يەكەن نېمىشقا «پىرىيانە يەكەن»دەپ ئاتالغان؟
شىنجاڭنىڭ يىقىنقى زامان تارىخدا ، بولۇپمۇ 15-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئارقىمۇ- ئارقا ئېقىپ كىرگەن ( قاراخانلار دەۋرىدىكىلەر بۇنىڭ سىرتىدا) تەسەۋۋۇرۇپ پىشىۋالىرىدىن سەمەرقەنتلىك خوجا مۇھەممەت شېرىپ بۇزرۈكۋار (ئابدۇرىشىتخاننىڭ پىرى) ، خوجا ئەخمەت كاسانى ( مەختۇم ئەزەم) ، خوجا ئەبەيدۇللا سۇرىددى ، مەختۇم ئەزەم ئوغۇللىرىدىن : خوجا مۇھەممەت ئىمىن ، خوجا مۇھەممەت يۈسۈپ ، خوجا ئاپپاق ؛ خوجا ئىسھاق نەۋېرلىرىدىن : خوجا دانىيال ، خوجا ياقۇپ ، خوجا ھاشىم ، خوجا قاسىم قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق پىر-ئىشانلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ، قەشقەر ، يەكەن، خوتەن ھەتتا قۇمۇل رايۇنلىرىغا تارقىلىپ ، تەسەۋۋۇرۇپ تەرىقەتچىلىك پىكىر ئىقىمىنى كەڭ كۆلەمدە تارقارقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاستانىسى يەكەن شەھرىگە توپلىشىپ تەرىقەت سۇلۇكىنى يۈرگۈزگەن ، ھەتتا بەزىلىرى سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ ئىنتايىن ئىچىنىشلىق ۋەقەلەرگە سەۋەپ بولغان ئىدى. بەزى خاتېرىلەردە ئاشۇ زاماندىكى يەكەننىڭ ھەر بىر كوچىسىدا بىر خانىقا ، ھەر مەھەللىدە بىر "ئىشان- پىركامىل" لار بار ئىدى. شۇڭا ، پۇتۇن پىر-ئىشانلار توپلانغان بۇ شەھەر "پىرىيانە يەكەن" دەپ ئاتالدى- دېيىلگەن رىۋايەت بار.
مەنبە: "ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات" ( 2-قىسىم) ، 23-232-بەتلەر.
پىريانە يەكەن ئەمەس,غېربانە يەكەن.موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخى ھەمىدى دىگەن كىتاۋىنى ئوبدان كۈرۈڭ!شەھىدانە خوتەن,غېرىبانە يەكەن,ئەزىزانە قەشقەر,ۋەلىيانە ئاقسۇ,غازىيانە كۇچا,غەليانە تۇرپان......قەدىمقىلىرىمىز شۇنداق ئاتىغان!

تۇرپاندىكى يەرلىك خەلق ۋە پۇتۇن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىلى كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى \"قۇرئان كەرىم\"نىڭ \"سۈرەكەھف\" قىسمىدا بايان قىلىنغان \"ئەسھەبۇلكەھف\" ۋەقەلىكىنىڭ قاتناشچىلىرى تۇرپاندىكى تۇيۇق مازىرىدا (غارى) دا دەپ ئىخلاس قىلىشىدۇ.
تۇيۇق غارىدىكى \"ئەسھابۇلكەھف\" لار ئۇزاق جايلاردىن كەلگەن مۇساپىرلار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى: يەملەيخا، ماكسىلىىمىنا، ئازارپەتۇنۇس، كاشاپەتۇنۇس، يۇۋانۇس يۇنۇس، قىتمىر قاتارلىقلار بولۇپ ، تاكى قىيامەتكىچە غاردا ئۇخلاپ ياتىدۇ ، دېيىلگەن. پۇتۇن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەر يىلى مىڭلاپ كىشىلەر بۇ مازارغا كىلىپ تاۋاپ ۋە دۇئا - تەلەپ قىلىدۇ. بىشىغا دەرت- ئەلەم چۇشكەنلەر يىغا-زارە بىلەن مەدەت سورايدۇ. مۇساپىر ئاتالغۇسى غىرىب مەنىسىنىمۇ بىلدۇرىدۇ . شۇڭا ، ئۇلۇغ كېشىلەر سىمۋۇلى بولغان \" ئەھابۇلكەھف\" تۇرپاندا بولغانلىقى ئۈچۈن \"غىرىبانە تۇرپان\" دەپ ئاتالدى دېگەن رىۋايەت بار.
يۇقارقى كىتاپ ، 251-بەت. ئاقسۇ نېمىشقا غازىيانە ئاقسۇ دەپ ئاتالغان ؟
خەلق رىۋايەتلىرىدە ئىيتىلىشىچە ، ئاقسۇ شەھرى ئەتراپىدا ، قەدىمدىن ھەر خىل جەڭلەردە شېھىتلىك مەقامىغا يەتكەن ئاتاقلىق شەخىسلەر كەم ، تولاراق ئۇلار جەڭلەردە غەلبە قىلغان ، شۇڭا ، \" غازىيانە ئاقسۇ\" دەپ ئاتالغان . بىبى مەسۇم ئەزىزەم ئىپارخان 1759-يىلى ئۇرۇشتا ھايات قالغاچقا شۇ نام بىرىلدى ، دگۇچىلەر بار.
يۇقارقى كىتاپ ، 250-بەت. كۇچا نېمىشقا ۋەلىيانە كۇچا دەپ ئاتالغان؟
چىڭگىزخان بۇخارانى ئىشغال قىلغاندا ، بۇخارانىڭ مەشھۈر ئۆلىماسى شەيىخ ئىمام ھاپىز بۇخارى بىلەن مۇنازىرە ئىلىپ بارغان. ئىمام بۇخارى كەسكىن مۇنازىرە يۈرگۈزگەنلىكتىن چىڭگىزخان ئۇنى شېھىت، ئەۋلاتلىرىدىن 17 كىشىنى ئاق ئۆيلۇك قىلىپ قارابالاساغۇن يىنىدىكى كېلوران تىېغىغا سۇرگۇن قىلغان. 1227-يىلى چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كىيىن ، بۇخارىنىڭ ئەۋلاتلىرى چىڭگىزخاننىڭ ئىزباسارى قۇبلايخاننىڭ روخسىتى بىلەن ئازاد بولۇپ شىنجاڭغا كەلگەن. نەۋرىسى شەيىخ جاللىدىن دەسلەپ شەھرى كېتىككە، كىيىنرەك ئاقسۇ ئايكۆلدە ماكانلاشقان؛ تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ياردىمى بىلەن شىيىخ ئەرشىدىن بولسا كۇچادا ماكانلاشقان ، 1868-يىلى ياقۇپبەگ قۇشبېگى تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئاخىرقى ئەۋلادى راشىدىن خان ئۆلتۈرلۇش بىلەن ئۇنىڭ نەسەبى ئاياقلاشقان.
ئىمام ھاپىز بۇخارىنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاساسەن كۇچاغا توپلانغانلىقى ئۈچۈن ، كۇچا « ۋەلىيانە كۇچا» دەپ ئاتالغان.
يۇقارقى كىتاپ ، 286-بەت. قەشقەر نېمىشقا ئەزىزانە قەشقەر دەپ ئاتالغان؟
- مۇھەممەت سىدىق يەركەندىنىڭ ، مۇھەممەد سادىك كاشىغەرىنىڭ << دىۋان زەلىلى -- سەپەرنامە >> ، << تەزكىرەئىي ئەزىزان >> ناملىق ئەسەرلىرىدە مۇنداق تەبىر بېرىلگەنلىگى قەيت قىلىنغان :
<< سۇۇتق بۇغراخان ، ئەبۇناسىر سامانىي ، ئىمانىدىن كاشىغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئىمام زاھىت ھۈسەيىن پەيزۇللا ، خوجا ياقۇپ ، ئىمام زاھىت خەلەپ ، ئەبى ھۈسەيىن ، ئىمام زاھىت قۇتبىدىن ، مۇسا بۇغراخان ، ئوسمان بۇغراخان ، سەيد ئارسلانخان ، قىلىچ بۇغراخان ، ھەسەن بۇغراخان ، ئابدۇغاپپار بىننى ھۈسەيىن كاشىغارى ، بىبى مەريەم بىننى سۇتۇق بۇغراخان ، تۇركان خاتۇن -- نۇرئەلا نۇرخان بىننى سۇتۇق بۇغراخان ، يۈسۈپ قىدىرخان ............ قاتارلىق زاتلارنىڭ قەشقەر ئەتراپىدا قەۋرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇڭا بۇ ئەزىزلەر ھۆرمىتىگە ~ << ئەزىزانە كاشىغەر >> دەپ ئاتالدى . خەلقىمۇ ئەزىز بولغۇسى ..... >> دېيىلىدۇ .
ئىمام بۇخارىي بىلەن چىڭگىسخان ئوتتۇرىسىدا ئادەتتە 400 يىل پەرق مەۋجۇت ...
1- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پىريانە يەكەن ئەمەس,غېربانە يەكەن.موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخى ھەمىدى دىگەن كىتاۋىنى ئوبدان كۈرۈڭ!
شەھىدانە خوتەن,غېرىبانە يەكەن,ئەزىزانە قەشقەر,ۋەلىيانە ئاقسۇ,غازىيانە كۇچا,غەليانە تۇرپان......قەدىمقىلىرىمىز شۇنداق ئاتىغان!![]()
![]()
قانچىنچى بەت؟
7- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىمام بۇخارىي بىلەن چىڭگىسخان ئوتتۇرىسىدا ئادەتتە 400 يىل پەرق مەۋجۇت ...
ئىمام بۇخارىي ئەمەس ئىمام ھافىز بۇخارىي ئىكەن . ھافىز دىگەن خەت كىچىكقۇ ئەمەسكەن بولمىسا ، قانداقلاچە كۆرمەي قالغانسىز دەيمەن .

9- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
7- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىمام بۇخارىي بىلەن چىڭگىسخان ئوتتۇرىسىدا ئادەتتە 400 يىل پەرق مەۋجۇت ...
ئىمام بۇخارىي ئەمەس ئىمام ھافىز بۇخارىي ئىكەن . ھافىز دىگەن خەت كىچىكقۇ ئەمەسكەن بولمىسا ، قانداقلاچە كۆرمەي قالغانسىز دەيمەن .![]()
ھۆرمەتلىك بىلگەچاق ، ھافىز دىگىنى خۇددى ئىمامغا ئوخشاش دىنىي ئۇنۋاندۇ ؟ ياكى يېڭىچە تەتقىقاتىڭىز بارمۇيە ...
تېما ئىگىسىنىڭ دىمەكچى بولغىنى بەلكىن خارەزىم شاھى مۇھەممەت شاھ ئوخشايدۇ ...
10- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يېڭىچە تەتقىقاتلىرىم يوق ، تەتقىقاچىمۇ ئەمەس مەن . ئىمام بۇخارى دىگەن ئىسىم بىلەن ئىمام ھاپىز بۇخارى دىگەن ئىسىم بىر ئادەمنىڭ ئىسمى ئەمەسكەن دەپ ئەسكەرتىپ قويدۇم شۇ . ئىمام ھاپىز بوخارى دىگەن كىشىنى بىلمىسەممۇ ئىمام بۇخارىنى بىلىمەن . مۇشۇنچىلىك گەپكە تەنە قىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، بىلىملىك موھتىرەم بولغاندىكىن . ھىچقىسى يوق ، رىۋايەتمۇ ئانچە مۇنچە تارىخىي چىنلىق بىلەن ئازراق باغلىنىشى كېرەكتە ... شەھىدانە خوتەن ئەمەس، شېھىدانە خوتەن دەڭلار . چۇنكى ئۇرۇش -يېغىلىقلار كۆپ بولۇپ شېھىد بولغانلار كۆپ بولۇپ يۇرۇڭقاش،قارىقاش دەريالىرى قىپقىزىل قانغا تولۇپ نەچچە كۇن ئاققان دىگەن رىۋايەتمۇ بار ئىدى .
نىمانداق شەھىدانە ،شەھىدانە دەۋېرىدىغاندۇ ما باللا .
شېھىدانە !!!! بەك ئوبدان بىلىملەرنى يوللاپسدىز تەشەككۈر « 1+1=؟» dawanqi يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 17:53 static/image/common/back.gif
پىريانە يەكەن ئەمەس,غېربانە يەكەن.موللا مۇسا سايرامىن ...
ۇرپان نېمىشقا غېرىبانە تۇرپان دەپ ئاتالغان؟
تۇرپاندىكى يەرلىك خەلق ۋە پۇتۇن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىلى كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى \"قۇرئان كەرىم\"نىڭ \"سۈرەكەھف\" قىسمىدا بايان قىلىنغان \"ئەسھەبۇلكەھف\" ۋەقەلىكىنىڭ قاتناشچىلىرى تۇرپاندىكى تۇيۇق مازىرىدا (غارى) دا دەپ ئىخلاس قىلىشىدۇ.
تۇيۇق غارىدىكى \"ئەسھابۇلكەھف\" لار ئۇزاق جايلاردىن كەلگەن مۇساپىرلار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى: يەملەيخا، ماكسىلىىمىنا، ئازارپەتۇنۇس، كاشاپەتۇنۇس، يۇۋانۇس يۇنۇس، قىتمىر قاتارلىقلار بولۇپ ، تاكى قىيامەتكىچە غاردا ئۇخلاپ ياتىدۇ ، دېيىلگەن. پۇتۇن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەر يىلى مىڭلاپ كىشىلەر بۇ مازارغا كىلىپ تاۋاپ ۋە دۇئا - تەلەپ قىلىدۇ. بىشىغا دەرت- ئەلەم چۇشكەنلەر يىغا-زارە بىلەن مەدەت سورايدۇ. مۇساپىر ئاتالغۇسى غىرىب مەنىسىنىمۇ بىلدۇرىدۇ . شۇڭا ، ئۇلۇغ كېشىلەر سىمۋۇلى بولغان \" ئەھابۇلكەھف\" تۇرپاندا بولغانلىقى ئۈچۈن \"غىرىبانە تۇرپان\" دەپ ئاتالدى دېگەن رىۋايەت بار.
يۇقارقى كىتاپ ، 251-بەت.