paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 10:04:39

[خەۋەر] ئۆتكۈر ئەركىن چىمپىيون بولدى





[خەۋەر] ئۆتكۈر ئەركىن چىمپىيون بولدى















مەملىكەت بويىچە داڭدار ئەپ تۈزگۈچى ئۆتكۈر ئەركىن

شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتېتى يۇمشاق دېتاللار ئىنستېتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۆتكۈر ئەركىن 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش MM (Mobile Marketنىڭ قىسقارتىلمىسى) مىليونلىغان ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىسىقىسى»دە 2012-يىللىق چېمپىيون بولدى. ئۇنى ئېلىمىز بويىچە چىمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن يۇمشاق دېتالى، ئۇيغۇرچە تور كۆرگۈ 2.0 ئىدى. :

(بۇ دېتالنى چۈشۈرۈش مەنزىلى:http://mm.10086.cn/1007/30000264 ... &jid=-110600258)

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئەسلىدە مەملىكەت بويىچە بىر مىليون 600 مىڭ كىشى ئۆزى ئىشلىگەن يۇمشاق دېتاللىرىنى قاتناشتۇرغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇلاردىن ئالدىنقى 30 پارچە ئەسەر تاللانغانىدى. شۇ ئەسىرى تاللانغان 30 كىشى مۇسابىقىگە چاقىرتىلىپ، قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشەتتى. گەرچە، بۇ مۇكاپات تۈرى 2010-يىلىلا تەسسىس قىلىنغان (مۇكاپات تۈرىنىڭ نىشانى مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە: ياشلارنى ئىشسىز قالماي يۇمشاق دېتال ئېچىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش يولىغا يېتەكلەش، شۇنداقلا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بىر تۈركۈم يوشۇرۇن كۈچلەرنى ئۆز ئەتىراپىغا توپلاش ئارقىلىق كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان. شۇڭا، مۇكاپاتقا قاتنىشىدىغانلار گەرچە چەكلەنمىسىمۇ كۆپىنچىسى ستۇدېنتلار ياكى ئالىي مەكتەب ئوقۇپ ئىش كۈتىۋاتقان كەڭ ياشلار ھەمدە يۇمشاق دېتال ئېچىش شىركەتلىرىنى قۇرۇپ، مۇشۇ ساھادە نەچچە يىللاپ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارتقانلار، يېڭىلىق ياراتقانلار) بولسىمۇ، ئالدىنقى ئىككى قېتىمدا شىنجاڭدىن بىرمۇ كىشىنىڭ ئەسىرى كىرەلمەي ئاق پېتى تاشلىنىپ قالغانىدى. بۇ يىل ئۆتكۈر ئەركىن شىنجاڭغا نىسبەتەن بۇ بوشلۇقنى تۇنجى بولۇپ تولدۇرغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا شىنجاڭدىن بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بىردىن-بىر كىشى بولۇپ قالغان ئىدى.

شۇ كۈنى ئۇنىڭغا تېلېفوندا، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 30نىڭ بىرىگە كىرگەنلىكى، ئەتە ئىلمىي دوكلات بېرىدىغانلىقى، كېلىپ-كېتىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىلا ئەمەس، ياتاق ۋە باشقا چىقىملارغىچە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

بۇ خەۋەردىن ئۆتكۈر ئەركىن ھەم خۇش بولدى، ھەم جىددىيلەشتى. نېمىلا قىلمىسۇن، ۋاقىت ئۇنىڭغا يېتىشمەيتتى. شۇ ۋەجىدىن شۇ كۈنى قويغان-تۇتقىنىنى بىلمەيلا قالدى.

ئۇنىڭ ئويلىغىنى، ئۆزى ئىشلىگەن ئىككى تۈردىكى يۇمشاق دېتال ھەققىدە ئىلمىي دوكلات يېزىش، PowerPoint شەكلىدە ئۆلچەملىك تەخلىۋېلىش، ئۇندىن باشقا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پەرزەنتى سۈپىتىدە قاتناشقىنى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان دوپپىغا ئوخشاش مىللىي پاسوندىكى كىيىملەرنىمۇ تەخلىۋېلىشى، سەپەر تەييارلىقىنى قىلىۋېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، بارى-يوق يېرىم كۈنلۈك ۋاقىت ھېچنەرسىگە يەتمەيتتى. شۇڭا، ئۇ «مېنى نەتىجە ئېرىشەلمىسۇن دېگەندەك، مۇنداقچىلا چاقىرىپ قويغان ئوخشايدۇ. ھەقىقىي چاقىرغان ئادەم، مۇدەتتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇپ قويغان بولسا ياخشى بولماسمىدى» دەپ پۇچىلاندى ھەمدە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن سەل ئۈمىدسىزلەنگەنمۇ بولدى. ئەمما، نېمىلا بولمىسۇن بۇنداق پۇرسەت ئاسان قولغا كەلمەيتتى.

2شۇ كۈنى ئۇ كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ كۈنلەردە قېلىن قار ياققانىدى. قار ياغسا، يولدا كېتىدىغان ۋاقىتقا ئالدىن ھۆددە قىلىپ بولمايتتى. شۇڭا، ئۇ ئۇيقىسى قانمىغان بولسىمۇ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4 تىلا ئورنىدىن قوپۇپ، ئايرۇدۇرۇمغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئۇ ئالدىرىغان بولسىمۇ ئايرۇپىلان ئالدىرىمىدى. ئۇچۇش ۋاقتى كەلگەن بولسىمۇ ھاۋا ناچار بولغاچقا ئۇچۇش كېچىكتۈرۈلدى، ئايرۇپىلان نەچچە رەت ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ باققان بولسىمۇ ئوڭۇشلۇق ئۇچالماي يەنە ئايرۇدۇرۇمغا يېنىپ قوندى. شۇنداق قىلىپ، ئۇچۇش ۋاقتى توپ-توغرا تۆت سائەتلەپ ئارقىغا سۈرۈلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ بەزى چالا تەييارلىقىمنى بېرىپلا مۇكەممەل قىلىۋالارمەن، دېگەن نىيىتىمۇ سۇغا چىلىشىدىغاندەك ئىدى. تەلىيىگە يارىشا، ئۇ گۇاڭجۇغا چۈشكەن كۈنى ئەمەس، ئەتىسى دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. بۇ دېگەنلىك، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىگە قاتنىشىش دېگەنلىك ئىدى..

ئەتىسى (11-ئاينىڭ 23-كۈنى) يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسبىقىگە قاتنىشىشقا توغرا كەلدى. ھەر ھالدا، ھېرىپ-چارچىغان بولسىمۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ، چالا قالغان ئىلمىي دوكلات تەييارلىقلىرىنى ئاز-تولا قىلىپ ئۈلگەرگەنىدى. ئەپسۇس، ئەسىرى قاتناشتۇرۇلغان، مۇسابىقىگە كىرگەن ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن باشقا ياشلار بىر-بىرىدىن خىل، سەۋىيىسى يۇقىرى، تەييارلىغان ئىلمىي دوكلادىمۇ سۇ كىرمىگۈدەك پۇختا ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى، يانفون ئويۇنچۇقلىرىنى لايىلىگەنلەر بولۇپ، رىقابەتچىلىرىنىڭ ھەيران قالارلىق يۇقىرى پروگرمما سەۋىيىسى ئۇنى تەمتىرىتىپ قويغانىدى.

23-چىسلادىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسبىقە نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى ئاخىر يېتىپ كەلدى. كىم بىرىنچى بولدىكىن؟ ھەممىنىڭ قۇلىقى دىڭ، يۈرەكلىرى ھاياجانلىق گۈپۈلدەپ سوقاتتى... سەھنىدە مۇكاپاتلانغۇچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغۇچى: «بۇ قېتىملىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرىنچى بولغان كىشى...» دەپ جاراڭلىق ئاۋازىنى سوزۇپ بىردىن توختاپ قالدى. ئۆز كۆزىگە ئىشەنمىگەندەك ياكى خاتا ئوقۇپ سالغاندەك، كۆز ئەينەك تاقىغان كۆزىگە تىزىملىكنى يېقىن تۇتۇپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاندىن: «گەرچە، شىنجاڭدىن كەلگەن بولسىمۇ... نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئوقۇغۇچى ئەركىن!» دەپ جاكارلىدى (ئۇلار ئۆتكۈر ئەركىن دېسە، ئەركىن دېگىنى ئۇنىڭ ئىسمى دەپ خاتا ھالدا دادىسىنىڭ ئىسمى بويىچە ئاتاپ قالغانىدى).

   ئىش بۇنىڭلىق بىلەن ئاخىرلاشمىغانىدى. ئالدىنقى 30 دىن، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسبىقە ئارقىلىق ئالدىنقى 10 تاللىۋېلىنىپ، قالغان 20 سى قايتۇرۇلدى. ئەمدى مۇشۇ 10 كۈچلۈك رىقابەتچىلەر ئەتىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈك تالىشاتتى.

مۇتەخەسسىلەر، ئۇستازلار ئۇنى ئەتىكى سەھنىدە قانداق ئۈستۈنلۈك تالىشىش، قانداق غەلىبە قازىنىش ھەققىدە كۈچەپ يېتەكچىلىك قىلدى، كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. شۇڭا، ئۆتكۈر ئەركىننىڭ ئاتا-ئانىسىدىن تېلېفون كەلسىمۇ، ئۇلار تېلېفوننى ئالماسلىققا دەۋەت قىلاتتى. ئاتا-ئانىسىمۇ نېمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقىنىدىن ئۇدۇللۇق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن كۆزى تۆت بولسىمۇ، بۇنداق ئۇچۇردىن خەۋەردار بولۇشمۇ تەسكە چۈشەتتى.

2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەسكىن ئېلىشىش بولدى. ئۆتكۈر ئەركىننىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ بىرىنچى بولۇشىغا تازا ئىشەنچ قىلالمايتتى، ئۇنىڭچە بولغاندا، مۇشۇ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلىگىنىمۇ ئوغلۇم ئۈچۈن مۆجىزىدەك چوڭ بىر ئىش بولدى، دەپ قارايتتى. شۇڭا، ئوغلىنىڭ بۇ نەتىجىسى يېتەرلىك، ئۇ چىمپىيۇن بولالمىسىمۇ كۆزى ئېچىلىپ، تېخىمۇ تىرىشىش نىيىتىگە كەلسىلا شۇ يېتەرلىك، دەپ ئويلايتتى.

24-چىسلادىكى ئېلىشىشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، ئۆتكۈر ئەركىنلا ئەمەس، ئۇنى ئاڭلىغان ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنگۈسى كەلمەي قالدى. چۈنكى، بۇ خەۋەرنى ئۆتكۈر ئەركىننىڭ گۇاڭجۇدىكى ستۇدېنت دوستلىرى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تېلېفوندا قىسقىلا قىلىپ يەتكۈزگەنىدى. شۇنداق بولغاچقا، دوستلىرى بىلمەي ئالدىنقى كۈنىدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرىنچى بولغىنىنى، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى بولدى دەپ ئويلاپ قېلىپ خاتا يەتكۈزۈپ قالغاندەك تۇيغۇمۇ بەرگەنىدى. راست-يالغانلىقىنى ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلاش ئۈچۈن دادىسى نەچچە رەت تېلېفون بەردى، ئۇچۇر قىلدى، سادا يوق. يەنە باشقىلاردىن ئۇقۇشۇپ بېقىپ، راستلىقىغا ئارانلا ئىشەندى-يۇ، تۇرۇپلا يەنە گۇمانلانغۇسى كېلەتتى: شۇنچە كۈچلۈك رىقابەتچىلىرى تۇرغان يەردە، ئۇنىڭغا نۆۋەت تېگىشى مۇمكىنمۇ؟ دېگەننىلا ئويلايتتى دادىسى.

- كەچكە يېقىن تېلېىفونى ئاخىرى ئۇلاندى. بۇ ۋاقىتتا، دادىسى ئوغلىنىڭ شان-شەرىپىدىن تېخىمۇ ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى، ئۆتكۈر بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ تۈردە مەملىكەت بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.

بۇ ئۈچ تۈر تۆۋەندىكىدەك ئىدى:

(«جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش MM (Mobile Marketنىڭ قىسقارتىلمىسى) مىليونلىغان ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىسىقىسى»دە 2012-يىللىق چېمپىيون.» (中国移动“MM百万青年创业大赛” 2012年冠军)

2 g) . «مەملىكەت بويىچە MM مىليونلىغان ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىسىقىسىدە ئۈچ يىلدىن بۇيان مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەرنى خۇلاسىلەپ ئومۇمىي باھالاشتا تاللانغان 10 داڭدار زات» (نىڭ بىرىنچىسى) بولۇپ مۇكاپاتلانغان. (全国“MM百万青年创业大赛三年总评十大风云人物” 一等奖)

3. ئۆتكۈر ئەركىننىڭ مۇكاپاتقا يەنە بىر ئەسىرىمۇ تاللانغانىدى. بۇ ئەسەر، مەھسۇلاتنىڭ جىڭ-ساختىلىقىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى بولۇپ، «جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش مىليونلىغان ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىسىقىسىدە ئالىي مۇكاپات»قا ئېرىشكەنىدى. (中国移动“MM百万青年创业大赛” 优秀奖) بۇ مۇكاپاتتا، ئۆتكۈر ئەركىنگە مۇكاپات لوڭقىلىرى تەقدىم قىلىندى. ئۇلار ئۆتكۈر ئەركىنگە، 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيا بويىچە نوپۇزلۇق پروگرامىچىلار چوڭ يىغىلىشى بولىدىغانلىقىنى، مۇكاپاتىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئاشۇ جايدا تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، مۇكاپات سوممىسىنىڭ 240 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۆتكۈر ئەركىن ئىشلىگەن مەھسۇلاتنى قانۇنلۇق ھالدا نەشر قىلىپ ھەقلىق يۇسۇندا تارقىتىدىكەن.

نۇرقۇت دۇنياسدىن كۆچۈرۈلدى . (ئەسلى مەنبەنى تاپالمىدىم)

http://www.nurqut.com/ud/thread-13693-1-1.html




---------------


مەنبە :http://bbs.bilik.biz/thread-25308-1-1.html

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 11:17:41

بەك ئېسىل خوش-خەۋەر بوپتۇغۇ. ئۆتكۈرنى قۇتلۇقلايمىز...يارايسەن ئەزىمەت.. \"\"

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 11:25:55

مۇبارەك بولسۇن ئىنىم، يوللىرىڭ داغدام بولغاي!

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 11:49:59

بىزنىڭ پىرۇگراممىرلارزىھنىنى ئۇيغۇرچە خەتنى بىرتەرەپ قىلىشقىلا قارىتىۋالماي خەنسۇلارنىڭ بازىرىغىمۇ كۆزتىكسە بولاتتى مۇشۇنداق

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 11:57:41

ئېسىل خەۋەركەن، مۇبارەك بولسۇن!..

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 12:25:44

مۇبارەك بولسۇن،

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 12:58:17

قۇتلۇق بولسۇن!

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 13:02:30

مۇبارەك بولسۇن، يەنىمۇ تىرىشقايسىز! \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 13:20:16

ئۆزۈم ئالغاندەك خوش بولدۇم. مۇبارەك بولسۇن!

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 14:24:18

ئاۋۇ چۈشۈرۈش ئۇلىنىشىدا بىر نەرسە يوققۇ.

بۇنداق تېز ئۆچۈرىۋەتمىگەندۇ.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 14:25:12

ئاپىرىن!

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 14:30:16



بارىكاللا!!!!!!!!!!! يارايسىز!!!!!!!!!!!!!!! تېخىمۇ تىرىشىڭ .

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 14:43:31

چۈشۈرپ قاچىلىسام ئىزدىنىشنىڭ خەتلىرى ئۇلانمىدى، ئۆزۈم بىر يەرلىرىنى قاملاشتۇرالماي قالدىممۇ بىلمىدىم

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 16:07:08

قۇتلۇقلايمىز....


ئۇيغۇرچە خەنزۇچە تەرجىمان...


\"\"


يانغۇدا ئۇيغۇرچە تور كۆرگۈ


\"\"



Hechkim@ بۇ يەردە ھەرئىككىلسى بار ئىكەن...

http://mm.10086.cn/mm/apApplist/index.html?cId=300002641714&fw=411161


ئەنجۈر تېلفۇنۇم يوق سىنيالمىدىم، سىناپ باققانلار تەسىراتىڭلارنى دەپ بېقىڭىلار...

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 18:51:27

مۇبارەك بولسۇن! بەك كاتتا ئىش بولۇپتۇ. ئاۋۇ قېرىندىشىمىزنىڭ مىللىيچە كىيىملىرىمۇ شۇنداق يارىشىپتۇ.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ يۇمشاق دىتال ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلار بەكلا ئاز ئىدى. مۇنۇ ئۆتكۈر ئاغىنىمىز قالتىس ئىش قىلىپتۇ. \"\"

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 19:04:52

بارىكاللا.

tvtvn يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 19:09:21

مۇبارەك بولسۇن ئۆتكۈر! دادىڭىزنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ئاقلاپسىز، كۆپ خۇرسەن بولدۇم. داۋاملىق تىرىشىڭ ئۇكام!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 20:04:14

قايسى كۈنى بىلىكتە كۆرۈپ شۇنداق خوشال بولغان ئىدىم، مۇبارەك بولسۇن!



ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتنىڭ يۇمشاق دېتال كەسپىگە مىللىي تىل-يېزىقتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەنلەردىن بىرمۇ ئادەم ئالمايتتى. ھەتتا روس تىلىغىمۇ ئالمايتتى. ھازىر قانداقتۇ؟ قوش تىلدا ئىمتىھان بەرگەنلەردىن بولسىمۇ ئالامدىغاندۇ؟ ئەسلى مۇشۇ كومپىيۇتېر، يۇمشاق دېتال دىگەندەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بەكرەك قىزىقىدىغان كەسىپلەردىن قىسىۋەتمىسە بولاتتى، ئازتولا ئەۋزەللىككە ئىگە چەتئەل تىلى ئۆگىنىدىغان پۇرسەتلەرنى تارتىۋالمىسا بولاتتى. قارىغاندا شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدىكى، مائارىپ نازارىتىدىكى ئۇيغۇر باشلىقلارنىڭ مۇشۇنچىلىك شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىشقىمۇ كۈچى يەتمەيدىغان ئوخشايدۇ. شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئۇنۋېرستېتىدا ئېچىلغان تۈرك تىلى كەسپى، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ياكى پېداگوكىكا ئۇنۋېرستېتىدىمۇ ئېچىلىشى كېرەك ئىدى، ئەرەب تىلى ئۆگىنىش-ئۆگىتىش قانۇنسىز ئىشقا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى.

senewer يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 21:43:27

موبارەك بولسۇن...

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-28 21:45:02

مۇبارەك بولسۇن!بارىكاللا!

بۇنداق خوش-خەۋەرگە ھىچنىمە يەتمەيدىكەن.بۈگەن تازا ياخشى ئۇخلىغىدەكمەن \"\"
بەت: [1] 2
: [خەۋەر] ئۆتكۈر ئەركىن چىمپىيون بولدى