adwukat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 11:42:00

ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش تۈرىگە ئۇل سىلىندى

ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش تۈرىگە ئۇل سىلىندى




2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش تۈرىگە ئۇل سىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈچتاش سۇ ئۈستى باغچىسى ئىشىكى ئالدىدا ئىلىپ بىرىلدى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ دائىمى ئەزاسى ، ئۈرۈمچى – سانجى پارتىكومىنىڭ شۇجىسى ، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ شۇجىسى جۇخەيلۈن ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شەھەر باشلىقى جەرۇللا ھېسامىدىن قاتارلىق رەھبەرلەر بۇ قېتىملىق ئۇل سىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .


ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش تۈرىگە مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش مۇساپىسى كەلگۈسىدە 211.9 كىلومېتىرغا يىتىدىغان بولۇپ ، جەمئى 7 لىنيە بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش پىلانلانغان . بۇلارنىڭ ئىچىدە 1 - ، 2 - ، 3 – لىنيەلەر غول لىنيەلەر بولۇپ ، 3-، 4 - ، 5 - ، 6 - ، 7 – لىنيەلەر قوشۇمچە لىنيەلەر بولىدىكەن .


ئالدى بىلەن ئىش باشلانغان 1 – لىنيەنىڭ ئومومى مۇساپىسى 26.5 كىلومېتىر بولۇپ ، قۇرۇلۇشقا 17 مىليارد 910 مىليون يۈەن مەبلەغ سىلىنىپ ، 21 بىكەت تەسىس قىلىنىدىكەن . بۇ مۇساپە شەھەر جەنۇبىدىكى ئىنقىلابى قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىدىن باشلىنىپ ، ئۈچتاش جەنۇبى يولۇچىلار بىكىتى ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ، خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىق يولۇچىلار توپلاشقان بىكەتلەردىن ئۆتۈپ ، شەھەر ئىچىدىكى ئاۋات رەستىلەردىن ئۆتۈپ ، قاراماي يولى ئارقىلىق يىكەنكۆل خەلق مەيدانى (شەھەرلىك ھۆكۈمەت) ، خەلق سارىيى ، ئاپتونۇم رايونلۇق كۈتۈپخانا قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەر رايونى ئارقىلىق ئايرودۇرۇمغا بارىدىكەن . ئىگىلنىشىچە 1 – لىنيە 2016 – يىلى بىكەت ۋە لىنيە قۇرۇلۇشىنى تاماملايدىكەن ، 2017 – يىلى ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە سىناق قىلىپ ، سىناق تىجارەت باشلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدىكەن . 2018 – يىلى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرىلىدىكەن .














http://news.iyaxin.com/content/2012-11/30/content_3708729.htm


mahammat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 13:53:19

1.كېچىكىپ قىلىنغان بولسىمۇ ياخشى باشلىنىش .

2.يەنە مىليۇنىر ئەمەلداردىن 10 نى كۆپىيىدىكەندە

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 14:21:48



ياخشى بوپتۇ . قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن قۇتۇلغىدەكمىز.

holmis1 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 18:43:37

مەبلەغنى بولىشىغا سالغىلى تۇردى ، دىمەك ئۈرۈمچىدە جىددىي تۈردە ئادەم كۆپىيەمدۇ قانداق ؟ شەھەر قاتنىشى تۈرىگە مەبلەغ سېلىپ كېيىنكى قىستاڭچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش دىگەندەك ...

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 18:59:34

رايۇن،ئۆلكە ئاتلاپ كەلگەنلەرنى قارشى ئالىمىز ،ۋىلايەت ،ناھىيە ئاتلاپ كەلگەنلەرنى جايىغا قوغلايمىز دىگەن شۇئار ئاستىدا نوپۇس كۆپىيىش مۇمكىنچىلىكى بار!!

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 18:59:49

3- قەۋەتتىكى holmis1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەبلەغنى بولىشىغا سالغىلى تۇردى ، دىمەك ئۈرۈمچىدە جىددىي تۈردە ئادەم كۆپىيەمدۇ قانداق ؟ شەھەر قاتنىشى تۈرىگە مەبلەغ سېلىپ كېيىنكى قىستاڭچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش دىگەندەك ...






بۇرۇن قايسى بىر تىمىدا بىر يولداش شىنجاڭنىڭ نوپۇسىنى 100 مىليۇنغا يەتكۈزۈش كېرەك دىگەندەك قىلىۋىدى . شۇڭا ...

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 19:12:30

ئەگەر ئىشقا كىرىشتىرۈلۈپ ،توشۇش تازا ئەۋجىگە چىققاندا ،بىكەتنىڭ ئىچىدىكى رېلىسقا بىر چېلەك پوق قۇيۇپ قويسا قانداق بۇلا ؟




Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 20:32:01

پوقتەك گەپ قىلىپسىز . ھەممەيلەن مەنپەئەتلىنىدىغان ئاممىۋى ئەسلىھەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان ناكەسلەرمۇ ئىزدىنىشتا يوق ئەمەسكەن .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 20:43:24

6- قەۋەتتىكى tuumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر ئىشقا كىرىشتىرۈلۈپ ،توشۇش تازا ئەۋجىگە چىققاندا ،بىكەتنىڭ ئىچىدىكى رېلىسقا بىر چېلەك ** قۇيۇپ قويسا قانداق بۇلا ؟








سىز ئاۋال ھويلىڭىزغا بىر ئورا كولاپ بېقىڭ، جوتو تۇتۇپ قولىڭىز قاپارغاندا، سىز دىگەن بىر چىلەكنى سىزنىڭ ئورىڭىزغا قويۇپ قويايلى، شۇنى ئاپىرىڭ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 20:47:17

ئىزدىنىشتا بىر تورداش 2050- يىلى ئۈرۈمچىنى خەلقئارالىق شەھەر دەمدۇ بىرنىمە دەرىجىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن مىترو بولمىسا بولمايدۇ دىگەندەك قىلغانتى. شۇ كەمدە ئۈرۈمچىنىڭ نوپوسى توكيونىڭ ھازىرقى نوپوسىنىڭ يېرىمىغا بېرىپ قالارمىكىن، ھازىر توكيونىڭ نوپوسى 12 مىلىيوندىن ئاشىدۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 01:24:14

ئالدىنقى يىلى ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇسى ئۈچ مىليۇندىن ئېشىپتىكەن، 2000-يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 10 يىلدا بىر مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇس كۆپىيىپتۇ. 2050-يىللىرىغا بارغاندا ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇسى مۇشۇ نىسبەت بويىچە ئاشسىمۇ يەتتە مىليۇندىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئېشىش سۈرئىتنىڭ تېزلىنىشى چوقۇم، شۇنداق بولغاندا 2050-يىللىرىغا بارغاندا ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇسى 10 مىليۇندىن ئېشىپ كەتكۈدەك.

6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە دېيىلگىنىدە، ئۈرۈمچىدىكى خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن %75، باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى %25 . 10 يىللىق ئازسانلىق مىلللەتلەر نوپۇسىنىڭ ئېىشى نسىبىتى خەنزۇلارنىڭ نوپۇسىدىن ئازراق يۇقىرى.  

3112559  ئومۇمىي نوپۇس

2331654  خەنزۇلار نوپۇسى        48.74%

780905   ئازسانلىق مىللەتلەر     51.85%



بۇنىڭ ئىچىدە بەش يۈزمىڭ ئۇيغۇر بار دىسەك، 2050-يىلىغا بارغاندا 50% لىك نىسبەتتە ئاشسا بىر مىليۇن 500 مىڭ نوپۇس بوپقالغۇدەك.

ئومۇمىي نوپۇس ئىچىدىكى ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئاشسا، ئۇيغۇرلارمۇ ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ كۆپرەك تۆھپە قوشسا.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 01:27:55

ئۇ چاغلارغا بارغاندا ئاللا جان بەرسە بوۋايلاردىن بوپقالغۇدەكمىز.

bityon يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 09:20:00

4- قەۋەتتىكى tewip0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رايۇن،ئۆلكە ئاتلاپ كەلگەنلەرنى قارشى ئالىمىز ،ۋىلايەت ،ناھىيە ئاتلاپ كەلگەنلەرنى جايىغا قوغلايمىز دىگەن شۇئار ئاستىدا نوپۇس كۆپىيىش مۇمكىنچىلىكى بار!!

دانا پىكىر  .

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 12:35:41

سىلە تازىمۇبىر ؟؟ئادەمنى ئەركىن تەپەككۇر قىلغىلىمۇ قويمىغان .مەن پەقەت پەرىزىمنى دەپ قويدۇم شۇ ...

مەنمۇ بولسا ئۈرۈمچىگە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنىڭ قۇرىلىشىنى ،بولسا لوندون ،نىيۇيورك،ئافرىقا ،شىياڭگاڭ،چاۋشىيەندەك تەرەققىي قىلسا دەپ ئۈمىد قىلىمەن .

بىراق ،ھەرقىتېم بىرەر ياخشىراق «ھاجەتخانا» سېلىندىمۇ ،  بولدى،،، ،نۇپوس ئازراق بولسىمۇ ئاشماي قالمايدۇ .زادى مۇشۇ ھاجەتخانا سالغىلى كەلگەنلەرمۇ :«بىز ئىشلىتىشىپ بەرمىسەك بولمايدۇ »دەمدۇ ياكى تېزلا بۇزۇلۇپ ،چاتاق چىقىدىغىنىنى بىلەمدۇ ،ئىشقىلىپ بىر «ياخشى »نىيەتتە تۇرۇپلا قالىدۇ .باشتا بارغانلار تېزلا بېيىپ ،«مىليونىر »بۇلۇپ قالغاندىكىن ئىشلىمەيدىكەن.شۇڭا ئىشلەيدىغانلىرىنى پويىز بىلەن توشىيدىكەن ،پويىزدا ھەرقىتىم ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن ئۈرۈمچىگە بارغۇچە پويىزنىڭ چاقىنىڭ يېلى چىقىپ كىتەيلا دەيدۇ .قايتقۇچە پويىزدا ئادەم ئازلىقىدىن كارۋاتلىق بىلەت ئېلىش ھاجەتسىز ،ئورۇندۇقلۇقنى ئېلىپ يېتىپ قايتىدۇ .تۇنجى قىتىمدا بىرسى كەلگەن بىلەن بىرەر يىلدىن كېيىن 4-5 «چۈجە» بىلەن «مىكىيان»بىللە كىلىدىكەن .مىكىيان بولغاندىكىن يەنە بىر نەچچە نۇپوس كۈپىيىدىكەن .



ئاخىرىدا ،ئاچچىقىڭلار كېلىپ قالغان بولسا ،ھەممىىمىز مۇسۇلمان بولغاندىكىن كەچۈرۈڭلار .بۇندىن كېيىن ئۇنداق «ئەركىن »تەپەككۇر قىلماي .گەپلىرىم پوق -سۈيدۈكتەك بۇلۇپ قالغان بولسا تۈزىتىۋالاي .

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 16:10:38

2050يىلى دەپ قويۇڭلار  {:107:}

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 16:49:58

پىنھان دىگەن تەلۋا ساراڭ باشقىلار بىرە ئېغىز گەپتىن كېتىپ قالسا ، بىر نىمىلەرنى دەپ باشقىلارغا نەشتىرىنى سانجىيدىكەن ياكى چەكلەيدىكەن. خۇددى ئىزدىنىش ئوزىنىڭ شەخسى قۇرۋالغان تور بىكىتىدەك. ئوزى يۇقارقىدەك ئىنكاسلارنى يازسا ھىچ گەپ يوق....

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 21:55:44

مۇشۇ يۈزى قېلىن ‹ئۇيغۇرچە خەت›ئۈرۈمچىدىلا قالغان ئوخشايدۇ!!!

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-2 22:51:15

ئۆزەڭنىڭ نىمىشقا چەكلىنىپ كەتكەنلىكىڭ ئىسىڭدە يوق دۈرۈندەك سۆزلەپ يۈرۈيسەن . قارىغاندا سەن ساقايمايدىغان ئوخشايسەن يەنە ساقايمىساڭ يەنە چەكلەيمەن بىلىۋال .

horazjn يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 14:00:51


17- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆزەڭنىڭ نىمىشقا چەكلىنىپ كەتكەنلىكىڭ ئىسىڭدە يوق دۈرۈندەك سۆزلەپ يۈرۈيسەن . قارىغاندا سەن ساقايمايدىغان ئوخشايسەن يەنە ساقايمىساڭ يەنە چەكلەيمەن بىلىۋال .



پىنھان دىگەن تەلۋە ساراڭ قولاڭدىن يامان ئەمەس ئىش كېلدىكەن ھە!..ئوزەڭنى ئەركىنلىكنىڭ قوغدۇدۇغۇچىسى خىيمەنگە ئوخشۇتۇپ ، باشقىلارنى ساراڭغا چىقىرالىغاندىكىن. مەن ئوزەمنىڭ نىمە يېزىۋاتقانلىغىمنى بىلمەيدىغان ھالەتتە ئەمەس. سەن مۇشۇ خىل چەكلەش ئۇسۇلى بىلەن ئىشنى ھەل قىلالايمەن دەپ ئويلىساڭ مەن داۋاملىق ساڭا بولغان نارازىلىغىمنى بىلدۇرىمەن.سېنىڭ بۇ چەكلەشلىرىڭ مېنىڭ ئىزدىنىشقا بولغان قىزغىنلىغىمغا سۇ سېپەلمەيدۇ.مەن يەنە شۇ گەپنى قايتىلاپ ساڭا دەپ قوياي بۇ سېنىڭ شەخسى تۇر بېكىتىڭ ئەمەس.




Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 14:38:30

ئىزدىنىشنى سۆيسەڭ ، ئىزدىنىشقا قىزغىنلىقىڭ بولسا ، ھەممەيلەن سۆيىدىغان كىشلەر ئارقىسىدىن پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ بىر مەيدان سۆز - چۆچەككە تۇتۇرۇق بولۇشنى خىيال قىلما . ئەگەر يەنە شۇنداق قىلىدىكەنسەن . يەنە ئوخشاشلا ئۇدۇللا چەكلەيمەن . مېنى تىللىغۇڭ بولسا تىللىۋال ، مېنى تىللىغانلارغا ئانچە ئاچچىقلىنىپ كەتمەيمەن . ماختىساڭ خوشال بولۇپمۇ كەتمەيمەن . ئەگەر ئىزدىنىشنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەيدىغان ئىشنى قىلىمەن دەيدىكەنسەن ئوخشاشلا چەكلىۋېتىمەن . يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىرىپ بەرىبىر ئىككى كۈنگىچە ئىنكاس يازالماي قىينىلىپ قالىسەن .

ساڭا ئەڭ ئاخىرقى ئەسكەرتىشىم : كىشلەر ئارقىسىدىن پىتنە - ئىغۋا تارقاتقىنىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ ، گۇناھىڭنى بوينۇڭغا ئالىسەن بولمىسا يەنە ئوخشاشلا چەكلىنىسەن . مېنى ئۇنتۇغاق كۆرۈپ قالما ، شۇ ۋاقىتتىكى ئىنكاسلىرىڭىنى رەسىمگە تارتىپ ساقلاپ قويغان ئىدىم . يەنە گۇناھىڭنى تونۇمايدىكەنسەن ئىسپاتلارنى ئوتتۇرغا تاشلاپ چەكلەيمەن .
بەت: [1] 2
: ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش تۈرىگە ئۇل سىلىندى