xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 23:14:25

گۈلزەدەك

گۈلزەدەك







ئارامسىزلىنىش، قايتا-قايتا بىزار بولۇش، قاتتىق زېرىكىش، گويا موزدوزنىڭ يېرىلغان، قاداق باسقان قۇش ئاياقلىرىدەك كۆرۈمسىز قوللىرى يۈزلىرىمنى سىلىغاندەك بىر كەيپىياتتا، ئادەم تولۇپ كەتكەن كوچىلارنى ئايلىنىمەن. توختىماي يېغىۋاتقان قېلىن قار، شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېيىلىپ، گۇگۇم پەردىسىگە  ئورالغان زېمىننى كېچە قوينىغا سۆرەيدۇ.

پەقەت شۇ تۈن كېچىلا مەن ئۈچۈن راسلانغان يۇمشاق، ئارامبەخش تۆشەك.

بىرسىگە جاندىن كېچىپ ئاشىق بولغۇم بار، زۇلمەت كېچىلەرنىڭ سۆيۈملۈك تەنھالىقىدا، ساداقىتىمگە قۇل بولۇپ، مەڭگۈ مۇھەببەت قاينىمىدا ياشاپ قالسام دەيمەن.

بىراۋلارنىڭ مەۋھۇم سىماھلىرىنىڭ خىيالىم بوشلۇقىدا لەيلەۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولساممۇ، يەنىلا شۇنى خالايمەن.

مۇڭلۇق كۈيلەرنى ياڭرىتىش ئۈچۈن يارالغان قەدىمىي تەۋەرۈك چالغۇلاردىن ياڭرىغان مىلودىيەلەرنى ئەسلىتىدىغان ھاياتىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ياشاۋاتقانلىقىم سەۋەبىدىن، بۇ دۇنيانىڭ ئىنسانلار توپىدىن ئايرىلىپ قالغانمەن، ئەسلى مەن ھەممىنى سۆيىمەن، ھەتتا يەردە بىقەدىر تاشلىنىپ تۇرغان دانچە تاشلارمۇ ماڭا شۇ قەدەر سۆيۈملۈك بىلىنىدۇ.

بەزىدە ئەلەملىرىمنى كىشىلەرنىڭ ئاياغلىرىغا تۆكۈپ–تۆكۈۋەتكۈم كېلىدۇ، بىراق ئۇلار مەندىن يىرگىنىدۇ، مېنى كۆرسە، ئالدى كەينىگە قارىماي بەدەر قېچىشىدۇ، چۈنكى مەن بىر سۆيگۈگە لىق تولغان بۆيۈك سەنئەتكار، ئۇلار ھېس قىلالمايدىغان گۈزەللىكلەرنى بايقاپ ھەم ئۇلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنالايمەن.

تېخى ئەينەكنىڭ نېمىلىكىنى يېڭى بايقىغان چاغلىرىمدىن باشلاپلا، ئۇنىڭ قۇدرىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانمەن. ئالقاندەك كېلىدىغان كىچىك تىكلىمە ئەينەك ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، ئويماقتەك جىنەستە لەۋلەرنىڭ ئاپئاق يۇمران تېرىلەردىن ئايرىلغان پاسىل سىزىقلىرىنى ئېھتىيات بىلەن كۆڭۈل خاتىرىلىرىمگە قايتا-قايتا سىزىپ، ياراتقۇچىنىڭ ئىنسان تېنىدىكى بۇ مۆجىزىسىنى ئازارسىز تاماشا قىلاتتىم. يۇمشاق سارغۇچ چاچلىرىم ماڭلايلىرىمدا تاشلىنىپ تۇراتتى، يەنە تېخى بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزۈم دېرىزىدىن سىرغىپ كىرىۋاتقان قۇياش نۇرىدا ھەر خىل رەڭدە جۇلالىنىپ ئىشقىمنى قوزغايتتى.

بارماقلىرىمنىڭ نازۇكلىقىدىن پەخىرلىنەتتىم، ھويلىدا ئاپتاپقا قاقلانغاچ، مۇشۇ نازۇك بارماقلىرىمنى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چىلاپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قاراپ كېتەتتىم.

بارا-بارا چوڭ بولدۇم، بەدىنىمدە ئۆزگىرىشلەر بولغىلى تۇردى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر مېنى شۇنداق ھاياجانغا سالاتتىكى، ياتاق ئۆيۈمگە بېكىنىۋېلىپ، كىيىملىرىمنى سېلىۋىتىپ، كىيىم ئىشكاپىدىكى تۇتۇق ئەينەك ئالدىدا ئۆرە تۇراتتىم، ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىدىكى، ھەر خىل ھالەتلەردە قانداق ھالغا كىرىدىغانلىقىنى سىناپ باقاتتىم. مېنىڭ بۇ قىلىقلىرىم، رىۋايەتلەردىكى زەھەرلىك ئالمىچى، جادۇگەر خانىشنىڭ، سېھىرلىك ئەينەك ئالدىدىكى قىلىقلىرىغا ئوخشاپ كېتەتتى. مەنمۇ ئەينەكتىن:«جاھاندا كىم ئەڭ گۈزەل؟» دەپ سورايتتىم، بىراق ئەينەك ماڭا ھېچنىمە دېمەيتتى.

لېكىن مەن خانىشنىڭ ئەكسىچە، ئەينەكنىڭ ماڭا تېخىمۇ گۈزەل ئىنساننى كۆرسىتىپ بېرىشىنى بەكمۇ خالايتتىم. ناۋادا مەن ئارزۇ قىلغاندەك گۈزەل كىشى بۇ دۇنيادا بار بولسا، ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھىرلەنگۈچى مەن بولسامكەن دەيتتىم.

ئەرلەر تولىمۇ كالامپاي ھەم كۆرۈمسىز كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ يىرىك تېرىلىرى، ئۆسكىلەڭ قاشلىرى، پات-پات يۇيۇقسىز قالىدىغان چاچلىرى، تەتۈر ئۆسكەن تېرەكتەك بويى، يەنە تېخى سېسىق پۇرايدىغان تىنىقى...مەن دەل شۇنداق بىر ئەرنى ئۇچراتتىم، ئۇ ئالدىمدا ئولتۇرۇپ بىر پىيالە چاينى شۇنداق بىخىرامان ھالدا غورتۇلدىتىپ سۈمۈردى، ئۇ چاينى ئەتراپىدا ھېچكىم يوقتەك، زادى شۇنداق ئاۋاز چىقىرىپ ئىچىش كېرەكتەك، ھاياسىزلارچە بىر سۈمۈرۈپ ئىچىپ بولدى، خۇددى دۇنيادا ئۇنىڭدىن باشقا ئىككىنچى بىر ئەر يوقتەك غادىيىپ ئولتۇرۇپ، بۇيرۇلغان تاماقنىڭ چىقىشىنى كۈتكەچ ماڭا قارىدى، بەلكىم بۇ ياققا كەلگىچە يۇيۇنغان بولۇشى مۇمكىن، پاكىز چايقالمىغان بەدىنىدىن سوپۇننىڭ ھىدى كېلىپ تۇراتتى. ئۇنى ئاز دەپ قولىنىڭ قېلىن تېرىلىرىمۇ شور ئۆرلەپ قالغان تامدەك كۆرۈنۈپ كەيپىمنى ئۇچۇراتتى، بىراق مەن ئۇنىڭ يېنىدىن تۇرۇپ كېتەلمەيتتىم، مەن ئۇنىڭ بىلەن بۇ بىر ۋاقلىق تاماقنى بىللە يېيىشىم، بىللە بازار ئايلىنىشىم، بىللە كىنو كۆرۈشۈم يەنە داۋاملىق ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ، كېچىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۆسنىگە تولغان يوللاردا سەيلە قىلىشىم يەنە تېخى ئۇنىڭ مېنى ئۆيۈمگە ئەكىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىشىم كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھاممام ماڭا ئۈگەتتى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەن ئاتا-ئانامدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، يالغۇز ياشاپ، مىجەزىم غەلىتە بولۇپ قالغانمىش. ئاتا-ئانام كېسەل بولۇپ ئۇزۇن ياشىيالمىدى، كەينى-كەينىدىن ئۆلۈپ كەتتى. مېنى بەزىدە مۇشۇ ھاممام يوقلاپ كېلەتتى، مەن ئۇنىڭ ياۋرۇپالىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان كۆككۈچ كۆزلىرىنى ياقتۇراتتىم، بىراق كىپىتى بۇزۇلغان لەۋلىرىنى كۆرۈشتىن ئۆزەمنى ئېلىپ قاچاتتىم. يۈزىدىكى قورۇقلىرى، سارغايغان تېرىسى، ماڭا قىلچە ئىستېتىك زوق بېرەلمەيتتى.

ئۇ دائىم ئالدىراشلا يۈرەتتى، گويا پۈتمەس-تۈگىمەس ئىشلىرى باردەك، ئارام ئېلىش دېگەننى ئويلاپمۇ قويمايتتى. بالىسى ھەم ئېرى ئۇنىڭ بارلىقى ئىدى، شۇلار ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىدىن ئالەمچە مەمنۇندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ ئانامنىڭ بىردىن-بىر قېرىندىشى بولغاچقا، ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇ مېنىڭ ئۇنىڭدىن مىراس تالاشمىغىنىمدىن خۇش ئىدى، بەلكىم بەزىدە مېنىڭدەك تەنھا جىيەنىنى ئەسلەپ قالسا كېرەك، يېنىمغا كېلىپ، نەچچە سائەت ھال مۇڭ بولۇشۇپ قوياتتى. ئۇ مېنى ياتلىق بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلاتتى. مەن ياتلىق بولسام ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنچە شادلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيتتىم، ئۇمۇ مېنى چۈشەنمەيتتى، مەن باشقا دۇنيادا ياشايتتىم، ئەرلەر مەن ئۈچۈن يىرگىنىچلىك مەخلۇقلار بولۇپ تۇيۇلاتتى، مەن ئۇلارنى ياقتۇرمايتتىم. ئۇلار راسلا قان شورىغۇچى ئالۋاستىلارغا ئوخشايدۇ، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى   دەپسەندە قىلىدۇ، گۈزەللىكنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.  

ھاممامنىڭ زورلىشىدىن قۇتۇلالماي، بۇ ئەر بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇنىڭ شالاپشىتىپ تاماق يېيىشىدىن، ئاچكۆزلۈك بىلەن ئاغزىدىكى لوقمىنى يۇتۇشىدىن شۇ قەدەر بىزار بولدۇمكى، نازاكەتسىز بۇ ئەبلەخنى ئاختا قىلىۋېتىشنى ئويلىدىم. بۇ ئەبلەخ ھېچقاچاندا تېنىنىڭ قايسى قىسمىنىڭ ئەڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ماڭا دەپ بېرەلمەيتتى. ئۇ سەرراپلاردىكى ھېسسىياتسىز ئۇۋىلىغۇچى خادىملارغا ئوخشايتتى، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشتىن قورقۇپ، تاماقخانىدىن قېچىپ چىقتىم.  

ناۋادا داۋاملىق ئۇ جايدا ئولتۇرۇلىۋەرسەم، بەلكىم، تاماقخانا تاملىرى گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ مېنى بېسىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى. قېچىپ چىقىۋىتىپ،نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن غىزالىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،ئۇ ئاياللار شۇنچە نۇرلۇق ئىدى، بىراق ئۇلار ئۆز لاتاپىتىنىڭ قارشىسىدىكى ئەرلەر ئۈچۈن ئەرزىمەس غىلجىڭلىقتەك بىلىندىغانلىقىنى سەزمەيتتى،ئۇلار كەچلىك تاماققا داخىل بولۇش ئۈچۈن سائەتلەپ ياسىنىشقان،ھەر بىر تارام چېچى قايسى جايدا تۇرسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ كۆڭلەكلىرىنىڭ ئويمىلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېچىلسا، ئاپپاق بويۇنلىرى تولۇق نامايەن بولۇپ، يۇمران تېرىلىرى يېقىشلىق زىننەت چىراقلىرىنىڭ نۇرىدا، ئالتۇن زەنجىرلىرى بىلەن سىڭىشىپ ھەسەن-ھۆسەندەك جىلۋىلىنىدۇ؟ لەۋلىرىگە قايسى خىل سۇرۇقلارنى ئىشلەتسە، ئاشۇ ئەر ئۇنىڭ شۇ لىۋىدىن يۈرەك تىۋىشلىرىنى بايقىۋالىدۇ؟ئۇلار ھەممىنى شۇ قەدەر ئىنچىكە ئويلاشقان. ئۇلار بىر توپ ئاققۇللارغا ئوخشايتتى،ھەم سىرلىق كۈلۈمسىرەشلىرى بىلەن رىۋايەتلەردىكى ھۆرلەرنى ئەسلىتەتتى.

بىراق ئۇلار ھازىرقى زاماندا،مۇتەئەسىپ ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتىدۇ، ئۇ ئەرلەر سەللە ئورىۋالغان چىل بۆرىلەر...

بۇ ئەبلەخلەر ئاياللارنىڭ ياقىلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇردىغان، كېلىشكەن ئويماچلىرىغا،ئوچۇق بىلەك- يوتىلىرىغا، شالۋاقلىرىنى ئېقىتىپ مولۇنلاردەك ماراپ قارىشىدۇ،ئۇلارنىڭ ئەسۇ-يادى يۇمشاق تۆشەكلەردىكى نازلاردىن كېلىدىغان چەكلىگۈسىز جىنسىي ھاياجانلاردىن ئۆزلىرىنى بوشۇتۇش،  ئۇلار ئەنە شۇنچىلىك، بىچارە ئاياللار، ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل جىسمىنىڭ ئاشۇ زەھەر زەرداپنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىدىن قىلچە ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىشمايدۇ.

ناۋادا ئاشۇ تاماقخانىدا ئەر ئاتلىق مەلئونلار، بىزەڭ چىۋىنلاردەك توپلىشىپ تۇرىۋالمىغان بولسا،مەن ئەڭ يۈكسەك مەدھىيلەر بىلەن ئۇلارنى ماختىغان بولار ئىدىم،ئۇلارنىڭ ئەپسانىلاردىكى  ئىلاھلاردىن قىلىشمايدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن بولار ئىدىم.

بىراق بىر بىزەڭ چىۋىن مېنىمۇ بىزار قىلىپ،ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىدى.

قاتتىق ئەپسۇسلىنىش ئىلكىدە بۇ جايدىن ئايرىلدىم،گۇگۇم پەردىسى يېپىلغان شەھەر، مەن ئۈچۈن بىراۋلارنىڭ 4-قەۋەتتىكى سۆسۈن پەردە تارتىلغان ئۆيى ئىدى، مەن بىنانىڭ ئەڭ تۈۋەن يېرىدە تۇرۇپ سۆسۈن پەردىنىڭ كەينىدىكى تىلسىم مەۋجۇتلۇقلارغا ئىنتىلەتتىم،ئۇلارنىڭ غۇۋا شولىلىرى قەلبىمدە چۈشۈنۈكسىز ئىنتىلىشلەرنى قوزغاپ.مەنفى قۇتۇپلۇق ماگىنىتتەك مېنى ئۆزىگە تارتىدۇ،بىراق مەن مۇسبەت قۇتۇپلۇق ئوخشايمەن،بارغانسىرى ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كېتىۋاتاتتىم،سۆسۈن پەردىنىڭ كەينىدىكى كىشىلەرنىڭ سوغاق سىماھلىرى 4- قەۋەتتە بىچارىلەرچە لەيلەيتتى.مەن شۇنچە تۈۋەندە تۇرۇپمۇ، مۇقەددەس تىنىچلىقنىڭ شاپائىتىدە ئۇلارنىڭ ئازاپلىق نالە-زارلىرىنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇراتتىم،ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىللە خارلىنىشنى خالىمايتتىم.

ئۇلار بىر بىرسىنى نۇمۇسسىزلارچە ئالدىشاتتى. قىلمىشلىرىدىن تەشۋىشلىنىپ ياشايتتى، ئۇلارنىڭ بىچارىلىكىگە، ئاجىزلىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ، ئۇلار مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدۇ، مۇھەببەتنىڭ بۈيۈك گۈزەللىكنى ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى، گۈزەللىك بىلەن مۇھەببەتنىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلمايدۇ، ئۇلاردا ئۇنچىلىك پاك كۆزلەر يوق، جۈملىدىن ئەرلەر مۇھەببەتنى دەپسەندە قىلغۇچىلار، ئۇلار گۈزەل ئاياللارنى خارلايدۇ، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىنى پەسكەش نەپسىنىڭ خۇرۇچلىرى دەپ قارايدۇ-خالاس. ئۇلارغا بولغان نەپرىتىمنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمەن.

ئادەم مىغىلدىغان ئاۋات كوچىلارنىڭ لەزەتسىز شاۋقۇنلىرىدىن، كىشىنى ئازادە قىلىدىغان ئىزغىرىن ،سوغاق شامال چىڭقالغان ئەسەبىيلىرىمنى راھەتلەندۈردى.

ھارغىن پۇتلىرىمنى سۆرەپ، غېرىپ كۈلبەمگە قايتىپ كەلدىم،جىسمىمنى قاپلىغان غەشلىك، تەنھا تەنلىرىمنىڭ پۇراقلىرى سىڭىپ قالغان  ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىم بىلەن تۇماندەك تاراپ كەتتى. بۇ ئۆي مېنىڭ ھاياتىم ئىدى، تاملارغا، كىيىم ئىشكاپىمغا ھەتتا قاچا يۇيىدىغان جۈمەك بېشىغىچە، ئەينەك قويىۋەتكەن ئىدىم،ئىشىكنى يىپىپلا كىرسەم ،تاشقى دۇنيانىڭ ئازارلىرىدىن ئارام تاپاتتىم.

ئەڭ مۇھىمى ماڭا كۈشەندە بولىدىغان ئەر زاتى يوق ئىدى، ھاممامغا ئوخشاش تىپىرلاپ يۈرمەيتتىم،بىچارە ھاممام ئاشۇ چىرايلىق كۆزلىرى بىلەن ئېرىنىڭ يۈزىگە مۆلدۈرلەپ قارايتتى، ئېرىنىڭ قانداق چاغدا ئىللىق تەبەسسۇم قېلىپ، ھاممامغا باقىدىغانلىقىنى مەن بىلمەيتتىم، ئۇ كىشى تۇغۇلۇشىدىنلا قاپاقلىرىدىن مۇز ياغىدىغان كىشىدەك كۆرۈنىدۇ،ئۇنىڭ قىزغىنلىقى تولىمۇ بىمەنە،ھاممامنىڭ تاقىتى چەكسىز، ھېسياتتى سۇلغۇن، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى ئېرىنىڭ قىزىقىشىدىن چۆرگىلەپ ئاشالمايدۇ.

بىراق مەن يالغۇز،يالغۇزلۇق ئادەم يەيدۇ،تۆت تامنىڭ تۆت ئاغزى بار،جانلىرىم بۇردا-بۇردا بولۇپ، بۇ ئېغىزلاردا چاينىلىدۇ، بىر يۈرۈكۈم بار، نىمجان سوقىدىغان، شۇ يۈرۈكۈم ، بۇ تاملارنىڭ ئارىسىدا مىجىلىدۇ، كۆزلىرىمدىن كېچە قاراڭغۇسىدا تارام-تارام قان تۆكۈلىدۇ.

مەن بۇ ئۆيگە كىرىمەن، جېنىم ئارام تاپىدۇ، يەنە غەشلىككە تولىمەن، ئۆزەمنى سىرتقا ئاتىمەن، يەنە چارچايمەن ... كىرىمەن ، چىقىمەن ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مانا مۇشۇنداق ياشاپ كېلىمەن.  

ياشاپ زېرىككەن بىر كۈنى قىسقا بىر سەپەرگە ئاتلاندىم، مەنزىلىم ئانچە يىراق ئەمەس، قوشنا شەھەرگە بېرىپ، نەچچە كۈن مۇھىت  يېڭىلاپ باقماقچى، مىسكىن كۈلبەمنى سېغىنغانغا قەدەر مۇساپىر بولماقچى بولدۇم،گۈزەل خانىملار ياقتۇردىغان ماللاردىن تاللاپ سېتىۋالدىم.

شۇنداق قىلسام، مۇساپىرلىقتا ئىقتىسادتىن قىسىلمايمەن.

قىسىلىپ تۇرغان قەلبىمنى زورىغا خوشاللىققا ئۈندەپ، ئاپتۇبۇسقا چىقتىم، ھەر خىل كىشىلەرنىڭ پۇراقلىرىدىن بۇلغانغان ئاپتۇبۇس بۆلۈمچىسى يامغۇر يېغىشقان تەرەددۇت قىلغان تىنجىق ھاۋا بىلەن ئارلىشىپ كەيپىمنى تېخىمۇ ئوسال قىلىپ قويدى، ئورنۇمغا جايلىشىۋىتىپ، چىرايلىرىدىن نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس بولغان سەپەرداشلىرىمغا ئېرىنچەكلىك بىلەن قارىدىم، يالغۇز جېنىمنىڭ راھىتى بۇنداق ۋاراڭ-چۇرۇڭلاردا گاڭگىراپ قالاتتى.

  

  داۋامىي بار


hayat214 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 23:31:02

ئەڭ دەسلەپ ئوقۇپ چىقىپتىمەن....داۋامىنى ساقلايمەن.

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 23:38:37

داۋامنى تىزراق يازغايسىز ؟

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 23:57:26

ئەرلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭىز نەقەدەر كۈچلۈك سىزنىڭ؟ زىيادە ئۆچمەنلىك چۈشكۈنلۈكتىن دېرەك بېرىدۇ!  ئەگەرچەندە ماۋزۇنى گۈلزەدەك دەپ قويمىغان بولسىڭىز يۇقارقىدەك ئۆچمەنلىكىڭىزنىڭ رىئاللىق ئىكەنلىكىنى  ئىسپاتلىغان بولاتتىڭىز.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 00:12:11

تېمىغا  يانداش  قىلىپ  بىر  ناخشا  قوشاي دەپتىم \"\"....................MP3 ناخشىنى  قوشقىلى  بولمايدىكەن .

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 00:26:29

4- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېمىغا  يانداش  قىلىپ  بىر  ناخشا  قوشاي دەپتىم \"\"....................MP3 ناخشىنى  قوشقىلى  بولمايدىكەن .



نىمە ناخشىتى، ئات مىنىش ئۇسسۇلى ئەمەستۇ؟

najib يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 09:07:13





   قىزلار ئوغۇللار دىن قاتتىق ئازار يېگەندە ،،  ياكى يامان گېپىنى ئاڭلاۋەرگەندە  مۇشۇنداق ئويلاپ قالامدۇ ؟

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 09:52:00

ھە خېلى يېڭىلىقلار باركەن، داۋامىنى يوللاڭ. ئەرلەرنى سەت چۈشۈرۈۋېتىپسىز ئەمما، مېنى ئويلاپ بولسىمۇ ئازراق ياخشى گېپىنى قىپ قويماي.  {:92:}

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 10:51:06

گۈلزەدەك دىگەن قانداق نەرسە ئۇ ؟ بۇ ھېكايىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىسامغۇ ئەركەكزەدەكتەك قىلىدۇ . \"\" بۇنداق دىسەم ئىۋۇ كەمپىرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كەتمەس ھە ؟  {:92:}

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 11:22:50

«ئارامسىزلىنىش» بىلەن «بىئارام بولۇش»

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 11:50:09

كوت-كوت نىڭ ئىمزاسىدىن ئورۇن ئالغىلى خېلى بولغان گۈلزەدەك ئاخىرى تەۋەللۇت بوپتۇدە \"\" تەسۋىرلەر ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، بولۇپمۇ مۇنۇ قۇرلار ئاجايىپ.............

گويا موزدوزنىڭ يېرىلغان، قاداق باسقان قۇش ئاياقلىرىدەك كۆرۈمسىز قوللىرى يۈزلىرىمنى سىلىغاندەك بىر كەيپىياتتا، ئادەم تولۇپ كەتكەن كوچىلارنى ئايلىنىمەن

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 19:16:12

ھەجەپ تەس ھىكايە ئىكەن ،ئوقۇپ بولدۇم...3-قىسمى قاچان چىقىدۇ ... \"\"

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 20:07:09

گۈلزەدەك دىگەننى Lesbian ( ھەمجىنىس خانقىز) دەپ چۈشەندىمغۇ ؟



ئەمما تەسۋىرلەر ئالامەت -ھە...

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 20:12:36

زەدەك دىگەننى ماخوتەنلىكلەر ئىككى خىل مەنادا چۇشىنىمىز .باشقا يۇرتتىكىلەر قانداقكى بىلمىدىم .

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 21:14:58

ئىسمى ھەجەپ قىززىق تۇيۇلدى.....

تەسۋىرلىرىڭىز ئاجايىپ جۇمۇ.....

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 21:49:30

يېشى يېتىپ قالغان بولسىمۇ توي قىلىشنى خالىماي يۈرگەن بىر دوستۇم،،باشقىلار تونۇشتۇرغان لايىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەندىن كېيىن دائىم مۇشۇنداق تەرىپلەيتتى قارشى تەرەپنى. چوكىنى قولىغا ئالغىچە ياقتۇرىدىغان ياكى ياقتۇرمايدىغانلىقىمغا قارار بېرىپ بولىمەن، شۇڭا ئۇنىڭ تامىقىنى يەپ بولىشىنى ساقلاپ ۋاقتىمنى ۋە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلمايمەن دەيتتى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 22:50:34

ئاپتۇبۇس ئەزمىلىك بىلەن بىكەتتىن قوزغالدى، قىستاڭچىلىققا تولغان يوللاردىن تەستە ئۆتۈپ ساي يولىغا چۈشۈۋالغاندىن كېيىن، بىر خىل تېزلىكتە يېقىشلىق غۇيۇلداپ مېڭىشقا باشلىدى.

يولغا راۋان چىقىۋالغاندىن كېيىن، مەنمۇ بىر خىل يىنىكلەپ قالدىم،ھەم دەرىزىدىن يول بويىدىكى مەنزىرىلەرگە قاراشقا باشلىدىم، قاتار-قاتار تېرەكلىك تاشيول ئاياقلىشىپ، پاكار ئۆيلەر شالاڭ جايلاشقان يېزا يولىغا كىرگەندىمۇ،يەنىلا سوغاق ئەينەككە مەڭزىمنى يېقىپ، بىردەم پايانسىز ئاسمانغا،بىردەم يىراقلاردىكى تاغ چوققىلىرىغا قاراپ خىيالىمنى سۈرۈۋەردىم.

كىشىلەرنىڭ ئاۋازلىرى ماتورنىڭ غۇڭۇلدىشىدا تولىمۇ بوش ئاڭلىناتتى، كىمدۇ بىرى تېلىفۇنىنىڭ ياڭراتقۇسىنى ئېچىۋالغان بولۇپ. ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان سەھرا ئۇسلۇبىدىكى بۇزۇپ ئېيتىلغان مەززىسىز ناخشىلار كىشىنىڭ ئىچىنى سىقاتتى.

ئالدىمدىكى ئورۇندا قىزىل لېنتىدا ئىگىز بۇغۇلغان چاچلىق بىر باش، پات-پات بويۇنداپ ئاشۇ ناخشا چىقىۋاتقان تەرەپكە قاراپ قويدى،ئېنىقكى ئۇمۇ مەندەك بۇ ناخشىلاردىن بىزار ئىدى.

بىراق بەزى ئادەملەر ئەنە ئاشۇنداق تېتىقسىز، ئۇلار باشقىلارنىڭ ھېسياتى بىلەن ھېساپلاشماي، يانفۇنلىرىنى ياڭرىتىشىپ، ئالەمدىن بىخەۋەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ، خىياللىرىدا ئۆزلىرىدەك جۇشقۇن-مەغرۇر كىشى يوق،ئەمىلىيەتتە بۇ بىر خىل كىشىنى بىزار قىلىدىغان بىچارە ئاقسالىق.

قىزىل لېنتىنىڭ ئۇيان بۇيان مىدىرلىشىدىن دىققىتىم سىرتتىن ئۇ باشقا مەركەزلەشتى.

قىزىل لېنتا ئەمىلىيەتتە تەييار سېتىلىدىغان يىپەك بانتىك ئىدى، چاچ ئىگىسى بۇ لېنتىنى چېچىنى تۈجۈبىلەپ تاراپ، ئاۋال قارا چاچ بۇققۇچتا بۇغىۋىلىپ، ئاندىن لېنتىنى تاقىۋاپتۇ. چاچلىرى شۇنداق ساغلام ھەم دانە-دانە بولۇپ، بىر قاراشتىلا ئۇنىڭ بۇ چاچلىرىنى شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ ئاسرايدىغانلىقىنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس.

بارغانسىرى سەپەر زېرىكىشلىك تۇيۇلغىلى تۇردى، بىرەرسى بىلەن مۇڭداشقۇممۇ كېلىپ قالدى،لېكىن نىمە توغۇرلۇق پاراڭلىشىشنى بىلمەيتتىم، بىرەرسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەندىن گەپ سورىشىنى ئارزۇ قىلدىم،شۇنداق بولغاندا، ئىچىمدىكى سىرلىرىم ئۆزلىكىدىن تۆكۈلۈپ كەتمەيتتى.

مەنزىلگە يەتكەندە، مەڭگۈ ئاياقلاشمايدىغاندەك بىلىنگەن سەپىرىم ئاياقلاشتى، كىچىك سومكامنى كۆتۈرۈپ، ئىككى چاقنىڭ ئارىسىدىكى يۈك-تاق ساقلايدىغان ساندۇق يېنىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ماللىرىم سېلىنغان چوڭ سومكىنى سۆرەپ ئېلىپ چىقىۋالدىم-دە، بىكەت سىرتىغا قاراپ تولىمۇ تەستە كۆتۈرۈپ ماڭدىم.

ئەتراپىمدىكى كىشىلەر ماڭا يۇشۇرۇنچە قاراۋاتقاندەك قىلاتتى، بەلكىم ئۇلار مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندۇ، سومكىنىڭ ئېغىرلىقىدىن كۈچۈنۈپ، يۇزلىرىم چىڭقىلىپ قىزىرىپ كەتكەندۇ، مۇشۇ تاپتىكى ھالىتىم چوقۇم ئىنتايىن كۆلكىلىك بولىشى مۇمكىن.

-مەن ياردەملىشەيمۇ؟

چىرايلىق بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز ئاۋاز چىققان تەرەپكە بېشىمنى بۇرۇدۇم.

بايىقى قىزىل لېنتىلىق قىز يىنىمدىلا تۇراتتى، يېقىملىق قوي كۆزلىرىدىن سەمىمىلىك يېغىپ تۇراتتى، زىناقلىرىدا تەبەسسۇم...

ئۇ جاۋابىمنى كۈتمەيلا سومكىنىڭ يەنە بىر قۇلىقىدىن تۇتتى، ئىككىمىز سومكىنى تەڭ كۆتۈرۈپ بىكەتتىن چىقىپ، كىرا ماشىنىسىنىڭ يېنىغا كەلدۇق،ئۇنىڭ نازۇك قامىتىدىكى يۇشۇرۇن كۈچنىڭ ياردىمىدە ماشىنا يېنىغا كەلگۈچە ئانچە قىينىلىپ كەتمىدىم.

سومكىنى ماشىنىغا جايلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم، ئۇ بىكەتتىن چىقىپ ئالدىراش يوللىرىغا كېتىۋاتقانلارنى قېتىغا قوشۇلۇپ كەتتى، مۇلايىم بىر جۈپ كۆز بىلەن، چىرايلىق بىر جۈپ زىناق كۆڭۈل خاتىرەمگە ئورنۇشۇپ قالدى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 23:33:03

مەن ئەمدى ياتاق تېپىپ ئورۇنلىشىم كېرەك، قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكىلىۋاتىدۇ، ياتاق تېپىپ بولغاندىن كىيىن يەنە تاماق يىيىشىم كېرەك، قورسۇقۇم ئېچىۋاتىدۇ.

كىرا ماشىنا شوپۇرى مېنى شەھەرنىڭ ئانچە چېتى بولمىغان بىر جايدىكى ئاددىي ياتاقنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.

كۆرۈنۈشتە بىرەر ئىدارىنىڭ ھويلىسىغا ئوخشايدىغان بۇ ياتاق، تېنىچ ھەم پاكىز ئىدى، ئىسمى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قارمىقىدىكى مېھمانخانىدەك قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق كىرىپلا ياتاق خۇجايىنىنىڭ ئىچكىرلىك خەنسو ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بۇنداق كارخانچىلار ئاساسسەن يۇرتىمىزنىڭ ئاۋات ساياھەت شەھەرلىرىدە، مۇشۇنداق ئىدارىلەرنىڭ ۋەيران بولاي دىگەن ياتاقلىرىنى ئەرزانلا كۆتۈرە ئېلىۋالاتتى ياكى سېتىۋالاتتى، مۇشۇ يول بىلەن بىر نەچچە يىلدىلا بېيىپ تېقىلىپ كىتەتتى، مۇلازىمەت پەشتاختىسىدا ئولتۇرغان، كۆرۈمسىز بۇ خۇجايىن ، داڭلىق ماركىلىك كىيىملىرى، كۈچۈك باغلىغۇدەك توملۇقتا تاقىۋالغان ئالتۇن زەنجىرلىرى بىلەنمۇ يەنىلا كىشىگە شۇنداق خۇنۈك تەسىر بېرىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ چوتكىدەك چاچلىرى ھازىر مودا بولىۋاتقان ئەڭ يېڭى پاسۇندا ياسىتىلغان بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق.

ejel77 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 23:52:05



   تەسۋىرلىرىڭىزدىن ئورخان پامۇكنىڭ ئۇسلۇبىنى كۆرگەندەك بولدۇم ، پەمىمچە سىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك تۇرىسىز . ئورخان پامۇك مەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان يازغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ قايىل بولغان بىر يازغۇچى . مەن ئۇنىڭ ‹‹ يېڭى ھايات ›› دېگەن رومانىنى ئوقۇغان چېغىمدا ھەقىقەتەن بەك ھاياجانلانغان ، روماننى مۇشۇنداقمۇ بەدىئىي يۈكسەكلىكتە يازالايدىغان بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇيالىغانلىقىمدىن ھەتتا ئۆزۈمنى بەختلىكمۇ ھېس قىلغان ئىدىم . ‹‹ مېنىڭ ئىسمىم قىزىل ›› دېگەن روماننى ئوقۇپ ئۇنىڭ ھەقىقەتەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشەلىگۈچىلىكى بار يازغۇچى ئىكەنلىكىگە پۈتۈنلەي قايىل بولدۇم .

   بۇ نەسىرىڭىزنى ئوقۇپ ( نەسىردۇ دەپ ئويلىدىم ، ھازىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ژانېرىنى ئايرىماق تەسلىشىپ كەتتىغۇ تاڭ ) ئورخان پامۇكنىڭ لېرىك ھەم رومانتىك ھېسسىياتى ، ئىچكى كەچۈرمىشكە باي تۇيغۇ تەسۋىرلىرى ، خۇشپۇراق ،لەرزان ، يېنىك ھەم يېقىملىق بەدىئىي تىلى خىيال ئالىمىمدە نامايان بولغاندەك بولدى . ئەسەرىڭىزدە چىن ھېسسىيات رەھىمسىزلىك بىلەن ھەقىقىي رەۋىشتە ئىپادىلىنىپتۇ : ئەرلەرگە بولغان ئۆچمەنلىك ، يىرگىنىش ، ياراتماسلىق ؛ خىيال خاسخانىلىرىدا تاسادىپىي دوقۇرۇشۇپ قالىدىغان ، ھەمراھ بولىدىغان جەلىپكار ، ئوتلۇق سىماھ ؛ ئاياللارغىلا خاس بولغان خۇشبۇي گۈزەللىككە بولغان مەدھىيە ۋە بۇ گۈزەللىكتىن بالقىپ چىققان ئىپەتلىك ھەم يۇمشاق مېلودىيە ، نازۇك ، ناتىۋان ھېسسىيات دولقۇنلىرىنىڭ زەرەتلىنىشىگە ، دەپسەندە قىلىنىشىغا بولغان ئۆزگىچە كۈندەشلىك ، چىدىماسلىق ھەم قىيماسلىق ... قاتارلىق بىر قاتار تۇيغۇلار خېلىلا يېقىشلىق ھالدا تەسۋىر لېچەكلىرىدە يالقۇنلاپ تۇرغان شەھلا كۆزلەردەك ئۆزىنىڭ سېھرىي جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ . ئەمما قىزىقىپ قالدىمكى ، ئەسەرنىڭ ئاخىرى قانداق ئاياقلىشىدىكىن ؟!

Ay يوللانغان ۋاقتى 2012-12-8 22:51:37

داۋامىچۇ؟
بەت: [1] 2 3
: گۈلزەدەك