Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 08:33:53

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ساغلاملىق


بۇ بەكلا چوڭ تېما بولۇپ ئەتراپلىق يورۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ، مېنىڭ بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىم ئىسلام ئەقىدىسىنى يادىرو قىلغان دىنىي ئەھكاملارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقماقچىمەن.


تېمىنىڭ تەرەققىياتى تۆۋەندىكى كىچىك سەھىپىلەر بويىچە ئىزاھلىنىپ ماڭىدۇ:


1.مەنىۋى ھوزۇر - ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسىغا بولغان ئىشەنچ ۋە يۆلنىشتىن بولغان خاتىرجەملىك، قىيىنچىلىق كۈنلەردە سەبرى قىلىش، قانائەت، دۇئا ۋەھاكازالار


2. ياشاش ئادىتى - بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرۇش، تەرتىپلىك 5 ۋاقىت ناماز، رامىزان،شەھۋەتكە بىرىلمەسلىك، زىنا-پاھىشە، شاراپخورلۇق، قىمارۋازلىقلاردىن ساقلىنىش، كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالماسلىق، سەبرى-قانائەت، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىقلارنى يامان كۆرۈش، تېرىشچانلىق، ھورۇنلۇقنى يامان كۆرۈش، ئۆز رېسقىغا تايىنىپ تېرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ھالال ياشاش...


3.پاكىز، ھالال يېمەكلىكلەر - شۈبھىدىن خالىي پاكىز يېمەكلىكلەر، سالامەتلىككە زىيانلىق نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتۇش...


4.تازىلىق - مىسۋاك ئىشلىتىش، كىيىم-كېچەك، بەدەن تازىلىقى، ھويلا-ئارام، كوچا-كويلارنىڭ تازىلىقى...


5. تەبىئەتكە كۆڭۈل بۆلۈش - كۆچەت تېكىپ يېشىللاشتۇرۇش، دەل-دەرەخلەرنى قالايمىقان كەسمەسلىك، قۇشلار ۋە قۇرۇت-قوڭغۇزلارغىچە ئازار يەتكۈزمەسلىك، موھىتنى بۇلغىماسلىق....


6.جامائەتچىلىك ئېڭى ۋە قىرىنداشلىق - چۈشكۈنلۈك، بۇرۇقتۇرمىلىق، غىرىپلىقتىن خالىي - ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلۈپ ھالىغا يېتىشىدىغان، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ياردەم قىلىشىدىغان، ھەر خىل روھىي بېسىملاردىن خالىي قىلالايدىغان، مىھرى-مۇھەببەتكە تولغان قوشنىدارچىلىق ۋە جامائەت توپى...


7.ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى


............................................


يۇقۇرقىلار مەن توختالماقچى بولغان تېمىنىڭ شەكلەن قۇرۇلمىسى بولۇپ ھازىرچە كاللامغا كەلگىنى بويچە شۇنداقلا يېزىپ تۇردۇم، قالغىنى تەپسىلىي مەزمۇنىنى يېزىشقا باشلىغاندا بەزى تەرتىپلەر ئۆزگەرتىلىشى ۋە ياكى يېڭىدىن قوشۇلىشى مومكىن. قوشۇپ تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارالغانپىكىرلەر بولسا ئورتاقلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. تېما ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن ئاز-ئازدىن يېزىپ ئۇدۇللۇق يوللىنىشى مومكىن. بۇ تېخى يېزىلمىغان، لىكىن تەييارلىق كۆرىلىۋاتقان تېما بولغاچقا تورداشلارنىڭ ئالدىراتماسلىقىنى، پايدىلىق ماتېرياللار بولسا تەمىن ئىتىشىنى سورايمەن.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 14:20:05

ئىسىل ئىشقا تۇتۇش قىپسىز ھەسەلچىكا \"\"

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 14:53:35

ياخشى تىما ئىكەن \"\"

olive يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 16:15:19

تېما يېزىپ سەكسەن خالتىغا بىلەت تاشلاپ قۇيۇشنىڭ گىپىنى قىلامدىكىن دىسەم \"\"

birdil يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 10:55:30

ئاللاھ مۆمىنلەرگە سالامەتلىك بېغىشلىغىچىدۇر. نامازنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى ھەققىدە ھېس قىلغانلېرىمنى دەپ باقاي. دائىم ناماز ئوقۇپ تۇرغان كىشىنىڭ يۈزلېرى نۇرلۇق، گەپ سۆزلېرى خۇشخۇي كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ كۈندە ئاز دېگەندە بەش قېتىم يۈزىنى يۇيغاچقا يۈز تېرىسىمۇ ئىنتايىن نۇرلۇق بولىدۇ. ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش ۋاقىت قارىشى سۇس، ئېزىلەڭگۈلەردىن ئەمەس. بويۇن ئادەمنىڭ ئىككىنچى يۈزى دەپ قارالغان. دائىم ناماز ئوقۇپ تۇرغان كىشىنىڭ بوينىغا قورۇق چۈشمەيدۇ. چۈنكى ئۇ بىر كۈندە ئەڭ ئاز دېگەندە بوينىنى 11 قېتىم تولۇق ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. بوينىدا سۆڭەكمۇ ئۆسۈپ قالمايدۇ. بەلدىمۇ ھەم شۇنداق.سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش كېسىلى ھازىر كۆپ كۈرىلىۋاتىدىغۇ. كۈندە ئاز دېگەندە پۇت تاپىنىنى بەش قېتىم يۇيىدۇ. بۇنداق بولغاندا مېڭىگە قان چۈشۈش، يۇقىرى قان بېسىم، خامۇشلۇق قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.تۇنجى ئىنكاسىم مۇشۇنچىلىك، قالغىنىنى كىيىنكى قېتىمدا داۋاملىق يوللايمەن.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 11:04:57

ياخشى تېمىغا تۇتۇش قىلىپسىز، ئەمىسە ئاخىرىنى ساقلايمىز.

nagayi1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 11:24:46

شۇنداق. ئادەمنىڭ روھىي ۋە تەن ساغلاملىقىغا قايسى يولنىڭ قانداق تەسىرلىرى بولىدىغانلىقى جەھەتتىن تەھلىل -تەتقىق قىلغاندا، ئىسلام دىنىدا، مەيلى ئەقىدىنىڭ بولسۇن ياكى بارلىق ئەھكاملارنىڭ بولسۇن ، ئادەم ئۈچۈن «ساغلاملىق» دەيدىغان مۇشۇ جەھەتكىمۇ نۇرغۇن ھېكمەتلەر يۇشۇرۇنغان. ئادەم ساغلاملىقىغا ئەڭ پايدىلىق يول ئىكەنلىكىنى ھېس قىپسىز. شۇنداق، بۇ دىننىڭ ئىچىگە كىرگەن شۇنداقلا، بۇ دىننى قۇبۇل قىلىپ شۇنىڭ ئىچىدە تۇرغان ئادەم شۇ ھېكمەتلەرنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.

تىمىنى ياخشى باشلاپسىز. ئىلمىي جەھەتتىن بۇ يولنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىمۇ ئەڭ ئىلغار بىر يول ئىكەنلىكىنى تورداشلارغا يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقانلىقىىڭىزغا ئاللاھ مەدەت بەرگەي.

ئىنسانلار توپلىشىپ ئارىلىشىپ ياشايدىغان بولغاچقا ، يەككە تەننىڭ ساغلاملىقى بىلەن جەمىيەتنىڭ ساغلاملىقىنىڭمۇ مۇناسىۋىتى بولغاچقا ، بۇ ھېكەمتلەرنى چۈشەندۈرۈشكە خېلىلا كۈچ كېتىدۇ.

ئىسلام دىنى- ئۇيغۇرچە ئاتىغاندا تېنىچلىق يولى دەپ ئېلىشقا بولىدۇ. يەنى ئىنسانلارنىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن، شۇ توپلىشىپ ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەتىنى قوغداشقا ئەڭ ئەڭ تۇغرا بولغان، بەلگىلىمىلەر بولىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسەن شۇنى نىشان قىلىپ بەلگىلىمە تۈزسىمۇ، ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ ئادىل بولغان بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈشكە ھامان ئاجىز كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن جەمىيەتنىڭ ھەقىقى تېنىچلىقى نىشان قىلىنىدىغان ئادىل بەلگىلىمىلەر تۈزۈلمەي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدىغان ئىشلارنىڭ چەكلىنىش سالمىقى تۆۋەن بولىدۇ. ياكى يول قويىدۇ.ئەقىدىسى ساغلام بولمىغاندا، روھىيىتى ساغلام بولمىغاندا، جەمىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان سالىدۇ، ھەم شۇ جەمىيەتتە، يەككە تەنلەرنىڭ روھىيىتى ۋە تەن ساغلاملىقىغا تەسىر قىلىدىغان مۇھىت ھازىرلىنىدۇ. يەككە تەننىڭ روھىي ھەم تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىنىڭ ساغلاملىقىنىڭمۇ ناھايىتى مۇھىم بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس.

ئىسلام دىنى ئەقىدە يەنى ھەممە ئىش-ھەركەتنىڭ يىلىتىزى بولغان ئەقىدىدىن باشلاپلا، مەيلى يەككە تەننىڭ ساغلاملىقى بولسۇن، ياكى پۈتۈن جەمىيەتنىڭ روھىي ھەم تەنلەرنىڭ ساغلاملىقى بولسۇن، ھەممىگە ئەڭ پايدىلىق بولغان يولنىڭ مۇشۇ يول ئىكەنلىكىنى سەمىمىي كىشىلەر چوقۇم چۈشىنىپ يېتىدۇ.

تەن ساغلاملىقى ، ياخشى ئەخلاق قاتارلىق ئىنسانلارغا پايدىلىق تەرەپلىرىنى، (مۇسۇلمان كىشى ئۇنى كۆزلىمىگەن بولسىمۇ،) مۇشۇ يولنى تاللاپ شۇ يولنىڭ بارلىق ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ ماڭسىلا تەبى ھالدا شۇ پايدىلارغا ئېرىشىدۇ. ھەم نامايەن بولۇپ چىقىدۇ، ئەڭ چوڭ پايدىنى تېخى ئاخيرەتتە ئالىدۇ.

بىز ناماز ئوقۇش بولسۇن، روزى تۇتۇش بولسۇن، بۇ ئىشلارنى قىلغاندا ھەرگىزمۇ تەن ساغلاملىقىمىزغا پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا، شۇ پايدىغا ئېرىشىشنى نىيەت قىلىپ بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىمايمىز. بىزنىڭ نىيەت-نىشانى قىلىدىغىنىمىز، ئاخىرەتتىكى پايدا. نەتىجىدە بۇ دۇنيادىمۇ ئەنە شۇنداق بىز ئويلمىغان پايدىلارنى ئالىمىز.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 17:40:03

بۇنى سىلى يازاملار يا تورداشلار يازامدۇق؟{:92:}

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 17:50:29

بۇ چوڭ تېمىكەن . ياخشى باشلاپسىز، تىرىشىپ بېقىڭ . قارىغاندا قەشقەردە ئېچىلىۋاتقان ئۇزۇقشۇناسلىق كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان ئوخشىمامسىز؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 18:49:14

8- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ چوڭ تېمىكەن . ياخشى باشلاپسىز، تىرىشىپ بېقىڭ . قارىغاندا قەشقەردە ئېچىلىۋاتقان ئۇزۇقشۇناسلىق كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان ئوخشىمامسىز؟



قەشقەردىكى ئۇ كۇرۇستىن خەۋەرسىز ئىكەنمەن. ئاشۇنداق كۇرۇسلار بولسا بالدۇرراق خەۋەر تېپىپ قالسام بولىتتى، قەشقەر ياكى ئۈرۈمچىنىڭ قايسىسىدا بولسا بولىۋېرەتتى.

kokoyun يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 19:28:20

تولىمۇ ئەھمىيەتلىك چوڭ تېمىغا تۇتۇش قىپسىز،ئاۋال توردا ئاندىن ئىمكانىيەت يار بەرسە رەتلەپ كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇكەن. ھېرىپ قالمىغايسىز!ئاللا سىزگە مەدەت بەرگەي!!!

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 08:24:55

بەك ياخشى تېمې بولۇپتۇ! ئۇلۇق ئاللاھ تېمىڭىزغا بەرىكەت، قەلىمىزگە ھەرىكەت ئاتا قىلسۇن!

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 11:12:00

9- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



قەشقەردىكى ئۇ كۇرۇستىن خەۋەرسىز ئىكەنمەن. ئاشۇنداق كۇرۇسلار بولسا بالدۇرراق خەۋەر تېپىپ قالسام بولىتتى، قەشقەر ياكى ئۈرۈمچىنىڭ قايسىسىدا بولسا بولىۋېرەتتى.





http://ad.nur.cn/ulinix.cn/2012/saghlam/


بۇ كۇرسنىڭ قەشقەر ھەم ئۈرۈمچىدە تەربىيەلەش نۇقتىلىرى باركەن. ئالاقىلىشىپ بېقىڭ. مۇشۇ ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈنمۇ ئەسقاتىدىغان كۇرس ھەم كېنىشكىدەك قىلىدۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 14:56:42

12- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



قەشقەردىكى ئۇ كۇرۇستىن خەۋەرسىز ئىكەنمەن. ئاشۇنداق كۇرۇسلار بولسا بالدۇرراق خەۋەر تېپىپ قالسام بولىتتى، قەشقەر ياكى ئۈرۈمچىنىڭ قايسىسىدا بولسا بولىۋېرەتتى.





http://ad.nur.cn/ulinix.cn/2012/saghlam/


بۇ كۇرسنىڭ قەشقەر ھەم ئۈرۈمچىدە تەربىيەلەش نۇقتىلىرى باركەن. ئالاقىلىشىپ بېقىڭ. مۇشۇ ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈنمۇ ئەسقاتىدىغان كۇرس ھەم كېنىشكىدەك قىلىدۇ.



ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشتىم، تەشەككۈر ئۆزلىرىگە!

nagayi1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 21:46:47

ئوقۇشقا كېتىپ تېمىنى بۇ مۇشۇنداقلا تۇختۇتۇپ قۇيامسىز؟
بەت: [1]
: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ساغلاملىق