مىكروسوفت بىڭ باش بېتى رەسىملىرى
مىكروسوفت بىڭ ئىزدەش بېكىتىنىڭ باش بېتى رەسىملىرى كۈندە بىر نۇسخا ئالمىشىپ تۇرىدۇ، بۇرۇن چۈشۈرۈشكە بولاتتى، ھازىر چەكلەپتۇ. بەتنىڭ ئاستى ئوتتۇرىسىدا، بىڭ زىننەت رەسىملىرىئۈستەل يۈزى تەگلىك پروگراممىسى چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەن.
بەزى ئالاھىدە كۈنلەردە ياكى ئالاھىدە تېمىلاردا، بۇ تەگ رەسىم ھەركەتچان چىقىپمۇ قالىدۇ، قويۇش- توختىتىش كۇنۇپكىسى بىلەن، خالىغان چاغدا توختىتىپ كۆرگىلى بولىدۇ.
ئۆتكەن ھەپتە ماداغاسقاردىكى ساناقلىقلا قالغان بىر تۈلگە ئېيىقنىڭ سۈرىتى چىقىپتىكەن، ھەركەتچان، بىر ئارتىستتەكلا.. ئۇ كۈنى تەۋسىيە قىلالمىدىم.
بۈگۈن، جەنۇبىي ھىندى ئوكيان ئاسمىنىدىكى قۇتۇپ نۇرىنىڭ ھەركەتچان سۈرىتى(NASA) چىقىپتىكەن، كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈۋېلىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم، بىڭ باش بېتىدە جەمئىي بىر ھەپتىلىك رەسىملەرنى قايتۇرۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ.
بۇ ئادرىس زىيارەتچىمنىڭ باش بېتى، شۇ رەسىملەرنى كۈندە كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن تەڭشەپ قويدۇم.
تۈۋەندىكى رەسىم ئۇ ئەمەس، ئۆزۈم يوللاپ قويدۇم.
ئەسلى ئىشەنمەي دېگەنىدىم، يۇقىرىقى ئىككەيلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇۋالدى. ئىشىنەي ئەمدى.

مەن ئىككى كۈن ئىلگىرى يوللىغان ماتاڭ ماجراسى دېگەن تېمام ئۈچۈرلۇپ تاشلىنىپتۇ،سەۋەبى تەكرار دەيدۇ.
مەن ئىزدىنىشتىن بۇ ۋەقە تۇغۇرلۇق تىما كۆرمەپتىمەن.شۇنچە جاپادا يازسام ئۈچۈرلۈشى سەل ئەلەم كەلدى.سەۋەبىنى بىلسەم دەيمەن bing نىڭ تەگلىكلىرى ھەقىقەتەن چىرايلىق ، ئۆزگىچە .
google دىن bing غا كۆچكىلى خېلى زامان بوپ قالدى مۇشۇ تەگلىكىرى ئۈچۈن.


4- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاڭلىسام شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا گوگۇل ئىشلىمەيدىكەن، دەيدۇ، راستمۇ؟
بۇنىڭغا ئىشىنىڭ بۇراسلا بولغان ۋەقە! گوگۇل ئىزدەش ماتورى ئىچىلىدۇ، لىكىن ھەيدەي دەپ خوتقا سالسىڭىز ئۆچۈپ قالىدۇ، بۇنىڭغا خىلى ئۇزۇن بولدى، ئامال يوق بەيدۇ ھەيدەپ ئولتۇردۇق. shah_senem@ ئىشىنىڭ، بۇ تەخمىنەن نەچچە يىل بۇيانقى ۋەقە، ئۇ چاغدا سىز ھازىرقىدىن نەچچە ياش كىچىكتىڭىز

ئىشقىلىپ گوگېلنىڭ مۇلازىمەتلىرى ئاساسى جەھەتتىن نورمال ئەمەس، گوگېلنىڭ خەرىتىسىدە ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى ئۈستىگە لاپاس يېپىپ قويغاندەكلا كۆرىنىدىكەن تېخى، جىق يەرلىرىنى بوياپلا قوياپتۇ، قارىغاندا بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە خېلى كۆڭۈل بۆلۈپتۇ دېدىم، شىمىگو رايونىدىن ئىشتىن چۈشۈپ، سايباغ رايونىدىن ئۆتۈپ، تەڭرىتاغ رايونىغا كىرسەم بىرخىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا چۆمىلىمەن

ھەركۇنى بىرقىتىم ئالمىشىپ تۇرۇدۇ ئۇستەل يۇزى رەسىملىرى بۇ ئىقتىدارى راسلا بولىدىكەن مەن بەكلا ياقتۇردۇم بۈگۈن قاينايدىغان بىر كۈنكەن ... توۋا قىلدىم نىمە ئىشلار بۇلۇپ كەتتى، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا گوگىل خەرىتىسىدىن ئۆيۈمنى كۆرەلەيىتتىم.
12- قەۋەتتىكى uquhuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باچكا ئاكا
مەن ئىككى كۈن ئىلگىرى يوللىغان ماتاڭ ماجراسى دېگەن تېمام ئۈچۈرلۇپ تاشلىنىپتۇ،سەۋەبى تەكرار دەيدۇ.
مەن ئىزدىنىشتىن بۇ ۋەقە تۇغۇرلۇق تىما كۆرمەپتىمەن.شۇنچە جاپادا يازسام ئۈچۈرلۈشى سەل ئەلەم كەلدى.سەۋەبىنى بىلسەم دەيمەن
ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىگە سىستېمىدىن تەكرار دەپ تاللىغان بولسىمۇ لېكىن تېخى ئوخشاش تېما يوق، ئوخشاش مەزمۇن يوللانسا تەكرار ئۆچۈرۈلۈپ مېڭىشى مۇمكىن.
سەۋەبىگە كەلسەك، چۈشىنىشىڭىز كېرەك، ئىزدىنىش جامائەت پىكىرىدە ئەكىس تەسىرلىك مەزمۇنلارنى يوللاشقا نىسبەتەن ئەزەلدىن بەلگىلىك ئۆلچەمگە ئىگە، چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ.
ئۇ خەۋەر ئاللىقاچان سىنا بېكىتى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنىپ، توردا بىر كۆلەمگە يېتىپ كەتتى، تەلەپپۇزى ھەر خىل بولۇپ كەتتى، شۇڭا، ئىزدىنىش بۇ تۈردىكى خەۋەرلەرگە ئېغىر بېسىق بولىدۇ.
ئىلگىرى دىققەت قىلماپتىكەنمەن ،ئەمدى ھەركۈنى قاراپ باقاي جۇمۇ{:106:}.4- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاڭلىسام شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا گوگۇل ئىشلىمەيدىكەن، دەيدۇ، راستمۇ؟ راسىتئىچىلمايۋاتىدۇ ،