مېھماندارچىلىق، توي-تۆكۈندە دىققەت قىلشقا تىگىشلىك ئىشلار.
چاقچاق قىلىنغاچ يېزىلىپ كىتىلدى.
1. تويغا يالغۇز بارماسلىق كېرەك، بولمىسا باشلايدىغان ساھىپخان چىقماي قېلىپ تويغا بارغانغا تويسىز.
2. ئاندا-مۇندا تۇنۇشلار چاقىرىپ قالسا، ئايالىڭىزدىن پۇل ئەۋەتىۋتىپ بارمايلا قۇيۇڭ، بۇنداق تويلاردىمۇ ھۆرمەتسىز قالىسىز.
3. كاتتا باشلىقلار بىلەن بىللە(ھەتتا ئادەتتىكىمۇ) باشلىقلار بىلەن بىللە رېستۇران ئىشكىدە تۇرماڭ، باشلىقنى كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ كەتكەن بىلەن سىز يەنە ئېتىۋارسىز قالسىز.
4. باغاققا ئايالىڭىزنىڭلا ئىسمنى يازغان بارسا بۇنداق تويغا بارمىسڭىزمۇ بولىدۇ.
5. خەتنە تويغا كىچىك بالىڭىزنى ئېلىپ بارماڭ، بولمىسا ئاياللار سوۋغاتلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان سورۇنغا كىچىك بالىڭىز كېرەلمەي سوۋغات غەلۋىسى قىلىپ يىغلاپ خاپا سالىدۇ.
6. شۆھرەتپەرەس ئاياللار قىلغان تويغا ئايالىڭىزنى ئاپارماڭ، ئايالىڭىزنىڭ قان بسېمى ئۆرلەپ شۇك بوپ قېلىش خەۋىپى چوڭ.
7. تويغا ئاپارماقچى بولغان سوممىڭىزنىڭ ئۈچ ھەسسچىلىك پۇلنى چوقۇم بىللە ئالغاچ بېرىڭ، رەت بېشدىكى مىڭلاپ يېزىلغان سوممىلاردىن تەسىرلىنىپ كېتىش ئېھتىمالىڭىز بەكمۇ چوڭ.
8. ماشىنىڭىز بولمىسمۇ بىرەر تال ماشىنا ئاچقۇچىنى بىللە ئېلىۋېلىڭ، ھاراق زورلايدىغانلارغا:-قولۇمدا رول بار!دېيشكە ئەسقاتىدۇ.
9. پۇلنى تىزلا چىقىرالايدىغان يەرگە سېلىڭ، ئىشىك تۈۋىدىلا پۇل يىغىپ سالسا شارتتىدىلا چىقىرىشقا ئەپلىك بولسۇن.
10. مېىھماندارچلىققا بارغاندا كىمنىڭ مېھمان قىلىدىغانلىقنى بىلۋېلىڭ.
11. مىھماندارچلىققا بارغاندا ئاۋال يالغۇز بېرىڭ، كىيىنكىسى ئەھۋالغا قارىتا بولسۇن.
12.ئايالىڭىز بىلمەيدىغان ئارامگاھلارنى بىلۋېلىڭ. ئاپەتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكتە.
13.يۈزىڭىز قېلىن بولسا باشقىلارنىڭ سورۇنىدا باشقىلارنى مىھمان قىلىۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
14. مېھماندارچلىق ۋە توي-تۆكۈنلەرگە بارغاندا ئاۋال تاماق يەۋېلىپ ئاندىن بېرىڭ. بولمىسا ئاچ قالسىڭىز ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ.
15. كۆتۈرمىچىلىك قىلىدىغان سورۇنلارغا بارغاندا بېلىڭىزنى ئەۋرشىم، تىلىڭىزنى تاتلىق، قولىڭزىنى چاققان قىلىڭ
16. يۇقارقىلارنى پەقەت بىر چاقچاق دەپلا چۈشىنىش كېرەك. كۈلگىدەك يەرلىرىدە بىر كۈلۈپ قويسىڭىز بولدى.
ئەڭ مۇھىمى چاقىرمىغان يەرگە بارماڭ، چاقىرغان يەردىن قالماڭ.
مەنبە مەن.
---
ئۇنداق ئەۋىرىشىم بولۇپ كېتىدىغان بەللەرنى چېقىۋەتمەسلىك كېرەكمۇ؟ {:106:}
1- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
-- بېلىڭىزنى ئەۋرشىم،
---
ئۇنداق ئەۋىرىشىم بولۇپ كېتىدىغان بەللەرنى چېقىۋەتمەسلىك كېرەكمۇ؟
چېقىۋەتمەي نوغۇچ يىگۈزۈپ قويۇش كېرەك ئىدى شۇ، ئىگلەلمەيلا قالسا.
ساھىبخان قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇنىمۇ يازىلى. ئاجايىپ يېزىپسىز ...بارىكاللا ...بولسا مۇشۇنداق تۇتۇرىقسىز تېمىلارنى كۆپرەك يېزىڭ .
يۇقارقى گەپلەرنىمۇ چاقچاق ئورنىدىلا كۆرۈڭ .... ئەمدى ئوقۇپ باقسام ئەجەپ قاملاشماپتا دېمىسمۇ...كۈزىڭىزلاردىن ئەپۇ سورايمەن. ئۆچۈرۋېتىڭلار بولدى. بەزى گەپلەرنىڭ ئاساسى بار گەپلەر ئىكەن.... تايىنى بار تېمىلار قانداق بولىدۇ ئەمىسە...
5- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىزدىنىشتا تىمىلارنىڭ ھەجەپ تايىنى قالمايۋاتىدۇ. نىمە بولدى باللار. تالىشىپ مۇشلىشىپ كەتكەن مۇنبەرگە 15كۈندە بىر كىرسەممۇ تۈزۈك بىرنەرسە يوق............
سىز قۇتراتقۇلۇق قىلغۇدەك تېما يوقمىكەن؟ مېنىڭچە ھەركىمنىڭ ئۆز قىززىقىشى ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن ھەممەيلەن ئىلمىي قىممىتى بار تىما ياكى مۇنازىرە تىمىسى يوللاشنى تەلەپ قىلىش مەنچە ئاقىلانىلىق ئەمەس.
ھەركىم ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرسۇن. {:90:} ھىلىقى تاڭسا توغرىسىدىكى ئىلمى ماقالىنى تاپالمىدىمغۇ . ئۇمۇ مۇشۇ تىمىغا بەك ماس كىلىدىكەن .