلا جايلاشقان . خوتۇنىڭىز كىرىپ ئۇ باشتىن -بۇ باشقىچە ھەممىسىنى تىللاپ ئۆچىنى ئېلىۋالسۇن ، پەستىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى چىقىپ بولغىچە ئون مىنۇت كىتىدۇ ، ياخشى تەييارلىق قىلسا ۋاقىت يىتەرلىك . شۇ باھانىدا قىشلىق ساياھەت قىلىۋالىسىز دەلىل ئىسپاتچۇ ,قولىڭىزدا دەلىل ئىسپات بارمۇ? قارشى تەرەپ ئايالىڭىزنى ھاقارەتلىگەندە ئېلىۋلغان ئۇن ماتىريالى دىگەندەك
10- قەۋەتتىكى bibarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دەلىل ئىسپاتچۇ ,قولىڭىزدا دەلىل ئىسپات بارمۇ? قارشى تەرەپ ئايالىڭىزنى ھاقارەتلىگەندە ئېلىۋلغان ئۇن ماتىريالى دىگەندەك
ئۇنى بىلگەن بولسام ئىلىۋالاتتىم ھەم ئايالىمنىڭ يىنىدا مەن يوق ئىدىم تىخى قەرىزنىڭ ۋاختى توشۇشقا يەنە 25 كۇن ۋاقىت بارئىدى
ئەمدى ئۆگۇنلۇككە چىقىپ قەرىزنى قايتۇرۋەتكەچ تازا ئانى مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىۋىتىپ يىنىپ كىرىشنى ئويلاشتىم ئەرىز قىلىدىغان جاينى تاپالمىغاندىكىن
2- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
1-سىزنىڭ قەرىز قايتۇرۇش ئاخىرقى قەرەلىڭىز قاچان ؟(قەرىزىڭىزنىڭ ۋاقتى قاچان توشاتتى ؟)
2- تىللىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئۇنگە ئېلىنغان ماتىريال بارمۇ ؟
تەكلىپ :
1-ئاچچىقىڭىزنى بىسىۋىلىڭ ، قەرىز قايتۇرۇش قەرەلىڭىز ئىشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ ئۆزىڭىز بىۋاستە قەرىز بەرگۇچى خادىمنى ئىزدەپ كىيىنرەك قەرىز قايتۇرۇش خىيالىڭىز بارلىقىنى دېگەنمۇ ؟ ئۇلار قانداق پىكىردە بولغان ؟ سىزدە ياكى ئايالىڭىزدا كەتكۇزۇپ قويغان تەرەپلەر بارمۇ يوق ؟ بەك كۆڭلىڭىزگىمۇ ئېلىپ كەتمەڭ ، يەنە ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ....
2- ئەگەر ئاچچىقىڭىز يەنىمۇ يانمىسا ، قاتتىق خاپا بولغان بولسىڭىز ، يەكەن ناھىيە 1-كوچىنىڭ يانتۇ ئۇدۇلىدا قەرىز كوپىراتىپ بىرلەشمىسى بار ، شۇلارنىڭ مەخسۇس كەسىپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تەپتىش ئىشخانىسى بار ، شۇلارغا دەپ بىقىڭ .
3- ئۇلارمۇ توغرا ھەل قىلمىسا ......96596 غا تىلفۇن قىلىڭ (زۇۋانى خەنچە بەلكىم )
يەنە ساق 25 كۇن بارئىدى باشتا بىر تىلفۇن قىلىپتىكەن 12ئاينىڭ 15 كۇنى تاپشۇرايلى دىگەنتىم گەپمۇ قىلماي تىلفۇننى قويۋەتكەن
ئايالىڭىزنى ھاقارەتلىگەن كوپراتىپ خادىمى يېڭى ئىشقا چۈشكەن سويما ئوخشايدۇ، ناۋادا ئۇنىڭدىن چوڭ كاداڭلىرى بولغان بولسا سىلەرنى ئاجىراشتۇرۋاتقان بۇلاتتى. بولاپتۇ سەۋىر قىلىڭ، ئاللا ئىگەم ھەممىنى كۈرۈپ تۇرىدۇ، بەلكىم ئايالىڭىزنى ھاقارەتلىگەن كوپراتىپ خادىمى ئەينى ۋاقىتتا چۇقۇم ئايالىڭىزدىنمۇ بەكرەك ئىچى ئاچچىق بولغاندۇ، چۈنكى باشقىلارنى ھاقارەتلەش ئۈچۈن قىلغان سۆز ئاۋال ئۆزىگە ئاڭلىندۇ ئەمەسمۇ؟ ئەرىز قىلدىڭىزمۇ دەيلى سىز كىيىن يەنە شۇ كوپراتىپقا بارىسىز ئەمەسمۇ، ئويناشماڭ ئەرباپ بىلەن، ئەرباپ سالىدۇ ھەر باپ بىلەن. دىگەن سۆزبار . سەۋىر قىلىڭ. ئىشىڭىزغا ئاسانچىلىق بىرەر ئىنشائاللا.