ئېنگىلىزچە رادىيو نومۇرلىرىنى خېتى بىلەن ئاڭلاڭ
ھەر قېتىم شىنجاڭ ئالىي ئوقۇلى ئەتىراپىدىن ئۆتسەم، ناھايىتى كىتاپ چىراي ئالدىراش ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ، دۈمبىسىدە سومكا، قۇلىقىدا تىڭشىغۇچ..
ئېنگىلىزچە ئۆگىنىش ئۈچۈن يېرىم مىنۇت ۋاقىتتىنمۇ پايدىلىنىشنى بىلىدىغان، يانفۇن ۋە ياكى mp4 لەر بىلەن قۇراللانغان بالىلار، ھەر خىل ماتىرىياللار بىلەن ساقلىغۇچنى ئوقلاپ يۈرگەندۇ.
ئېنگىلىزچە ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە تاللىشىغا ماس كەلسە پايدىلىنىشى ئۈچۈن، تۈۋەندىكى تور بېكەتنى قالدۇردۇم.
تۈۋەن، ئوتتۇرا، يوقىرى باسقۇچتىكى نۇرغۇن ئاۋازلىق ماترىياللار تەمىنلەنگەن، ھەمدە ئېنگىلىزچە رادىيو خەۋەرلىرى توپلانغان. بۇ بېكەتنى توردىكى نەق مەيدان رادىيوسى دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن، لېكىن بۈگۈننىڭ رادىيولىرىغىچە خەتلىك مەزمۇن بار.
مۇكەممەل نۇقتىسى شۇكى، ئاۋازلارنىڭ txt ھۆججىتى، ھەتتا lrc ھۆججىتى تەمىنلەنگەن، lrc ھۆججىتى نىمە دەپ سورىسىڭىز، قويۇلۇۋاتقان ئاۋازنىڭ ماس قەدەملىك تېكىست كۆرسىتىش ھۆججىتى. مەن ھازىر mp4 كە *.mp3 ھۆججىتى ۋە *.lrc ھۆججىتىنى تەڭ كۆچۈرۈپ سىناپ باقتىم، ئېنىق تەڭ قويۇلىدىكەن، يولدىكى ۋاقتىڭىزدا ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ. ئېكران چوڭلۇقى سەۋەبىدىن، ئۇزۇن جۈملىلەرنىڭ ئاخىرى تولۇق كۆرۈنەلمەي قالىدىكەن.
نىمە ئۈچۈن رادىيو ئاۋازىنى ئېنگىلىزچە ئۆگىنىشكە تەۋسىيە قىلىمىز دىگەندە، رادىيو ئاۋازى نۆۋەتتىكى زامان ئېغىز تەلەپپۇزى بويىچە ئاڭلىتىلىدۇ، كىنو ئاۋازىغا قارىغاندا زىچلىقى يوقىرى.
باش بېتى:
VOA, ABC, BBC, CNN قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىك ئېنگىلىزچىدا ئوقۇلغان ئاۋاز بەتلىرىنى بۇ يەردىن ئىزدەڭ.
http://www.qiewo.com/ting/broadcast/
مىسالغا، تۈۋەندىكى ئۇلانمىدەك چىقىدۇ، ئاستا، ئوتتۇرا، تېز، بەك تېز ئوقۇلغانلىرى ئايرىلغان، ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاش تۈرىڭىز كۆپ:
http://www.qiewo.com/ting/word/1000/
http://www.qiewo.com/html/20081028/8701.html
مىسال: تۈۋەندىكى ئىككى ھۆججەتنى MP4 كە تەڭ كۆچۈرۈپ، «ناخشا تېكىستى» تۈرىنى تاللاپ قويۇپ كۆرۈڭ، ئېكراندا تېكىستى چىقىدۇ.
http://x8.qiewo.com/Sound/word/gp1000/chaosu/youtheme_015.mp3.lrc
http://x8.qiewo.com/Sound/word/gp1000/chaosu/youtheme_015.mp3
بۇ ئاستا ئوقۇلغان، ھەم سۆزنىڭ خەنزۇچىسىنى لوغەتچىلاپ چۈشەندۈرگەن، بۇ ئىككى ھۆججەتنى جەزمەن چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
http://x8.qiewo.com/Sound/word/gp1000/zhongji/youtheme_001.mp3
http://x8.qiewo.com/Sound/word/gp1000/zhongji/youtheme_001.mp3.lrc
ۋاقتىڭلار بولسا، كېرەكلىك مەزمۇننى چۈشۈرۈۋالارسىلەر، ياكى offline explorer نى ئىشقا سېلىپ باقارمىز، ھۆججەت تۈرىگە پەقەت mp3 ۋە lrc نىلا تاللاپ..
بۇ يەردە ئاستا سۈرئەت، نورمال سۈرئەت بولۇپ، 10چە قانال بار.ھەربىر خەۋەرنىڭ MP3, pdf, HTML, LRC ھەممىسى بار. ئاساسلىق قاناللارنىڭ ھەپتىلىك خەۋەرلىرى(ئۈستىدىكى تۆت خىل ھۈججەتنىڭ ھەممىسى بىر يەردە) جەملەپ تەييارلانغان، چۈشۈرۈش شۇنداق قولاي. شۇنلېي بولسا مائۇسنىڭ ئەڭ تەرىپىنى چېكىپلا چۈشۈرگىلى بولىدۇ(دىققەت: Chrome نى تەڭىشىمىسە بۇ ھۈنەر ئىشلىمەيدىكەن).
2. توردا ئاڭلاش، ئوقۇش ۋە ئاڭلاپ يېزىش ئۈچۈن:
http://www.kekenet.com/broadcast/
بۇ تورنىڭ قويغۇچىسى بەك پەيزى، بەت يۈزى كۆركەم. قويغۇچتىكى ئىقتىدارلار، ھەرخىل تاللاش كۆزنەكلىرى سىزنى ئوبدانلا رازى قىلىدۇ.
مىسال: http://www.kekenet.com/broadcast/201211/211608.shtml
------------
يۇقىرىقىلىرى بۇ ئىككى تور بەتنىڭ ماڭا ئەڭ يارىغان ھەم ئەسقاتقان تەرىپى، باشقا تەرەپلىرىمۇ نۇرغۇن ئېھتىياجدىن چىقالايدۇ.
بەزى ئېنگلىزتىلى مۇئەللىملىرى دائىم شۇنداق ئەسكەرتىدىكەن، «بېرىلىپ ئاڭلىغاندا تېكىستكە قارىما، بېرىلىپ ئوقۇغاندا ئاڭلىما» دەپ.精读不要听،精听不要看 مۇشۇنداقراق گەپ.
http://www.tilhumar.biz/?p=514
ئېنگىلىزچە رادىيو پىروگراممىلىرىنى توردىن بىۋاستە ئاڭلاڭ.
ساقلاپ قوياي، رەخمەت!
http://www.listeningexpress.com مەن بىرنىمە دىمەي بۇ تىما ئۇستىدە . تىمىڭىزنى ئىنگىلىزتىلى بىلوگىمغا مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۆچۈرسەم بولامدۇ؟
10- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ما تور بەتنى ھىچقايسىڭلار بىلمەمسىلەر ...؟
http://www.listeningexpress.com
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شۇ توربەتنىڭ ياردىمى ئىنگلىزچە سەۋىيەمدە زور ئىلگىرلەش بولغان مېنىڭ.
12- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تىمىڭىزنى ئىنگىلىزتىلى بىلوگىمغا مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۆچۈرسەم بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ، رەھمەت..