kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 12:01:17

توغۇلمىغان موزايغا قۇزۇق قىقىپتىمەن(كۆۋرۈك)

پەرى ئېغىرلىشىپ قالدى،ھەركەتلىرى ،گەپ-سۆزلىرى ئاستىلاپ ،مىجەزلىرى ئۆزگىرىپ قالدى  .مەن بىلەن سوقۇشۇپلا يۇرىدۇ  نىمانداق تىز ۋوي ئۆتكەندىلا سىزىك بولدى دەۋاتقان بىردەمدىلا ئاي كونى يىقىنلىشىپ قالدى سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلار قانداق ۋاقىت ،قەيەرنىڭ ۋاقتىنى ئىشلىتىسىلەر  نىمانداق تىز دەپ سورايسىلەر بەلكىم ،بىزنىڭ يېزىدىكىلەر ئىشلىتىدىغان ۋاقىت بېيجىڭ ۋاقتىمۇ ئەمەس ئورۇمچى ۋاقتىمۇ ئەمەس ،پەقەت خوراز قىچقارغاندىلا ئورنىمىزدىن قۇپىمىز ،كون قىزارغاندا ،كون پاتقاندا ،نامازشام بولغاندا ،پادا كالىلار ماڭغاندا ،قايىتقاندا دىگەندەك يەرلىك ۋاقىت ئىشلىتىمىز ۋە شۇنىڭغا رىئايە قىلىمىز شۇ بويىچە ياشاپ كېلىۋاتىمىز ،شۇڭلاشقىمىكىن بەزىدە ۋاقىتلار بەك تىز ئۆتكەندەك بەزىدە بەك ئاستا ئۆتكەندىلا ..لىكىن دەۋىرنىڭ  كەينىدە قالمىدۇق يېتىشىپ كېلىۋاتىمىز بەزىدە كىچىكىپ قالساقمۇ بىز  سەھرالىقلار،،

شۇنداق قىلىپ پەرىنىڭ ئاي كونى يىقىنلىشىپ قالغانسېرى بۇلغۇسى ئوغلۇمغا (پەرى قىز توغىمەن دەيدۇ ،ئۇنىڭ دىيىشىچە قىز ئاتا -ئانىغا  كۆيۈمچان بۇلارمىش لېكىن مەن كېچە-كۈندۇز ئوغۇل بولسىكەن دەپ تىلەۋاتىمەن پەرىگە سەزدۈرمەي )  ئىسىم قۇيۇشتا ئويلىشىپ قالدىم ..

تۇنۇگۈن كەچ  مەشكە كومۇر دىگەننى توشقىچە قالاپ مەشنىڭ تۇۋىدە ئولتۇرۇپ پەرى بىلەن كەلگۈسى پەرزەنتىمىزنىڭ ئىسمى تۇغرىسىدا پاراڭلىشىپ  قالدۇق خىلى بوپتىكەن پەرى بىلەن بۇنداق ئولتۇرۇپ مۇڭداشمىغىلى .

ئوغۇل تۇغۇلسا مۇھەممەت قۇيايلى دىدىم پەرىگە ئۇلۇغ ئىسىم ئۇ،قۇشۇلغاندەك بىشىنى لىڭشىتتى پەرى لېكىن كەينىدىنلا ..

-ۋىيەي كۆۋرۇك مۇھەممەت دېگەن ئىسىم بەك ئۇلۇغ ئۇغلىمىز مۇھەممەت دىگەن بۇ ئۇلۇغ ئىسىمغا لايىق ئېسىل ئادەم بۇلسىغۇ مەيلى لېكىن ئەكسىچە  بولۇپ قالسا گۇناھى بىزگە بولۇپ قالارمۇ؟ئۇيلاپ بىقىڭە !بىزنىڭ ماۋۇ تام خۇشنىمىز مەمەتنىڭ قىلىپ يۇرگەن ئىشلىرىنى ،شۇ مەمەتنىمۇ ئاتا-ئانىسى مۇھەممەت دەپ قۇيغان بولغىيتى ..بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم،

تۇغرا مەھەللىمىزدە بىرنەچچە مەمەت بار قايسى بىرىنى مەھەممەت دەپ ئاتاۋاتىمىز قايسى بىرى شۇ ئۇلۇغ ئىسىمغا لايىق ئادەم بولدى  ئاۋۇ ئاتاقلىق يازغۇچى ياشار كامال چىغىدا مەھەممەتنى مەمەت ئاۋاق دەپ يۈرسە    دىگەنلەرنى ئويلاپ بى خىيالىمدىن ئۇزىل -كېسىل ۋاز كەچتىم،مەن خىيالىمدا مۇھەممەت بۇلمىسا مۇھەممەت ئەلى دەپ قۇيارمەن دېگەن ئىدىم ،مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندىدەك كىشى بولسۇن دەپ لېكىن ئۆتكەندە ئوغلىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ  سىنىپقا بىسىپ  مۇئەللىمنى ئۇرۇپ  بەش كون تۇرمىدە يىتىپ چىققان مەمتىلى ساراڭ ئىسىمگە كىلىپ قىلىپ  بۇنىڭدىنمۇ ۋاز كەچتىم

ئەخمەتجان قۇيايلى بۇلمىسا دىدىم پەرىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئەخمەتجان ،ياق ئۇمۇ بولمايدۇ ،يۇقىرىقى مەھەللىدىكى ئەخمەت ئۇششۇقتەك ئادەم بولۇپ قالسىچۇ ؟خەققە بىر تىيىنلىق پايدىسى يۇق .پىخسىق ،ئوغرى ،ئۆتكەندە مەھەللىمىزگە توك تارتىمىز دەپ شەھەردىن چىققان توك ئشچىلىرنىڭ قۇرلۇشتا ئىشلىتىدىغان سايمانلىرىنى تىقىۋېلىپ ئشچىلار ئۇنىڭ ئۇيىدىن تېپىۋىلىپ شەرمەندە بۇلىغاندا نۇمۇسمۇ قىلىپ قۇيمىغان ،خەقنىڭ -جامائەتنىڭ نەرسە كېرەكلىرىگە قارا قۇلىنى ئۇزارتىپ شەرمەندە بۇلغان ئىشلىرى ئازمۇ؟؟دەپ بۇ ئىسىمدىنمۇ يالتىيىپ قالدىم.

-تۇغرا سادىر دەپ قۇياي ،سادىر بولسۇن دىدىم پەرىگە ،-سادىر دىدى پەرى ئويلىنىپ -ياق سادىر دەپ قويمايلى .ئالدىمىزدىكى كوچىدىكى غەنى قاسساپنىڭ چوڭ ئوغلى سادىر بىلەن ئوخشاپ قالىدىكەن .سادىر دائىم  خوتۇندىن تاياق يەيدۇ،،بىكار تەلەپ ھاراقكەش ،قىمارۋاز،،،،بولمايدۇ ،،،دىدى،،

.-مەنچۇ كۆۋرۇك قىز تۇغىمەن خۇدايىم بۇيىرىسا دىدى پەرى سەل خاپا بۇلغاندەك ..

شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا قۇيدىغان ئىسىملار تۇغرىسىدا ئويلىشىپ كەتتۇق .

-رىزۋنگۇل قۇيايلى دىدىم پەرىگە ،ياق بولمايدۇ دەپ كەسكىنلا رەت قىلدى پەرى ،كىچىك دادامنىڭ قىزى رىزۋان نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلەرسىز ؟شەھەرلىك قۇرۇق سۆلەت نان قىپى بىلەن قىچىپ كېتىپ نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدى ،كىچىك دادام قانچىلىك ئەجىر بىلەن چوڭ قىلغان ،شەھەردىكى تىببى مەكتەپتە ئوقۇتىمەن دەپ ئات -كالىلىرىنى سىتىۋەتكەنغۇ ،،رىزۋاندەك ئەقىلسىز بولوپ قالسا ھەرگىز رىزۋان دەپ قويمايمەن ...

-نۇزۇگۇم قۇيايلى دىدىم ،پەرىگە..ئۇ ئىسىممۇ بولمايدۇ ،،ئاۋۇ يۇقىرىقى كۆچىدىكى تۇختىخىندەمنىڭ قىزى نۇزۇك شەھەردىكى رىستۇرانىدا ناخشا ئېيتاتتى ،كىيىن ئىچكىردىكى رېستۇرانلاردا ناخشا ئىيتىمەن دەپ ئىچكىرگە كىرىپ كېتىپ ئىچكىرىدە نېمە ئىش قىلىپ يۇرگىنىنى بىلەرسىز ،،،دىدى پەرى قاپىقىنى تۇرۇپ ..

-ۋاي -ۋۇي پەرى نىمانداق باش قاتۇرىمىز تۇغۇلمىغان مۇزاي قۇزۇق قاقماي تۇغۇلغاندا بىر گەپ بولار ،،باشنى ئاغرىتماي ئارام ئالايلىلا ،ئورۇن سالغىنا پەرى كەچ بولوپ كىتىپتۇ دىدىم پەرىگە .ۋىيەي كوۋۇك بىرەر قېتىم سىز ئورۇن سىلىپ بىقىڭگە دىدى،قۇسۇقىنى تۇتۇپ ئاران ئورنىدىن تۇرۇپ پەرى ،،

ماقۇل مەن ئورۇن سالاي دەپ ساندۇق ئۈستىگە تىزىپ قۇيغان ئورۇننى تارتىپ ئورىۋەتتىم،،،

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 15:35:46

كۈلۈپ كۈلۈپ، ئاچچىق بىر خىل بوپ قالدىم، قەلەم قۇۋۋىتىڭ ئۆسۈۋاتىدۇ كۆۋرۈك ئۇكەم، غەيرەت قىل \"\"

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 15:42:51

سىزمۇ رىزۋانگۈلنىڭ قەھرىمانلىق ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بىرىپ قايىل قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟ ئايالىڭىز نىمە دېسە ماقۇل ، خوش ... دەپ تۇرىۋەردىڭىزمۇ ؟ ئەر كىشىنى ئۇنداق بوزەك قىلسا بولمايدۇ . \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 15:58:52

ياشار كامالنىڭ مەمەت ئاۋاق رومانىنى ئوقۇغانكەن بۇ كۆۋرۈك \"\" بوش چاغلىماڭلار بۇنى .

olive يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 16:02:54

\"\"

قۇناق ئۈزۈپ بولغاندىن كىيىن بولغان توي ھە بۇ

پەرىنىڭ قۇنىقىنى بالدۇر ئۈزۈپ ساپسەندە كىسپۇرۇش

\"\"

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 16:23:28

ئارتۇق - ئوشۇق كوڭۇل ئاغرىغى قىلغاننىڭ ئورنى يوق ........ئىنكاسىمنى ئوچۇرۋېتتىم. ئىشقىلىپ ئالدىنقى قېتىم پىنھاننىڭ دىمۇكىراتىيەنى تولاپ تۇرۇپ، مېنى چەكلەش ئۇسۇلى بەك كۇلكىلىك بوپ قالدى.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 16:35:48

مانا ئەمىسە ، باشقىلارنىڭ كەينىدىن تۆھمەت توقۇپ ، پىتنە تارقاتقىنىڭ ئۈچۈن چەكلەنگىنىڭگە توۋا قىلماي يەنە گەپ كوچىلاپ ، گەپنى ئۇلغايتىش كويىدا يۈرگىنىڭ ئۈچۈن يەنە قامىدىم .

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 21:03:27

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى بىر ئۇسلۇب ياراتقىلىۋاتىدۇ دېسەك ئارتۇقلۇق كەتمەس كۆۋرۈكنى، ھېچ بولمىسا تور ئەدەبىياتىدا بولسىمۇ يېڭىچە بىر شەكىلدەك ھېس قىلدىم. غەيرەت بۇرادەر غەيرەت.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 13:47:42

ستېر ئولۇق دەپ قۇيۇڭلار

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 17:33:14

ماۋۇ كۆرۈك چەكلەنگەن مىۋىنى بالدۇر يىگەن بولغۇيمىتى ....ئەجەپ ئاسانلا يېقىنلىشىپ قاپتىيا ئاي كۈنى  {:92:}   {:92:}   {:92:}  \"\"

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 18:33:46

ئويغا سېلىپ قويدىڭىزغۇ كۆۋرۈكجان، ما يازمىڭىز بوش يازما ئەمەس جۇما، بىرەر مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنىڭ ھەيئىتى بولسام قىسقىلىقىغا قارىماي 1- دەرىجىگە تەۋسىيە قىلاتتىم.

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 18:57:55

9- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئويغا سېلىپ قويدىڭىزغۇ كۆۋرۈكجان، ما يازمىڭىز بوش يازما ئەمەس جۇما، بىرەر مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنىڭ ھەيئىتى بولسام قىسقىلىقىغا قارىماي 1- دەرىجىگە تەۋسىيە قىلاتتىم.

ئەنۋەركا:

ماۋۇ كۆۋرۈك، مەن يازمىلىرىنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىقىدىغان «يازغۇچى» بولۇپ قالدى. زورلاپ سۈنئىي يېزىلغان، ئادەم ئاشقازىنىنى ئاغرىتىدىغان «سىنىپى كۆرەش» ماقاللىرىغا قارىغاندا مانا مۇنداق يەڭگىل يازمىلار كىشىگە ئازادىلىك بېغىشلايدىكەن.

lirika يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 20:59:49

3- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزمۇ رىزۋانگۈلنىڭ قەھرىمانلىق ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بىرىپ قايىل قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟ ئايالىڭىز نىمە دېسە ماقۇل ، خوش ... دەپ تۇرىۋەردىڭىزمۇ ؟ ئەر كىشىنى ئۇنداق بوزەك قىلسا بولمايدۇ . \"\"

پەرىنىڭ قولىدا مەن كۆۋرۈككە ۋاكالەتەن يېزىپ بەرگەن ۋەدىنامە بار ئەمەسمۇ؟ ئورۇن سالغىنىغا قارىغاندا خېلى ئەمەل قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ.\"\"

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 21:44:03

9- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئويغا سېلىپ قويدىڭىزغۇ كۆۋرۈكجان، ما يازمىڭىز بوش يازما ئەمەس جۇما، بىرەر مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنىڭ ھەيئىتى بولسام قىسقىلىقىغا قارىماي 1- دەرىجىگە تەۋسىيە قىلاتتىم.

----رەھمەت ئىلھام بەرگىنىڭىزگە ،،بۇنداق ئىلھام بەرگىلى تۇرسىڭىز ئىزدىنشنى پەرى ئىككەيلەن مۇماي بۇۋاي بولوپ ئولوپ كەتكىچە بۇلغان ئىشلارنى يازىۋىرىپ ھەر قايسىڭلارنى كۆۋرۇك دىسە ھۇ بوپ كىتدىغان قىلۋەتمەي ،،،بىكار،،،\"\"

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 22:54:31

تۇغرا مەھەللىمىزدە بىرنەچچە مەمەت بار قايسى بىرىنى مەھەممەت دەپ ئاتاۋاتىمىز قايسى بىرى شۇ ئۇلۇغ ئىسىمغا لايىق ئادەم بولدى ئاۋۇ ئاتاقلىق يازغۇچى ياشار كامال چىغىدا مەھەممەتنى مەمەت ئاۋاق دەپ يۈرسە  دىگەنلەرنى ئويلاپ بى خىيالىمدىن ئۇزىل -كېسىل ۋاز كەچتىم،مەن خىيالىمدا مۇھەممەت بۇلمىسا مۇھەممەت ئەلى دەپ قۇيارمەن دېگەن ئىدىم ،مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندىدەك كىشى بولسۇن دەپ لېكىن ئۆتكەندە ئوغلىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ سىنىپقا بىسىپ مۇئەللىمنى ئۇرۇپ بەش كون تۇرمىدە يىتىپ چىققان مەمتىلى ساراڭ ئىسىمگە كىلىپ قىلىپ بۇنىڭدىنمۇ ۋاز كەچتىم

بوش ئەدەم ئەمەسلىكىڭىزنى ھېس قىلغان .

يېزىڭە تازا ، ئادەمنى كۈلدۈرۈپ ئاندىن ئويغا سەپ قويىدىغان ھېكايىلىرىڭىزنى .

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 22:54:38

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 23:09:21

بوش ئەدەم .ەمەس جۇمۇ سىز

يېزىڭە تازا ، ئادەمنى كۈلدۈرۈپ ئاندىن ئويغا سەپ قويىدىغان ھېكايىلىرىڭىزنى .

ejel77 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 00:02:30

12- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئويغا سېلىپ قويدىڭىزغۇ كۆۋرۈكجان، ما يازمىڭىز بوش يازما ئەمەس جۇما، بىرەر مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنىڭ ھەيئىتى بولسام قىسقىلىقىغا قارىماي 1- دەرىجىگە تەۋسىيە قىلاتتىم.

----رەھمەت ئىلھام بەرگىنىڭىزگە ،،بۇنداق ئىلھام بەرگىلى تۇرسىڭىز ئىزدىنشنى پەرى ئىككەيلەن مۇماي بۇۋاي بولوپ ئولوپ كەتكىچە بۇلغان ئىشلارنى يازىۋىرىپ ھەر قايسىڭلارنى كۆۋرۇك دىسە ھۇ بوپ كىتدىغان قىلۋەتمەي ،،،بىكار،،،\"\"

        ئەمىسە ، ئۆزىڭىز كۆۋرۈك بولغاندىكىن ، قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن  تۈۋرۈك دەپلا قويمامسىز ؟! سىلەر قېرىپ بوۋاي- مۇماي بولۇپ كەتكىچە خالىغانچە يۆلىنەلەيسىلەر ، يۆلەنگىنىڭلارغا باج ئالمايدۇ ، قاپاق تۈرمەيدۇ ، ئاغزىنى بۇزمايدۇ ، تەھدىت سالمايدۇ ، ئاچچىقىڭلار كەلسە سىيىپ قويساڭلارمۇ ، تۈكۈرۈپ قويساڭلارمۇ زۇۋان سۈرمەيدۇ ، ئۆيۈڭلارنىڭ ئۆگزىسىنى تاپىنىغا تىرەپ تۇرىدۇ ، ئۆگزىگە چىقىۋالساڭلارمۇ كۆتۈرۈپ ھارمايدۇ ، كېسىۋەتمىسەڭلارلا يىقىلمايدۇ ، سەتلىشىپ كەتسە سىرلاپ قويساڭلار كۆزەڭلارنىڭ يېغىنى يەيدۇ ، ئوغرى كىرسە تۇتۇۋىلىپ باغلاپ قويساڭلار قىينايدۇ ، پەرى گەپ ئاڭلىمىسا باغلاپ قويساڭلار رەھىم قىلمايدۇ ، سېسىپ كەتمىسە سۇنمايدۇ ، زاماننىڭ كەينىدە قالمىغاندىكىن سمونت ياكى پولات قىلمىساڭلار بولمايدۇ ، ئەركىلەتكەنگە نايناقشىمايدۇ ، پۇل بەرگەنگە ئايغاقشىمايدۇ ، كالىنىڭ تېزىكىنى چاپلاپ قويسىمۇ قاقشىمايدۇ ،ئالتۇن ئېسىپ قويسا داڭشىمايدۇ ، پاشا چاقالمىغاچ ئەتراپىدا غىڭشىمايدۇ ، ھاراق - شاراپ ، تاماكىنى بىلمەيدۇ ، تانسا ئوينىيالمايدۇ ، كەچتە دېباغا قاچالمايدۇ ، كۈلەلمەيدۇ ، ياش تۆكەلمەيدۇ ، سەۋر قىلىشتا ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ ، << كەيفا >> كەلمىسىلا ئورنىدىن مىدىرلىمايدۇ ، تۈۋرۈك بولغاچ تەقدىردىن قاقشىمايدۇ ، شەھۋەت دېگەننى بىلمەيدۇ ، ئشىق ئوتىدا كۆيمەيدۇ ، باۋما ماركىلىق ماشىنىنى كۆزگە ئىلمايدۇ ، خىزمەت ئىزدىمەيدۇ ، خىزمىتى بارغا كۆيمەيدۇ ، پەقەت ئاللاھقىلا تەسبىھ ئىېيتىپ تۇرىدۇ ، ئاھ... تۈۋرۈك دېگەن ئاجايىپ نەرسىكەنغۇ زادى !!!

     بولدى تۈۋرۈك دەپلا قويۇڭە ، كۆۋرۈك !

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 08:13:25

كۆۋرۈك ئۇكا,ھەممىدىن بەك رىتا غا يارىغان ئوخشايدۇ جۇمۇ ئەسەرلىرىڭ,قارغىنا ئەكىس سادانىڭ كۈچلۈكلىكىگە,ماڭغىمۇ يارايتى ئەسەرلىرىڭ بۇرۇندىن  {:90:}   {:90:}

rawajtap يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 08:27:37

16- قەۋەتتىكى ejel77نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئويغا سېلىپ قويدىڭىزغۇ كۆۋرۈكجان، ما يازمىڭىز بوش يازما ئەمەس جۇما، بىرەر مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنىڭ ھەيئىتى بولسام قىسقىلىقىغا قارىماي 1- دەرىجىگە تەۋسىيە قىلاتتىم.

----رەھمەت ئىلھام بەرگىنىڭىزگە ،،بۇنداق ئىلھام بەرگىلى تۇرسىڭىز ئىزدىنشنى پەرى ئىككەيلەن مۇماي بۇۋاي بولوپ ئولوپ كەتكىچە بۇلغان ئىشلارنى يازىۋىرىپ ھەر قايسىڭلارنى كۆۋرۇك دىسە ھۇ بوپ كىتدىغان قىلۋەتمەي ،،،بىكار،،،\"\"

        ئەمىسە ، ئۆزىڭىز كۆۋرۈك بولغاندىكىن ، قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن  تۈۋرۈك دەپلا قويمامسىز ؟! سىلەر قېرىپ بوۋاي- مۇماي بولۇپ كەتكىچە خالىغانچە يۆلىنەلەيسىلەر ، يۆلەنگىنىڭلارغا باج ئالمايدۇ ، قاپاق تۈرمەيدۇ ، ئاغزىنى بۇزمايدۇ ، تەھدىت سالمايدۇ ، ئاچچىقىڭلار كەلسە سىيىپ قويساڭلارمۇ ، تۈكۈرۈپ قويساڭلارمۇ زۇۋان سۈرمەيدۇ ، ئۆيۈڭلارنىڭ ئۆگزىسىنى تاپىنىغا تىرەپ تۇرىدۇ ، ئۆگزىگە چىقىۋالساڭلارمۇ كۆتۈرۈپ ھارمايدۇ ، كېسىۋەتمىسەڭلارلا يىقىلمايدۇ ، سەتلىشىپ كەتسە سىرلاپ قويساڭلار كۆزەڭلارنىڭ يېغىنى يەيدۇ ، ئوغرى كىرسە تۇتۇۋىلىپ باغلاپ قويساڭلار قىينايدۇ ، پەرى گەپ ئاڭلىمىسا باغلاپ قويساڭلار رەھىم قىلمايدۇ ، سېسىپ كەتمىسە سۇنمايدۇ ، زاماننىڭ كەينىدە قالمىغاندىكىن سمونت ياكى پولات قىلمىساڭلار بولمايدۇ ، ئەركىلەتكەنگە نايناقشىمايدۇ ، پۇل بەرگەنگە ئايغاقشىمايدۇ ، كالىنىڭ تېزىكىنى چاپلاپ قويسىمۇ قاقشىمايدۇ ،ئالتۇن ئېسىپ قويسا داڭشىمايدۇ ، پاشا چاقالمىغاچ ئەتراپىدا غىڭشىمايدۇ ، ھاراق - شاراپ ، تاماكىنى بىلمەيدۇ ، تانسا ئوينىيالمايدۇ ، كەچتە دېباغا قاچالمايدۇ ، كۈلەلمەيدۇ ، ياش تۆكەلمەيدۇ ، سەۋر قىلىشتا ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ ، << كەيفا >> كەلمىسىلا ئورنىدىن مىدىرلىمايدۇ ، تۈۋرۈك بولغاچ تەقدىردىن قاقشىمايدۇ ، شەھۋەت دېگەننى بىلمەيدۇ ، ئشىق ئوتىدا كۆيمەيدۇ ، باۋما ماركىلىق ماشىنىنى كۆزگە ئىلمايدۇ ، خىزمەت ئىزدىمەيدۇ ، خىزمىتى بارغا كۆيمەيدۇ ، پەقەت ئاللاھقىلا تەسبىھ ئىېيتىپ تۇرىدۇ ، ئاھ... تۈۋرۈك دېگەن ئاجايىپ نەرسىكەنغۇ زادى !!!

     بولدى تۈۋرۈك دەپلا قويۇڭە ، كۆۋرۈك !

ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ...

ئەسەردىن قالسا ماۋۇ ئىنكاس بەكرەك ئادەمنىڭ مۇشۇ خۇدىنى يوقىتىۋاتقان نېرۋىلىرىنى غىدىقلايدىغانلا ئىنكاس بوپتۇ.....

تۇز، تەم-خۇرۇچلىرى خېلى جايىدا تەڭشىلىپتۇ....

بەت: [1] 2
: توغۇلمىغان موزايغا قۇزۇق قىقىپتىمەن(كۆۋرۈك)