paradocs يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 12:04:13

18- قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزۈش لېكسىيە توپلىمى

18- قۇرۇلتاينىمۇ غەلىبىلىك ئېچىۋالدۇق. ئەمدى نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەڭ ئاۋامغا يەتكۈزۈشتەك تۈرلۈك ئىشلار ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.



  مەن تۈنۈگۈن يېزىلارغا بېرىپ بۇ ھەقتە لېكسىيە، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ماتىېرىياللارنى ئاساسەن تاپالمىدىم. شۇنداقتىمۇ كېچىلەپ ئىشلەپ تۆۋەندىكىدەك بىر لېكسىيە تەييارلدىم.



  شۇڭا، ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان تورداشلارنىڭ ھەر خىل تېمىدىكى تەييارلىغان ياكى تەييارلاش ئىمكانىيىتى بارلارنىڭ مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللاپ قويۇشىنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىپ بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.


مەن باشلاپ بېرەي:


==============================================================================



جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى



ئاساسىي تېما: خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دائىر



  يولداشلار:


  بىز بۈگۈن بۇ يەردە كەڭ ئامما، كادىرلار بىلەن 18 –قۇرۇلتاي چاقىرىلغاندىن بۇيانقى  1- قېتىملىق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتىمىز. مەن تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولغان خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۈستىدە ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيى ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويغان پەيتتە چاقىرىلغان مۇھىم بىر قۇرۇلتاي، قۇرۇلتاينىڭ تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.


  دوكلاتتا، ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى:


خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كۈچەيتىلدى


   ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش جەمئىيەت ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە يېڭىلاپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم.


    ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشتە چوقۇم خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ مەقسىتى، خەلق تۇرمۇشىغا پايدا يەتكۈزىدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتۇرۇپ، خەلقنى تۇرمۇش غېمىدىن كۆپرەك خالاس قىلىپ، خەلقنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەرنى ھەققىنى ئالالايدىغان، كېسەل بولغانلارنى داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلارنى كۈتۈنەلەيدىغان، ئۆيى يوقلارنى ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان قىلىش جەھەتتە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ خەلقنى تېخىمۇ ئوبدان تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش لازىم.


    ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىجتىمائىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنىڭ پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما ئىشتىراك قىلىدىغان، قانۇن ئىدارە قىلىش بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان تۈزۈلمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان، ئىزچىل داۋام قىلىدىغان ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئايرىلغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولغان، قانۇن بويىچە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان زامانىۋى ئىجتىمائىي تەشكىلات تۈزۈلمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش، مەنبەدىن تۈزەش، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش ۋە جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك.


    بىرىنچىدىن، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇش. مائارىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇلى. مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئەخلاق يېتىلدۈرۈش ئادەم تەربىيەلەشنى مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىش، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش لازىم. ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ئوبدان يولغا قويۇش، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى راۋاجلاندۇرۇش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇش، زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش، ئالىي مائارىپنىڭ مەزمۇنلۇق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، داۋاملىق تەربىيەنى پائال راۋاجلاندۇرۇش، ئۆمۈرلۈك تەربىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇش كېرەك. مائارىپ ئادىللىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، يېزىلارغا، چەت – ياقا رايونلارغا، نامرات رايونلارغا ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇش، ئالاھىدە مائارىپنى قوللاش، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى ئۆستۈرۈش، دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ باراۋەر تەربىيە ئېلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر بىر بالىنى ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم.


ئىككىنچىدىن، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش. ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ نېگىزى. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزى ئىش تېپىپ ئورۇنلىشىش، بازارنىڭ تەڭشىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. خىلمۇ خىل يول ۋە ئۇسۇللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھام بېرىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش يولى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش لازىم. كەسپىي ماھارەت يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەمگەك ئۆلچىمى سىستېمىسى ۋە ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمگەك كاپالىتى ئۈستىدىكى مەمۇرىي تەپتىشلىك ۋە تالاش – تارتىش ئۈستىدىكى مۇرەسسە كېسىمنى كۈچەيتىپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك.


    ئۈچىنچىدىن، ئاھالىنىڭ كىرىمىنى تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەر بىلەن كۆپەيتىش، خەلقنى تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە، چوقۇم كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە كۆپىيىشىنى ئەمگەك ھەققىنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئۆسۈشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئاھالە كىرىمىنىڭ مىللىي دارامەت تەقسىماتىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى بىلەن ئەمگەك ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتا ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. دەسلەپكى تەقسىماتتىمۇ، قايتا تەقسىماتتىمۇ ئۈنۈم بىلەن ئادىللىققا تەڭ ئېتىبار بېرىش، قايتا تەقسىماتتا ئادىللىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاھالىنىڭ مۈلۈكلۈك كىرىمىنى كۆپ يوللار بىلەن كۆپەيتىش لازىم. كىرىم تەقسىمات تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنلۇق كىرىمنى قوغداپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى تەڭشەپ، قانۇنسىز كىرىمنى بىكار قىلىش كېرەك.


    تۆتىنچىدىن، شەھەر، يېزا ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئىجتىمائىي تەقسىماتنى تەڭشەيدىغان ئاساسىي تۈزۈم. كەڭ دائىرىدە قاپلاش، ئاساسىي تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ قاتلاملىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىقنى ئاشۇرۇش، يۆتكىلىشكە لايىقلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش لازىم. كارخانىلار ۋە ئورگان – كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىنى تەدرىجىي نەق قىلىپ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەپ، ھەرخىل خادىملارغا تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتىنى بېكىتىش مېخانىزمى ۋە نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىغا مەبلەغ غەملەش يولىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى مەبلەغ قىلىپ سېلىش – تىجارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، فوندنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە قىممىتىنى ساقلاش – ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەيرىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. بازارنىڭ سەپلىشى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشى بىرلەشتۈرۈلگەن تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئەر – ئايال باراۋەر بولۇش تۈپ سىياسىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم. ياشانغانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىشلىرى ۋە كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش لازىم. مېيىپلەرگە قارىتىلغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى بېجىرىش – باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم.


    بەشىنچىدىن، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ساغلاملىق ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش يۆنىلىشىدە ۋە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، يېزىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، جۇڭگو تېبابەتچىلىكى بىلەن غەرب تېبەتچىلىكىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي داۋالىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، مېخانىزم ئورنىتىش تەلىپى بويىچە، داۋالىنىش كاپالىتى، داۋالىنىش مۇلازىمىتى، جامائەت ساغلاملىقى، دورا تەمىناتى، نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىغا جامائەت ساغلاملىقى ۋە ئاساسىي داۋالاش بويىچە بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولايلىق، ئەرزان مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، ناھايىتى ئېغىر كېسەللىكنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاسادىپىي جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، ئېغىر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت تورى ۋە شەھەرلەرنىڭ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىغا ئىلھام بېرىش لازىم. جۇڭگو تېبابەتچىلىكى – دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يار – يۆلەك بولۇش كېرەك. داۋالاش – ساقلىق ساقلاش قوشۇنىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، دوختۇرلۇق ئەخلاقى – داۋالاش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش لازىم.


    ئالتىنچىدىن، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش. جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جەمئىيەت باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن قۇرۇلۇشى، تۈزۈلمە – مېخانىزم قۇرۇلۇشى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇچۇرلىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شەرت. ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى، شەھەر – يېزىلارنىڭ مەھەللە مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى، ئاممىنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇشقا قاتنىشىشتىكى ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۆچمە نوپۇس ۋە ئالاھىدە كىشىلەرگە قارىتىلغان باشقۇرۇش – مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە يېڭىلاش لازىم. خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان مېخانىزمىنى ئورنتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ تەلىپىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. چوڭ – چوڭ تەدبىرلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كۆرسىتىدىغان خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. جامائەت بىخەتەرلىكى سىستېمىسى ۋە كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنڭ ئىستېرېئولۇق مۇداپىئە – كونترول سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدلىيەلىك ئاساسىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى جازالاپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مالمۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەمەللەشتۈرۈپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ ۋە ئۇنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.


پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ھەرىكەتكە كەلسە، جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇشىغا ھەممە ئادەم مەسئۇل بولىدىغان، ئىناق جەمئىيەتتىن ھەممە ئادەم بەھرىمەن بولىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى چوقۇم ياراتقىلى بولىدۇ.


يولداشلار،


بۇ قېتىمقى دوكلات جەمئىي 12 چوڭ مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان. يۇقارقسى بولسا، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەزمۇنلاردۇر.


ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىمقى دوكلاتتا، تۆۋەندىكىدەك 6 چوڭ يېڭى مەزمۇن ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:


بىرىنچى، دوكلاتتا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى تۇنجى قېتىم پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىديەسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنداق دېگەنلىك- پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئاشۇرۇشقا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋېلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سېڭدۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا پايدىلىق.


ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭىدىن شەرھىيلەندى.


بۇ – جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ «ئىشقا ئاشۇرۇش يولى»، نەزەرىيە سېستىمىسىنىڭ «ھەرىكەت قىبلىنامىسى»، تۈزۈمنىڭ «تۈپ كاپالىتى». بۇ «ئۈچنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كېلىدىغانلىقىدەك جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى» تۇنجى قېتىم پارتىيە قۇرۇلتېيى دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى.


ئۈچىنچى، 17 –قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان جۇڭەوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇمسى بولغان –ئىقتىزادى قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، سىياسىي قۇرۇلۇشلارغا بۇقېتىم «ئېكولۇگىيە مەدەنىيلىكى» قۇشۇلۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەندۈرۈش»كە كېڭەيتىلدى.


تۆتىنچى، شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشى كرىمىنى 2010- يىلدىكىدىن بىر قاتلاش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


بەشىنچى، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلققە «تېخىمۇ باراۋەر» نەپ يەتكۈزۈش تەكىتلىنىپ، «ھوقۇق، پۇرسەت، قائىدىدە باراۋەر بولۇش» ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. بۇ دېگەنلىك، «ئادەمنى ئاساس قىلىش» نەزەرىيەسىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىشى بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشىلاش بىلەن ئىجتىمائى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ سىگنالى بولدى.


ئالتىنجى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى تەكتلەندى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى چوڭ سىناقلارنى ئوبدان تەجىربە قىلىش ئارقىلىق، بوشاڭلىق، ئىقتىدارسىزلىق، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش، زىيادە چىرىكلىششىتىن ئىبارەت «تۆت چوڭ خەۋپ»كە زەربە بېرىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ۋە پاكلىقىنى ساقلاشنىڭ ئەڭ مۇھىملقى ئالاھىدە تەكتلەندى.


يولداشلار،


بۇ قېتىمقى پارتىيە 18 – قۇرۇلتېيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سېتراتىگىيەلىك نىشانلار، يېڭى مەزمۇنلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ قېتىم يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن مەركىزى كومېتىتنىڭ باش شۇجىسى يولداش شى جىنپىڭ سۆز قىلىش جەريانىدا ئالاھىدە قىلىپ، خەلق ئىنتىلىۋاتقان «10 تېخىمۇ»نى تەكىتلىدى. بۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

(1)
تېخىمۇ ياخشى مائارىپ،

(2)
تېخىمۇ مۇقىم بولغان خىزمەت،

(3)
تېخىمۇ رازى بولىدىغان كىرىم،

(4)
تېخىمۇ ئىشەنچىلىك بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت،

(5)
تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى،

(6)
تېخىمۇ ئازادە بولغان تۇرالغۇ شارائىتى،

(7)
تېخىمۇ گۈزەل بولغان مۇھىت،

(8)
بالىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان ئىنتىلىش،

(9)
تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىغا بولغان ئىنتىلىش،

(10)
تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە بولغان ئىنتىلىش.


  بىز بۇ ھەقتە كېيىنكى قېتىملىق لېكسىيە ۋە تەشۋىقات جەريانىدا، بۇ ھەقتىمۇ مەخسۇس ئۆگىنىش، تەشۋىقات ئېلىپ بارىمىز.


  كۆپچىلىككە رەھمەت!


2012-11-24


kantir يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 18:38:40

قوللۇدۇم ، بۇ قۇرۇلتايدا نېمە گەپ بولۇندى، نېمە قارار قىلىندى بۇنى بىلىۋېلىش كېرەك.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 21:03:51

رەھمەت، ساقلىۋالدىم.

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 13:46:58

رەھمەت يولداش، جاپا چېكىپسىز. بىر پىيالە چاي ئىچىۋېلىپ سۆزلەڭە \"\"

zeper يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 15:30:14

ئەخلەت تېما . \"\"

begtash يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 15:38:58

مۇشۇنداق تىمىلارمۇ بولۇشى كىرەك.

nagayi1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 15:40:53

تۆتىنچى، شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشى كرىمىنى 2010- يىلدىكىدىن بىر قاتلاش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

-----

كىرىمى بىر قاتلانغۇچە مال باھاسى قانچە قاتلىنۇر؟ دىگەن سۇئال پەيدا بولدى كاللىدا.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 15:42:26

1- قەۋەتتىكى zeperنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەخلەت تېما . \"\"



ئەخلەت ئەمەس بەلكى بىزگە تازا لازىملىق تېما، ئەتتىگەندىن بېرى 18-قۇرۇلتايدىن تەسىرات ماقالىسى تاپالماي يۈرگەن مەن

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 16:11:29

بىلىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق باللار . قاچانلا قارىسا شۇئار توۋلاپ ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىيال بىلەن ياشىغىلى بولمايدۇ .

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 16:17:21

4- قەۋەتتىكى bapkarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەخلەت ئەمەس بەلكى بىزگە تازا لازىملىق تېما، ئەتتىگەندىن بېرى 18-قۇرۇلتايدىن تەسىرات ماقالىسى تاپالماي يۈرگەن مەن

خەنزۇچە ياز دېمىدىمۇ ؟ بىز گە يىل ئاخىرىغىچە 1200 خەتتىن  بولمىغان قولدا يېزىلغان تەسىرات ماقالىسى يېزىڭلار (خەنچە ) دېدى ...


خەلىق گىزىتىنى ئالدىمغا قويۇپ بىر باشلاپتىم ، ...


قاتارلىقلاردىن تەسىرلىنىپ ، غەيرىتىم ئاشتى دەپ تۆگەتتىم ...

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 16:48:20

6- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەنزۇچە ياز دېمىدىمۇ ؟ بىز گە يىل ئاخىرىغىچە 1200 خەتتىن  بولمىغان قولدا يېزىلغان تەسىرات ماقالىسى يېزىڭلار (خەنچە ) دېدى ...


خەلىق گىزىتىنى ئالدىمغا قويۇپ بىر باشلاپتىم ، ...


قاتارلىقلاردىن تەسىرلىنىپ ، غەيرىتىم ئاشتى دەپ تۆگەتتىم ...





خەنزۇچە دىگەن بولسا ئاسان ئىدى، توردىن چۈشۈرۈپلا چاپلايتىم، ئەمما ئۇيغۇرچە دىگەچ بۇنداق گەپلەرنى تىزىپ بولالماي جاپا تارتىپ قالدۇق

balahor يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 18:02:08

يەنە شۇ پو .......................

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 18:11:55

ھە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!،،، \"\"

sahralih يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 19:54:59

پايدىلىنشقا تىگىشلىك ماتېرىيال ئىكەن . رەھمەت سىزگە .

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 20:37:14

18- قۇرۇلتايدا ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىشىمىز لازىم››دىگەن بۇ سۆز بەك كۆپ تەكىتلىنىپتۇ.شۇنىڭغا قارىغاندا سەل ئىغىشىپ قالغانلىمۇ بار ئوخشىمامدۇ؟ \"\"

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىگەن قانداق سوتسىيالىزىم؟ماركىس،ئىنگىلىس،لىنىن،سىتالىن تەشەببۇس قىلغان سوتسىيالىزىمغا ئوخشىمامدا؟

holmis1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 21:25:42




«ھوقۇق، پۇرسەت، قائىدىدە باراۋەر بولۇش» ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.

ما گەپلەر خېلى بولىدىكەن . لېكىن ئالدىغا ھەممە مىللەت دىگەننى قۇشۇپ قويغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن .

paul912 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 22:17:17

بەلگە سىلىپ قوياي،كىيىنچە لازىم بولدىغاندەك قىلىدۇ.

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 11:05:30

قارىماققا شۇنداق مۇكەممەل يېزىلغان چاڭچىلىكەشنىڭ ناخشىسىغا ئوخشايدىكەن.  {:136:}

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 11:51:34

ھۆرمەتلىك بۇرادەرلەر، ما ئىزدىنىشتا ئانا تىلدا يېىزىلىدىغان، رەتلىندىغان پايدىلىنىش كۆزنەكلىرى بولشى كېرەك دەپ، ماۋۇ تېمىنى يوللاپ قويغان ئېدىم.



سىلەر دەۋاتقان بۇ گەپلىرىڭلارنى بۇ تېمىغا ئارتۇق يۈك، دەپ قارەيمەن. ھە، دېسە قالايمىقان جۆيلىمەيلى. ھەر قايسىڭلار دېگەندەك خەنزۇچە بولسا، بىردەمدە تاپقىلى، چاپلاپ، كۆچۈرۈپ بىر ئىش قىلغىلى بولىدىكەن.

ئەمما، مەن بار يەردە بىز دىھقانلارلىرىمىزغا ئۇيغۇرچە سۆزلەيمىز. سىلەر بىر نەچچىڭىلاردەك تەسىراتنىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە يېزىۋاتىمىز.

گەپ قىلىڭ دېسە، مىڭ ئېشەككە يۈك گەپ قىلىدىغان بەزىلىرىڭلار دىلىڭلار بىلەن ھەر كىتىڭلار بىردەك بولمىغاچ، ھەر قانداق بىر تېمىدا قۇيۇن چىقىرىشقا ئالدىرايدىكەنسىلەر.

مەن پەقەت، يازالىساڭلار، يازالىغانلار ماۋۇ يەرگە چاپلاپ قويۇڭلار، جىددىي پەيتتە ئۆز ئارا پايدىلىنايلى، دېمەكچى. مۇھاكىمە قىلىپ، ئۇششاق- چۈششەك، ئاقماس ئىنكاسلارنى يېزىپ ۋاقتىڭلارنى ئىسراپ قىلماڭلار، دېمەكچى.

atarut يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 12:09:31

مۇنبەر ئەمەسمۇ، ھەرخىل تىما ھەرخىل گەپلەر بولىدۇ. دۆلەت خىزمەتچىسى تورداشلار ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان ياخشى ماتىرىيال بولوپتۇ.
بەت: [1] 2 3
: 18- قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزۈش لېكسىيە توپلىمى