yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-27 13:28:17

ھازارالار[تەرجىمە]

ھازارالار



ئومۇمى
چۈشەنچە:



ھازارالار
(Hazāra) پارس تىللىرى
تۈركۈمىنىڭ ھازارا تىلىدا سۆزلەيدىغان موڭغۇل قانلىق مىللەت بولۇپ ئاساسلىقى
ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمى، ئىراننىڭ شەرقى-شىمالى قىسمى ۋە پاكىستاننىڭ
غەربى-شىمالى قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان. ھازارلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە
مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلدىغان بولۇپ ، ئافغانىستاندىكى نوپۇس جەھەتتە ئۈچىنچى چوڭ
مىللەت ھېسابلىندۇ،نوپۇسى ئافغانىستان نوپۇسىنىڭ تەخىمىنەن %9نى ئىگەللەيدۇ، ئۇندىن
باشقا يەنە نۇرغۇن ھازارلار مۇساپىر سۈپتىدە ئىران ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىردا
ياشايدۇ.






كۆك رەڭلىك رايون ھازاراجات رايونىنى كۆرسىتىدۇ


نامى:



«ھازارا››دېگەن
بۇ نام پارس تىلىدىكى «ھازار››دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ ‹‹مىڭ›› دېگەن مەنىدە. ئەسلىدە
موڭغۇل قوشۇنىنىڭ مىڭ كىشلىك قوشۇنىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ،كېيىن بىر مىللەتنىڭ
نامىغا ئايلانغان.



ئىرقى
گېنى



ئىرقشۇناسلىق
نۇقىتىسىدىن قارىغاندا ھازارالار موڭغۇل ئىرقى بىلەن كاۋكاز ئىرقىنىڭ
ئارلاشمىسىنىڭ ئەۋلادىلىرىكەن، گېن تەتقىقاتىدن قارىغاندا ئۇلارنىڭ موڭغۇللار ۋە
ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئەڭ يېقىن كېلىدىكەن.



كېلىپ
چىقىش نەزەرىيىسى



ھازارالارنىڭ
كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا كام دېگەندىمۇ موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى، يەرلىك ئوتتۇرا
ئاسىيالىقلار ۋە ئارلاش دەيدىغان ئۈچ خىل نەزەرىيە بار. بۇ كۆز-قاراشلار ئالىملار
ۋە ھازارالارنىڭ تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان.  


بەزى
ھازارالار ئۆزىنى چىڭگىزخاننىڭ ئاتا تەرەپ بىۋاستە ئەۋلادى دەپ قارايدۇ، بۇ خىل
كۆزقاراشنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ، ھازارلار بىلەن موڭغۇللار
ئوتتۇرسىدا  تاشقى قىياپەت، تىل ۋە
مەدەنىيەت جەھەتتە قىسمەن ئورتاقلىقلار مەۋجۇد. ھازارلارمۇ  ئۆزىدە موڭغۇل قېنى بار
دەيدىغان قاراشنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىندۇ. تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىم ھازارا
ئەرلىرنىڭ Y خروموسومىدا
موڭغۇللارغا خاس بولغان گېن بار ئىكەن. ئافغانىستاندىكى كۆپ قىسىم  باشقا
مىللەتلەر ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىشى بىلەن
ئوخشىمايدىغان يېرى ھازارلارنىڭ كۆپ قىسمى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنىڭ
موڭغۇل ئېمپىرىيەسى ئىلخانىلارنىڭ خانى سۇلتان مۇھەممەد خۇدابەندە ئولجايتۇنىڭ
شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىشنى باشلىشى بىلەن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.



يەنە
بىر خىل كۆزقاراشتا ھازارالارنىڭ يەرلىك كۇشانلار(توخارلار)نىڭ ئەۋلادلىرى دەپ
قارىلدۇ، ئافغانىستاندا ياشىغان بۇ قەدىمى مىللەت ئىلگىرى مەشھۇر بامىيان بۇددا
ھەيكىلىنى ياسىغان. بۇ قاراشنى قۇۋەتلەيدىغانلار بامىيان بۇدداسىنىڭ چىراي
قىياپىتىنىڭ ئوخشاپ كېتىشىدىن پاكىتلارنى تاپقان. بىراق بۇ كۆز-قاراشقا قارشى
تۇردىغانلارنىڭ  پاكىتى كۇشانلار دېگەن ئاريان
توخارلار  بولۇپ ، موڭغۇل ئىرقىنىڭ بولۇشى
مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان ھەم تارىخى كىتابلاردا خاتىرلىنىشچە موڭغۇل قوشۇنى
بامىيانغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا چىڭگىزخاننىڭ بىر نەۋرىسى(چاغاتاينىڭ ئوغلى)
ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھىرات شەھىردىكى ئۇلۇغ-ئۇششاق تەلكۈس قىرىپ
تاشلىندۇ، بوش قالغان يەرلەر كۆچۈپ كەلگەن موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىگەللىندۇ.



موڭغۇللار
بىلەن يەرلىكلەرنىڭ ئارلاشمىسى دەيدىغان كۆز-قاراشنىڭ ئوخشىمايدىغان نۇسخىلىرى
بولۇپ ، بەزىلەر ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللار بىلەن ئىراننىڭ شەرقى
قىسمىدىكىلەرنىڭ ئارلاشمىسى دەپ قارايدۇ،يەنە بەزىلەر چاغاتاي خانلىقى، ئىلخانىلار
خانلىقى ۋە تۆمۈرىلەر ئېمپىرىيەسىدىكى موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن يەرلىكتىكى
پارسلارنىڭ يۇغۇرلۇشىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ.



تارىخى



16-ئەسىرنىڭ
ئاخىرقى مەزگىلدە، ھازارلار پېرسىيە سافاۋىلەر سۇلالىسنىڭ تارىخ كىتابلىردا ۋە
ھىندىستان موغۇل ئېمپىرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى بابۇرنىڭ ئەسلىمىسىدە كۆرۈلۈشكە
باشلىغان، بۇ كىتابلاردا ھازارالار كابۇلنىڭ غەربىدىن گۇر ۋىلايىتىگىچە، جەنۇبتا
غەزنەۋى ۋىلايىتىگىچە بولغان جايلاردا ياشايدۇ دەپ تەسۋىرلەنگەن.



18-ئەسىرنىڭ
ئوتتۇرلىردىن باشلاپ ھازىرقى زامان ئافغانىستان دۆلىتى شەكىللەنگەن. ھازارلار
ئافغانىستاندىكى ئەڭ چوڭ مىللەت پۇشتۇلارنىڭ كۆپ قېتىملىق زىيانكەشلىكىگە
ئۇچرىغان. نۇرغۇن ھازارلار ئامالىسىز ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغلىق
رايونلىرغا قېچىپ بېرىۋالغان، بۇ جايلار ھازىر ھازاراجات دېيىلدۇ. ھازاراجات تاغلىق
رايونى بامىياننى مەركەز قىلغان بولۇپ ئافغانىستاننىڭ بىر قانچە ئۆلكىلىرنى ھالقىپ
ئۆتىدۇ، ئافغانىستان زېمىنىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشىنى ئىگەللەيدۇ.



دوستمۇھەممەدخان
ھۆكۈمرانلىق قىلغان باراكزاي سۇلاىسى مەزگىلىدە، ھازاراجاتتا ياشايدىغان
ھازارالاردىن ئېغىر باج ئېلىنغان. بىراق بۇ مەزگىلدە ھازارلار يەنىلا بىر قىسىم
يەرلىك ئاپتونومىيەگە ئىگە بولغان. بىراق ئۇنىڭ نەۋرىسى ئابدۇراھمانخان ئەمىر
بولغان مەزگىلدە ، بىر قىسىم ھازارلار ئابدۇراھمانخاننىڭ تاغىسىنى قوللىغانلىقى
ئۈچۈن ئابدۇراھمانخان لەشكىرى قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇلارنى باستۇرغان. 1888-يىلى ۋە
1892-يىلى ھازارلار ئىككى قېتىم توپىلاڭ كۆتۈرگەن، بىراق يەنىلا ئابدۇراھمانخان
تەرىپىدىن باستۇرۇلغان ھەم قانلىق قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان.1893 -يىلى ھازارلار يەنە
بىر قېتىم توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەم ئويلىمىغان يەردىن ھازاراجاتنىڭ كۆپ قىسىم
يەرلىرنى قايتۇرۋالغان، بىراق ئوق-دورا ۋە ئوزۇق-تۈلۈكنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن
ئاخىرى يەنە بىر قېتىم ئابدۇراھمانخان تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. بۇ مەزگىلدا يېرىمدەك
ھازارالار قىرىپ تاشلانغان، كۆپ قىسىم ھازارلارنىڭ مال-مۈلىكى پۇشتۇلار تەرىپىدىن
بۇلاپ كېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ھازارلار ھەرقايسى شەھەرلەردە سەرگەردان بولۇپ
جان ساقلاشقا مەجبۇر بولغان. ئابدۇراھمانخاننىڭ ھازارالارغا بولغان رەھىمسىز
ھۆكۈمرانلىقى كېيىنكى مەزگىلدىكى ھازارالار بىلەن پۇشتۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇن
مەزگىللىك مىللى ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.



دوستمۇھەممەدخاننىڭ
ئوغلى ھەبىبۇللاخان 1901-يىلى تەخىتتە ئولتۇرغان ھەم بارلىق زىيانكەشلىككە
ئۇچرىغان كىشلەرنى كەچۈرۈم قىلغان. بىراق ئۇزۇن مەزگىللىك مىللەتلەرنى ئايرىۋېتىش
سىياسىتى ھازارالارنىڭ پۈتكۈل 20-ئەسىردە كەمسىتىلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.1940 -يىلى
مۇھەممەد زاھىر شاھ(ئاخىرقى پادىشاھ)نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاسىتىدىكى ئافغانىستان
ھۆكۈمىتى ھازارالاردىن ئېلىندىغان باجىنى كۆپەيتىكەن ھەم پۇشتۇلاردىن ئېلىندىغان
باجىنى كەچۈرۈم قىلغان، ھەتتا پۇشتۇلار ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىما ياردىمىگە ئېرىشكەن، بۇ
سىياسەت ھازارلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق توپىلاڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھۆكۈمەت بۇ
قېتىملىق  توپىلاڭنى باستۇرغاندىن كېيىن ئۇ
باجنى بىكار قىلغان.



1979-يىلى
سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ھازارلار باشقا مىللەتلەرگە
ئوخشاش قەيسەرلىك بىلەن ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتمىگەن، بەلكى ئىچكى قىسمىدا
مەزھەپلەر  ئارا ئۇرۇشقان، ئاخىردا ئىراننىڭ
قوللىشىغا ئېرىشكەن دىنى قوراللىق كۈچلەر دەھرى قوراللىق كۈچلەردىن غالىب كېلىپ
ھازاراجات رايونىنىڭ كونترول قىلىش ھۇقۇقىغا ئېرىشكەن. سوۋېت قوشۇنى چېكىنگەندىن  كېيىن ھازارالار ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ
ئايرىم-ئايرىم ھالدا رابانى ھۆكۈمىتىنى قوللىغان ۋە  قارشى تۇرغان.



1996-يىلى
تالىبان كابۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ھازارالار زىچ ئىتتىپاقلىشىپ شىمالى
ئىتتىپاق بىلەن بىرلەشكەن. بىراق 1998-يىلى ھازاراجات تالىبان تەرىپىدىن ئىشغال
قىلىنغاندىن كېيىن زور مىقداردىكى ھازارلار پۇشتۇلارنى ئاساس قىلغان تالىبانلار
تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.



2001-يىلى
ئامېرىكا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ، تالىبان بازا تەشكىلاتىنى قانات
ئاستىغا ئالغاچقا ئامېرىكا ئافغانىستانغا ئەسكەر چىقىرىپ تالىباننى مەغلۇب
قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھازارلار ئىلگىرى بەھىرمەن بولۇپ باقىمىغان ئالى
مائارىپ، ئەسكەر بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن ھوقۇقلارغا ئېرىشكەن. ھازارالاردىن بولغان
ھاجى مۇھەممەد يەنە 2004-يىلدىكى ئافغانىستان پرىزدېنت سايلىمىغا قاتناشقان.



تىلى



ھازارالار
ھازارا تىلىنى ئىشلىتىدۇ، بۇ تىل ئافغانىستانلىقلار ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىدىغان دارى
تىلىنىڭ پارس شىۋىسىگە ئىنتايىن يېقىن كېلىدۇ. ھازارا تىلىنى باشقا پارس شىۋىلىرگە
سېلىشتۇرغاندا ، ھازارا تىلىدا موڭغۇلچە ۋە تۈركچە سۆزلەر خېلى سالماقنى
ئىگەللەيدۇ، بولۇپمۇ دايكۇندى ۋىلايىتىدىكى ھازارا تىلىدا زور مىقداردىكى موڭغۇلچە
سۆزلەر بار. بىراق كابۇل ۋە مازار شەرفتىكى ھازارالار ھازارا تىلىنى ناھايىتى ئاز
ئىشىلتىدىغان بولۇپ ئاساسلىقى كابۇل شىۋىسىدە سۆزلەيدۇ، پاكىستاندىكى ھازارالار
بولسا ئادەتتە ئوردۇ تىلى ياكى ئېنگىلىز تىلىنى ئىشىلتىدۇ.



دىنى



ھازارالارنىڭ
كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپى(12 ئىماملىرىم مەزھىپى ۋە ئىسمائىلىيە
مەزھىپى)گە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسىم سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.



نوپۇسى



ھازارالارنىڭ
ئومۇمى نوپۇسى ئۈچ مىليون 500 مىڭدىن تۆت مىليونغىچە بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى
مىليون 870مىڭى ئافغانىستاندا ،280  مىڭى(يېقىنقى مەزگىلىدىكى مۇساپىرلارنى ئۆز
ئىچىگە ئالمايدۇ) ئىراندا، 180مىڭى پاكىستاندا ياشايدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە
ئاۋسترالىيە، يېڭى زىلاندىيە، كانادا، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرب
دۆلەتلىردە، بولۇپمۇ  شىمالى ياۋروپادىكى  شۋىتسىيە، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خېلى
كۆرۈنەرلىك ھازارالار ئولتۇراق رايونلىرى بار، يەنە موڭغۇلىيەگە بېرىپ بىلىم
ئالىدىغان ھازارلارمۇ بار.



باشقىلار



ئامېرىكىدا
تۇرىۋاتقان ئافغانىستانلىق يازغۇچى خالىد ھۈسەيىننىڭ «لەگلەك قوغلىغۇچى بالا››
رومانىدا باش پېرسوناژنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا بىر ھازارا بالا بىلەن بولغان كەچۈرمىشىنى
يېزىش ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ 1979-يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشى ۋە ھازارالارنىڭ
كەمسىتىلشتەك ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. مۇشۇ رومانغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن
ئوخشاش ناملىق كىنو 2007-يىلى قويۇلغان ھەم كۆپ تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.



تەرجىمە قىلغۇچى: ياغلاقار


مەنبە:http://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%93%88%E6%89%8E%E6%8B%89%E6%97%8F

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 11:45:26

ھازارلار ئۆزلىرىنى موڭغۇللاردىن دەپ قارىمايدىكەن، موڭغۇل قېنى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن، لېكىن بۇ قاننى بەك ئاز دەپ قارايدىكەن.

10% موڭغۇل قېنى، %10 پارس قېنى، %80 تۈرك قېنى دەپ قارايدىكەن، بۇلارنى ماڭا بىر ھازار ئېيتقان ئىدى.

يەنە بىر ماقالىدە دىيىلىشىچە، ھازارلار كۇشان دەۋرىدىلا ھازىرقى ئافغانىستان تەۋەسىدە ياشاۋاتقان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئەسلى بولسا تۈركلەرگە، يەنى تۈركلەر ئىچىدىكى «قەدىمكى ئۇيغۇرلار» غا كۆپرەك چېتىشلىق ئىكەن. شۇڭا بەزى توربەتلەردە ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سانىنى ھېساپلىغاندا، ھازارلارنىڭ سانىنىمۇ قوشۇپ، 15 مىليونغا يېقىن قىلىپ چىقىرىدىكەن.

مەن مۇشۇ يەردىكى تارىخ ۋە نوپۇس سانىنى قوشۇپ ھېساپلاشلارنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تولۇق چۈشىنەلمىدىم.
بەت: [1]
: ھازارالار[تەرجىمە]