قۇتادغۇبىلىگ (ئەسلى قوليازما)
بۈيۈك ئۇيغۇر (ھەم شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ پەخرلىك) ئالىمى يۈسۈف خاسھاجىبنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەسىرى قۇتادغۇبىلىگ (قۇتادغۇبىلىك) نىڭ ھازىرغىچە
3 خىل قوليازمىسى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى 1439 - يىلى
ھىراتتا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا، ھازىر ۋىيېنا دۆلەتلىك
كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ ۋە «ۋىيېنا نۇسخىسى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىرى
قاھىرەدە ساقلىنىۋاتقان ئەرەب يېزىقىدىكى نۇسخا بولۇپ، «قاھىرە نۇسخىسى»
دەپ ئاتىلىدۇ. ئاخىرقىسى ھازىر ئۆزبېكستان پەنلەر ئاكادىمىيەسىدە
ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، «فەرغانە نۇسخىسى» ياكى «نەمەنگان نۇسخىسى» دەپ
ئاتىلىدۇ.
بۇ كىتابلارنى ئىلگىرى رۇسىيە، تۈركىيە ۋە جۇڭگو ئالىملىرى
رەڭسىز فاكسىمىل قىلىپ ئىشلىگەن. شۇ فاكسىمىل نۇسخىلارنى تۆۋەندە
تەمىنلىدۇق.


چۈشۈرۈش:
«قۇتادغۇبىلىگ»نىڭ بارلىق نۇسخىلىرى
«قاھىرە نۇسخىسى»
«ۋىيېنا نۇسخىسى»
«فەرغانە نۇسخىسى»
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي نۇسخىسى
---------
دېگەندەك، بۇ كىتابلارنىڭ رەسىمگە تارتىپ ئىشلەنگەن بۇ نۇسخىلىرى رەڭسىزلەشتۈرۈلگەن، ئەسلى سۈزۈك رەسىملىرىنى ئالاقىلىشىۋاتىمىز. خۇدايىم بۇيرىسا، پات ئارىدا سۈپسۈزۈك نۇسخىسىنىمۇ تەمىنلەيمىز.
يەنە بىر بۈيۈك نامايەندە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئەسلى قوليازمىسىنىڭ سۈپسۈزۈك نۇسخىسى تەمىنلەندى. بۇ يەردىن كىرىڭ.
بىرھون تورىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز، بۇ يەردىن كىرىپ، بىر بېلەت تاشلاڭ!
بىرھون ۋە ULY چە تور نامى بار بەتلەرگە بىلەت تازشلاندى.
مەنمۇ شۇنداق قىلدىم. مەنمۇ بىر بىلەت تاشلىدىم ھونغا! تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ پەقەت ئىككى ۋارىقىلا بارمۇ يا باشقا سەھىپىلىرىنى تاپالمىدىمغۇ .
بەت:
[1]