erkek@erchin يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 21:59:39

سىدىقجان غوپۇر كېسەل بىلەن ئېلىشماقتا!

مەلۇم سەۋەبتىن ئۆچۈرۈلدى

bughra68 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 22:34:52

ئاللادىن ئامانلىق تىلەيمەن . بۇرادەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم

ھەممىمىز ئاتىغىنىمىزنى بىرەيلى تۇققانلا ، ئاز بولسىمۇ .

ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىق نوقۇل بىر جانغا ياردەم قىلغانلىق ئەمەس .

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 22:45:42

تور بانكسدىن پۇل ئاغدۇرغىلى بولدىغۇ...ھە

ئەمسە مەن ئازغىنە كۆڭلۈمنى ئاتدىم...

erkek@erchin يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 23:01:25

ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى.

qasimjanosman يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 00:08:34

قېنىم. ئېنىم!!!





مەن قايسى كۈنى سەن بىلەن سۆزلەشكەندە بۇ گەپنى نېمىشقا دىيەلمىگىنىڭنى، مەن تۈز كۆڭۈل ئاكاڭ ئاڭقىرالماپتىمەن.







مانا، ھازىر، يېرىم كېچىدە بۇ خەۋەرنى بىر ھەدەڭ ساخاۋەتكارئۇيغۇر قېرنداش ھەدەڭ، ماڭا يەتكۈزگەندە چىداپ تۇرالمىدىم.



ئىككمىز، 200 سومدىن سېلىۋەتتۇق. شېئىرنى ۋەتنىڭدەك، سۆيگۈنىڭدەك ئېسىل ياز، ئېنىم!!!



شئېردەك ياشاش= ساڭا تالىق بولسۇن!!!

qasimjanosman يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 00:39:03

سىدىقجان غوپۇرنىڭ بىر نەچچە شېئرىنى يوللاپ قويسڭىز

erkek@erchin

lirika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 01:03:34

پويىز



سىدىقجان غوپۇر



شۇنداق قىلىپ، ھەممە نەرسە قەدىرسىزلا قالدى. ئايرىلىشنىڭ بىر تەرىپىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۆزۈمنى تىڭشايدىغان بولۇپ قالدىم.رەزىلىكنىڭ قانلىق قىسىسى بولىدۇ. مۇھەببەتنىڭ ئۆلۈمى.ئۈلۈم- مۇقەدىمىمۇ ئەمەس، خاتىمىمۇ ئەمەس. ئۆلۈم-مەڭگۈلۈك ئاياغلىشىش، بەلكىم...بۇ تەرەپتە مېنىڭ گەۋدەمنى بىسىۋاتقان ھەسرەتئۇتەرەپتە ھەممە-ھەممە...ئادەملەر ياشاشنى بىلمەيدۇ، ئادەملەر قىسمەتنىڭ ئاچچىق تىنىشلىرىدا كۆز يېىشى قىلىدۇ...شۇنداق قىلىپ، ئۇ قاتتىن- بۇ قاتقا كېتىۋاتقان پويىزدىن قۇلۇڭنى پۇلاڭلىتىپ، جىمجىتلىققا سىڭىپ كەتتىڭ. زىرىكىشلىك ۋە مەنىسىز ئاۋازدىن كېيىن قەدىرسىز كېچىلەرگە باقىدىغان بولۇپ قالدىم. يۇلتۇزلار نەلەرگە كەتكەندۇ، ئۇلار قەيەرنى ماكان ئەتكەندۇ؟شامال ناخشا ئۇقىماقتا.قۇشلار مەرسىيە.دېڭىز قىقىلماقتا، ئاسمان ھەسىرەتتە.نېمىلەرگە ئېرىشكەن بولغىيدىڭ، نېمىلەرنى خىيال قىلار بولغىيدىڭ، بەلكىم .ئو قاتتىن – بۇ قاتقا تېنماي ئۈتىۋتقان پويىزنىڭ قىسمىتىنى قۇچاقلاپ، ئۆزۈڭنى ئىزدەپ كېتىپ قالغانسەن....يەنە شۇ سۈكۈت. شۇنداق قىلىپ، ھەممە نەرسە قەدىرسىز قالدى. ئۇ قاتتىن-بۇ قاتقا ئۈتىۋاتقان رېلىسنىڭ ئاچچىق نالىسىدىن چېقىپ، شەرىققە پىتىۋاتقان پويىزدىن بىر كۈنلەردە روھىڭنى ئىلىپ چۈشتۈڭ. ئۇ كۈنى سىىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى. يوللاردىن يامغۇرنىڭ ھىدى كىلەتتى.تېنىڭنى ئىلكىمگە ئالاي دېدىميۇ يەنىلا قۇرۇق بوشلۇق، ھەممە نەرسە قىممىتىنى يۇقاتقان. بەلكىم ئەزەلى سۈيگەن قۇرۇقلۇقتىن توزىۋاتقان نۇر تەننىڭ ھەسرەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاندۇ؟!...كېتىۋاتىمەن.... نەگە بارىدىغانمەن. يۈرىكىمنىڭ قىسىلىشىدىن ئىزىلگەن جىسمىمنى كۆتۈرۈپ، گۈدۈك ئاۋازى بىلەن تەڭلا پويىزنىڭ رېلىسىنى ئاچچىق چايناشلىرىدىن چېقىپ تامام يىراقلاپ كېتىپ بارىمەن.




lirika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 01:12:59

ئايال-بىر قۇياش



سىدىقجان غوپۇر



     ئۇنىڭ ئىزلىرىدا گۈللەر ۋەسلىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭ چىھرىدە سەھەر گۈلشەنى چېچەك ئاچىدۇ. ئۇ بىر پارچە چوغ! مۇزدەك قەلىبلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلالايدىغان... ئايال-بىر دەريا. سوزىلىپ ئېقىۋاتقىنى قاپقارا چاچلاردۇر. ئايال مۇھەببەتلىك تەبەسسۇمى بىلەن مۇھەببەتكە شادلىق ئاتا قىلدۇ. مۇھەببەت نېمە؟ مۇھەببەت-ئايال...

سەبىئي كۆزلەرگە ھەقىقەت ھەققىدە تەلىم بېرىۋاتقان ئەشۇ غەمناكلارمۇ ئايال. ئۇنىڭ زىممىسىدە يۈكلەنگىنى ئالەم ئەمەس، ئەتىدۇر. ئالەمنىڭ ۋەزنى بولمايدۇ. ئەتىنىڭ ۋەزنى تاغلارنى يارىدۇ. ئايال ئەتىنى ئاچچىق تولغاقلىرىدا ئاپىرىدە قىلغۇچى. بىر مىللەت، بىر قوۋۇمنىڭ ئەتىسى، پارلاق سائادىتىگە ياراملىق ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرگۈچى، تاۋلىغۇچىدۇر. ئۇنىڭ كۆكسىدىن ئەتىكى بوتا كۆزلەر ئوغۇز سۈتىنى ئېمىدۇ. ئۇ پايانسىز مېھىرگە تەشنا كۆزلەنى قاندۇرىدىغان قۇرماس بولاق. ئۇ ئاياللىق ئېپپىتى بىلەن سەھەرگە مېھنەت ئورۇقىنى تەرگىچىدۇر...

ئايال-بىر قۇياش. سەھەرنىڭ ئىزغىرىن لىرىكىلىرىدا قۇياش زېمىنغا ھارارەتلىك نۇرلىرى بىلەن تېۋىنغان تۇپراقنى ئىللىقلىققا باشلاپ بارىدۇ. ئۇ بەجايىكى سېھىر ئالقانلىرىدا پۈتكۈل ئەسلىرىمىزنى ئويغىتىدىغان لىرىكىدۇر...

قاپقاراڭغۇ كېچىدە بىر توپ سەرگەرداننى باشلاپ كېتىۋاتقان دانكو، زۇلمەتلىك تۈننى يۈرىكى بىلەن يورۇتقان قۇياش ئەشۇ قاپقارا تۈنگە يۈز ئاچقۇچىدۇر. ئۆز قىممىتى بىلەن ھەقىقەتنى يۈرىكىگە تاڭغۇچىدۇر...

ئايال-بىر قۇياش. سەھەرنى كېيىپ ئوچاققا ئوت قالاۋاتقان، قاپقارا ئىسقا مىلىنىپ ئەرنىڭ بىخۇدلىقىنى ئويغاتقۇچى. بالىسىغا تەر مېھنىتىنى تېتىتقۇچى. ئايال بىر قولىدا ھايانى تەۋرىتىدۇ. ئۇ ھاياسى بىلەن بىر ئەرنىڭ پىنھان قەلىبلىرىگە سەمىمىيەتلىك ئورۇقىنى تېرىيدۇ. ئاتىگە چېپىۋاتقان ئاشۇ بوتا كۆزگە ھەر بىر قەدەم ھەققىدە تەبىر بەرگۈچى...

ھايا دېمەك-دۇنياغا يۈز ئاچقان ھەر بىر جاننىڭ ئىدىيە ئېقىنلىرىغا بىر ئايالنىڭ مېھىر سۆيگۈسى بىلەن لەۋلەنگەن تۇنجى تۇيغۇسىدۇر.

ھايا دېمەك- ھاياتنى يارتقۇچى ئاتا قىلغان پاكىز ئىتىقاد.

ئايال-بىر تال شامغا ئوخشايدۇ. شام ئاجىز نۇرلىرى ئارقىلىقمۇ بىزگە يورۇقلۇق ھەققىدە تەبىر بېرىدۇ. ئايال مەۋجۇتلىقى بىلەن بىزگە ھاياتلىقنىڭ لەزىز خىياللىرى ھەققىدە تەبىر بېرىدۇ.

ئورما ناخشىسىغا جور بۇلىۋاتقان ئەرنىڭ كەينىدە چەش باغلاۋاتقان ئايال ھاياتلىق ئورۇقىنى تېرىپ، تۈگمەن تېشىدا ئېزىپ، ئاپئاق ئۇننىڭ ئەجرىدە قېپقىزىل تونۇرغا قاقلىتىپ، قىزىرىپ پىشقان ناننى دەستىرخانىغا ھازىرلىغۇچىدۇر...

ئايال-بىر قوياش. زېمىنغا، ياق ئەركەكنىڭ قەلبىگە ئۆز نۇرلىرى بىلەن ئىللىقلىق ئاتا قىلغۇچى. مەيلى نامراتلىق دەشتىدە ۋەيرانلىق ئىلكىدىكى كۆلبىلەر بولسۇن، ياكى شاھ مىسالى سارايلار بولسۇن، ئايالنىڭ باھار ئاپتىپىدەك چىھرىسىز نۇر ئاچمايدۇ.نامراتلىقنىڭ تۈشەكلىرىدە تۈنەۋاتقان ئەر ئەشۇ مېھر ئېتىكىدە كۈلۈمسىرگەن ئايالنىڭ تەسەنناسى بىلەن خاتىرجەملىك جامىنى ئوتلايدۇ. ئۇ گوياقار لەيلىسىگە تەققاس. قار لەيلىسى قىلىن مۇزنى يېرىپ ئىچىلارمىش. ئايال قات-قات قاتتىقچىلىق ۋە جاپانى يېرىپ ئۆز مېھنىتىنى ئايىماي ئائىلە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغۇچى...

ئايال-بىر قۇياش. قۇياش پەقەت بىر. پەقەت بىر قۇياش بىلەنلا جاھانسىزلىق ناۋاسى يورۇقلۇق ساباسىغا يېتەلەيدۇ. تەققاسىكى بىر ئايال ئارقىلىق بىر ئائىلە، بىر جەمئىيەت، بىر مىللەت، دۇنيا يورۇقلۇقنىڭ ھوزورىنى سۈرەلەيدۇ... مەگەركى قۇياشسىز ئالەمدە ئايال ئۆزىنىڭ چىن ئىتىقادى، جىلۋىسى ئارقىلىق يورۇقلۇق ھارارىتىنى ھىس قىلدۇرغۇچى...

«بىر يامغۇرلۇق كۈنى مۇستاپا كامال مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كېتىپ بارغاندا يولدا بىر كالا ھارۋىسىنى يېتىلەپ كېتىپ بارغان بىر ئايالغا ئۇچراپ قالىدۇ. ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى كىچىك بالا شىددەتلىك يامغۇر دەستىدىن قاتتىق يېغلاۋاتاتتى، لېكىن ھېلىقى ئايال بالىسى بىلەن ئانچىكى كارى بولماي، ھارۋىنى ئەدىيال بىلەن يۆگەپ قولىدىكى قامچىسى بىلەن كالىنى تىزىراق مېڭشقا ئۈندەۋاتاتتى. بۇنى كۆرۈپ مۇستاپا كامال ھېلىقى ئايالدىن سورايدۇ:

-ھەي ئايال ھارۋىدىكى نېمە؟

-قورال-ياراغ!

-نەگە ئېلىپ ماڭدىڭ؟

-ئالدىنقى سەپكە.

-ھارۋىنى نېمىشقا ئېرىڭ ھەيدىمىدى؟

-ئېرىم ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتتى.

-بالا ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ، ئەدىيال بىلەن بالىنى يۈگىۋېلىشىڭ كېرەك ئىدى!

-شۇنداق. بالامنى يۆگىۋالسام بۇلاتتى،-دەيدۇ ھېلىقى ئايال مۇستاپا كامالغا مەردانىلىق بىلەن قاراپ تورۇپ،-لېكىن ھارۋىدىكى قۇرال-ياراغ ھۆل بولۇپ كەتسە ۋەتەن مۇنقەرىز بولىدۇ. بالام ئۆلۈپ كەتسە يەنىلا بالا تۇغالايمەن، لېكىن ۋەتەننى قايتا تۇغالمايمەن!، بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇستاپا كامال ئاتتىن سەكرەپ چۈشىدۇ دە، ئۈستىدىكى يامغۇرلۇقنى سېلىپ ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى بالىنى يۆگەپ قويىدۇ. ئاندىن ھېلىقى ئايالغا قاراپ:

-ساڭا ئوخشاش ئولۇغ ئانىلار بولىدىكەن، تۈرك ۋەتىنى ھەرگىز مۇنقەرىز بولمايدۇ،-دەيدۇ...»

ئايال-بىر قۇياش. ئۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن مەدھىيەلەيمىز، چۈنكى ئۇ ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلىگۈچىلەردۇر. ئايال ئالدى بىلەن بىر ئۆينى ئاندىن بىر جەمىئىيەتتىن ھالقىپ مىللەتكە، ۋەتەنگە ئۆز تۆھپىسىنى قوشقىچىدۇر...

ئايال-بىر قۇياش. ئۇ ئەشۇ پارلاق نۇرلىرى بىلەن، جاھانغا يورۇقلۇق ھەققىدە ھېكايە سۆزلەپ بېرىدۇ...


nurfiya يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 15:28:31

ئاللاھ شىپاھلىق بەرگەي ..............................

lirika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 17:36:35

ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى ياردىمىڭلار ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ئەزىزلەر!

بۈگۈن نۇرغۇنلىغان ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىز سىدىقجانغا تىلىفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراپتۇ ۋە كارتىسىغا مىڭ يۇەنگە يېقىن پۇل ئۇرۇلۇپتۇ...ئېغىر كۈندە قالغان قېرىندىشىغا خالىس ياردەم قولىنى سۇنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن.

erkek@erchin يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 22:27:17

ئاللاھنىڭ شىپالىق بىرىشىنى تىلەيلى!

ئاز-تولا ياردىمىمىزنى ئايىمايلى!

سىدىقجان ئوپېراتسىيەگە مۇھتاج ئىكەن. ئوپېراتسىيەگە پۇل يوق بولۇۋېتىپتۇ.

Ayqut يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 21:30:44

ئاللاھئاسانلىق بەرسۇن! ئەزىزلەر قاراپ تۇرمايلى!

erkek@erchin يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 23:53:24

سىدىقجانغا روھىي بېسىم بولغان ئوخشايدۇ.

شۇ سەۋەبتىن ئۆچۈرۈلدى.

سىدىقجانغا ئاسانلىق تىلەيلى!
بەت: [1]
: سىدىقجان غوپۇر كېسەل بىلەن ئېلىشماقتا!