ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 14:26:40

ھەيران قالمىسڭىز ھەيران قالىمەن

akbarr يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 14:52:26

مەن ھەيران قالمايمەن،چۇنكى بۇ ئادەم مىنىڭ خوشنام بولىدۇ.(ئىسمى :ئابلا سادىق) كۇندە كۆرۈشۈپ تۇرىمەن.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 15:14:02

ئوھوي، پەچەت چېلىۋېتىپتىغۇ، قانچىگە كىرپتۇ بۇ ئاكىمىز.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 15:55:22

ئاۋازىمۇ سازكەن ، بۇرۇن چالغۇ چېلىپ باققان بوۋايدەك قىلىدۇ .



مېنىڭمۇ بىرەر سازنى چېلىپ ئۆگەنگۈم بار ئىدى ، ئۆزھالكا ۋاقىت چىقىرىپ بېرىپ دۇتتار ئالاي ، ماڭا بىر ئۆگىىش توغرىسىدا يول كۆرسەتسىڭىز بولاتتى

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 16:03:20

بەك ھەيران قېلىپ كۆرۈۋاتسام سىنغا ئالغان بالىنىڭ قىلىقى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ قويدي. بىردەم ئوڭغا ،بىردەم سولغان، بوينۇمنى 90گىرادۇس ئېگىپ تۇرۇپ كۆردۈم. سىنغا ئالغان بالا نىمانداق تالانتلىق. جىم تۇرۇپ ئېلىپ بەرگەن بولسا بەك ياخشى چىقىپتىكەن ھەم تېخىمۇ ھەيران قالاركەنمە.

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 17:19:03

ساقالغا ئاق كىرگەندە ئىبادىتىنى قىلىپ ئولتاغان بولسا ياخشى بۇلۇپتىكەن ئەسلى \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 17:52:42

ھەجەپ ،پاكىز، تېمەن قېرىپتا بۇ بوۋاي ،چىرايىدا بىرتال قورۇقمۇ يوق ...........

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 17:59:48

ئىۋۇ ياشقا بارغاندا بولسىمۇ اللاھ ئاتا قىلغان سۈزۈك ئاۋازىنى توغرا يولدا ئىشلەتسىچۇ (مەسىلەن ئابدۇرىھىم ھىيىتتەك شەھۋانى بولمىغان ناخشىلارنى ئوقۇش) قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دىگەندەك \"\"

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 18:21:45

ماۋۇ بوۋاي يادىمغا كەلدى


asad يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 18:23:00

ئىم، يەنە مۇسۇلمان-كاپىرلىق جىدىلى باشلىنىدىغان بولدى.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 18:35:26

سۇغۇقتا قىلدىىغان باشقا ئىش بولمىغاندىن كىين مۇشۇ بىر ئادەمنى بولسا نەسىھەت قىلىپ بولسىمۇ مۇسۇلمان قىلىپ قويغان بولساڭلار  {:92:}   {:92:}

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 18:35:53

9- قەۋەتتىكى asadنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىم، يەنە مۇسۇلمان-كاپىرلىق جىدىلى باشلىنىدىغان بولدى.

ئوت ياقمىسىڭزمۇ بولاتتىغۇ

asad يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 18:48:25

ئوت يېقىشنىڭ ھاجىتى يوق.

asad يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 18:56:46

بىر-بىرىنىڭ مەسچىتىنى پارتلىتىدىغان ئىشنى جوھۇت ناسارالار كۇشكۇرتۇپ ئۆگىتىپتۇ دېگەنگە بۇرۇن ئىشىنەتتىم. مەھەللىدىكى 7-8 ياشلىق بالىلارنى مۇشتلاشساڭ ئالبېنى بېرىمەن دەپ مۇشتلاشقا سالالماي يېرىم كىلو ئالبېنى زىيان تارتقاندىن بۇيان ئىشەنمەس بولدۇم.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 20:59:44

بەزىدە خۇدا بىلەن روسۇل ، بەزىدە دۇتتا بىلەن ئۇسۇل دەپ گەپ بارغۇ .  {:92:}  گىتتار چېلىپ ناخشا ئېيتسا ھەر كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىغۇ . مۇسۇلمان كاپىر دەپ تالىشىپ كەتكۈدەك ئىش يوق ئىكەنغۇ .

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 21:01:31

پەمىمچە ئۇنىڭ يېشى 55لەردە بار . دىمەك مەندىن سەل كىچىككەن تېخى .

يەنە بىر گەپ : ناخشا مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانسا كاپىر بولىدۇ دىگۇچىلەر ئۆزى كاپىر . مەنمۇ بەش ۋاق نامازنى قازا قىلماي ئوقۇپ بەزىدە غىڭشىپ ناخشىمۇ توۋلاپ قۇيىمەن . قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائاللا ناخشا ئوقىسا مېنىڭ ئاچچىقىم كىلىدۇ دىمىگەن .

بۇ كىشى گىتتار چالسا بەزىلەرنىڭ ئىچى قىززىرىپ كىتىپتۇ دىسە نى ئات نى نۇمۇس ھەي باللا .

يەنە تېخى ئىزدىنىشكە ئانچە مۇنچە كىرىپ قۇيىمەن . كومپىيوتىر ئالدىدا كۆزئەينەكنى تاقاپ ئولتۇرۇپ بەزىدە ئىنكاسمۇ يازىمەن مۇنداق .بۇمۇ قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئىېلىنمىغان . بەزىدە باشقۇرغۇچىلار تۇرمىگە سولاپمۇ قۇيۇپتۇ تېخى مېنى ... كۇلۇپ كېتىپتىمەن . 7كۇن سولاپ قۇيۇپتۇ . مەن تۇرمىدىن چىقىشقا 2كۇن قالغاندا ئاندىن تۇرمىدە ئىكەنلىكىمىنى بىلدىم . ھى ھى ھى ...

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 21:11:14

مۇشۇ شەھۋانى ناخشىما باللا ؟ ماۋزىدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرىنى جىق ئوقۇۋېتىپ كاللاڭلاردىن كىتىپ قاپسىلەر جۇمۇ . 10 يىللىق ئىنقىلاپتا ياشاپ قالغان بولساڭلار ئاشىق - مەشۇقلارنىمۇ دارغا ئېسىۋىتەتتىكەنسىلەر .

anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 21:24:28

ئىبادىتنىمۇ ئۆز يولىدا ئىلىپ بىرىپ ، بۇنىمۇ قىلسا مەيلى ئەمەسمۇ ھەي باللا . ئۇ ئۆزى ھىساب بىرىدۇ ، بىزمۇ بۇ يەردە قىلغان گىپىمىز غەيۋەتمۇ يا باشقىمۇ دىگەندىن ھىساب بىرىمىز .

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 21:28:34

ھاي، ھاي. بۇ يەردە ھېچكىم ھېچكىمنى كاپىر دېمەپتۇ، خەقنى گېپىنى قەستەن كۆپتۈرۈپ، يوق يەردىن جېدەل تاپماڭلار ئۇنداق.

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 21:40:48

مەن كىرگىچە يۇيۋەتتىڭلارمۇ نېمە ، \"\"
بەت: [1] 2
: ھەيران قالمىسڭىز ھەيران قالىمەن