yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 12:03:23

قازارلار ۋە قازار خانلىقى[تەرجىمە]

قازارلار ۋە قازار خانلىقى








قازارلار(Khazars) ئادەتتە غەربى تۈركلەر(ئون ئوق)نىڭ بىر قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ،ئەمەلىيەتتە قازارلار
شىمالى ھۇنلار بىلەن قاڭقىللارنىڭ غەربكە كۆچۈپ ياۋروپا بارغان ساراغۇر(Saragur) قەبىلىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ يەنە يەرلىك
مىللەت(چېچېن)لەرنىڭ بىر قىىسمىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.ئۇلار مىلادىيە 2-ئەسىرلەردە
رۇسسىيەنىڭ جەنۇبى ۋە كاسپىي دېڭىزى(قازار دېڭىزى)نىڭ شىمالىدا پەيدا بولغان.


   


قازارلار(可萨)نىڭ مىللەت تەركىبى كۆپ
مەنبەلىك بولۇپ،مىلادىيە 5-ئەسىرلەردىكى شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسىنىڭ تارىخى ئەسەرلىردە
ھەمىشە بىر ئاكاسىر(Akatziroi) دەپ ئاتىلدىغان
مىللەتنى تىلغا ئالىدۇ،484-يىلى ئاتىللانىڭ ئىتتىپاقدىشى سۈپتىدە تۇنجى قېتىم
تىلغا ئالغان ھەمدە ئۇلارنى كاسپىي دېڭىزى(قازار دېڭىزى)نىڭ شىمالى ۋە ئازاق
دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان قەبىلە دەپ قارىغان.بەزىلەر قازارلارنى ئاق ئالان
دېگەنلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ،بىراق قاڭقىللارنىڭ  قاسار (葛萨) قەبىلىسى ئۇلارنىڭ
بىۋاستە كېلىش مەنبەسى ھېسابلىندۇ.



قازارلار
يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن،ئۆزلىرنىڭ مىللەت مەنبەسىنى
نوھ(ئەلەيھىسالام-ت)نىڭ ئوغلى گومېر(Gomer)،گومېرنىڭ ئوغلى يافەس(Japheth)كىچە باغلايدۇ.يەنە بەزىلەر قازارلارنى نۇشىبىلار(Nushibi)دىن كەلگەن دەپ قارايدۇ.قازارلار شەرقى ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدىن
شىمالى كاۋكازغىچە بولغان جايلاردا يېرىم ئولتۇراقلاشقان.



قازارلار
دەسلەپتە غەربى تۈركلەر ئازراق مۇناسىۋىتى بولۇپ،كېيىن تولۇق مۇستەقىل
بولغان.ئۇلار مىلادىيە 7-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىمالى كاۋكازدىن ئىدېل(
ۋولگا) دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەنكى بويلىردا قۇدرەتلىك  قازار خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ھەم يىپەك
يولىنىڭ شىمالى قاتنىشىدىكى بىر قەدەر مۇھىم ئۆتەڭگە ئايلانغان.قازار خانلىقى(618-1048)نىڭ
زېمىنى شەرقتە بۈگۈنكى خارەزىم،غەربى قازاقىستان ئوبلاستىدىن غەربتە دوناي دەرياسى
بىلەن بۈگۈنكى ئۇكرائىنا ۋە داغىستاننىڭ مەركىزىگىچە بولغان جايلارنى،جەنۇبتا
گرۇزىيە،چېچىنىيە،قىرىم،كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقى-شىمالى قىسمى قاتارلىق جايلارنى ئۆز
ئىچىگە ئالغان.قازارلار شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى ۋە ئەرەب ئېمپىرىيەسى بىلەن زىچ
مۇناسىۋەت ئورناتقان.



قازارلارنىڭ
قاغانى تارقان(Tarkhan) دەپ چاقىرىلدىغان
بولۇپ،«قازار››دېگەن سۆز گېرمانچىدا «كاپىر›› دېگەن مەنىنى،گرىكچىدا «ھۇن
چەۋەنداز›› دېگەن مەنىنى،رۇسچە ۋە ئىبرايچىدا
«پادىچى›› دېگەن مەنىنى،ئەرەبچىدە «كىچىك كۆز›› دېگەن مەنىنى،ئەرمەنچە ۋە
گرۇزىنچىدە«شىمال››دېگەن مەنىنى،تۈركچىدە بولسا «قېچىش،قاچاق›› دېگەن مەنىلەرنى
بىلدۈردۇ.قەدىمقى پېرسىيە تارىخى كىتابلىردا قازارلار بۇلاڭ-تالاڭغا،ئۇزۇن يول
يۈرۈپ ھۇجۇم قىلىشقا ھېرىسمەن دەپ خاتىرلەنگەن،ئۇزۇن نەيزە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق
قورالى بولغان.ئاسىيالىقلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىنچە ياشاش ئۇسۇلى قازارلارغا ئوخشاپ
كېتىدىغانلارنىمۇ قازارلار دەپ ئاتىغان.1480-يىللاردا،گرۇزىيەدە ئۆزلىرنى قازارلار
دەپ ئاتايدىغان تۈركى تىللىق چارۋىچى قەبىلە بار ئىكەن.كېيىنكى كازاك(казаки) ۋە قازاق(Каза́хи)لارنىڭ نامىمۇ مۇشۇ
قازار دېگەن نامدىن كەلگەنىكەن.چېچىن تىلىدا «قازار›› دېگەن سۆز ‹‹گۈزەل جىلغا››
دېگەن مەنىنى بىلدۈردىكەن.



قازار
خانلىقىدا قازارلاردىن باشقا يەنە بەلەك تۈركى
قەبىلىلەر،پارسىلار،ئوغۇرلار،سلاۋيانلار،گوتلار ۋە كاۋكازلار ياشىغان.پارسچە
يېزىلغان «ھۇدۇد ئەل ئالەم››دېگەن كىتابتا قازار خانلىقىنىڭ قاغانىنىڭ
تەگئاتى(فامىلە) ئاشىنا دېيىلگەن.



قازارلار
شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى بىلەن پېرسىيە ئېمپىرىيەسى ئازەربەيجاننى تالاشقان ۋاقىتتا
قازار قاغانى جابىر شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسىگە بۆرە(سەركەردىنىڭ ئىسمى)
باشچىلىقىدىكى 40 مىڭ ئەسكەر بېرىپ تۇرغان، قازارلار بۇندىن بۇرۇن كاسپى دېڭىزىنىڭ
جەنۇبىدا شەرقى رۇملۇقلار بىلەن ئۇرۇشقانىدى.قازارلار يەنە ئەرەب ئۇمەييە
سۇلالىسنىڭ شەرقى ياۋروپاغا بولغان تاجاۋۇزىنى زور كۈچ بىلەن توسقان.



8-ئەسىرنىڭ
ئوتتۇرلىردا قازالارنىڭ قاغانى شامان دىنىدىن يەھۇدى دىنىغا كىرگەن،تەخمىنەن
740-يىلى قازار قاغانى بىر يەھۇدى قانلىق سانغۇننىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا يەھۇدى
دىنىغا كىرگەن ھەم يەھۇدى دىنىنى قازار خانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن،بىر
قىسىم پۇقرالار قاغانغا ئەگشىپ يەھۇدى دىنىغا كىرگەن،لېكىن خانلىقنىڭ كۆپ قىسىم
پۇقرالىرى مۇسۇلمان ۋە خرستىئان دىنىغا ئېتىقادى قىلغان.



10-ئەسىردە
ئەرەبلەر قازارلارنى يەھۇدىلاردىن پەرقلەنمەيدۇ دەپ قارىغان.قازار خانلىقى
11-ئەسىردە كىيۋرۇس كىنەزلىكى،شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى ۋە پەچەنەكلەر(تۈركى قەبىلە)نىڭ
ھۇجۇم قىلىشى بىلەن گۇمران بولغان.ھازىرقى قىرىمىيە(قىرىم) ئىلگىرى قازارىيە دەپ
ئاتىلاتتى،نۇرغۇن مىللەتلەر ھازىرمۇ كاسپىي دېڭىزىنى قازار دېڭىزى دەپ
ئاتايدۇ.قازارلار ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىتتا تەسىر كۈچى ھازىرقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى
موسۇلغىچە يېتىپ بارغان.



قازارلار
ياۋروپادىكى تۈركى قەبىلىلەر ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىكى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ئۈچ
ئاستانىسى بولغان.



بىرىنجىسى:
بالانجار(650-820) ،تېرەك دەرياسىنىڭ جەنۇبى تارماق ئېقىنى سۇلاق دەرياسىنىڭ باشلىنىش
مەنبەسىگە جايلاشقان بولۇپ،722-يىلدىن 723-يىلغىچە ئەرەبلەر تەرىپىدىن ۋەيران
قىلىنغان.



ئىككىجىسى:سەمەندەر،ھازىرقى
ماخاچقالانىڭ ئەتراپىدا.



ئۈچىنجىسى:ئاتىل(820-1048) ،ئاستىراخاننىڭ
شىمالىدا.



قازار
خانلىقى 1030-يىلى شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى ۋە كىيۋرۇس كىنەزلىكىنىڭ ھۇجۇم ئاستىدا
گۇمران بولغان،ئۇلارنىڭ يەرلىرى قىپچاقلار تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن.قازار خانلىقىنىڭ
زېمىنى كىيۋرۇس كىنەزلىكى ۋى شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى تەرىپىدىن بۆلۈشىۋېىلىنغاندىن
كېيىن بىر قىسىم قازارلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ ئوتتۇرا-ئاسىيا ۋە
ئېدىل(ۋولگا) دەريا ۋادىلىردىكى تۈركى تىللىق مۇسۇلمانلارغا ئايلانغان.يەنە بىر
قىسىم ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمىغان قازار تۈركلىرى رۇسسىيەنىڭ نەچچە قېتىملىق
يەھۇدىلارنى قوغلاش دولقۇنىدا توختاۋسىز ھالدا ئوتتۇرا شەرققە قاراپ كۆچكەن ھەم ئاخىرى
ئاشكىنازى يەھۇدىلىرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.قازارلارنىڭ يەنە ئۈچ قەبىلىسى
پاننونىيە(Pannonia)گە ئەۋەتىلگەن،ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى قىرىم تاتارلىرى ۋە
قالماقلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.



قازار
خانلىقىنىڭ تەختى قاغان ۋە قاغانبەگ(Khagan
Bek)
دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن.ھازىرقى زامان ئەرەب تارىخىچىلىرنىڭ قارىشىچە قازار خانلىقنىڭ
قاغانى(ئاشىنا ئۇرۇقىدىن)  مەنىۋى جەھەتتىكى ھۆكۈمران بولۇپ،ھوقۇقى چەكلىك
ئىكەن،ئەمەلى ھوقۇق قاغانبەگنىڭ قولىدا بولۇپ ھەربى،مەمۇرى ئىشلارغا مەسئۇل
ئىكەن،قاغان بىلەن قاغانبەگ ئېدىل دەرياسىدىكى بىر ئارالدا تۇردىكەن، قاغاننىڭ 25
خانىشى ۋە 60 توقىلى بولىدىكەن،ئوردىدا يەنە ئاغۋاتلار بولىدىكەن.بۇ ئۇسۇل كېيىنكى
ھۇنگىرلار ۋە ئوغۇزلارغا تەسىر كۆرسەتكەن.



     بىر مۇسۇلمان تارىخچىسىنىڭ
كۆرسىتىشىچە،قازارلار ئىككىگگە بۆلۈندىغان بولۇپ تېرىسى ئاق،سېرىق چاچ،كۆك كۆز كەلگەنلىرى
ئاق قازار دېيىلدىكەن،تېرىسى قارا كەلگەنلىرى قارا قازار دېيىلدىكەن.ئەمەلىيەتتە
نۇرغۇن تۈركى تىللىق دۆلەتلەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئايرىش(سىياسى جەھەتتە،ئىرقى
جەھەتتە ئەمەس) مەۋجۇد بولۇپ «تېرىسى ئاق›› لىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپنى
كۆرسەتسە،«قارا››لىرى ئاددى پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.



قازارلارنىڭ قاغانى
ئادەتتە باشقىلار بىلەن كۆرۈشمەيدىغان بولۇپ ،تۆت ئايدا بىر قېتىم ئۆزىنى
كۆرستىدىكەن،كۈندىلىك ئىشلارغا قاغانبەگ مەسئۇل بولىدىكەن،قاغانبەگ كۈندە بىر
قېتىم قاغان بىلەن كۆرۈشكىلى كىرىپ ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدىكەن.بىر ئەرەب يازغۇچىسى
10-ئەسىردىن كېيىنكى قازار ئاقسۆڭەكلىرى يەھۇدىلار دېگەن.قازار خانلىقى ئاھالىلىرى
ئۆزلىرنىڭ ئىككى يەھۇدى،ئىككى مۇسۇلمان،ئىككى خىرىستىئان سوتچىلىرى
بولىدىكەن،سىلاۋيانلارنىڭ بولسا باشقا سوتچىسى بولىدىكەن.بەزىلەر قازارلارنىڭ
قاغانى بىلەن قاغانبەگنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى ياپونىيەنىڭ تېننوسى بىلەن باكافۇ
سانغۇنىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ دېيىشىدۇ.



قازارلار غەربى تۈركلەرگە
ئوخشاش قىرىمدا تۇدۇن(ئەمەل نامى،Tudun) قويغان بولۇپ،ئۆزىگە
تەۋە خانلىقلارنىڭ باشلىقىنى ئىلتەبىر(Elteber)لىككە
تەيىنلەيدىكەن.ئۇلارغا ئولپان تاپشۇردىغان قەبىلىلەردىن
پەنەچەكلەر،ئوغۇزلار،سابىرلار،قىرىم گوتلىرى،قىرىم
ھۇنلىرى،ماجارلار،گىرۇزىنلار،ئەرمەنلەر،ئالانلار،شىمالى كاۋكاز
ھۇنلىرى،لەزگىلەر،ئاۋارلار،چەركەزلەر،ئازەرىلەر،شەرقى
سىلاۋيانلار،بۇرتاسلار،بۇلغارلار،مولداۋانلار،قاڭقىللارنىڭ "拔塞" قەبىلىسى
قاتارلىقلار بار.



خانلىق نامى: قازار خانلىقى(Khazar Khaganate)


باشقا نامى: قازارىيە(Khazaria)


مەۋجۇت ۋاقتى: 618-1408


ئاستانىسى: بالانجار(650-820)،  ئاتىل(820-1048)


تىلى: قازار تىلى


دىنى: تەڭرىچىلىك،شامان دىنى،خرىستيان دىنى،يەھۇدى دىنى،سلاۋيان ئەپسانىلىرى،ئىسلام دىنى


پۇلى: يارماق



قاغانلىرى: 1.توڭ يابغۇ


               2.ئوبادىيە


               3.زىكىرىيە


               4.بۇلان


               5.بېنجامىن


               6.ھارۇن


               7.خان تۇۋان


               8.يوسىف


               9.ماناسسى



تەرجىمە قىلغۇچى:ياغلاقار     مەنبە: http://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%8F%AF%E8%90%A8%E4%BA%BA

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 17:22:49

بايا مىكرو بىلوگدا ماركىس ، ئېينىشتىيىنلارنى يەھۇدى دىنىغا ئىشىنىدىغان قازارلارنىڭ ئەۋلادلىرى دىگەندەك بىرنىمە كۆرۋىدىم .

\"\"

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 17:31:09

1- قەۋەتتىكى koxukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بايا مىكرو بىلوگدا ماركىس ، ئېينىشتىيىنلارنى يەھۇدى دىنىغا ئىشىنىدىغان قازارلارنىڭ ئەۋلادلىرى دىگەندەك بىرنىمە كۆرۋىدىم .

\"\"




بۇ سۆزنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار. چۈنكى بۈگۈنكى شەرقى ياۋروپا ۋە گېرمان رايونىدىكى يەھۇدىلارنىڭ كۆپىنچىسى  يەھۇدى دىنىغا ئىشىندىغان قازارلارنىڭ ئەۋلادى.


ئېيتىلىشچە ماركس،ئېينىشتېيىن،نېيتانىياخۇ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى قازار يەھۇدىلىرىكەن.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 17:42:56

ۋىكىپىدىيەدىكى ماتېرىياللاردىن بىلىشكە بولىدۇكى تارىختىكى قازارلار(可萨) ئاساسلىقى قانقىللار(ئۇيغۇرلار)نىڭ غەربكە كۆچكەن قەبىلىسى قاسارلار(葛萨)دىن تەركىب تاپقان.



ئۇندىن باشقا ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقنىڭ 13-قاغانى قاسارتېكىن(阖馺特勒)نىڭ ئىسمى بىلەن مەزكۇر تېمىدىكى «قاسار» نىڭ يىلتىزى بىر.    http://zh.wikipedia.org/wiki/%E9%98%96%E9%A6%BA%E7%89%B9%E5%8B%92


yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 17:51:54

\"\"



قازار خانلىقىنىڭ زېمىنى



\"\"



قازار چەۋەنداز

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 18:11:47

بۇ توغرىسىدا قايسى بىر تېمىدا كۆكتاش يەھۇدىلارنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ دۆلىتى تۈركىي قانلىق خەلقلەر تەرپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى دېگەندە ھەيران قالغان ئىدىم. سىز كۆرگەن شۇ خەنچە مىكرو بىلوگدا تېخى ئۇلارنىڭ يۇرتىنى شەنشى دەپتۇ  {:107:}

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 18:22:48

5- قەۋەتتىكى chewendazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ توغرىسىدا قايسى بىر تېمىدا كۆكتاش يەھۇدىلارنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ دۆلىتى تۈركىي قانلىق خەلقلەر تەرپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى دېگەندە ھەيران قالغان ئىدىم. سىز كۆرگەن شۇ خەنچە مىكرو بىلوگدا تېخى ئۇلارنىڭ يۇرتىنى شەنشى دەپتۇ \"\"



ئەينى ۋاقتتا شەنشىمۇ تۈركلەرگە بىر مەزگىل تەۋە بولغان،شۇڭا شۇنداق دەۋالغان ئوخشايدۇ.\"\"

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 20:49:35

6- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى chewendazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ توغرىسىدا قايسى بىر تېمىدا كۆكتاش يەھۇدىلارنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ دۆلىتى تۈركىي قانلىق خەلقلەر تەرپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى دېگەندە ھەيران قالغان ئىدىم. سىز كۆرگەن شۇ خەنچە مىكرو بىلوگدا تېخى ئۇلارنىڭ يۇرتىنى شەنشى دەپتۇ \"\"



ئەينى ۋاقتتا شەنشىمۇ تۈركلەرگە بىر مەزگىل تەۋە بولغان،شۇڭا شۇنداق دەۋالغان ئوخشايدۇ.\"\"



پىرامىدانى دېمەكچىما؟\"\"

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 20:52:11

قازارلار غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولسا، ماۋۇ ماركس،ئېينىشتېيىن،نېيتانىياخۇ دېگەنلەرنىڭ ئەجدادى غەربىي تۈرككە تەۋە بولدىما؟  {:107:}

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 20:56:31

7- قەۋەتتىكى chewendazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى chewendazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ توغرىسىدا قايسى بىر تېمىدا كۆكتاش يەھۇدىلارنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ دۆلىتى تۈركىي قانلىق خەلقلەر تەرپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى دېگەندە ھەيران قالغان ئىدىم. سىز كۆرگەن شۇ خەنچە مىكرو بىلوگدا تېخى ئۇلارنىڭ يۇرتىنى شەنشى دەپتۇ \"\"



ئەينى ۋاقتتا شەنشىمۇ تۈركلەرگە بىر مەزگىل تەۋە بولغان،شۇڭا شۇنداق دەۋالغان ئوخشايدۇ.\"\"



پىرامىدانى دېمەكچىما؟\"\"





\"\"، ئۇ پىرامىدا بولمىغان تەقدىردىمۇ ھازىرقى شىمالى جوڭگو رايونىنىڭ خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل تۈرك مىللەتلىرىگە تەۋە بولغانلىقى راستقۇ؟

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 21:08:49

8- قەۋەتتىكى Ulanbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قازارلار غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولسا، ماۋۇ ماركس،ئېينىشتېيىن،نېيتانىياخۇ دېگەنلەرنىڭ ئەجدادى غەربىي تۈرككە تەۋە بولدىما؟ \"\"



ئايلىنىپلا كەتتىڭىزمۇ؟\"\" مۇنۇ يەرشارى گەرچە خېلى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن توختاتماي  سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك ھەممە  ئادەم ،ھەممە مىللەت ئۆز-ئارا  ئۇرۇق-تۇققان چىقىپ قالىدىغان گەپكەن، مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن ئىنسانلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئۆز-ئارا ئۇرۇق-تۇققان كېلىدىغانلىقىنى ئۇنۇتمايلى،چۈنكى ئىنسانلار ئەسلىدىنلا بىر گەۋدىدۇر.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-11-27 08:56:49

بۇ قازار مەلىكىسىكەن..


阿捷赫——哈扎尔公主


\"\"


matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-11-27 08:56:49

قازارلار بىلەن ھازارلارنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى باردۇ؟


ھازارالىقلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى باردۇ؟


...........................



تارىختىكى قازار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئوتتۇرا شەرىقلىق يەھۇدىلار بولغىنى ئۈچۈن  ، ئۇلار دۆلەت دىنىنى يەھۇدى دىنى - دەپ ئىلان قىلغان ، شۇڭا تەۋەلىكتىكى قازارلار بىراقلا يەھۇدى دىنىغا كىرگەن. مەلۇم مەنىدىن ئىيىتقاندا ، كىيىنكى چاغلاردا قازارلار پۇتۇنلەي يەھۇدىلارغا ئاسسىمىلاتسىيە بولغان.پەقەت ئازراقلا تۇركلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان ، شۇڭا ئۇلارنى يەنىلا يەھۇدىلار دىيىش كىرەككەن. يەھۇدىلارنىڭ ئىسرائىلىيىدىن بۇرۇنقى تۇنجى دۆلىتىنىمۇ قازار دۆلىتى دىسەكمۇ خاتا بولمىغۇدەك.



سىلەرچىچۇ؟

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-27 11:43:29

12- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قازارلار بىلەن ھازارلارنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى باردۇ؟


ھازارالىقلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى باردۇ؟


...........................



تارىختىكى قازار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئوتتۇرا شەرىقلىق يەھۇدىلار بولغىنى ئۈچۈن  ، ئۇلار دۆلەت دىنىنى يەھۇدى دىنى - دەپ ئىلان قىلغان ، شۇڭا تەۋەلىكتىكى قازارلار بىراقلا يەھۇدى دىنىغا كىرگەن. مەلۇم مەنىدىن ئىيىتقاندا ، كىيىنكى چاغلاردا قازارلار پۇتۇنلەي يەھۇدىلارغا ئاسسىمىلاتسىيە بولغان.پەقەت ئازراقلا تۇركلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان ، شۇڭا ئۇلارنى يەنىلا يەھۇدىلار دىيىش كىرەككەن. يەھۇدىلارنىڭ ئىسرائىلىيىدىن بۇرۇنقى تۇنجى دۆلىتىنىمۇ قازار دۆلىتى دىسەكمۇ خاتا بولمىغۇدەك.



سىلەرچىچۇ؟





قازارلار بىلەن ھازارالار ئوتتۇرسىدا پەقەت ئىككىسىنىڭ ئىسمنى ئوخشاپ قالغاندىن باشقا بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق.لېكىن گېن جەھەتتىن قارىغاندا ھازارالار بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى يېقىن كېلەمىش،قازارلار بولسا ئەسلى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچكەن قەبىلىسى قاسارلاردىن تەركىب تاپقان،شۇڭا ھازارالار بىلەن قازارلار ئوتتۇرسىدا بەلگىلىك ۋاستىلىك مۇناسىۋەتنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.



يەنە بىرسى تارىختىكى قازار خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئوتتۇرا شەرقلىق يەھۇدىلار ئەمەس،بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچكەن قەبىلىسى قاسارلاردۇر. قازارلار دەسلەپتە يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلمىغان ،كېيىن قازار قاغانى بىر يەھۇدى قانلىق بىر سەركەردىنىڭ دەۋىتى ئاستىدا يەھۇدى دىنىغا كىرگەن،شۇنىڭ بىلەن باشقا قازار ئاھالىلىرىمۇ قاغانغا ئەگىشىپ يەھۇدى دىنىغا كىرگەن ،ھەممىسى بىراقلا كىرگەن دېسەك توغرا بولمايدۇ ،چۈنكى قازارلارنىڭ يەنە  بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغان بولۇپ ،ئۇلار كېيىن قىرىم تاتارلىرغا قوشۇلۇپ كەتكەن.ئەلۋەتتە كۆپ قىسىم قازارلار كېيىن يەھۇدىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەقىقەت.قازار خانلىقنىڭ كېيىن يەھۇدى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەنلىكى راست،لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن قازار خانلىقىنى يەھۇدىلار قۇرغان ياكى يەھۇدى دۆلىتى دېسەك توغرا بولمايدۇ،دېيىش توغرا كەلسىمۇ يەھۇدى دىنى دۆلىتى دېسەك بولىدۇ.يەھۇدىلارنىڭ 2000 يىللار بۇرۇنلا پەلەستىن رايونىدا  \"ئىسرائىلىيە \"ۋە \"يەھۇدى\"  دەيدىغان دۆلەتلىرى بولغان،شۇڭلاشقا  قازار خانلىقى پەقەت يەھۇدى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان تۈرك دۆلىتى،ھەرگىزمۇ يەھۇدىلارنىڭ ئىسرائىلىيەدىن بۇرۇنقى تۇنجى دۆلىتى ئەمەس.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-11-27 12:33:09

يافەسنى نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ كىچىك ئوغلى دەپ كۆرىۋىدىم قايسىدۇر بىر ماتىرىيالدا.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-11-27 21:41:08

شۇنداق قىلىپ، تارىخنىڭ بەزى يوچۇقلىرى تېشىلىدىغان بولدىمۇ!؟

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-11-29 08:49:42

مۇنداق ئىش دەڭلا، نىمە ئەرەب بىلەن ئېقىم كېلىشمەيدىكىن دىسەم \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 13:14:29

بۇرۇنقى كازاك دىگەن مىللەت بىلەن ھازىرقى قازاقلارنىڭ ئالاقىسى بارمىدۇ؟

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 14:26:18

17- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇرۇنقى كازاك دىگەن مىللەت بىلەن ھازىرقى قازاقلارنىڭ ئالاقىسى بارمىدۇ؟

\"كازاك\" بىلەن  \"قازاق\"نىڭ نام جەھەتتە ئوخشىشىپ كەتكەندىن باشقا بىۋاستە زىچ ئالاقىسى يوق.


ئۇندىن باشقا  \"كازاك\" دېگەن بىر مىللەتنىڭ نامى ئەمەس، ئۇلار رۇسلارنىڭ بىر قىسىمى ، چاررۇسسىيە دەۋردە بىر قىسىم يانچىلار(دېھقان قۇل) بولۇشنى خالىمىغان سلاۋيان(رۇس) دېھقانلىرى رۇسسىيەنىڭ جەنۇبى ۋە سىبىرىيە تەرەپكە قېچىپ كەتكەن بولۇپ ،بۇ كىشلەر كېيىن كازاكلار دەپ ئاتالغان، كازاكلار ئادەتتە ناھايىتى جەڭگىۋار ، باتۇر كېلىدىغان بولۇپ چاررۇسسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيەنى بويسۇندۇرشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇلارنىڭ كازاك دەپ ئاتىلىپ قېلىشىدا مېنىڭچە ئۇلار ئاساسلىقى ئىلگىركى قازار خانلىقىنىڭ زېمىن دائىرسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن،ئادەتتىمۇ ئۇلارنىڭ \"كازاك\" دېگەن نامى \" قازار\" دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ.


رۇس تىلىدا \"كازاك\" بىلەن \"قازاق\"نىڭ يېزىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ.


\"كازاك\" (казаки) ،  \"قازاق\"  (Каза́хи) دەپ يېزىلىدۇ.

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 18:47:08

18- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

17- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇرۇنقى كازاك دىگەن مىللەت بىلەن ھازىرقى قازاقلارنىڭ ئالاقىسى بارمىدۇ؟

رۇس تىلىدا \"كازاك\" بىلەن \"قازاق\"نىڭ يېزىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ.


\"كازاك\" (казаки) ،  \"قازاق\"  (Каза́хи) دەپ يېزىلىدۇ.





   ئەمما مەنىسى  ئوخشاش ، ھەر ئىككىلىسىنىڭ  مەنىسى  \" قېچىپ  كەتكۈچىلەر \" ، казаки تۈكچىدىن رۇسچىغا  كىرگەن ئىبارە .



  يەنە  بىرى ، بەلكىم  قاسارلارنىڭ  بىرقىسمى يەھۇدىلارغا  قوشۇلۇپ  كەتكەن  بولسىمۇ  كۆپىنچىسى تاتار ۋە  رۇسلارغا  قوشۇلۇپ  كەتكەن ... قاسارلار  دەۋرىدە  پەقەت  خان  جەمەتى  قاتارلىقلار  يەھۇدى  دىنىغا  ئېتىقات  قىلغان بولىشى مۈمكىن ، بۈدۈنى  ئارىسىدا  مۇسۇلمانلارمۇ  بار .



  بۇلغار  تاتارلىرى ئىسلامنى  قوبۇل قىلمىغان  بولسا شامانىست  پېتى ياشاپ  پۈتۈن مىللەت  رۇسلارغا  قېتىلىپ كەتكەن ، ۋە  ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا  كېلىپ  مەدىنىيەت  تارقاتمىغان  بولاتتى ...


  تارىختا نۇرغۇن تالاپەت تارتقان تۈركى  مىللەتلەرنى  ھەقىقىي مەدىنىيەتلىك  ۋە  يۇرت  سورايدىغان مۇقامغا  يەتكۈزگەن ئامىل ئىسلام  دىنىدۇر  .

بەت: [1] 2
: قازارلار ۋە قازار خانلىقى[تەرجىمە]