calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 12:03:22

سىزنى ھىق تۇتۇپ باققانمۇ؟

    ناھايىتىمۇ شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!


<كۆرگىنىڭىدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ> دىگەندەك،ھاياتلا بولساق ئاجايىباتلارغا، ئاللاھنىڭ سىر-ھىكمەتلىرىگە يولۇقۇپ تۇرىدىكەنمىز،تۈنۈگۈن بىرەيلەننىڭ دەپبىرىشىچە بىر تونۇشى ھىق(چىكوك بوپقىلىش) تۇتۇپ قالغىلى بىر قانچە يىل بوپتۇ،داۋالانمىغان دوختۇرخانا قالماپتۇ،يىمىگەن دورىسى قالماپتۇ،تولا ھىق تۇتقاننىڭ دەستىدىن ماغدۇرسىزلىنىپ تىترەيدىغان بوپقاپتۇ. توۋا، ئادەتتە ھىق تۇتۇپ قالسا بىرنەچچە سائەتتە،كۆپ بولسا يىرىم كۈندە ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ كىتىمىز،لىكىن بىئارامچىلىقنىڭ دەردىنى ئۆزىمىز بىلىمىز. تىخى بەزىدە مۇھىم ئۇچرىشىش كۆرۈشۈشلەرگە ئۈلگۈرۈپ ھىق بوپقالىمىز،بۇنىڭ بىئارامچىلىقىنى دىمەيلا قوياي،قىلمىغان قىلىقىمىز قالمايدۇ.نان يەپبىقىۋاتقان،قىززىق چاي ئىچىپ بىقىۋاتقان،يەنە ئاللىقانداق ئاماللارنى قىپكىتىمىز.(لىكىن كىچىك بالىنى ھىق تۇتۇپ قالسا بەك ئوماق بوپكىتىدىكەن،چىكوك-چىكوك،..... ) ھىق تۇتۇپقالغانلارنى كۆرسەك <كىمنىڭ ھەققىنى يەۋالغانتىڭىز؟>دەپ قويىمىز،ئاللاھ كىشىنىڭ ھەققىدىن ھەممىمىزنى يىراق قىلسۇن!


ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،تۆۋەندە ھىق تۇتۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك،ئەڭ تىز ساقايتىشنىڭ ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.


ئەڭ ئالدى بىلەن ئەئۇزۇ-بىسمىللاھ بىلەن باشلايمىز.


ئاۋال ئۆپكىڭىزدىكى ھاۋانى پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىۋەتكەندىن كىيىن ئىغىزىڭىزنى چىڭ يۇمۇپ ئوڭ قولىڭىزنىڭ ئالقىنى بىلەن ئىغىزىڭىزنى مەھكەم توسۇپ،بىگىز بارمىقىڭىز ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىز بىلەن بۇرنىڭىزنى مەھكەم قىسىپ(نەپەس ئالمايسىز) بىرنەچچە قىتىم تۈكۈرۈگىڭىزنى يۇتىسىز،تۈكۈرىگىڭىزنى يۇتۇشىڭىز ئاسان ئەمەس،ھەتتا قۇلاقلىرىڭىزدىن تارتىپ ئىتىلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كىلىشىڭىز مۇمكىن،لىكىن ئەنسىرىمەڭ.


تامام،مۇشۇ ئۇسۇلنى توغرا قوللىنالىسىڭىزلا بىر مىنوتقا يەتمىگەن ۋاقىتتىلا ساقىيىپ بىئارامچىلىقتىن قۇتۇلىسىز ئىنشائاللاھ.لىكىن بۇ ئۇسۇلنى پەقەت ھىق بوپقالغان ئادەم ئۆز ئۆزىگە قوللىنىشى كىرەك،بىراۋنىڭ ھىق بوپقالغۇچىغا قوللىنىشىغا بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش:بۇ ئۇسۇل پەقەت تىنى ساغلام ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارغىلا ماس كىلىدۇ.كىچىك بالىلار، ياشانغانلار،تىنى ئاجىزلار، يۇرەك كىسىلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا كىسەللىرى بولغان كىشىلەر توپىغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.بولۇپمۇ بوۋاقلارغا،كىچىك بالىلارغا قەتئىي ئىشلىتىشكە بولمايدۇ،ئەگەر ئىشلىتىلگەندە ئۆپكىسى يىرىلىش،مىڭىگە قان چۈشۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئەگەر شۇنداق ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقسا ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز ئىگە.بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىقارىلىقىڭىزدىن كۆرۈڭ.ئاللاھ ئۇنداق كىلىشمەسلىكلەردىن ساقلىسۇن.


ئىلتىماس:


ئەگەر بۇ ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ قالسىڭىز،كەمىنە تىما يوللىغۇچىغا خالىس، دۇئا قىپ قويسىڭىز،چۈنكى مىنى غەم-قايغۇ بىسىۋالغان بىرھالدىمەن.يىراقتىكى خالىس دۇئا قىلغۇچىنىڭ،مەزلۇمنىڭ،قىرىنداشلارنىڭ غايىبانە قىلغان خەيرلىك دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشى ئەلبەتتە مۇقەررەر!!!ئەلبەتتە دۇئا قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگىمۇ دۇئادا تىلەنگەن خەيرلىكلەرنىڭ يىتىشى چوقۇمدۇر!!!


ئىنكاس يىزىپ دۇئا قىلىشتىن ساقلىنىڭ،ئىنكاس يىزىپ قىلىنغان دۇئا- دۇئا بولمايدۇ،رىيا بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى رىياكارلىقتىن يىراق قىلسۇن.ھەممىمىزنى سالامەت قىلسۇن!

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 14:06:18

مەن بىر نەچچە فىلىمدىن كۆرسەم يەرلىك تېۋىپلار ھېق تۇتۇپ قالغانلارنى قاتتىق قورقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالايدىكەن، شۇڭا تېۋىپلار مۇشۇ توغۇرلۇق بىلگەنلىرىڭلارنى دەپ بېقىڭلار.

ھېق تۇتۇپ قالغانلارنى قاتتىق قورقۇتسا شۇ ھامان ھېق تۇتۇش توختامدىغاندۇ، سىناپ باققانلار بارمۇ؟

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 14:30:22

1.ئىككى كۆزنى چىڭ يۇمۇپ، ئىككى بارماق بىلەن كۆز ئالمىسىنى بوشقىنا بېسىپ نەچچە ئون سىكونت تۇرسىلا ھىق بېسىقىدۇ.

2. تىنماي تۇرۇپ بىر ئىستاكان ئىلىمان سۇنى ئىچىۋەتسىمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن ھىق تۇتۇپ قالمىغان بولسىلا.

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 15:51:02

مېنىڭچە خېلى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدەك تۇرىدۇ . \"\"

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 17:19:25

ئىككى قۇلاقنىڭ تۆشۈكىنى بارماق بىلەن ئىتىۋىلىپ ئاندىن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىسىڭىز ھەق بولۇش توختايدۇ.

tupraqmen يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 19:12:15

ھېچ قايسى كار قىلمىدى، يېرىم سائەتتىن ئاشتى ھېقىلداپ ئولتۇرغىلى. بۇۋاق باللا ھېقىلدىسا ئانىسىنى ئەمسىلا ساقىياتتى، مەن قانداق قىلارمەن.

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 19:43:43

بىر ئاغىنامنىڭ دائىم تاماقتىن كىيىن ئاشقازاندىكى گاز(كىكىرىك)چىقىپ كەتمەي بىئارام بولىدىكەن،قولىنى ئاغزىغا تىقىپ يۇرۇپ كىكىرىكنى چىقىرىۋىتىپ ئارام تاپىدىكەن،كىكىرىكنى چىقىرىۋىتىدىغان يۇقارقى ھىقنى ساقايتقانغا ئوخشاش بىرە ئۇسۇلى بارمىدۇ؟

yasin88 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 19:53:12

بالام تولا ھېق تۇتىدىغان بوپ قالدى ، يۇقاردىكى ئۇسۇللارنى بىلسەممۇ بىراق كىچىپ بالىلارغا قوللانغىلى بولمايدىكەن ، بىر ئايلىق بوۋاق ئىدى ، شۇنداق بوۋاقلارغا قوللىنىشقا ماس كىلىدىغان ئۇسۇل بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار بوپ تىكەن !

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 21:23:19

كۆڭلى قارىلىقىڭىزدىن كۆرۈڭ دىگەن گەپ قىزىقكەن

  \"\"



بالىلار تولا ھىق تۇتۇپ قالىدۇ. ئاشقازانغا يەل ياكى سۇيۇقلۇق توشقاندا ئۇ كېرىلىپ دىئافراگمىغا قوماندانلىق قىلىدىغان نېرىپ سوزۇلۇپ دىئافراگمىنىڭ بىنورمال خىزمەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىئافراگما كونتىروللۇقتىن چىقىپ تەكرار-تەكرار قىسقىراپ-تارتىشىپ ھىق تۇتۇشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ھىق تۇتۇش بالىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ،بالا ھىق تۇتۇپ قالسا جىددىلىشىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. ھىق تۇتقاندا نورمالدا بالىلاردا ئاغرىش سىزىمى بولمايدۇ پەقەتلا بىئارامچىلىق بولىدۇ. ھىق تۇتۇشنى پەسەيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ساقلاش- تاكى ئۆزلىكىدىن توختىغۇچە ساقلاش. ئەگەر بالا بەكلا بىئارام بولۇپ يىغلىسا قۇچاققا ئېلىپ پەپىلەپ ،سۆيۈپ تېنچلاندۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن توختۇتۇش كىرەك ،بۇندىن باشقا ھېچقانداق ئۇسۇل بالىلارغا بولۇپمۇ بوباقلارغا تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. بالىغا تاماقنى ئاز-ئاز دىن كۆپ قېتىم يىدۈرۈش،سۇنى بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئىچۈرىۋەتمەسلىك كىرەك.  

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 21:35:50

بىرىنجى بولاپ چىمنى كۆسە ‹تاختا بېشىغا بىژپاچە نان قوياپ قويدۇم، ئالدىڭمۇ› دەيسەن قارشى تەرەپ ‹ھە›دېسە ھېق ساقىيدۇ دەيتى چاقچاق قىلىپ چوڭ ئانام \"\"

ئاندۇ-مۇندا ئادەملەردىن ساپ ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە ساقىيدۇ دەپ ئاڭلىغان. راسمۇ-يالغان سىناپ باقمىدىم . ھېق تۇتۇپ باقمىغىلى قاچان.

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 22:34:35

ھىق تۇتۇپ قالغان ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۇرۇپ چىچاڭشىتىۋەتسە بىردەمدىلا ساقىيىپ قالاتتى . ماخۇتەندە شۇنداق بىر گەپ بار . بىزمۇ ھىق تۇتۇپ قالغانلارنىڭ ئاچچىقىنى مەجبۇرى كەلتۇرۇپ قويساق بىردەم ئاچچىقلاپ رەللى بولۇپ ئۆزلىكىدىن ياخشى بولۇپ قالاتتى . سىناپ باقامسىلەر .

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 22:59:33

ماڭا بەك ئاسان ھەق تۇتۇپ قالىدۇ بىرەرسىنىڭ قېشىدا بىر نەرسىنى بەرمەي يېسەملا ھېقىق تۇتۇپ قالىدۇ، بىر قېتىم ساق بىر كېچە ھېىق تۇتۇپ قالدى، ئەتىسى چۈشكىچە شۇنداق بولدۇم ، قورقۇپ كەتكەنتىم،



ماڭا ھېىق تۇتۇپ قالسا يېنىمدىكى ئادەمگە ھەققىڭنى بېرەيمۇ؟ دېسەم ئۇ ئادەم ھەئە دېسە ئوڭلىنىپ قالىمەن.

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 10:44:55

ئادەتتە ئازىراق سۇ ئىچىۋەتسە ئوڭشىلىدىغۇ.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 13:28:37

مەن ھىق بولوپ قالسام چاتىقىم يۇق ئىشىمنى قىلىۋرىمەن ،ئوزى يۇقاپ كىتىدۇ ..

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-1 19:32:01

ھېق تۇتۇپ قالسا، نەپەس ئالماي تۇرۇپ ،ئوڭ قولنىڭ باش بارماق ئاستىدىكى بولجۇڭ گۆشنى سول قولىمىزنىڭ باش بارمىقى بىلەن چىڭ بېسىپ بىر مىنۇت تۇرساق ئۆزلىكىدىن توختاپ قالىدۇ، سىناقتىن ئۆتكەن تەجىربە، مەن دائىم شۇنداق قىلىمەن............

kvlgvnchek يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 12:35:33

مۇشۇ ھېق تۇتۇپ قېلىشقا سەل قارىغىلى بولمايدۇ - دەيتتى ئاپام، قانداق دېگەندە بۇرۇن بىزنىڭ مەھەللىدە بىر ئادەم ئۇدا ھېق تۇتۇپ، يا تاماق سىڭمەي، ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىلارغا كۆرسىتىپمۇ ساقىيالماي تۈگەپ كەتكەن ئىكەن. قېرىشقاندەك يولدىشىم تازا ھېق تۇتىدۇ. بۇلتۇر ئۇدا 20 كۈندىن ئارتۇق ھېق تۇتتى، ئىشقىلىپ قىلمىغان ئامالىمىز قالمىدى، دەسلەپتە قۇلاق يۇمشىقىنى ئاستى ـ ئۈستىگە يىنىك يۈز قېتىم ئۇۋىلاش، ئۆپكىدىكى نەپەسنى چىقىرىپ تاشلاش دېگەندەك ئاڭلىغان بىلگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى قىلدۇق. ئۈنۈمى بولماي مىللىي تىبابەت دوختۇرلىرىغا مۇراجىئەت قىلدۇق. بۇيرۇتمىلارنى ئورۇندىغان بولساقمۇ يەنە توختىمىدى. بېيجىڭدىكى داڭلىق بىر دوختۇرخانىغا تەكشۈرتتۇق، باشتىن ئايىقىغىچە ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرنى ئىلىپ باردى. 2 مىڭ يۈەندن ئارتۇق چىقىم قىلدۇق. دورىسى ئايرىم تېخى، ھېچ كېسەل يوق. ساپلا ئىمپورت قىلىنغان ئاشقازان دورىلىرىنى بەردى، ئۇمۇ پە قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو خەنزۇ تىبابىتى دوختۇرخانىسىغا باردۇق. قاينىتىپ ئىچىدىغان دورا بەرگەن ئىدى. لېكىن ئۇنى ئىچسىلا دورا بىلەن يىگەن تاماقلىرىدىن تارتىپ قۇسۇپ بىچارىنىڭ پەقەتلا ھالى قالمىدى، ئەسلىدىنلا ئورۇق ئادەم بىر ئايدەك تاماق يىيەلمەي ياغاچتەك بولۇپ قالدى. كېچىلىرىمۇ ئۇخلىيالمايتتى. بىر ھېق تۇتسا ئۇدا كەينى ـ كەينىدىن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈچنى تۇتاتتى. ھەي .... ئاللاھىم ئۇ كۈنلەرنى كۆزدىن يىراق قىلسۇن. بىر كۈنى يەنە ئادىتىم بۇيىچە مەيدىسىگە گۈلقەننى ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ چاپلاپ، ياڭاقنى چايناپ سۈرۈۋاتقان ئىدىم. يولدىشىم يىغلاپ تۇرۇپ مەن ساقىيالمىسام ئوغلۇمنى ياخشى بىقىڭ، مەندىن رازى بولۇپ دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇشقا باشلىدى، مەنمۇ يىغلاپ كەتتىم. يىغلاپ تۇرۇپ ئاللاھ شىپالىق بېرىدۇ. دېگەندەك تەسەللىي گەپلەرنى قىلدىم. ئىشقىلىپ ئىككىمىز تازا يىغلىدۇق. خۇداغا شۈكرى. ئەتىسىلا ساقىيىپ كەتتى. ھازىر بىرە ـ بىرە ھېق تۇتۇپ قالسا، قېنى يېشىڭىزنى كۆرۈپ باقاي - دەپ قۇيىمەن چاقچاق قىلىپ.
بەت: [1]
: سىزنى ھىق تۇتۇپ باققانمۇ؟