izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 14:26:49

رادنىي كىڭ ۋە ساقچى زوراۋانلىقى




   تۈنۈگۈن NBCنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ بۇ يىتىم توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقىپ قالدىم.بەلكىم بۇ كىشىنى ھەممىڭلار بىلىشىڭلار مۇمكىن. مايكول جەكسىننىڭ <ئۇلار بىزگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ>دىگەن ناخشىسىنىڭMTVدا تۆت-بەش ساقچىنىڭ بىرەيلەننى ئۇرىۋاتقان كۆرىنىشى چىقىدۇ،بۇ  دەل ئاشۇ تاياق يىگەن كىشى.ئاشۇ جەرياننىڭ سىنى ئاشكارلانغاندىن كىيىن بىر مەيدان ئىرقىچىلىققا،ساقچى زوراۋانلىقىغا قارشى ھەركەت مەيدانغا كىلىدۇ،لىكىن بۇ ئادەم نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغان...




<Rodney Glen King>  رادنىي گېلىن كىڭ ،1965-يىلى 4-ئاپىرىلدا تۇغۇلغان مۇشۇ يىل 17-ئىيون ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.1991-يىلى3-مارتتا، بۇلاڭچىلىق سەۋەبىدىن قولغا ئىلىنىپ كىپىلگە قويوپ بىرىلگەن قۇرۇلۇش ئىشچىسى كىڭ يۇقىرى سۈرەتتە ماشىنا ھەيدەپ لوس-ئانجىلىس ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالغان ۋە قاتتىق تاياق يىگەن.تاياق يىگەن جەرياننىڭ كۆپ قىسمىنى شۇ يەردە تۇرۇشلۇق جورج خولىدەي ئىسىملىك بىرەيلەن تۇرالغۇسىنىڭ بالكونىدىن سىنغا ئىلىۋالغان ۋە تارقىتىۋەتكەن،بۇ ئىش مەملىكەت مىقياسىدا ئاۋامنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ۋە كىڭ ھەممىگە تونۇلۇپ كەتكەن.


سىندا كۆرسىتىلىشچە، كىڭنى 7نەپەر ساقچى ئارىغا ئالغان ۋە بىرنەچچىسى ئۇنى توختىماي كۈچەپ ئۇرغان.بۇ جەرياننىڭ باشقا ساقچىلار قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرغان.سىن تارقالغاندىن كىيىن لوس-ئانجىلىس ۋە باشقا ئىرقى كەمسىتىش مەسلىسى نازۇك بولغان شەھەرلەردە ئاۋامنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغاپ قويغان.بۇ سىن ئاۋامنىڭ شۇڭ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا جەمىيتىدە ساقلانغان ئىرقى كەمسىتىش، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى ۋە باشقا ئىجدىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرىۋەتكەن.


كىڭنى ئۇرغان تۆت نەپەر ساقچى لوس -ئانجىلىس ساقچى ئىدارىسىدىن بولۇپ، لوس-ئانجىلىس ئالىي سوتى ئۇلارنى گۇماندارلارنى بويسۇندۇرۇشتا چىكىدىن ئاشقان تەدبىرلەرنى قوللانغان دەپ قولغا ئىلىنغان.1992-يىلى4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۈچ ساقچى <كۇن،ۋىند ۋە بىرىسىنو> گۇناھسىز دەپ قويوپ بىرىلگەن.يەنە بىر ساقچى پوۋېلمۇ ئۇزاققا بارماي گۇناھسىز دەپ قويۇپ بىرىلگەن.


شۇنىڭ بىلەن ئىش ئوخشىغان، ئۇلارنىڭ گۇناھسىز دەپ قويوپ بىرىلىشى دۇنيانى زىل-زىلگە سالغان 1992-يىلىدىكى <لوس-ئانجىلىس پاراكەندىچىلىكى>نىڭ يۈز بىرىشىگە سەۋەپ بولغان.بۇ پاراكەندىچىلىكتە 53كىشى ئۆلگەن،2000دىن ئارتۇق كىشى يارلانغان.بۇ پاراكەندىچلىكنى يەرلىك ساقچى تەرەپ بىسىقتۇرالمىغاچقا، كالفورنىيە پەندېلەتىن ھەربىي گازارمسىغا قاراشلىق دىڭىز ئارمىيە قىسملىرى ۋە دۆلەتلىك ئارمىيە قاراۋۇللىرى قىسمىدىن ياردەمگە كىلىپ بىسىقتۇرغان.




1992-يىلى 8-ئاينىڭ2-كۈنى،فىدىراتسىيە سوتى دىلوغا قايتا قاراپ چىقىپ،قيوپ بىرىلگەن تۆت نەپەر ساقچىنى كىڭنىڭ پۇقرالىق ھوقوقىغا دەخلى يەتكۈزگەن دەپ قايتا قولغا ئالغان.1993-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى،لوس-ئانجىلىستىكى ئامېرىكا رايون سوتى كالفورنىيە رايۇنلۇق مەركىزى سوتى بۇ تۆت نەپەر ساقچىنى سوراق قىلغان.4-ئاينىڭ16-كۈنى كۇن ۋە پوۋېلغا جىنايەت بىكىتىلىپ تۈرمىگە كىرگەن.قالغان ئىككىسى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بىرىلگەن.


كىڭ لوس-ئانجىلىس پاراكەنچىلىكىدە تىلىۋىزىيە نۇتىقى سۆزلەپ ئۇنىڭ مەشھۇر سۆزى:<چىقىشىپ ئۆتەيلى،بولامدۇ؟>نى قىلغان.



مەنبە:http://en.wikipedia.org/wiki/Rodney_King



uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 18:16:57

بۇ ۋەقەنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە راۋاجى ماھىيەت جەھەتتىن بەزى ئامانلىق دىلولىرىغا ئوخشاپ قاپتۇ .  {:136:}

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 16:26:30

ئاۋۇ سىننى تېلېۋىزىيەدە تارقىتالىغان يەردە، زوراۋانلىق، ئىرقىي كەمسىتىش دېگەننى تاپماق تەس يەركەن ئۇ... \"\"
بەت: [1]
: رادنىي كىڭ ۋە ساقچى زوراۋانلىقى