ئۈرۈمچىدە مىترو قۇرۇش دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى
ئۈرۈمچىدە مىترو قۇرۇش دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى، جەمئىي 31.24 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.
ئۈرۈمچىدە ئىككى مىترو يولى قۇرۇلىدىغان بولۇپ،ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 47.9 كىلومېتىر، ئىككى لېنىيىگە 31.24 مىليارد مەبلەغ سېلىنىدۇ.
مىترو 1- يولى ئۈچتاشتىن ئايرودرومغىچە، ئۇزۇنلۇقى 26.5 كىلومېتىر، 21 بېكەت بار، 17.91 مىلىيارد مەبلەغ سېلىنىدۇ، پىلاندىكى قۇرۇلۇش مەزگىلى 2012~2016- يىلغىچە بولىدۇ.
مىترو 2- يولى چىگىرا مۇداپىيە ئىدارىسىدىن پاختا- كەندىر ماشىنىلرى ؟؟ بۆلىكىگىچە، ئۇزۇنلۇقى 21.4 كىلومېتىر، 16 بېكەت بار، 13.33 مىلىيارد مەبلەغ سېلىنىدۇ. پىلاندىكى قۇرۇلۇش مەزگىلى 2015~2019- يىلغىچە بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى يېقىن مەزگىللىك پىلاندىن سىرت، ئۇزۇن مەزگىللىك پىلاندا جەمئىي 7 لېنىيە بولۇپ، ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 212 كىلومېتىر.
ئۈرۈمچى شەھەر قۇرۇلۇشى رېلىسلىق قاتناش يېقىن مەزگىللىك پىلاننى، ئۈرۈمچى تەرەققىيات پىلان كومىتىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات پىلان كومىتىتىغا يوللىغان، ئاپتونوم رايونلۇق ت پ كومىتىتى يەنە دۆلەت ت پ كومىتىتىغا يوللىغان، مۇھىم قۇرۇلۇش بولغانلىقتىن، دۆلەت ت پ كومىتىتى يەنە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە يوللىغان. 2012- يىل 11- ئايدا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، دۆلەت ت پ كومىتىتى ئۈرۈمچى شەھەر قۇرۇلۇشى رېلىسلىق قاتناش يېقىن مەزگىللىك پىلانىنى يوللاپ چۈشۈرگەن.
بۇرۇنراق شۇنداق قىلماي، ئەمدى ** مېترۇ يۇلى ياسايدىكەندە بۇ خەقلەر . ھېلىمۇ يىتىپ ئاشار ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ قىشتىكى ۋە يازدىكى ماشىنا قىستاڭچىلىقى ... مېترو دىگەن بۇ نىمە قاچانمۇ خۇتەنگە كېلەر دەيمەن . چاچلارغا ئاق كىرىپ بولغىچە كەلسە ياخشى بولاتتى ناھايتىمۇ ياخشى بوپتۇ ، قاتناشنىڭ شۈنچە بېسىقلىقىغا مىترو راستىنلا پۈتۈپ ئىشقا چۈشسە جىق قولايلىقلار بولغۇدەك ، ئاپرىن ...

ئەمدى ئۈرۈمچىدە يەر ئاستى پويىز قاتنايدىكەندە يەر ئاستى پويىزنى تىلىۋزۇردا كورگەن ئەمدى ئوز كوزىمىز بىلەن كورۇپ ئولتۇرمىزكەندە چەت ئەللىكلەردەك ،كۇلىلىقلاردەك ،،،
-يەر ئاستى پويىز بۇلغاندىن كىيىن يەر ئاستىنى كولايدىغان گەپتە، ئۇ قىسىتى -قىستاڭ ئۇرۇمچىنىڭ يەر ئاسىتىنى كولىسا كولاپ چىققان توپىنى نەگىمۇ تۇكەر،،ھارۋۇ بىلەن توشوپ ئىتىزغا ئاچقىپ توكىدىغان كالا پوقى بۇلمىسا يا،،بىر ئامال قىلار ھى،،

5- قەۋەتتىكى taxtapanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شالىۋاڭىڭنى ھەيدەپ كېلىپ غۇلجىغا ئازراق ئەكىتەمسەن يا توپىسىدىن؟ تونۇر سالىدىغان بولساڭ، ئالامەت چىقىدۇ ماۋۇ توپىدا. تونۇرۇڭنى بىر قىزىتىپ قويساڭ بىر توينىڭ نېنىنى خاتىرجەم يېقىۋەتكىلى بولىدۇ.
---شالىي ۋاڭدا تۇپا تۇشۇمايمەن ،مەن ،،،تويغا مىڭىۋاتىمەن ،،كۇندە 200سوم بار ،،ماينىڭ چىقىمىنى چىقىرۋەتكەندە ،بىر تەخسە لەڭمەن يەپ ئوزەمگە 10سوم قالىدۇ ،،،
7- قەۋەتتىكى taxtapanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قانداق لەڭمەن ھوي ئۇ؟! ئۇلانىڭ گۆشىدە ئېتىپ بەرگەن لەڭمەن ئەمەستۇ. بىر خادىكچىچىلىكمۇ تاپالماپسەندە.
---شۇ ئازراق زىيان چىقتى ،ئۇنىڭ ئۇستىگە قىشلىق ئاپتۇل ،سۇغۇقتىن ساقلىنىش سويى دەيدىغان نەرسىلىرى باركەنغۇ ،،بۇ ماشىنا دىگەننىڭ ۋاختىدا ئالماشتۇرماي تۇڭلاپ كەتتى شالىي ۋاڭ لاپاسنىڭ تىگىدە ياتىدۇ ئاغرىپ قالغان كالىدەك بىر ھەپتە بۇلدى ،،،ئىشى جىق نىمە ئىكەن ھى،،،خۇدايىم بويرىسا ئۇرۇمچىگە يەر ئاستى پويىز كەلسە ھىلىقىBAR دەيدىغان ئاپتۇۋزنى بىزنىڭ يىزىغا بىرەۋتسە بولاتتى ،بۇ ئورۇمچىلىكلەر ،،پىخسىقلىق قىلماي،،
بۇلتۇر بىيارتى يولى ياسايمىزدەپ يوللارنىڭ قاتنىشى شۇنداق ناچار بۇلۇپ كەتكەن .ئەمدى مىترو ياسايمىزدەپ قانچە قالايمىقان قىلىۋىتەركىن قاتناشنى ھەي!!!! بارتاخۇنكامنى ئۇنداق ئالدىراپ بېرىۋەتكىلى بولماسمىكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېكلىتار ئېلىپ كەلگەن باھار شامىلىنى سېكلىتاردىن بۇرۇن يولغا سېلىپ قويسا، سەت تۇرامىكى. غۇلجىغا يەر ئۈستى پويىزىمۇ يېتىپ ئېشىۋاتىدىغۇ ھازىر. يوق جېدەلنى قىلماي تۇرە بولدى.


http://tieba.baidu.com/p/1398624158?pn=2
ئىشقا بىرىپ كەلگۇچە كۇندە مۇشۇ مىتروغا چىقىپ چۇشسەملام بولىدىغان بوپتۇ ئەمدى.
ھازىرقى ئىشقا بارغۇچە يولدا ئىسراپ بولىدىغان 1:30 سائەت ۋاقىتنى تىجەپ قالىدىكەنمەن .
ئاللاھ ئولتۇرۇشقا نىسىپ قىلار....
بۇ لىنىيىنىڭ بىر قىسمى يەر ئاستىغا ، يەنە بىر قىسمى يەر ئۇستىگە كۆۋرۈك شەكىلدە ياسىلىدىكەن.
مېترو ياساپ بولغىچە يەنە يوللاردا لەخمە كولاپ ،ماشىنىلار ئايلىنىپ مېڭىپ ، توپا -توزان ،تاراق-تۇرقتا ساراڭ بولارمىزمۇ ...ھېلىمۇ ياخشى بىزنىڭ ئۆي تەرەپتە بولمايدىكەن بۇ قۇرۇلۇش..،ئۈرۈمچىدىكى «ياۋرو -ئاسىيا كۆرگەزمىسى»يولى بىزنىڭ بىز يېڭى كۆچۈپ بارغان ئۆينىڭ قېىشىغا چۈشۈپ قېلىپ باشلىقلار مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرىمىز دەپ يوللارنى كېڭەيتىپ باغچا رايۇنى قىلىۋەتتى،ھەرھالدا قۇرۇلۇش خاپىچلىقى تۈگىگەندىن كېيىن مەھەللىلەر بۆلەكچە چىرايلىق ئولتۇراق رايۇن بولۇپ قېلىپ ھاردۇق چىقتى، ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرساق تۆت قەۋەتلىك كۆۋرۈك يولى نەق يەنە بىزنىڭ ئۆينىڭ بېقىنىغا چۈشۈپ ئۆتكەن بىر ياز ئالدىنقى يىلىدىن ئۆتە قالايمقانچىلىق ،مەھەللەمدىكى قۇرۇلۇش ئاز كەلگەندەك ئىش ئورنۇم تەرەپتىمۇ يان بىنانى ئېگىزلىتىپ كۈندە گۈلدۈر -گالاپ ئاۋاز،ئۇ ئاز كەلگەندەك يەر تەۋرەپ تېخى ، ئۇ ئىشلار تۈگەپ تۇرسا دوختۇرخانا ياندىكى قۇرۇلۇشنى سېتىۋىلىپ بېزەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ ئەمدى...
ئەمما 1- لىنىيە تولۇق يەر ئاستىغا ياسىلىدىكەن.
2019 پۈتىدىكە دەيدىغۇ ؟ نىمدا ئۇزۇن ؟
ئۈرۈمچىنىڭ ھېلىمۇ رەتسىز، قىستاڭچىلىق قاتناشلىرىنى مېترو ياسايمىز دەپ تېخىمۇ قالايمىقان قىلدىكەندە.
بىرەر شەھەرنى پىلانلىغاندا ئۇزۇن مەزگىللىك پىلاننى ئالدىن تۈزمەمدىغاندۇ ؟ مېنىڭچە ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى ياسىلۋاتقان(پۈتمىگەندۇ)چاسا شەكىللىك يولى مېترو قۇرلۇشىغا توغرا كېلىپ ئۆزگەرتىپ قالارمىكى دەيمەن.
دوستلۇق يولى تەرەپنىمۇ ياساپ بىرە يىل بولمايلا ب ئار تى يولى ياسايمىز دەپ ئۆزگەرتىپ بۇزغان.