قەشقەردە زور قاتناش ھادىسىسى يۈز بەردى
قەشقەردە پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىسى يۈز بەردى
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى : 25 - نويابىردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئۆلكە تاشيولى 215 - لىنيىسىنىڭ يەكەن ناھىيىسى بۆلىكىدە بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىسى يۈز بىرىپ ، 8 ئادەم قازا قىلغان . مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېنىقلانماقتا ئىكەن .
http://news.sina.com.cn/c/2012-11-25/185525658674.shtml



خۇدايىم ھەممەيلەنگە تىنىچ ئامانلىق ئاتا قىلسۇن ئامىن ! بالا-قازدىن قېرىنداشلىرىمىز نى ساقلىغايلا... تۈنۈگۈن كەچ قەشقەر قىزىل كۆۋرۈكتە يۈز بەرگىلى تاس- تاماس قالغان قاتناش ۋەقەسى ئېھتىمالىدىن، ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇنداق ئىشقا كۆزىنى مىت قىلىپ قويمايدىغىنىغا ئىشىنىپ قالدىم. خۇدا ھەممەيلەننى ئامان قىلسۇن ، ھەممەيلەن ئامان بولايلى .

ماركىلىق يۈك ماشىنىسڭ شوپىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارلانغان ۋە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان
ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنىسنىڭ شوپىرى نۆۋەتتە قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈمەكتە.
http://news.sina.com.cn/c/2012-11-25/192025658722.shtml . ئۆلكە يولى 215-لىنىيە يەنى مارالبېشى-يەكەن تاشيولى. 2010-2011-يىللىرى بۇ يولىنىڭ يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ لاھىيەسىنى ئىشلىدۇق(ئورنى ھازىرقى ئۆلكە يولى 215-لىنىيە -كونا يولنىڭ غەرب تەرەپ 5-15 كىلومېتىر يىراقلىقتا). ھازىر قۇرۇلۇش ئۈستىدە، بۇ يولنى ئۆلچىگەن مەزگىلدە بۇ كونا يولدا بەك جىق قاتناش ھادىسىلىرىنى كۆرۈپ كەتتىم. يول بويىدا يېزا-كەنتلەر كۆپ، ئاھالە زىچ ئولتۇراقلاشقان، يول تار، ماشىنىلارنىڭ سۈرئىتى بەك تېز. يول بويىدا ماڭىدىغان ئېشەك ھارۋىسى، موتو، پىيادىلەرمۇ بەك كۆپ. قاتناش ھادىسىسى بەك كۆپ يۈز بېرىدىغان يول بۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان چوڭ ماشىنىلار مۇشۇ كونا يولدا مېڭىپ توپا-تاش ، ماتىرىيال توشۇيدۇ. قادىر ئاللاھ ھەممىمىزنى تۈرلۈك بالا - قازا ھادىسلەردىن ئامان قىلسۇن

بەت:
[1]