matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 14:57:03

قۇمۇل نېمىشقا «سوفىيانە قۇمۇل » دەپ ئاتالغان ؟

     1430-يىلدىن كېيىن ئىسلام دىنى ئەمدىلا تارقىلىشقا باشلىغان قۇمۇل رايۇنىدا تەرىقەت پىشىۋالىدىن مىرسەيىت جېلىل قاتارلىق ئىشانلار خەلق ئارىسىدا تەسەۋۋۇپچىلىقنى تەرغىب قىلغان . ئۇزاق مۇددەت بۇددا دىنى تەرىقەتلىرى ھۆكۇمرانلىقىدا بولغان قۇمۇل خەلقى ئىسلام دىنى تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، ئىشانلارغا ئىخلاس قىلغۇچىلار كۆپەيگەن. بۇ خىل قولاي شارائىتتىن پايدىلانغان خوجا ئەھمەت كاسانىينىڭ نەۋرىسى خوجا مۇھەممەت يۈسۈپ قۇمۇلدا تەرىقەت سۈلۈكىنى يۈرگۈزگەن . بىر رىۋايەتتە ، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان ئاپپاقمۇ قۇمۇلدا تۇغۇلغان.

     تۇرپاندىكى كېپەكبەگ تارخاننى ئۆلتۇرۇپ ، سىياسىي ھوقوقنى تارتىۋالغان ئىمىن سوپىمۇ تۇرپان، پىچان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا تەسەۋۋۇپچىلىقنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان.


    بەزى ماتېرىياللاردا ، قۇمۇلدىكى مۇسۇلمانلىق ئاساسەن ئىشانلار تەرىپىدىن ئوموملاشتۇرلۇپ پۇختىلانغان ، ھەتتا 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىقەت مۇرىتى بولغان . شۇڭا ، ئاھالە ئارىسىدا سوپىلارنىڭ كۆپلىكى ، خەلقنىڭ ياۋاش، مۇلاھىملىقىدىن قۇمۇل دىيارى " سوفىيانە قۇمۇل" دەپ ئاتالغان دېگەن گەپ بار.




مەنبە:  " ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات"  ( 2-قىسىم )، 246-بەت.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 16:12:43

ئاڭلاشلارغا قارغاندا مۇشۇ دىيارىمىزدا سوپى ئىشانلار ياۋلار بىلەن كۆپ كۆرەشلەرنى قىلغان ئىكەن ،،،

‹سوفىيانە › دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالشى يۇۋاش ،مۇلاھىم دىگەن گەپمىكەن ؟


izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 16:13:38

ئانا دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرسۈپىتى بىلەن كەلگەن،مەسىلەن :ئەزىزانە قەشقەر،شىھىدانە خوتەن،بولسا مۇشۇلارنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى بىلىدىغانلار يوللاپ قويساڭلار،بىلىۋالساق. قۇمۇلنىڭكىنى تۇنجى قىتىم ئاڭلىشىم،بولسا باشقا شەھەرلەرنىڭ يەنە قانداق نامى بار؟بىلىدىغان ئەزىزلەر دەپ بەرگەن بولسا؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 16:21:27

3- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غىرىبانە يەكەن ،،

\"\"

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 16:23:53

3- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غىرىبانە يەكەن ،،



ياق ، پىرىيانە يەكەن.


بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ يوللاپ قوياي!

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 16:27:55

غازىيانە ئاقسۇ

شەھىدانە خوتەن

ۋەلىيانە كۇچار

...

موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئىككى تارىخنامىسىدە بۇ ناملار توغرىسىدا خېلى بىر نەرسىلەر بار.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 16:28:09

4- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غىرىبانە يەكەن ،،



ياق ، پىرىيانە يەكەن.


بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ يوللاپ قوياي!


-----------------------------------


بولدۇ ..مەن چوڭلاردىن غىرىبانە يەكەن دەپ ئاڭلاپتىكەنمەن شۇ بويۇنچە يازغان ئىدىم ....رەھمەت سىزگە  \"\"




yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 16:55:16

سوپىزىم ئۆز نۆۋىتىدە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى بەرھەق، تارىختىكى ئاز بىر قىسىم «سوپىلار»نىڭ ئەسىكىلىكىنى دەپ پۈتكۈل سوپىزىمنىڭ تۆھپىسىنى يوققا چىقىرىش توغرا ئىش ئەمەس. ئاددىسى تۈرك مىللەتلىرنىڭ لەتىپە ئۇستازى بولغان خوجا نەسىردىن ئەپەندىمۇ ئەسلى بىر يۇرتمۇ-يۇرت كېزىپ يۈردىغان سوپا- دەرۋىش ئىكەنمىش.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 17:00:24

سۈركەلگەن قارلار ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن چوقۇم ئىچىلدۇ ......ھازىر بۇرۇنقۇدەك سوپىلارنىڭ بىريەرگە ئۇيشۇپ

ئىبادەت قىلدىغان پالىيەتلىرى چەكلەنگەن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 17:22:22

شېھىدانە خوتەنمۇ ياكى شاھىيانە خوتەنمۇ؟

غېرىبانە يەركەن ئەمەس غېرىبانە تۇرپان. ئالتە شەھەر ئۇيغۇر تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان چوڭ شەھەرلەر ھەممىسى جەنوپتا. يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت بولغان تۇرپان شەرقتە يالغۇز قالغاچقا غېرىبانە تۇرپان دەپ ئاتالغانىكەنمىش.

arkim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 17:24:28

ئەزىزانە قەشقەر: ئەزىزلىگۈدەك مەھمۇد قەشقىرى، ئابدۇقادىر داموللام يۇرتى.

شەھىدانە خوتەن: نەرىگىلا قارىسىڭىز شېھىدلىكلەرنى ئۇچىرىتىدىكەنسىز.

غېرىبانە تۇرپان: نەرىگىلا قارىسىڭىز مۇساپىر، نەرىگىلا قارىسىڭىز قەدىمىي خارابىلەر.

سوفىيانە قومۇل: تېمىدا ئەسكەرتىلىپتۇ. ئاساسەن توغرا.

...

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 17:38:13


5- قەۋەتتىكى Hechkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غازىيانە ئاقسۇ

شەھىدانە خوتەن

ۋەلىيانە كۇچار

...

موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئىككى تارىخنامىسىدە بۇ ناملار توغرىسىدا خېلى بىر نەرسىلەر بار.



يەنە ، غىرىبانە تۇرپان !




dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 17:55:58

پىريانە يەكەن ئەمەس,غېربانە يەكەن.موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخى ھەمىدى دىگەن كىتاۋىنى ئوبدان كۈرۈڭ!

شەھىدانە خوتەن,غېرىبانە يەكەن,ئەزىزانە قەشقەر,ۋەلىيانە ئاقسۇ,غازىيانە كۇچا,غەليانە تۇرپان......قەدىمقىلىرىمىز شۇنداق ئاتىغان!

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 18:02:25

12- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىريانە يەكەن ئەمەس,غېربانە يەكەن.موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخى ھەمىدى دىگەن كىتاۋىنى ئوبدان كۈرۈڭ!

شەھىدانە خوتەن,غېرىبانە يەكەن,ئەزىزانە قەشقەر,ۋەلىيانە ئاقسۇ,غازىيانە كۇچا,غەليانە تۇرپان......قەدىمقىلىرىمىز شۇنداق ئاتىغان!



غەلىيىنە تۇرپاننىڭ  مەنىسى  نىمە ، ئىسيانكار  دىگەنلىكمۇ يە ...

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 18:03:09

خوتەننىڭ شەھىتلەر ماكانى دەپ ئاتىلىشىدا ياقۇپبەگ خوتەن ئىستىلاسىدا 50000ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان,ئۇندىن بۇرۇنمۇ ھەم كۈچلۈك خان زامانىدا مەۋلانە ئالائىدىن خوتەنى باشچىلىغىدا قىرىلغانلار ھەم بولغان,تۇرپان بۇرۇنقى بايانلاردا خاتىرلىنىشىچە ھەر ئۈچ يىلدا بىر كىچىك توپىلاڭ,ھەر بەش يىلدا بىر چوڭ توپىلاڭ يۈز بىرىدىغان يۇرت دەپ ئاتالغان.(چىڭ سۇلالىسى دەۋىردە تۈزۈلگەن بەش تىللىق لۇغەت).شۇ سەۋەپتىن غەليانە تۇرپان دەپ ئاتالغان.سوفىيانە قۇمۇل دىگەننى ئەمدى ئاڭلىشىم... \"\" \"\"

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 19:22:23


10- قەۋەتتىكى arkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەزىزانە قەشقەر: ئەزىزلىگۈدەك مەھمۇد قەشقىرى، ئابدۇقادىر داموللام يۇرتى.

شەھىدانە خوتەن: نەرىگىلا قارىسىڭىز شېھىدلىكلەرنى ئۇچىرىتىدىكەنسىز.

غېرىبانە تۇرپان: نەرىگىلا قارىسىڭىز مۇساپىر، نەرىگىلا قارىسىڭىز قەدىمىي خارابىلەر.

سوفىيانە قومۇل: تېمىدا ئەسكەرتىلىپتۇ. ئاساسەن توغرا.

...


---غۇلجىنى نىمە دەرمەن ھەجەپ بىشىم قاتتا،،،،،،،ھەممىنى سىلەر دەۋاپسىلەر،،،خەپ سىلەرنى،،،\"\"




matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 19:28:36

12- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىريانە يەكەن ئەمەس,غېربانە يەكەن.موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخى ھەمىدى دىگەن كىتاۋىنى ئوبدان كۈرۈڭ!

شەھىدانە خوتەن,غېرىبانە يەكەن,ئەزىزانە قەشقەر,ۋەلىيانە ئاقسۇ,غازىيانە كۇچا,غەليانە تۇرپان......قەدىمقىلىرىمىز شۇنداق ئاتىغان!

كىتاپ قولۇمدا تۇرۇپتۇ، قانچىنچى بەت؟

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 19:31:21

14- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوتەننىڭ شەھىتلەر ماكانى دەپ ئاتىلىشىدا ياقۇپبەگ خوتەن ئىستىلاسىدا 50000ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان,ئۇندىن بۇرۇنمۇ ھەم كۈچلۈك خان زامانىدا مەۋلانە ئالائىدىن خوتەنى باشچىلىغىدا قىرىلغانلار ھەم بولغان,تۇرپان بۇرۇنقى بايانلاردا خاتىرلىنىشىچە ھەر ئۈچ يىلدا بىر كىچىك توپىلاڭ,ھەر بەش يىلدا بىر چوڭ توپىلاڭ يۈز بىرىدىغان يۇرت دەپ ئاتالغان.(چىڭ سۇلالىسى دەۋىردە تۈزۈلگەن بەش تىللىق لۇغەت).شۇ سەۋەپتىن غەليانە تۇرپان دەپ ئاتالغان.سوفىيانە قۇمۇل دىگەننى ئەمدى ئاڭلىشىم... \"\" \"\"



خوتەن نېمىشقا شەھىدانە خوتەن دەپ ئاتالغان؟



خوتەن خەلقىنىڭ داستان رىۋايەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا خوتەننى شېھىدانە خوتەن دەپ تىلغا ئالىدۇ.بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ۋەقە كۆپ تىلغا ئېلنىدۇ:بىرى19-ئەسىرنىڭ ئاخىردا خوتەندە مەنچىڭ خنلىقىنىڭ زۇلىمىغا قارشى ئابدىراخمان خانپاششا ئىسىملىك ئەزىمەتنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۇرۇپ غەلبە قىلغان ھەم ئىسلام دۇلىتى قۇرغان.ئۇزۇن ئۆتمەي بەدۆلەت قوشۇن باشلاپ بېرىپ ئۇلارنى ئالداپ، قەسلەپ ئۆلتۇرۋەتكەن.بۇنىڭ بىلەن خوتەن خەلقى پادىشاسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىپ، نەچچە ئون مىڭ پۇخرا شېھىت بولغان .بۇلارنىڭ باشلىرىدا نەچچە يۇزمىتىر ئىگىزلىكتە تاغ ياسىغان. شۇڭا خوتەن شېھىدانە خوتەن دەپ ئاتالغان. بۇھەقتىكى مەلۇماتلار\"ئابدىراخمان خانپاششا\"دىگەن خەلىق داستانىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان.يەنەبىرى: خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كىيىن ،ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرپاندىكى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلمىغانلار تەرپىدىن باستۇرلۇشقا ئۇچراپ، بۇتۇن بىرشەھەرنىڭ ئادەملىرى بىر مەيدانغا يېغىلغان ،خوتەنلىكلەرنى ئىسلام دىنىدىن قايتۇرۇش ئۇچۇن بىردىن باغلاپ بوينىغا قىلىچ تەڭلەپ تۇرۇپ،خۇدا نەچچى دەپ سورىغان،خوتەنلىكلەر بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن،شۇنىڭ بىلەن كاللىسىنى چېپىۋەتكەن،يەنە بىردىن سورىغان بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن كاللىسىنى چېپىۋەتكەن،شۇنداققىلىپ نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ كاللىسىنى چېپىۋەتكەن ھەممىسى قېلىچ ئالدىدا تەمتىرمەستىن بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن،شۇڭا خوتەنلىكلەر بىرنى بىر دەيدۇ،جاھىل خەق دەپ نام ئالغان،ھەمدە شۇقېتىم شېھىت بولغانلار بەك كوپ بولغاچقا شۇندىن بىرى خوتەن شېھىدانە خوتەن دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.


yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 19:34:16

15- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


10- قەۋەتتىكى arkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەزىزانە قەشقەر: ئەزىزلىگۈدەك مەھمۇد قەشقىرى، ئابدۇقادىر داموللام يۇرتى.

شەھىدانە خوتەن: نەرىگىلا قارىسىڭىز شېھىدلىكلەرنى ئۇچىرىتىدىكەنسىز.

غېرىبانە تۇرپان: نەرىگىلا قارىسىڭىز مۇساپىر، نەرىگىلا قارىسىڭىز قەدىمىي خارابىلەر.

سوفىيانە قومۇل: تېمىدا ئەسكەرتىلىپتۇ. ئاساسەن توغرا.

...


---غۇلجىنى نىمە دەرمەن ھەجەپ بىشىم قاتتا،،،،،،،ھەممىنى سىلەر دەۋاپسىلەر،،،خەپ سىلەرنى،،،\"\"





\"\"


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 07:22:34

15- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


10- قەۋەتتىكى arkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەزىزانە قەشقەر: ئەزىزلىگۈدەك مەھمۇد قەشقىرى، ئابدۇقادىر داموللام يۇرتى.

شەھىدانە خوتەن: نەرىگىلا قارىسىڭىز شېھىدلىكلەرنى ئۇچىرىتىدىكەنسىز.

غېرىبانە تۇرپان: نەرىگىلا قارىسىڭىز مۇساپىر، نەرىگىلا قارىسىڭىز قەدىمىي خارابىلەر.

سوفىيانە قومۇل: تېمىدا ئەسكەرتىلىپتۇ. ئاساسەن توغرا.

...


---غۇلجىنى نىمە دەرمەن ھەجەپ بىشىم قاتتا،،،،،،،ھەممىنى سىلەر دەۋاپسىلەر،،،خەپ سىلەرنى،،،\"\"






غۇلجىدا يامغۇر جىق ياغىدۇ دەيدۇ. دەريا-كۆۋرۈكمۇ جىق ھەقىچان، كۆۋرۈكانە غۇلجا دەۋالمامسىز بولمىسا...
بەت: [1] 2
: قۇمۇل نېمىشقا «سوفىيانە قۇمۇل » دەپ ئاتالغان ؟