10-ئايلىق «بىر سوم پىلانى»غا چۈشكەن پۇل ئىشلىتىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى، ئاق بۈركۈت تورى بۇ يىل 10-ئايدىن بېرى بىكەت مۇلازىمىتىر چىقىمىنى قامداش ۋە ئىزدىنىشتا يولغا قويۇلىۋاتقان <بىر سوم پىلانى> غا ياردەم قىلىپ موقىم كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ھەر بىر فىلىمنى بىر يۈەندىن سېتىپ چىقىرىشنى يولغا قويغان، بۇ جەرياندا كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 10-ئايدا پىلاننى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتۈرۈپ، ئاي ئاخىرىدا 371.25 يۈەن پۇل ئايرىغان، بىراق مۇنبىرىمىزدىكى بىر سوم پىلانىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجراچىسى ئەيساجاننىڭ ئالدىراش بولۇپ قېلىشى سەۋەپلىك پۇلنى يەتكۈزۈپ بېرىپ بولالمىغان، ئەمما بىز بۇ پۇلنى 400 يۈەن قىلىپ كۆيۈك ئازابىدا پۇچۇلىنىۋاتقان بىر ئانىغا ياردەم قىلدۇق، ئشىنىمىزكى تورداشلارمۇ بىزنىڭ بۇ ھەركىتىمىزنى قوللىغۇسى.
بىز بۇنىڭدىن كىيىن مەلۇم مەزگىلدە بىر ھىسابات قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن يىغىلغان پۇلنى <بىر سوم پىلانى> غا ياردەم قىلىشقا تىرىشىمىز.
مەن ئاق بۈركۈت تورى نامىدىن مۇنبىرىمىزنى قوللاپ كۈچ چىقىرىۋاتقان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ توردىكى مۇراجىئەت تېمىسى:
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ئەزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار ، كىشىلىك تۇرمۇشىمىدا ھەرخىل قىسمەتلەرگە ئۇچراپ تۇردىكەنمىز ، بۇ قىسمەتلەرنى بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ يېڭىشىغا قۇربىمىز يەتسە يەنە بەزىدە ئامالسىز باشقىلارغا مۇھتاجلىقىمىز چۈشۈپ قالىدىكەن ..... نىمە ئاما ل ؟؟ تۇرمۇش ھەممىگە بىزنى مەجبۇر قىلىدىكەن ، بەزىدە باشىقىلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنساق بەزىدە باشقىلارغا ياردەم تىلەيدىغان قولىمىزنى سۇنىدىكەنمىز ، ئۇيغۇرلارلىرىمىز بۇرۇندىن ببىشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە سېخيلىق بىلەن باغرىنى ئېچىپ كەلگەن ئاقكۆڭۈل خەلق ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ زورىخان ئاپاش ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسدىكىلەرگە كەلگەن تۇيۇقسىز بالايىئاپەتكە قاراپ تۇرمىدى ، ئىقتىسادىي ياردە م قىلالمىغانلار ئۇلۇغ تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى ، زورىخان ئاپاش 2012 –يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى تونۇرغا نان يېقىش جەريانىدا قىزىق تونۇرغا چۈشۈپ كېتىپ پۈتۈن بەدىنى ئېغىر دەرىجە كۆيۈپ ئاغرىق ئازابىنى يەتكۈچە تاتتى ،بالا قازا كۆرىنىپ كەلمەس پۇت قولىنى ساڭگىلىتىپ دېگەن مۇشۇدە ....زورىخان ئاپاش ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئونۋېرسىتىتى 1-شۆبە دوختۇرخانىسى كۆيۈك كىسەللىكلەر بۆلىمى 9-قەۋەت 19-كارىۋاتتا داۋالىنۋاتقىلى ساق ئىككى بولاي دېدى ، بۇ جەرياندا 300مىڭ يۈئەنگە يېقىن ئىقتىسادىي كىرىم بۇلارنىڭ ئائىسلىسىگە زور بىسىملارنى ئىلىپ كەلدى ، ئاغرىق ئازابىنى يەتكۈچە تاتىۋاتقان زورىخان ئاپاشقا مەنىۋىي جەھەتتىن كەلگەن روھىي ئازابىغا ئەمدى ماددىي جەھەتتىنمۇ بىسىم قوشۇلدى لېكىن زورىخان ئاپاش ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنى زەررىچە ئۈزۈپ قويمىدى ...زورىخان ئاپاشنىڭ يولىدىشى ئۆمەر ۋە قىزى دوختۇرخانىدا كىچە كۈندۈز ھالىدىن خەرەر ئىلىپ كەلمەكتە ...
ئەزىز قېرىنداشلارغا شۇنى مۇراجىئەت قىلىمىزكى كۆڭۈلنىڭ كىچىك چوڭى يوق ، بىزنىڭ بەرگەن تامچىچىلىك كۆڭلىمىز يىغىلىپ كۆل بولىدۇ ....
يۇقارقى مۇراجاتنامە توردىن كەلگەن.
-----------------------------------------
10-ئايدا، «بىر سوم پىلانى»غا چۈشكەن جەمئىي پۇل 371.25 يۈەن بوپتىكەن، پۈتۈنلەپ 400.00 يۈەن قىلىنىپ، ئاز بولسىمۇ بۇ ئانىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىغا ياردەم قىلىندى. بۇ يەردە ياردەم قولىنى سۇنغان ئاق بۈركۈت تورىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن تورداشلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، ھەم بۇ ئانىمىزنىڭ سالامەتلكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمىز.
<بىر سوم پىلانى>غا مىنىڭمۇ قاتناشقۇم بار ئىدى. قانداق قاتنىشىدۇ، يول كۆرسەتسەڭلار.
4- قەۋەتتىكى kokoyun نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇلارنىڭ بانكا كارتا نومورىنى يوللاپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن.
سىننى ئاخىرىغىچە كورسىڭىز تاپالايدىكەنسىز.
2- قەۋەتتىكى gheripنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاقبۈركۈت تورىغا چىقىپ بىر كىنونى 1 سومغا سېتىۋېلىپ كۆرسىڭىز شۇ 1 سوم پىلانىغا قاتناشقان بولىسىز...
بانكا كارتا نومۇرى بولسا ياخشى بولاتتى. tianya.cn/tw/hot_tr.jsp?idwriter=59977565&key=203448991&chk=071120af5560ec25764343e5daacac43&vu=53907158867
يۇقۇرقى ئادىرىستا بەش ياشلىق بىچارە قىزچاقنىڭ سورىتڭ باركەن،تېما قىكىپ يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن،ترلفۇندا تېما رەسسىم يوللاشنى قاكماشتۇرالمىدىم.رھمەت. ئاقبۈركۈت تورىغا چىقىپ بىر كىنونى 1 سومغا سېتىۋېلىپ كۆرسىڭىز شۇ 1 سوم پىلانىغا قاتناشقان بولىسىز... تېمىغا مۇنەسىۋەتسىز جىددى ئۇختۇرۇش:
进手机天涯,进微薄,进跟多转发,第一页有个五岁小姑娘被骗到广西南宁做小偷,现被好心人送到公安局,老家在阿克苏。
يانفۇندا ئوزەم يوللىيالماي جىددى بولغاچقا سىلەرگە مۇراجەت قىلىم، ئۇلارنىڭ بانكا كارتا نومورىنى يوللاپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن. بارىكاللا ئەزىمەتلەر ،تىرىشىڭلار ،ئۇزۇن مۇددەت داۋام ئېتىڭلار ...مېھرى مۇھەببەتتىن دىللار سۆيۈنسۇن . ياخشى ئىشلارنى قىلىپسىلەر، قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن، ئۇ پىلانغا بىزمۇ قاتناشساق بولغۇدەك.

