كىتاپ تەۋەلىكى(تەرجىمە يۇمۇر)
بىر ئەپەندى كىتاپخانىغا كىرىپ كىتاپ سىتىۋالماقچى بولۇپتۇ. ئۇ مۇلازىمەتچىدىن سوراپتۇ:
- « بەخىتلىك نىكاھ تۇرمۇشى» نەدە؟
مۇلازىمەتچى:
- ئۇ كىتاپ خىيالى فانتازىيەلىك كىتاپ تۈرىگە تەۋە، بىرىنچى رەتتىن ئىزدەڭ.
ئەپەندى:
- «ئەر-ئايال ئىناق ئۆتۈش يولى» چۇ؟
- ئۇ كىتاپ ئۇرۇش، جانبازلىق تۈرىگە تەۋە، ئىككىنچى رەتتە.
- ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش، ئۆي سىتىۋىلىش تۈرىدىكى كىتاپلارچۇ؟
- ئۇ خام خىيال ئۇنۋىرسال كىسەللىكى، نىرۋا كىسەللىكلىرى تۈىرىگە تەۋە، سەككىزىنچى رەتتە.
- ئەمسە، «ئەركىشى ئائىلىنىڭ خوجايىنى» چۇ؟
-كەچۈرۈڭ ئەپەندى، بىزنىڭ بۇ كىتاپخانىدا بالىلار چۆچەك كىتىابى سىتىلمايدۇ.
2- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ ھەقىقەتەن قىززىق يۇمۇركەن. خۇددى قاسقاندىن يېڭىلا قومۇرغان ،ھورى چىقىپ تۇرغان قىززىق مانتا يىگەندەك ھوزۇرلاندىم دىسە .
ما يۇمۇر بىلەن يەنە بىر ھەپتە جاھاندارچىلىق قىلىۋالىدىغان بولدۇڭ ئۇكەم. راسىت قىززىق يۇمۇركەن بۇ




ئەمەلىيەتتە چۆچەكلەر بالىلارنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ دەپ ئايرىلمايدۇ.
بۇ پەقەت خەنزۇچىدا چۆچەك سۆزىگە ماس كەلگۈدەك سۆز بولمىغاچقا، «بالىلار ئاڭلايدىغان ھېكايە» دىگەندەك سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن خالاس.
بەت:
[1]