zulphar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 20:50:18

6 قسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم «2-دۇنيا ئۇرۇشى» 5- ۋە 6-قىسىملىرى

فىلىم نامى: Apocalypse: The Second World War

خەنچە نامى: 二次大战启示录

دۆلىتى: فرانسىيە

تۈرى: ھۆججەتلىك

ۋاقتى: 2009-09-08

تىلى: فرانسۇزچە

يېزىقى: ئۇيغۇرچە

فورماتى: RMVB

سىغىمى: 6CD

ئۇزۇنلىقى: ھەر قىسىمى 50 مىنۇت

رېژىسسور:  Isabelle Clarke / Daniel Costelle

سىنارىست: Daniel Costelle / Isabelle Clarke / Jean-Louis Guillaud / Henri de Turenne

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:


                               2-دۇنيا ئۇرۇشى  1939-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق پاشىسىتىك ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى ۋە بۇلغارىيە، پورتىگالىيە، رۇمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىر تەرەپ، پاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى پاشىزىمغا قارشى كۈچلەر يەنە بىر تەرەپ بولۇپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.  2-قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بۇ دۇنياۋى ئۇرۇشقا ياۋوپادىن ئاسىيا قىتئەسىگىچە، ئاتلانتىك ئوكياندىن تىنچ ئوكيانغىچە بولغان 61 دۆلەت ۋە رايۇن، 2 مىليراددىن كۆپرەك ئادەم  ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ سۆرەپ كىرىلدى، ئۇرۇش دائىرىسىنىڭ كۆلىمى 22 مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىرغا يەتتى. تولۇق بولمىغان سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا 90 مىليۇندىن كۆپرەك ئارمىيە ۋە خەلق ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئۇرۇشقا جەمئى 4 تىرليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك بايلىق سەرپ قىلىندى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئەڭ ئاخىرى ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگو، ئەنگىلىيە قاتارلىق پاشىزىمغا قارشى دۆلەتلەر ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى پاشىزىمغا قارشى كۈچلەرنىڭ غەلبىسى بىلەن ئايغلاشتى.

بۇ يىل 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانىغا 67 يىل بولىدۇ. بۇ 67 يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەر تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئاساسى تىمىسىدا نۇرغۇن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.  شۇنداقلا شۇنىڭدىن بېرىمۇ ئۇرۇش، توقۇنۇشلار ئۈزۈلمەي بولۇۋاتقان رايۇنلار ھېلىمۇ مەۋجۇت، نىمىلىكى بولمىسۇن ئاللاھ ئىگەم تىنچسىزلىقتىن، ئۇرۇش جىدەللەردىن ساقلىسۇن.

تۆۋەندە ئاقبۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغان 6 قسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم «2-دۇنيا ئۇرۇشى» 5- ۋە 6-قىسىملىرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. بۇ فىلىم گەرچە ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىسىمۇ ئەمما سىز ۋە بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن مەسلىلەرنى يېشىپ بېرەلەيدىكەن...

5-قىسىمى


http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3880


6-قىسىمى


http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3881


jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 21:25:11

رەھمەت ،مەن 2قىسىم كۆردۈم ..ھارمىغايسىلەر ! \"\"

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-27 22:23:11

天启 دەپ بىر چوڭ تىپتىكى كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم قۇيۇلغان ئىدى ، شۇنىڭ سۈزۈك نۇسخسىنى تاپالمايۋاتىمەن....بۇنىمۇ كۆرۈپ باقاي ،رەھمەت.
بەت: [1]
: 6 قسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم «2-دۇنيا ئۇرۇشى» 5- ۋە 6-قىسىملىرى