IELTS تەربىيەلەش ئورنىدىن مەسلىھەت

مىنىڭچە ئاتلانغا بىرىپ بىقىڭ بولمىسا مومىنجان ئابلىكىمنىڭ مەكتىپىگە بىرىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ بۇنىڭغا ئىلگىرى ئاتلاندا ئىشلىگەن ئادىل مۇئەللىم شىنجاڭدىكى ئەڭ ياخشىسى ئىدى. كېيىن ئامېرىكىغا چىكەتتى. ھازىر تەۋپىققا ياكى ساباغا بارسا بولىدۇ. يېڭى شەرىقنىڭ تارمىقى ئۈرۈمچىدە تىببىي ئۈنىۋېرىستىت قېشىدا بار. بۇنىمۇ ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.
3- قەۋەتتىكى chewendazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇنىڭغا ئىلگىرى ئاتلاندا ئىشلىگەن ئادىل مۇئەللىم شىنجاڭدىكى ئەڭ ياخشىسى ئىدى. كېيىن ئامېرىكىغا چىكەتتى. ھازىر تەۋپىققا ياكى ساباغا بارسا بولىدۇ. يېڭى شەرىقنىڭ تارمىقى ئۈرۈمچىدە تىببىي ئۈنىۋېرىستىت قېشىدا بار. بۇنىمۇ ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ بولساتولىمۇياخشىبولارئىكەن ، سىز دىگەن سابا ياكى تەۋپىقبىلەنئۇقۇشۇپباقساق بولغىدەك ، پەقەتئامال بولمىسا تاۋباۋدا سېتىلىدىغانتەربىيەلەشقانداقراقكىن سىناپباقمىغىچە ئۇققىلىبولمايدۇ ... رەخمەت سىزگە ! يەتتە يېرىمنى مەنچە مەكتەپتە ئۆگىنىپ ئالغىلى بولماسمىكىن، ئۆزى ئۆگەنسە بولىدۇ. مەنچە joshua بۇرادەر توغرا دەيدۇ.
7 ياكى 7.5 نى IELTS كە تەربىيەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىمۇ ئالالىشى ناتايىن. ئىشقىلىپ مەن ھازىر تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارىسىدا IELTS تە 7 ياكى 7.5 ئالغانلار بار دەپ ئاڭلىمىدىم. ئۇنداق نومۇرنى ئالغانلار ئاللىقاچان چەتئەلگە چىقىپ بولدى. ئوقۇپ قايتقانلارمۇ باشقا ئىشلار بىلەن يۈرۈۋاتىدۇ، تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە دەرس ئۆتمەيدۇ.
6.5 ئالالىغان ئوقۇغۇچى ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىگىدىن ئۆگەنگەن ياخشى. كۇرسقا قاتنىشىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تەربىيەلەش مەركەزلىرى بىر ئاز تاكتىكا سۆزلەپ بېرىشكىلا يارايدۇ. بولۇپمۇ يېڭى شەرق شۇنداق قىلىپ يۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى شەرقنىڭ پۈتۈن لېكسىيەسىنى توردىن ياكى قىزىل بايراق يولىدىن تاپقىلى بولىدۇ. مەن ئەينى ۋاقىتتا يېڭى شەرقنىڭ لېكسىيەسىنىڭ 4 تال دېسكىسىنى قىزىل بايراق يولىدىن سېتىۋېلىپ كۆرگەن. 4 تال دېسكىنىڭ ھەممىسىدە ئاساسىي بىلىم ئۆگەتمەيدۇ، تاكتىكىنىڭلا گىپى. بۇنىمۇ ئاڭلاپ قويغۇلۇق دەپ قارىسا، يېڭى شەرقنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى چىقارغان دېسكىنى ئىزدەپ باقسا بولىدۇ. ئۈرۈمچى شۆبىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاشۇلارنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرى چىقارغان دېسكىدىكىدىن ياخشى سۆزلىشىگە ئىشەنمەيمەن.
7 ياكى 7.5 نومۇر ئېلىش ئۈچۈن، يەنە بىر تەۋسىيە - ئىمتىھان بەرگۈچى چوقۇم كىتاپتىن سىرىت نەرسىلەرنى كۆپ كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى كىتاپلاردا چەتئەلنىڭ مائارىپ تۈزىمى، ئىجتىمائىي، سىياسى ئەھۋالى، يېڭى شەيئىلەر، يېڭى جەمئىيەت ھادىسلىرىگە ئائىت نەرسە ئاز. IELTS تە موشۇنداق نەرسىلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. تىل سەۋيىڭىز يۇقىرى بولغان بىلەن موشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش بىلىملىرىگە ناتونۇش بولسىڭىز، ياخشى نەتىجە ئالالمايسىز. مىنىڭچى كورسقا تىزىملىتىش قىلچە ھاجەتسىز. ئىنىڭىز ئۈگىنىپ مۇشۇ يەرگە يىتىپتۇ، يەنە ئازراق سەۋەپ قىلسىلا 7.0 ياكى 7.5 يىتىشىدە گەپ يوق.. ئاتلان، سابا ، دىگەنلەرگە پۇل ئىسراپ قىلىش ھاجەتسىز...ئاڭلاش قىسىمى بىلەن يېزىقچىلىق قىسىمدا ياخشى ئالالىسا قالغانلىرىدا ياخشى بوپ كىتىدۇ.مەخسۇس ماتىرىياللار كۆپقۇ... joshua ، xjdxwhx ، cooloff قاتارلىق بۇرادەرلەرگە كۆپ تەشەككۈر ، مەسلىھەتىڭىزلەرئورۇنلۇق .
بۇ شاكىچىك كىچىكىدىن كۇرسلارغا قاتنىشىپ يۈرگەن ، كېيىن تولۇقسىزدا ئاساسىنى ئاتلاندا يېرىم يىل ۋىتامىن ئېنگىلىسچە ئۆگىنىش دىگەن تەربىيەلەشتە خېلى ياخشى سېلىۋالغان ئىكەن ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەلۇم بىر ئېنگىلىس تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان تولۇق ئوتتۇرىغا تىزىملىتىپ شۇ جايدا ئوقۇۋېتىپتۇ ، بۇرۇن بۇ مەكتىۋىدە چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلارمۇ دەرس ئۆتەر ئىكەن ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلىرى كۆپ ئالمىشىپ ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلىرى بۇرۇنقلىرىغا سەل يەتمەسمىش ، لېكىن ئاساسى پەن دەرسلىرىنى ئېنگىلىس تىلىدا نورمال ئۆگىنىدىكەن ، لېكىن ئېنگىلىس تىلىدا ، يەنى مۇشۇ IELTS دا 7 ياكى 7.5 نومۇر ئېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئۆزى كۆپرەك كۈچ چىقارمىسا بولمايدىكەن ...
يۇقۇرىدىكى تورداشلار دىگەندەك ئۇنىڭ تەربىيەلەش كۇرسىلىرىغا قاتنىشىشتىكى مەقسىدى شۇ تاكتىكا دىگەندەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئوخشايدۇ ، لېكىن بەزى كىتاپلارنى ئۆزلىگىدىن ئۆگەنگەندە قىيىنچىلىققا دۇچ كەپتۇ ، بۇنىڭغا فۇداۋ قىلىپ بېرىشكە مۇھتاج ئىكەن ،تورداشلار دىگەندەك توردىن بەزى لېكسىيەلەرنى چۈشۈرۈپ ئاڭلىسا ، قالغىنىنى ئۆزى جىقراق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆگەنسە بولىدىغان ئوخشايدۇ ، تەشەككۈر !
مىنڭچە مۇنداق قىلسا بولىدۇ ،4ئاي سەرپ قىلىسڭىز بولىدۇ ،ئىنتھاھان ئۈچۈن كىتىدىغان مۇنۇ نەرسلەرنى چوقۇم تىپىڭ ،
1.يىڭى شەرقىنىڭسۆزلۈك ئۈگىتىدىغان بىر يۇمتالى بار .مۇمكىن بولسا تىپىڭ .
2.ئوقۇشلۇق ئۈچۈن ئىقتسادشۇناس دىگەن ژۇرنالىنى تاپىسىڭىز بولىدۇ .
يىزقىچىلىق ئۈچۈن تەقلىدى سۇئال ئىشلەڭ .
ئىغىز تىلى ئۈچۈنئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ سۆزلەپ بىرىڭ ،ئۈنۈمى بولىدۇ .نىمە دىسىڭىز دەڭ .
كىين سىزمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولىسىز .
يۇقارقى يۇمتاللارنى مۇنۇ توربەتتىن ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.
9- قەۋەتتىكى nurogliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مىنڭچە مۇنداق قىلسا بولىدۇ ،4ئاي سەرپ قىلىسڭىز بولىدۇ ،ئىنتھاھان ئۈچۈن كىتىدىغان مۇنۇ نەرسلەرنى چوقۇم تىپىڭ ،
1.يىڭى شەرقىنىڭسۆزلۈك ئۈگىتىدىغان بىر يۇمتالى بار .مۇمكىن بولسا تىپىڭ .
2.ئوقۇشلۇق ئۈچۈن ئىقتسادشۇناس دىگەن ژۇرنالىنى تاپىسىڭىز بولىدۇ .
يىزقىچىلىق ئۈچۈن تەقلىدى سۇئال ئىشلەڭ .
ئىغىز تىلى ئۈچۈنئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ سۆزلەپ بىرىڭ ،ئۈنۈمى بولىدۇ .نىمە دىسىڭىز دەڭ .
كىين سىزمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولىسىز .
يۇقارقى يۇمتاللارنى مۇنۇ توربەتتىن ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.
ئىقتىسادشۇناس(经济学人) ژورنىلى توغۇرلۇق بەرگەن مەسلىھەتىڭىز ئىنتايىن قىممەتلىكئىكەن ، ئوقۇش ۋەيېزىقچىلىقماھارىتىنىيۇقۇرىكۆتۈرۈشئۈچۈن مۇشۇ ژورنالياخشى تاللاش ئىكەن ھەمتەقلىد قىلىپماقالەيازسا يېزىشماھارىتىدە بۆسۈشھاسىل قىلغىلىبولىدىكەن . توردىن 5نۇسخاچۈشۈرۈپپىرىنتىلاپ ئۆگىنىشىگە بەردىم . مەسلىھەتىڭىزگە تەشەككۈر !
مۇمكىن بولسا .ئەگەر ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز مىنى بىۋاستە ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ ،مەن بەلكىم تىخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئىتىشىم مۇمكىن ،مەن شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىدا،كىيىن تىلفۇنىمنى يىزىپ قويارمەن،سىز ماقۇل دىسىڭىز ئەمدى !
