erkam يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 15:51:08

بىلكان يانفۇنىدىن ياردەم سورايمەن

بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال بىلكان شىركىتىنىڭ بىلكانu1 تىپلىق يانفۇنىنى سېتىۋالغان ئىدىم. بۈگۈن ئۇچۇر يوللاي دەپ قارىسام كونۇپكا تاختىسى سەل بىنۇرمال.يەنى مەن باسماقچى بولغان ھەرپ بېسىلماي ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەرپ بېسىلىپ كېتىۋاتىدۇ.بىر ھەرپنى باسماقچى بولسام دەل ئۆزىنى باسماي ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەرپنى ياكى ئۈچىنچى بىر ھەرپنى باسسام ئاندىن شۇ ھەرپ بېسىلىدۇ.ھەرپ تاختىنىڭ بىرىنچى قۇردىكى ھەرپلىرى نورمال. ئىككىنچى ئۈچىنچى قۇردىكى بولۇپمۇ ئۈچىنچى قۇردىكى ھەرپلەر نورمال ئەمەس.


قانداق قىلسام ئوڭشىلىدۇ؟ بۇنى ئوڭشىغىلى بولامدۇئ بىلىدىغان دوستلار جاۋاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.

gherip يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 18:04:35

مەنمۇ ئۇ يانفۇننى سېتپ باققان.. باشقا يەرلىرى خېلى ياخشى ئىكەن.ئەمما شۇ سەزگۈر ئېكراننىڭ سەزگۈرلىكى تازا ياخشى ئەمەسكەن.....

alwun يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 18:06:31

شىركەتنىڭ مۇلازىمەت تېلېفۇنىغا تېلېفۇن قىلسىڭىزلا بولىدىغۇ. ياكى سېتىۋالغان يەرگە ئاپارسىڭىز بولىدۇ. ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 20:17:05

ۋاي بۇ ئوڭاي ئىشقۇ! بۇ چاتاق ھېساپلانمايدۇ، پەقەتلا تەڭشەش مەسىلىسى.

تەڭشەك ئىچىدىن «سەزمە ئېكران توغىرلاش» نى قوزغىتىپ، ئېكراننىڭ ئوتتۇرىسى، بۇرجەكلىرىدىكى بەلگىگە توغرا چېكىپ بەرسىڭىزلا توغرىلىنىپ قالىدۇ.

بۇ يالغۇز بىلكاندا ئەمەس، ھەر قانداق سەزمە ئېكرانلىق يانفۇندا بار ئىش، بىر يانفۇنۇمنى ھەر قېتىم زاۋۇت تەڭشەككە قايتۇرسام، چېكىلگەن ئورۇننى ئېلىشى پۈتۈنلەي ئاستىغا سۈرۈلۈپ كېتەتتى، ئېكران توغرىلاپ قوياتتىم.

جۇڭشىڭنىڭ بىر ئاندرويىد يانفۇنى بار ئۆيۈمدە، ئۇنىڭ سىزىمچانلىقى ماركىسىز يانفۇنۇمنىڭ ئېكرانىغا يەتمەيدۇ.  {:134:}  



مۇناسىۋەتسىز خەۋەر: كورىيە سامسۇڭ شىركىتى، ئاندرويىد 4.1 نى قاچىلىغان بىر 10 نەچچە مىلىيون چېكىتلىك فوتو ئاپپارات ياساپتۇ.

erkam يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 21:14:56


3- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاي بۇ ئوڭاي ئىشقۇ! بۇ چاتاق ھېساپلانمايدۇ، پەقەتلا تەڭشەش مەسىلىسى.

تەڭشەك ئىچىدىن «سەزمە ئېكران توغىرلاش» نى قوزغىتىپ، ئېكراننىڭ ئوتتۇرىسى، بۇرجەكلىرىدىكى بەلگىگە توغرا چېكىپ بەرسىڭىزلا توغرىلىنىپ قالىدۇ.

بۇ يالغۇز بىلكاندا ئەمەس، ھەر قانداق سەزمە ئېكرانلىق يانفۇندا بار ئىش، بىر يانفۇنۇمنى ھەر قېتىم زاۋۇت تەڭشەككە قايتۇرسام، چېكىلگەن ئورۇننى ئېلىشى پۈتۈنلەي ئاستىغا سۈرۈلۈپ كېتەتتى، ئېكران توغرىلاپ قوياتتىم.

جۇڭشىڭنىڭ بىر ئاندرويىد يانفۇنى بار ئۆيۈمدە، ئۇنىڭ سىزىمچانلىقى ماركىسىز يانفۇنۇمنىڭ ئېكرانىغا يەتمەيدۇ. \"\"



مۇناسىۋەتسىز خەۋەر: كورىيە سامسۇڭ شىركىتى، ئاندرويىد 4.1 نى قاچىلىغان بىر 10 نەچچە مىلىيون چېكىتلىك فوتو ئاپپارات ياساپتۇ.


تەڭشەك تىزىملىكىدە سىز ئېيتقان سەزمە ئېكراننى توغرىلاش دەيدىغان تەڭشەك يوق ئىكەن،شۇنچە ھەپىلىشىپ باقتىم.




gherip يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 18:40:10

باچكا.. سز دىگەن تەڭشەش تىرناق ياكى قەلەم ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىدىغان زاپەر ساختا يانفۇلاردا بۇلىدۇ.. بىلكان يانفۇننىڭ سەزگۈر ئېكرانى 电子触摸屏 ئېلىكتورونلۇق سەزمە ئېكراندا ئۇنداق تەڭشەڭ بولمايدۇ..

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 19:32:09

مەن مۇنۇ ئىنكاسنى دەل شۇ سىز ئىشكەتكەن بىلكان تىلفۇنىدا يېزۋاتىمەن. مەنچە. شۇنداق. نۇرمال ..

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 20:03:44

باچكىنىڭ ئېيتقان تەڭشىكى 电阻屏غا ئىشلەيدۇ، بىلكاننىڭ يانفونلىرى خاتالاشمىسام 电容屏。 (تەرجىمىسىنى بىلىدىغانلار يېزىپ قويۇڭلار)

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 11:41:02

سەزگۈر ئىكراندىن چاتاق چىققانلىقى ئېنىق چۇقۇم ئالماشتۇرۇش كىرەك.

بولمىسا ئوڭشىغىلى بولمايدۇ.

باچكا ئەپەندىم دىگەن ئۇسۇل بۇرۇنقى ئېلىكتىر قارشىلىقلىق سەزمە ئىكرانلارغا بولىدۇ لېكىن ھازىرقى ئېلىكتىر سىغىملىق ئىكرانلاردا ئۇنداق تەڭشەك يوق ھەمدە ئۇنداق تەڭشەشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق.

بىر ئېغىز گەپ: يانفۇننى يىڭىسىغا ئالماشتۇرۇڭ(كاپالەت مۇددىتى بولسا)

erkam يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 12:39:21

6- قەۋەتتىكى matros5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن مۇنۇ ئىنكاسنى دەل شۇ سىز ئىشكەتكەن بىلكان تىلفۇنىدا يېزۋاتىمەن. مەنچە. شۇنداق. نۇرمال ..

مېنىڭ تېلفۇنۇم u1  تىپلىق تېلفۇن ئىدى.ساتقۇچىنىڭ قېشىغا ئاپارسام بۇ خىل تېپلىق تېلفۇنلار ئېكران كىچىك بولغاچقا مۇشۇنداق بولىدۇ دىدى.3.5 سۇڭلۇق ئېكران ئىدى بولمىسا.u5,u8   تىپلىق تېلېفۇنلىرىنىڭ ئېكران نورمال ئىكەن. سىزنىمۇ شۇ u5 ياكى u8 تىپلىق بولسا كېرەك.

erkam يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 12:43:34

بىلكان u1 تىپلىق باشقا تېلېفۇنلارنىمۇ كۆرۈپ باقتىم. u1 نىڭ ئېكران سىزىمچانلىقى ۋە كونۇپكا تاختىسىنىڭ توغرا دەلىللىككى تۆۋەنكەن، ئەمما كىيىنكى نەشىرلىرىنىڭ ئۇنداق ئەمەسكەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-10 18:24:24

ئاندىرو 4.0 بىلەن ئىزدىنىشقا كىرگىلى بۇلامدۇ ، خۇاۋېي ، سەنشىڭ دىگەندەك ماركىدىكى ....
بەت: [1]
: بىلكان يانفۇنىدىن ياردەم سورايمەن