yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 08:41:21

ئوغۇرلار ھەققىدە [تەرجىمە]

ئوغۇرلار ھەققىدە

ئوغۇرلار(Oghur) تەخمىنەن 5-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەربتە كۆرۈلۈشكە
باشلىغان بىر قوۋمنىڭ نامى بولۇپ بۈگۈنكى كىشلەر ئادەتتە ئۇلارنى جوڭگو
سالنامىلىردىكى "铁勒" لار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىشىدۇ. بىراق شۇنى بىلىشمىز كېرەككى
"铁勒" لار گەرچە ئىلگىرى ھۇنلارغا تەۋە بولغان دىڭلىڭ ۋە قاڭقىللارنى( دىڭلىڭ بىلەن
قاڭقىل ئىككىسى بىر قوۋم-ت) ئاساس قىلىسمۇ،بىراق ھەرگىز پەقەت شۇلاردىنلا تەركىب
تاپقان يەككە مىللەت ئەمەس، يەنە باشقا مىللەتلەر ، مەسلەن بەزى سىيانپىلارنىڭ قەبىلىرنىمۇ
ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇڭلاشقا " 铁勒"دېگەن قانداشلىقى مۇرەككەپ ۋە زور بولغان بىر
قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمى نامىدۇر، شۇڭا بىز   ئۇلارنى "铁勒" لارنى قاڭقىللارنى ئاساس
قىلغان يەنە  بىر قىسىم موڭغۇلى تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋالقى تۈركلەر
گۇرۇھى دەپ قارىساق توغرا بولىدۇ.

بۇ ئوغۇر قەبلىلىرنىڭ نامى "ر" تاۋۇشى بىلەن ئاياقلاشقان ، بىراق ئۇ
ۋاقىتتا تۈرك تىلىدا "ر" تاۋۇشىنىڭ "ز" تاۋۇشىغا ئۆزگىرشى كۆرۈلمىگەن، شۇڭلاشقا "ر"
تاۋۇشىنىڭ "ز" تاۋۇشىغا ئۆزگىرشىى تۈرك خانلىقى قۇرۇلغاندىن(يەنى ئاشىنا تۈركلىرى
كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن) كېيىن پەيدا بولغان، بۇ بەلكىم قەدىمقى ساك تىلىنىڭ
قالدۇقىنىڭ تەسىرى ياكى تۈرك تىلىنىڭ ھىندى-ياۋرو تىللىرى ۋە سام تىللىرى بىلەن
ئۇچراشقانلىقىدىن بولىشى مۇمكىن. ئومۇمەن ئېيىتقاندا ئاشۇ 5-ئەسىردىن باشلاپ غەربكە
ياۋروپاغا كۆچكەن مىللەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمى موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ خوجىلىرى ئاۋال
جۇرجانلار، كېيىن تۈركلەرنىڭ زۇلۇمىغا قارشلىق كۆرسىتىش تۈپەيلىدىن بولغان. شۇڭا
ئۇلار ياۋروپاغا يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ،مەيلى ھۇنلار،بۇلغارلار، سابىرلار، ئاۋارلار
ياكى ئوغۇرلار بولسۇن ھەممىسى بىر خىل ئاۋالقى تۈرك-موڭغۇل ئالاھىدىلىكلەرنى
ئىپادىلگەن، چۈنكى ئۇ چاغلاردا تۈركلەر بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئايرىلىشى تېخى
باشلانمىغان ئىدى.

غەربنىڭ تارىخى ماتېرىياللىردا كۆرۈلگەن ئوغۇر قەبىلىلىردىن
ئاساسلىقى
: ئوغۇر(Oghur)، ئونوغۇر(Onoghur)، ساراغۇر(Saraghur)، ئۇتىغۇر(Utighur)، قۇترىغۇر(Kutrighur)
قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەمىىسى "غۇر(ghur)"نى ئۆزىگە سۆز يىلتىزى قىلغان، شۇڭا
ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوغۇر(Oghur) دېگەن ئوخشاش مەنبەدىن بۆلۈنۈپ چىققان دەپ قاراشقا
بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئونوغۇر، ئۇتىغۇر ۋە قۇترىغۇرلارنى ئايرىم ئايرىم ھالدا
"ئون ئوغۇر"،"ئوتتۇز ئوغۇر" ۋە " توققۇز ئوغۇر" دەپ قاراشقا بولىدۇ. ساراغۇر بولسا
"سېرىق ئۇيغۇر" يەنى بۈگۈنكى يۇغۇرلارنىڭ ئەجدادى بىلەن ماس كېلىدۇ. يېقىنقى
يىللاردىن بېرى ئالىملار ھۇنگىرلار بىلەن ئېلىمىزدىكى يۇغۇرلارنىڭ مىللى
مۇزىكىلىرنىڭ ئوخشىشىدىغان جايلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇ نۇقتا
بىلەن ئەگەر ھۇنگىر مىللىتنىڭ تەركىبىدە ئاز بولمىغان ئوغۇرلارنىڭ
مەۋجۇتلىقى(بولۇپمۇ "ھۇنگىر" دېگەن نامنىڭ كېلىش مەنبەسى "ئونوغۇر" ئىكەنلىكى)نى
بىلىپ يەتسەك، ئۇنداقتا "铁勒" لارنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن ئىككىسىنىڭ
ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشىنى چۈشىنىش تەسكە توختىمايدۇ.

"ئوغۇر" بىلەن "تيېلې" نى تەڭلەشتۈرۈش تاۋۇش جەھەتتىن كىشىنى رازى
قىلالمايدۇ، بىراق تيېلېلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق قەبىلە ئۇيغۇرلار بولۇپ
، "ئۇيغۇر" بىلەن"ئوغۇر" تاۋۇش جەھەتتىن ناھايىتى ماس كېلىدۇ، شۇڭلاشقا ئوغۇر دېگەن
نام ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. پاكىت سۈپتىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقىتىدىن
پايدىلنىشقا بولىدۇ: بىرىنجىدىن،قەدىمقى تۈرك مەڭگۈ تاشلىردا "توققۇز
ئوغۇز"دېيلدىغان بىر قەۋم تىلغا ئېلىنغان بولۇپ بۈگۈنكى كىشلەر ئۇنىڭغا توققۇز
ئۇيغۇر دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. ئوغۇز دېگەن سۆز ئۇيغۇر دېگەن سۆزگە ماس بولۇپ ئەينى
ۋاقىتتا "ر" تاۋۇشىنىڭ "ز" تاۋۇشىغا ئۆزگىرشى ئاللىبۇرۇن پەيدا
بولغان، ئوغۇز(Oghuz)نىڭ ئەسلى شەكلى دەل ئوغۇر(Oghur) دۇر. ئىككىنجىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ
"ئوغۇزنامە" ئېپوسىدا ئۆزلىرنىڭ ئەجدادىنىڭ نامى ئوغۇز دېيلگەن، بۇمۇ ئوغۇر دېگەن
سۆزدىن ئۆزگەرگەن. ئۈچىنچىدىن، "تارىخى رەشىدى" دە ئوغۇزخاننىڭ بارلىق تۈركلەرنىڭ
ئەجدادى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغۇز دەيدىغان ئەسلى
قەبىلىسى بىلەن باشقا قەبىلىلەرنىڭ ئۇيۇشۇشىشىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى
ئېيىتقان.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇيغۇر بىلەن ئوغۇز
ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر 14-ئەسىردىن بۇرۇنقى رىۋايەتلەردە ئاللىبۇرۇن تىلغا
ئېلىنغان، شۇڭا مېنىڭچە غەرب تارىخى ماتېرىياللىردىكى ئوغۇرلار بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ
ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن غەربكە كۆچكەن بىر تارمىقى بولۇشى مۇمكىن. تۈركلەر كۆتۈرۈلگەندىن
كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن ، شۇنىڭ بىلەن تۈركى
مىللەتلەرنىڭ ئوخشمىغان تارماقلىرى پەيدا بولغان. تۈركلەرگە بىر قەدەر بالدۇر تەۋە
بولغان قەبىلىلەرنىڭ تۈركلىشىشى بىر قەدەر چوڭقۇر بولۇپ، قەبىلە نامىنىڭ ئاخىردىكى
"ر" تاۋۇشى "ز" تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ ئوغۇز بولغان، بۇلار غەربى تۈركلەر
ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوغۇز قەبىلىلىرگە ئايلانغان. كېيىن غەربنى تىترەتكەن
پەنەچەك، سەلجۇق، ئوسمان قاتارلىق تۈركى قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭدىن چىققان. بۇ
قەبىلىلەر ئاساسلىقى غەربى-جەنۇبقا قاراپ كۆچكەن ھەم كۆپ قىسمى كاسپى تۈزلەڭلىكى ۋە
ئاناتولىيە ئېگىزلىكىگە يېتىپ بېرىپ بۈگۈنكى تۈركلەر(土耳其人) ۋە تۈركمەنلەرنىڭ
ئەجدادىغا ئايلانغان. يەنە بىر تارمىقى ئېلىمىزنىڭ گەنسۇغا كېلىپ بۈگۈنكى
سالار(撒拉尔)لارنىڭ ئەجدادىغا ئايلانغان، قەبىلە نامىدا "ر" نىڭ "ز"غا ئۆزگىرشى يۈز
بەرمىگەنلىرى بولسا تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى توققۇز ئۇيغۇرلارغا
ئايلانغان، بۇلار كېيىن توختىماي قارشىلىق كۆرسىتىپ 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىردا تۈرك
خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ مەزكۇر رايونغايۈز يىلدەك خوجا بولغان ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى
قۇرۇپ چىققان، ئۇندىن كېيىن يەنە غەربكە قاراپ "كۆچۈپ" بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ۋە
يۇغۇرلارنىڭ ئەجدادىغا ئايلانغان.

مەنبە:关於乌古尔(Oghur)诸族   (http://www.newsmth.net/pc/pccon.php?id=110&nid=5721)              
  تەرجىمىدە:ياغلاقار

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 11:33:05

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئوغۇرلار دىمەكچىمۇ !!  {:92:}

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 12:58:19

ئوغۇر دىگەن ئوغۇز سۇت دىگەن بىلەن تەڭ،مەسىلە پەقەت (ر) نىڭ (ز) گە ئۇزگۇرۇش ۋاختىغىلا مۇناسىۋەتلىك.tewip0991 ئەپەندىم، ئوغرى بىلەن ئوغۇر نى پەرىق قلالماۋاتسا كىرەك.ئوغۇر نىڭ ماددى پاكىتى ئۇتكەنلەردە مۇشۇ ئىزدىنىشقا ماقالە قىلىپ يوللانغانغۇ

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 13:06:08

ئونوغۇرOnogur فىرانسوسچىدا

Ho

ngrois دىيىلسە ، ئىنگلىزچىدا Hungary دىيىلدىكەن ، ھەممىسى ياۋرۇپا تىللىرىدىكى ئونوغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان تەلەپپوز قىلىنىشى ئىكەن. شۇنداق بولغاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈنگىردىن كەلگەن بولىدۇ، مۇشۇ مەنتىقە بويىنچە ، ھۈن ( ياكى ھۈنگىر) لارمۇ ئەسلى ئونوغۇرلار ، مۇنداقچە ئىيىتقاندا ئوغۇزلار بولغان بولامدۇ؟

سىلەرچىچۈ؟

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 14:15:25

بىر چاغدا تېلۋېزوردا قويغان بىر تېلۋېزىيە تىياتېرىدا خەنزۇلارنىڭ ئەسلى ئەجدادى ھونلار ئىكەنلىكىنى،كېيىن خەن سۇلالىسىدىن كېيىن مىللەت نامى خەن بولۇپ

ئۆزگەرگەنلىكىدەك ئىشلارنى سۆزلەۋاتقان..ھېلىقى بۇيۇك خەن ۋۇدى دېگەن تېلۋېزىيە تىياتىرىدا...راسلا بۇ خەقنىڭ تېگى ھونلارمۇ؟

function يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 16:18:39

4- قەۋەتتىكى yarzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر چاغدا تېلۋېزوردا قويغان بىر تېلۋېزىيە تىياتېرىدا خەنزۇلارنىڭ ئەسلى ئەجدادى ھونلار ئىكەنلىكىنى،كېيىن خەن سۇلالىسىدىن كېيىن مىللەت نامى خەن بولۇپ

ئۆزگەرگەنلىكىدەك ئىشلارنى سۆزلەۋاتقان..ھېلىقى بۇيۇك خەن ۋۇدى دېگەن تېلۋېزىيە تىياتىرىدا...راسلا بۇ خەقنىڭ تېگى ھونلارمۇ؟

تېخقىچە بىلمەي يۈرگەن گەپما؟ بۇلارنىڭ تېگى ئەجدەرھا تۇرسا

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 16:55:37

«بىراق شۇنى بىلىشمىز كېرەككى \"铁勒\" لار گەرچە ئىلگىرى ھۇنلارغا تەۋە بولغان دىڭلىڭ ۋە قاڭقىللارنى( دىڭلىڭ بىلەن قاڭقىل ئىككىسى بىر قوۋم-ت) »

-- مەن بىر ماقالىدا كۆرۇشۇمچە ، ياپۇنىيە تەتقىقاتچىللىرى خەنچە \"铁勒\" دېگەن خەتنىڭ ئەينى چاغدىكى خەن تىلىدا ھازىرقى تېلې tiele  دېگەن تەلەپپۇزدا ئوقۇلماي بەلكى( تۇلەكمۇ يا تۇرۇكمۇ )  تەلەپپۇزدا ئوقۇلىدىغانلىقىنى بايقاپتىكەن ...

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 17:50:51

1- قەۋەتتىكى tewip0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئوغۇرلار دىمەكچىمۇ !! \"\"

ئوغۇر بىلەن ئوغرى ئىككىسى بىر ئۇقۇم ئەمەس.\"\" بۇ ماقەلىدە دېمەكچى بولغىنى : ئوغۇر دېگەن غەربكە ياۋروپاغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار .

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 17:59:09

4- قەۋەتتىكى yarzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر چاغدا تېلۋېزوردا قويغان بىر تېلۋېزىيە تىياتېرىدا خەنزۇلارنىڭ ئەسلى ئەجدادى ھونلار ئىكەنلىكىنى،كېيىن خەن سۇلالىسىدىن كېيىن مىللەت نامى خەن بولۇپ

ئۆزگەرگەنلىكىدەك ئىشلارنى سۆزلەۋاتقان..ھېلىقى بۇيۇك خەن ۋۇدى دېگەن تېلۋېزىيە تىياتىرىدا...راسلا بۇ خەقنىڭ تېگى ھونلارمۇ؟

\" بۈيۈك پادىشاھ خەنۋۇدى\" دېگەن فلىمنى مەنمۇ ئۇيەر،بۇيەردىن كۆرگەن،فىلىمنىڭ مۇقەددىمىسىدە خەنلەر بىلەن ھۇنلارنىڭ ئەجدادىنىڭ  ئەسلى بىر ئىكەنلىكى قەيىت قىلىندۇ، سىماچيەننىڭ <<تارىخى خاتىرلەر>> دېگەن ئەسىردە ھۇنلارنىڭ ئەسلى شىيا سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى شىياجيې(夏桀)دىن قېلىپ قالغان كىشلەرنىڭ ئەۋلادىلىرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغانىكەن، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ فىلىمنىڭ مۇقەددىمىسىدە خەنلەر بىلەن ھۇنلارنىڭ ئەجدادى بىر دېيىلگەن.

لېكىن بۇ خىل \"خەنلەر، بىلەن ھۇنلارنىڭ ئەجدادى ئەسلى بىر \" دەيدىغان كۆزقاراشنى كۆپ قىسىم تارىخچىلار قوللىمايدىكەن.خەلقئارادا  ئاسەسەن دېگۈدەك ھۇنلارنى كاۋكاز ئىرقى(ئاق تەنلىك)غا تەۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قارايدىكەن.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 18:08:56

3- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئونوغۇرOnogur فىرانسوسچىدا

Ho

ngrois دىيىلسە ، ئىنگلىزچىدا Hungary دىيىلدىكەن ، ھەممىسى ياۋرۇپا تىللىرىدىكى ئونوغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان تەلەپپوز قىلىنىشى ئىكەن. شۇنداق بولغاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈنگىردىن كەلگەن بولىدۇ، مۇشۇ مەنتىقە بويىنچە ، ھۈن ( ياكى ھۈنگىر) لارمۇ ئەسلى ئونوغۇرلار ، مۇنداقچە ئىيىتقاندا ئوغۇزلار بولغان بولامدۇ؟

سىلەرچىچۈ؟

مەزكۇر ماقالىمۇ بۈگۈنكى ھۇنگىرلار(ماجارلار) نىڭ ھۇنگىر دېگەن نامى \"ئونوغۇر\"(ئون ئوغۇر ياكى ئون ئۇيغۇر)دېگەن نامدىن كەلگەن، ھۇنگىرلارنىڭ تەركىبىدە خېلى كۆپ ئوغۇر قەبىلىسى بار دەپ قارايدىكەن.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 18:24:04

6- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«بىراق شۇنى بىلىشمىز كېرەككى \"铁勒\" لار گەرچە ئىلگىرى ھۇنلارغا تەۋە بولغان دىڭلىڭ ۋە قاڭقىللارنى( دىڭلىڭ بىلەن قاڭقىل ئىككىسى بىر قوۋم-ت) »

-- مەن بىر ماقالىدا كۆرۇشۇمچە ، ياپۇنىيە تەتقىقاتچىللىرى خەنچە \"铁勒\" دېگەن خەتنىڭ ئەينى چاغدىكى خەن تىلىدا ھازىرقى تېلې tiele دېگەن تەلەپپۇزدا ئوقۇلماي بەلكى( تۇلەكمۇ يا تۇرۇكمۇ ) تەلەپپۇزدا ئوقۇلىدىغانلىقىنى بايقاپتىكەن ...

بۇ خىل كۆزقاراشنى مەنمۇ خېلى كۆپ جايدا ئۇچراتتىم. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە \"铁勒\" دېگەن ئەسلى قەدىمقى ئۇيغۇرچە(تۈركچە)  \"تېرگ \" دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىكەن، \"تېرگ\" دېگىنى \"ئېگىز ھارۋا\" دېگەن مەنىنى بىلدۈردىكەن،ھەتتا ھازىرقى موڭغۇلچىدا  ئېگىز چاقلىق ھارۋىنى \" تېرگ\" دەپ ئاتايدىكەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە \"高车\" دېگەن دەل مۇشۇ \"تېرگ\" دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە مەنەن تەرجىمىسى، \"铁勒\" دېگەن مۇشۇ \"تېرگ\" دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىكەن، ھازىرغۇ مۇتلەق كۆپ قىسىم تارىخچىلار \" 铁勒\" بىلەن \"高车\"نىڭ ئەسلى بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، سىيانپىلار  \"铁勒\"لارنىڭ ئېگىز چاقلىق ھارۋا ئىشىلتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى \"高车\" (ئېگىز ھارۋىلىقلار، قاڭقىللار) دەپ ئاتىغانلىقىنى قوللايدۇ. يەنە قەدىمقى خەنزۇ تىلىدا \"铁勒\"نى زادى قانداق ئوقۇيدۇ؟ بۇ تازا ئېنىق ئەمەس، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى \"铁勒\" دېگەن بۇ سۆزنىڭ ھازىرقى خەنزۇ تىلىدىكى ئوقۇلىشى بىلەن قەدىمقى خەنزۇ تىلىدىكى ئوقۇلىشى چوقۇم ئوخشاشمايدۇ. يەنە بىرسى \"ئېگىز چاقلىق ھارۋا\" نى قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا زادى \" تېرگ\" دەپ ئوقۇمدۇ-يوق؟ ئاشۇنداق ئوقۇيدۇ دەپ قارايدىغان بىر نەچچە تورداشتىن سورىسام  ئۇلارمۇ بۇنىڭغا يېتەرلىك پاكىت كۆرسىتىپ بېرەلمىدى، ئۇلار ھازىرقى موڭغۇلچىدا \" ئېگىز چاقلىق ھارۋا\" نى \" تېرگ\" دەيدۇ دەپ كۆرسەتتى، لېكىن ئۇلارمۇ بۇخىل قاراشنى باشقا كىشلەرنىڭ ئاغىزدىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىشتى، مەن يا موڭغۇلچىنى بىلمەيمەن، \"ئېگىز چاقلىق ھارۋا\" نى موڭغۇلچىدا راستىنلا \" تېرگ\" دەمدىغاندۇ؟  ئەگەر ئىزدىنىشتە قەدىمقى ئۇيغۇرچە ياكى موڭغۇلچىدىن خەۋىرى بار قېرىنداشلار بولسا بىر نەرسە دەپ باقسا بوپتىكەن.

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 21:43:30

گەپنىڭ قىسقىسى بىز ھەممىمىز ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ ئەۋلاتلىرى

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 23:23:41

ئۇيغۇر دىگەن سۆزنى ئادەتتە ئىلىم ساھەسىدە  ئۇيۇغۇر، ئۇيۇشماق دىگەندەك مەنىدە چۈشەندۈرىدۇ.  بىراق نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تىل تەتقىق قىلدىغان
بىر ئاكىمىزنىڭ يازمىسىدا ئۇيغۇرنى ئۇي  ئۇغۇر دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ. ماڭا بۇ چۈشەندۈرۈش
ئەڭ قايىل قىلارلىق بىلىندۇ. يەنى ئۇيغۇر دىگەنلىك ئۇغۇرلارنىڭ ئۇيۇشمىسى، بۇ نام خۇددى
ئونۇغۇر- ئون ئوغۇر، سارىغۇر - سىرىقئۇغۇز، قۇتۇغۇر- قۇت ئۇغۇر دىگەن ئىسىملارغا
ئوخشاش ئۇغۇر دىگەن سۆزنى بىرلىك قىلغان. ئەمدى ئۇغۇر دىگەن سۆز نىمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ
دىگەندە ئۇغۇر سۆزى بىلەن ئوغۇز سۆزى ئوخشاش سۆزنىڭ ۋارىيانتى بولۇپ شەرقى تۈركلەر
ياكى موڭغۇل يايلىقىنىڭ شەرقىدىكى تۈركى قەۋىملەر ئۇغۇر دەپ ئىشلەتكەن، غەرىپتىكى،
ئوتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى قەۋىملەر بولسا ئوغۇز دەپ ئىشلەتكەن.  ئوغۇز ئۇغۇر ئوخشاش ئۇقۇم
.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 23:26:46

4- قەۋەتتىكى yarzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر چاغدا تېلۋېزوردا قويغان بىر تېلۋېزىيە تىياتېرىدا خەنزۇلارنىڭ ئەسلى ئەجدادى ھونلار ئىكەنلىكىنى،كېيىن خەن سۇلالىسىدىن كېيىن مىللەت نامى خەن بولۇپ

ئۆزگەرگەنلىكىدەك ئىشلارنى سۆزلەۋاتقان..ھېلىقى بۇيۇك خەن ۋۇدى دېگەن تېلۋېزىيە تىياتىرىدا...راسلا بۇ خەقنىڭ تېگى ھونلارمۇ؟

قىپقىزىل يالغانچىلىق،نومۇسسىزلار\"\"

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 12:05:23

10- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«بىراق شۇنى بىلىشمىز كېرەككى \"铁勒\" لار گەرچە ئىلگىرى ھۇنلارغا تەۋە بولغان دىڭلىڭ ۋە قاڭقىللارنى( دىڭلىڭ بىلەن قاڭقىل ئىككىسى بىر قوۋم-ت) »

-- مەن بىر ماقالىدا كۆرۇشۇمچە ، ياپۇنىيە تەتقىقاتچىللىرى خەنچە \"铁勒\" دېگەن خەتنىڭ ئەينى چاغدىكى خەن تىلىدا ھازىرقى تېلې tiele دېگەن تەلەپپۇزدا ئوقۇلماي بەلكى( تۇلەكمۇ يا تۇرۇكمۇ ) تەلەپپۇزدا ئوقۇلىدىغانلىقىنى بايقاپتىكەن ...

بۇ خىل كۆزقاراشنى مەنمۇ خېلى كۆپ جايدا ئۇچراتتىم. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە \"铁勒\" دېگەن ئەسلى قەدىمقى ئۇيغۇرچە(تۈركچە)  \"تېرگ \" دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىكەن، \"تېرگ\" دېگىنى \"ئېگىز ھارۋا\" دېگەن مەنىنى بىلدۈردىكەن،ھەتتا ھازىرقى موڭغۇلچىدا  ئېگىز چاقلىق ھارۋىنى \" تېرگ\" دەپ ئاتايدىكەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە \"高车\" دېگەن دەل مۇشۇ \"تېرگ\" دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە مەنەن تەرجىمىسى، \"铁勒\" دېگەن مۇشۇ \"تېرگ\" دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىكەن، ھازىرغۇ مۇتلەق كۆپ قىسىم تارىخچىلار \" 铁勒\" بىلەن \"高车\"نىڭ ئەسلى بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، سىيانپىلار  \"铁勒\"لارنىڭ ئېگىز چاقلىق ھارۋا ئىشىلتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى \"高车\" (ئېگىز ھارۋىلىقلار، قاڭقىللار) دەپ ئاتىغانلىقىنى قوللايدۇ. يەنە قەدىمقى خەنزۇ تىلىدا \"铁勒\"نى زادى قانداق ئوقۇيدۇ؟ بۇ تازا ئېنىق ئەمەس، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى \"铁勒\" دېگەن بۇ سۆزنىڭ ھازىرقى خەنزۇ تىلىدىكى ئوقۇلىشى بىلەن قەدىمقى خەنزۇ تىلىدىكى ئوقۇلىشى چوقۇم ئوخشاشمايدۇ. يەنە بىرسى \"ئېگىز چاقلىق ھارۋا\" نى قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا زادى \" تېرگ\" دەپ ئوقۇمدۇ-يوق؟ ئاشۇنداق ئوقۇيدۇ دەپ قارايدىغان بىر نەچچە تورداشتىن سورىسام  ئۇلارمۇ بۇنىڭغا يېتەرلىك پاكىت كۆرسىتىپ بېرەلمىدى، ئۇلار ھازىرقى موڭغۇلچىدا \" ئېگىز چاقلىق ھارۋا\" نى \" تېرگ\" دەيدۇ دەپ كۆرسەتتى، لېكىن ئۇلارمۇ بۇخىل قاراشنى باشقا كىشلەرنىڭ ئاغىزدىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىشتى، مەن يا موڭغۇلچىنى بىلمەيمەن، \"ئېگىز چاقلىق ھارۋا\" نى موڭغۇلچىدا راستىنلا \" تېرگ\" دەمدىغاندۇ؟  ئەگەر ئىزدىنىشتە قەدىمقى ئۇيغۇرچە ياكى موڭغۇلچىدىن خەۋىرى بار قېرىنداشلار بولسا بىر نەرسە دەپ باقسا بوپتىكەن.

ئۇنداقتا \"狄、低、翟、丁零、丁灵、敕勒、铁勒、突厥...لارنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە مەنبەلەردىكى تۈرك ئاتالغۇسىنىڭ ھەر خىل يېزىلىشى\" دېگەن سۆزنىڭ قانچىلىك ئاساسى باردۇ؟

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 17:14:29

14- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"突厥\" نىڭ تۈرك دېگەن ئىسىمنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق، بۇنىڭدا ئاللىبۇرۇن بىرلىككە كېلىنىپ بولۇنغان. ئەمما  قالغانلىرى زادى قايسى سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىلىرى بۇ توغرىسىدا تېخى بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 17:39:10

چىراي شەكلىمىزدە ئوخشاشلىق بولمىسا قانداقمۇ بۇلار بىلەن ئۇرقىمىز بىر چىقىدۇ ،،،شۇ مۇ قىلاي دىسە گەپتە

\"\"

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 20:07:45

مۇنداقمۇ گەپلەر بار دەڭلا . مەن بىلمەيدىكەنمەن .
بەت: [1]
: ئوغۇرلار ھەققىدە [تەرجىمە]