bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 07:33:01

مېڭە ئۆسمىسىدىن مەسلىھەت سورايمەن



مېنىڭ نەۋرە ئىنىم قەشقەر شەھىرىدىكى مەلۇم ماي قاچىلاش ئورنىدا خىزمەت قىلاتتى، بۇ يىل بېشىدا  ئاتۇشلۇق ئۈچ زىيالىي يىگىت ماي قاچىلاش ئۈچۈن كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئانىسىدەك خىزمەتچىگە ماز چاخچاقلارنى قىلغان. ئىنىم چىقىپ ئۇلارنى توسقان، بۇ ئۈچ ئاتۇشلۇق مەست بولغاچقا، ئىنىمنى ئۇرۇپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ قېچىپ كەتكەن، ئىنىم دوختۇردا يېتىپ داۋالىنىپ چىققاندىن كىيىن نورمال خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان.


     ئارقىدىنلا ئاتۇشتىكى مەلۇم ماي قاچىلاش ئورنى قېلىن قار سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئۈچ ئادەم قازا قىلغان ۋەقە يۈز بەرگەندە مەركەزدىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كېلىپ تەكشۈرگەن ۋاقىتتا ئىنىمنىڭ زىيانغانلىق ئەھۋالىمۇ بىر تەرەپ قىلىنغان، ھېلىقى ئۈچ ئاتۇشلۇق قەشقەر جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ سولانغان، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇدۇل ئىنىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپ يالۋۇرغان. ئىنىم قەتئىي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى دېگەن.


   بۇ ئۈچ خۇمسىنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولۇپ، قانۇن بويىچە 15 كۈن توختىتىپ قويۇلسا، خىزمەتتىن ھەيدىلىدىغان بولغاچقا، ئاتا-ئانىسى قەشقەر ۋە مەركەزدىكى ئارقا تېرەكلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىنىمنىڭ دادىسىغا سوت، ج خ ئورۇنلىرى ئارقىلىق بىسىم قىلغان. بۇ نەۋرە ئىنىمنىڭ دادىسى ئاخىرى ئۇلارنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ ئۈچ ئائىلە ۋەيران بولمىسۇن دەپ ئۇلار بىلەن سوت سىرتىدا مۇرەسسە قىلغان، داۋالىنىش چىقىمىدىن باشقا ھەربىرى 20000 يۈەندىن تۆلەم بەرگەن.



     لېكىن ئىنىم شۇنىڭدىن كىيىن سالامەتلىك جەھەتتە ياخشى بولالماي بىر ئاينىڭ ئالدىدا خىزمەت ئورنىدا يىقىلغان، دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۇنىڭ يامان سۈپەتلىك مېڭە ئۆسمىسى دەپ دىئاگونۇز قويۇلغان، دوخـتۇرلار ئوپراتسىيە قىلىش لازىملىقىنى ئەمما ئوپراتسىيىدىن كىيىن %70 ئەھۋالدا ئىنىمنىڭ پالەچ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىقان، دادىسى ئالدىنقى ھەپتە ئۇنى ئېلىپ ئۈرۈمچى تىببىي ئۈنۋىرىسىتىت دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ 10 كۈن تەكشۈرۈپ داۋاتلاتقان بولسىمۇ، ئاخىرىقى يەكۈن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارمۇ ئوپراتسىيە قىلىشنى ئېيتىقان، ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانسىىدىمۇ شۇ دېئاگونۇزنى قويغان،


ئاخىرى ئائىلە ئىقتىسادىي سەۋەبىدىن يەنە قەشقەرگە قايتىپ كەلدى.


      دوختۇرلۇقتىن خەۋىرى بار تورداشلاردىن سورايدىغىنىم مىللىي تىبابەت بويىچە داۋالىنىپ باقسا ئۈنۈمى بولارمۇ؟ ياكى چوقۇم ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئۆسمە تەرەققىي قىلمىغان ھالەتتە بىر مەزگىل كۆزىتىپ بېقىش كېرەكمۇ؟ سىلەرگە رەھمەت

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 14:45:28

بۇ ھەقتە مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلېرىمنى دەپ باقاي.

نەۋرە ئىنىم بۇندىن8يىل بۇرۇن مۇشۇنداق كېسەل بولغان،ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇ17ياشتا ئىدى.ئادەتتە ئۇنىڭ سالامەتلىكى شۇنداق ياخشى ئىدى،ئاتا-ئانىسىدىن ئاڭلىشىمچە شۇ ۋاقىتقىچە ئۇكۇل ئۇرغۇزۇپمۇ باقماپتىكەن.تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۆزىنىڭ كۆڭلى ئېلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئازراق ياندۇرۇپتۇ.ۋە ئانچە ئېرەن قىلماپتۇ،ئەمما شۇ كۈندىن باشلاپ ھەر كۈنى دىگۈدەك كۆڭلى ئېلىشىۋېرىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانغىغا بېرىپ تەكشۈرتسە ھېچقانداق يېرىدىن كېسەل تاپالماي،ئاخىرى مېڭىسىنى تەكشۈرۈپ مېڭىسىدە ياڭاق چوڭلۇقىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ.ھەمدە ئوپىراتسىيە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن كېسىلى بايقىلىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تىببىي ئونىۋېرسىتىت قارمىقىدىكى1-دوختۇرخانىدا ئوپىراتسىيە قىلدۇردۇق.ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى،نەۋرە ئىنىممۇ بىرەر ھەپتىدىن كىيىن كارۋاتتىن چۈشۈپ ماڭغۇدەك بولدى،يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولغاچقا نۇر بىلەنمۇ داۋالىدى،سالامەتلىكى بارا-بارا ئەسلىگە كېلىپ،ئاساسىي جەھەتتىن نورمال ئادەملەردەك يۈردى،ئەمما بۇ خوشاللىق ئۇزۇنغا بارمىدى،تەخمىنەن7-8ئايلاردىن كېسىلى قايتىدىن ئېغىرلاشتى،ھەمدە تىببىي ئونىۋېتسىتىت قارمىقىدىكى1-دوختۇرخانىدا يەنە بىر قېتىم ئوپىراتسىيە قىلىندى،بۇ قېتىملىق ئوپىراتسىيىدىن كىيىن سالامەتلىكى يەنە خېلى ياخشى بولغان بولدى،ئەمما بۇ قېتىم ئوپىراتسىيە قىلىنىپ يەنە 6ئايلاردىن كىيىن سالامەتلىكى يەنە ناچارلاشقىلى تۇردى،تەكشۈرتسەك راك ھۈجەيرىلېرى پۈتۈن بەدەنگە دىگۈدەك تاراپ كېتىپتۇ،شۇنداقتىمۇ داۋالاپ باقايلى دەپ،ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ياتاققا ئالدى،بۇ يەردە بىرەر ئايدەك يېتىپ سالامەتلىكى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى،ھەمدە دوختۇرخانا تەرەپ ئەمدى ئېلىپ كېتىپ ئوبدان كۈتىۋېلىڭلار دىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدۇق،ئۆيدە ھەر خىل يەرلىك ئۇسوللار بىلەنمۇ داۋالاپ باقتۇق،ئەمما ئامال بولمىدى،2006-يىلى ئەتىيازدا كېسىلى تۈنجى بايقىلىپ2يىلدىن كىيىن قازا قىلدى.

يامان سۈپەتلىك ئۆسمە دىگىنى بەك يامانكەن،ۋاقتىدا بايقالسا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ،ئەمما ئادەتتە بۇ كېسەل ھەقىقىي ئۆزىنى ئاشكارلىغان ۋاقتىدا ئاللىبۇرۇن بەدەننىڭ خېلى بىر يەرلېرىگە ھۈجەيرىلېرىنى تارقىتىۋەتكەن ھالاتتە بولىدىكەن.

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 20:56:36

ھەممىڭلارغا رەھمەت، ئەتە قەشقەر ئانا دىيار دوختۇرخانىسىدا ئوپراتسىيە قىلىنماقچى، سىلەردىن دۇئا تەلەپ قىلىمىز، رەھمەت.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 14:03:15

دوختۇرلۇقتىن خەۋىرى بولۇش ھاجەتسىز ، ئۇرۇق -تۇققانلىرى مۇشۇ خىل ئوپراتسىيە قىلىنغانلار بولسا دەپ باقسا بولىدۇ .

مىنىڭ قارىشىمچە دوختۇر %70 ئەھۋالدا پالەچ بولۇپ قالىدۇ دىگەن بولسا ئوپراتسىيە قىلمىغان ياخشىراق . چۈنكى ئۇلار ئوپراتسىيە قىلساق بەش يىل ياشيالايدۇ دىگەن يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بىمارلىرى ئىككى يىل ئەتراپىدىلا ياشيالايدۇ . شۇنىڭدىنلا بۇ يەتمىش پىرسەنت توقسانغا يېقىن دىگەن گەپ .

ئەڭ تىز سۈرئەتتە خوتەنگە بېرىپ دااۋلىنىش كېرەك .

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 17:54:05

2- قەۋەتتىكى taklimakan10نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ھەقتە مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلېرىمنى دەپ باقاي.

نەۋرە ئىنىم بۇندىن8يىل بۇرۇن مۇشۇنداق كېسەل بولغان،ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇ17ياشتا ئىدى.ئادەتتە ئۇنىڭ سالامەتلىكى شۇنداق ياخشى ئىدى،ئاتا-ئانىسىدىن ئاڭلىشىمچە شۇ ۋاقىتقىچە ئۇكۇل ئۇرغۇزۇپمۇ باقماپتىكەن.تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۆزىنىڭ كۆڭلى ئېلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئازراق ياندۇرۇپتۇ.ۋە ئانچە ئېرەن قىلماپتۇ،ئەمما شۇ كۈندىن باشلاپ ھەر كۈنى دىگۈدەك كۆڭلى ئېلىشىۋېرىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانغىغا بېرىپ تەكشۈرتسە ھېچقانداق يېرىدىن كېسەل تاپالماي،ئاخىرى مېڭىسىنى تەكشۈرۈپ مېڭىسىدە ياڭاق چوڭلۇقىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ.ھەمدە ئوپىراتسىيە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن كېسىلى بايقىلىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تىببىي ئونىۋېرسىتىت قارمىقىدىكى1-دوختۇرخانىدا ئوپىراتسىيە قىلدۇردۇق.ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى،نەۋرە ئىنىممۇ بىرەر ھەپتىدىن كىيىن كارۋاتتىن چۈشۈپ ماڭغۇدەك بولدى،يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولغاچقا نۇر بىلەنمۇ داۋالىدى،سالامەتلىكى بارا-بارا ئەسلىگە كېلىپ،ئاساسىي جەھەتتىن نورمال ئادەملەردەك يۈردى،ئەمما بۇ خوشاللىق ئۇزۇنغا بارمىدى،تەخمىنەن7-8ئايلاردىن كېسىلى قايتىدىن ئېغىرلاشتى،ھەمدە تىببىي ئونىۋېتسىتىت قارمىقىدىكى1-دوختۇرخانىدا يەنە بىر قېتىم ئوپىراتسىيە قىلىندى،بۇ قېتىملىق ئوپىراتسىيىدىن كىيىن سالامەتلىكى يەنە خېلى ياخشى بولغان بولدى،ئەمما بۇ قېتىم ئوپىراتسىيە قىلىنىپ يەنە 6ئايلاردىن كىيىن سالامەتلىكى يەنە ناچارلاشقىلى تۇردى،تەكشۈرتسەك راك ھۈجەيرىلېرى پۈتۈن بەدەنگە دىگۈدەك تاراپ كېتىپتۇ،شۇنداقتىمۇ داۋالاپ باقايلى دەپ،ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ياتاققا ئالدى،بۇ يەردە بىرەر ئايدەك يېتىپ سالامەتلىكى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى،ھەمدە دوختۇرخانا تەرەپ ئەمدى ئېلىپ كېتىپ ئوبدان كۈتىۋېلىڭلار دىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدۇق،ئۆيدە ھەر خىل يەرلىك ئۇسوللار بىلەنمۇ داۋالاپ باقتۇق،ئەمما ئامال بولمىدى،2006-يىلى ئەتىيازدا كېسىلى تۈنجى بايقىلىپ2يىلدىن كىيىن قازا قىلدى.

يامان سۈپەتلىك ئۆسمە دىگىنى بەك يامانكەن،ۋاقتىدا بايقالسا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ،ئەمما ئادەتتە بۇ كېسەل ھەقىقىي ئۆزىنى ئاشكارلىغان ۋاقتىدا ئاللىبۇرۇن بەدەننىڭ خېلى بىر يەرلېرىگە ھۈجەيرىلېرىنى تارقىتىۋەتكەن ھالاتتە بولىدىكەن.

ئوپىراتىسىيە قىلمىغان بولسا قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەر....


تېگىپلا قويسا چاتاق دەيدىكەن...

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 18:32:57

مېنىڭ ئاپامنىمۇ لىمفا راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى، ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ، دېگەندە بىز چىشىمىزنى چىشلەپ تۇرۇپ ئۆزىمىز ئەڭ ئۆتكۈر دورىلارنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن جۇڭيى تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالىدۇق. نەتىجىدە بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ تۈگەپ كەتتى. تەكلىۋىم ئۇيغۇر تېبابەت بولسۇن، جۇڭيى تېبابىتى بولسۇن جىددىي تۇتۇپ داۋالانغاچ بىر مەزگىل كۆزىتىپ باققىنى ياخشىمىكىن، دەپ ئوويلاپ قالدىم. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت تەكلىپ. قالغانلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى دەپ باقسا ، شۇلاردىن پايدىلىنىپ زادى قانداق ئۇسۇلدا داۋالاش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئاخىرقى قارارنى شۇ نەۋرە ئىنىڭىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۆزلىرى چىقارسا مۇۋاپىق بولىدۇ ، دەپ ئويلايمەن.


ئىنىڭىزغا شىپالىق بەرگەي ، ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋىر تىلەيمەن.

tarim99 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 20:08:43

ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋەتمىسە دورا بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ،لېكىن كەسكەن بىلەن ئوپىراتسىيىدىن كېيىنكى تۇرمۇش كاپالىتى قانداق بولىدۇ، ئۇنىسى نامالۇم.ئەگەر ئوپىراتسىيە قىلىشنى ئويلىساڭلار،ئىقتىساد ياربەرسە،بېيجىڭدىكى 天坛医院گە كېلىپ قىلىڭلار،بۇ دوختۇرخانا مۇشۇ كېسەل جەھەتتە جۇڭگو نىڭ ئالدى!

bura010 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 00:09:36

سىزنىڭ ئورنىڭز نەدە؟ئەگەريامان سۈپەتلك ئۆسمە دىگەن بولسا ئەڭ ياخشى سىز باشقا جايلارغا بىرىپ يۈرمەي خۇتەنگە بېرىڭ.. خۇتەن ئىھسان دوختۇرخانسغا بېرىپ داۋالتپ كۈرۈڭ... ھەي ئىست.. منىڭ داداممۇ يامان سۈپەتلك ئۈسمە دەپ دىئاگنۇز قۇيۇپ 3 ئايدىن كىين تۈگەپ كەتتى.. ئاز كەم120000مىڭ سومغا داۋالاتتۇق.. ئەڭ ياخشى سىز خۇتەنگە بىرىڭ... مەنمۇ ئەڭ ئاخرىدا دادامنى خۇتەنگە ئاپرىپ داۋالاتقان... شۇ يەردىن كىلپ تۈگەپ كەتتى.. بەزى ئىشلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بۇيچە بۇلدۇ.. [ 15214945323..ئەگەر خالسڭىز مۇشۇ نۇمۇرغا تىلفۇن قىلپ مەسلھەت سوراڭ... ئىسمى رۇزى مۇللا... ئھسان ئۆسمە كسەللكلرى دوختۇرخانسدىكى دوختۇر.... \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\"

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 00:30:35

راك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ سىرى ‏‏- قانچە بۇرۇن داۋالانسىڭىز شۇنچە بۇرۇن ئۆلۈپ كىتىسىز-(تەرجىمە ماقالىسى)


دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 15يىلدىن مەن بۇ گەپنى نۇرغۇن بىمارلارغا ئەسكەرتىپ كەلدىم .بىراق بۇنىڭغا ئىشنىدىغانلار ئۇياقتا تۇرسۇن ،ئاڭلاشنى خالايدىغانلارمۇ چىقمىدى . بەلكىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېسىنى تاپىدىغان چېغى كىلىپمۇ قالغاندۇ . گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغاندا ،راك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۆزى پۇل تاپىدىغان بىر خىل ۋاستە بولۇپ ، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملىك كەسىپ . مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا پۈتۈن دۇنيادا راك كېسىلىنى داۋالاشتىن يىلىغا 600مىلىيارد ئامىرىكا دوللىرى كىرىم كىرىدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامىرىكا 120 مىلىيارد دوللار تاپىدىكەن .

قانداق نەتىجە راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇشتا مۇۋاپپىقىيەت قازانغانلىقنى بىلدۈرىدۇ ؟ ئامىرىكا راك كېسىلىكلىرى ئۇيۇشمىسى بىلەن ئامىرىكا ئۇنۋىرسىتىتى ئۆسمە ۋە قان سۇيۇقلىقى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ قارىشىدا داۋالاش ئارقىلىق يەنە بەش يىل ئۆمۈر كۆرەلىسە راكقا قارشى تۇرۇش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئىككىلىى ئورۇن \" راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ھىچقانداق داۋالاشنى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردىمۇ 7يىلدىن 10يىلغىچە ئۆمۈر كۆرەلەيدىغانلىقى\" نى ئىتىراپ قىلغان .شۇغنىسى بۇ تۈردىكى ماقالىلەر يىزىلغان ژورناللارنى سىلەر راك كېسەللىكى بىمارلىرى ئەمەس ، پەقەت بىزنىڭ دوختۇرلىرىمىزلا كۆرەلەيدۇ .


سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ، راك كېسىلىنى غەيرى ئۇسۇلدا داۋالاشنىڭ ئۈنۈم قىلىش نىسبىتى ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلىغا قارىغاندا ئون ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ . دىققەت ، بۇ يەردە دەۋاتقىنم \" ئۈنۈمى \" .

بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئىش ئىسڭىزدە بولسۇنكى ، ئۆسمە پەقەت بىر خىل كېسەللىك ھالىتى ، ئۇ راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچى ئەمەس . راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقىچە بۇ بىر ئازاپلىق جەريان ، بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى دەل ئاتالمىش \"ئېلىم -پەن \" . تۈگۈچنى يەنىلا چەككەن كىشى ئوڭاي يىشىلەيدۇ ، ئېلىم -پەنگە قارغۇلارچە چوقۇنمىسىڭىزلا ۋاقتى كەلگەندە كېسىلىڭزى تەبئىيلا ساقىيىپ كىتىدۇ .

مەنى مۇشۇ تاپتا ئۈچىنچى قېتىم راك كېسىلى ئېلىشۋاتىمەن . راك كېسىلىم قوزغالغاندا ھىچقانداق خىميىلىك داۋالاش ، نۇر ئارقىلىق داۋالاش ياكى ئوپراتسىيىنى قوبۇل قىلمىدىم .ئاق قان كېسىلى ، لىمفا ئۆسمىللىرىگە تاقابىل تۇرالىدىم . ئەمدىلىكتە مىڭەمدە يىلىمسىمان ھۆقەيرە ئۆسمىسى پەيدا بوپتۇ ، مىدىتسىنادا بۇ خىل ئۆسمىنى مىڭە ئۆسمىللىرىنىڭ ئىچىدىكى داۋالاش مۇمكىن بولمايدىغان بىر تۈر دەپ قارايدۇ . بەش ئاي بۇرۇن دوختۇرنىڭ دىئاگۈنۇز نەتىجىسى ماڭا ئۆلۈم ھۆكۈم قىلىپ بولغان - مىنىڭ پەقەت 10ئايلىقلا ئۆمۈرۈم قاپتىكەن .

راكقا قارشى تۇرۇش جەريانىدا مەن ئىزچىل جۇڭيى دورىللىرى ۋە ئۆكپ مىقداردىكى ۋىتامىنلارنى ئىستىمال قىلدىم . يىڭنە سانجىش ، بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئۇۋلاش ، ئەھۋالغا قاراپ داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلدىم . ھەر خىل يىمەكلىك بىلەن قۇۋەتلەش ئۇسۇللىرىنى سىناپ كۆردۈرم . دىگەندەك دەسلىپىدە كېسەللىك ئەھۋالىم ئېغىرلاپ كەتتى ، راك ھۆجەيرىللىرى تىزلىكتە لىمفا تۈگۈنى ، ئۆپكە ۋە سۆڭەككە تارقىلىشقا باشلىدى ، بىراق مەن يېقىندا لىمفا سىستىمىسى ۋە سۆڭەكتىكى راك ھۆجەيرىللىرىنىڭ تولۇق يوقالغىنىنى بايقىدىم . ئۆپكەمدىكى 6دانە ئۆسمىنىڭ پەقەت ئىككىسىلا قاپتۇ . مەن ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ ئاتالمىش خىميىلىك داۋالاش ، نۇر ئارقىلىق داۋالاش ياكى ئوپىراتسىيە قىلىشىنى قوبۇل قىلىپ باقمىدىم .

بۇ يەردە مۇنداق بىر قىزقارلىق سانلىق مەلۇمات بار ، بۇنى دوختۇردىن باشقا ئادەتتىكى كىشىلەر ھەرگىزمۇ بىلمەيدۇ . يەنە ھەر يىلى 1000 دىن ئارتۇق راك كېسىلىنى داۋالايدىغان ۋىراچ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ ، بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاران 10% لا ئۆزلىرى بىمارغا قوللانغان داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىدۇ ، مانا بۇ ئۇچۇق پاكىت . خۇددى پەقەت 20% باللىلار كېسەللىكلىرى مۇتىخەسسىلىرىلا ئۆزلىرىنىڭ بالسىغا مۇداپىئە ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندەكلا ئىش ، چۈنكى ۋاكسىنا ئەملىتىشنىڭ يۈرەك تىقلمىسى بىلەن ئۆلۈك كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ۋە ھەر خىل قوشۇمچە تەسىرىنىڭ خيىم - خەتىرى ۋاكسىنا ئەملەتمەسلىكتىن كىلىپ چىقىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خىيىم -خەتىرىدىن مۇتلەق يۇقىرى بولىدۇ . بۇ مىنىڭ سىزنى ئالدىغانلىقىم ئەمەس ، پەقەت ھەق سۆزنى دىگىنىم خالاس .

مىدىتسىنانىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پۇل ، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئەمەس . ئەڭ ئېچىنىشلىق يىرى ئۇنىڭ ئەخمەق قىلىدىغىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر ، بولۇپمۇ ياشانغانلار ،مېيىپلار ۋە نامىراتلار ، ئۇلار بىلىپ -بىلمەي قىلتاققا چۈشۈپ ، ھاياتىنى بالدۇرلا ئاياقلاشتۇرىدۇ .بۇنىڭ ئەكسىچە مىلىيۇنۇرلار شەخسى ئايرۇپىلانلىرىغا ئولتۇرۇشۇپ ياۋرۇپاغا بېرىپ تۇتاملاپ پۇل خەجلەپ غەير داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق سالامەتلىكىنى ئەسلىگە قايتۇرىدۇ .

غەيرى داۋالاش ئۇسۇلى شۇنداق ئۆنۈملىكمۇ ؟ ياق ، ئۇنداق ئەمەس . دۇنيادا مۇككەممەل شەيئى مەۋجۇت بولمايدۇ .بىراق بۇ خىل ئۇسۇل سىناپ كۆرىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ . ئەگەر كېسىلىڭىز ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالمىغانلا بولسا ، غەيرى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىشىڭىز ناتايىىن . ئەگەر راستىنلا ئەقىلىڭىز توشۇپ قالغان بولسا ، بۇنىڭغا ئەۋلىيا بولسىمۇ ئامال قىلالمايدۇ .لىكىن غەيرى داۋالاش ئۇسۇلى ھىچ بولمىغاندا سىزنىڭ ئۆمىرىڭىزنىڭ ئاخىرىدىكى تۈرمۇش سۈپىتىڭىزگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ .گەرچە ئاشۇ غەيرى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرمۇ  ئەڭ ئاخىرىدا ئۈلۈمنىڭ ئالقىنىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىسىمۇ ، ھىچ بولمىغاندا ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالايدۇ . ئۇلار خىمىيىلىك ، نۇر ئارقىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلارغا ئوخشاش بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ ، ھاياتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ھەتتا ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ ئىلغا قىلالمىغۇدەك بولۇپ كەتمەيدۇ . ئەنئەنىۋى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر ئاخىرقى باسقۇچتا راك كېسىلى تەرپىدىن قىينىلىپ چىدىغۇسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ . بەزىدە ھەتتا سىزمۇ ئالدىڭىزدا ياتقان بۇ كىشنىڭ ئەينى چاغدا روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالماي قالىسىز . ئۇلار تارتىۋاتقان روھى ۋە جىسمانىي ئازاپنى بىز مەڭگۈ ھىس قىلالمايمىز . ئۇلارغا بىرەلەيدىغىنىمىز پەقەت تۈگمەس ئۈمىتسىزلىك ، دوختۇرنىڭ تۈگمەس باش چايقىشى، \"ھەي ي... سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەس ، خىميىلىك داۋالاش، نۇر سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرساق بولغىدەك \" دىگەن سۆزىدىنلا ئىبارەت .

بۇ ئىشلارنىڭ قەبىھلىكى شۇ يەردىكى ، دوختۇر بۇ ئويۇننىڭ ھىچقانداق رولى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە سىزنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلۋاتقانلىقى !

مەن دوختـۇرلۇق كەسپى شۇغۇللانغان تۇنجى كۈنىلا ئۆزۈمگە ، تەڭرىگە قەسەم قىلغان ، ھەم ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كەلدىم .دوختـۇرلۇق سالاھىيىتخمدىن پايدىلىنىپ نام چىقىرىش ياكى بايلىق توپلاش مەقسىـتىدە بولمۇدۇم ، چۈنكى مىنىڭ باشقا دوختۇرلار بىلەن بۇنداق لاتقىدا بىللە بولغىنىپ ،ئاشۇ ھىچنىمىگە دال بولالمايدىغان ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلىنى جار سالغىم يوق .

سىزنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئەستايدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى چىن كوڭلۈمدىن ئۈمىت قىلىمەن . بەلكىم تۇرمۇشىڭىز مۇشۇ سەۋەپتىن ئۆزگىرىشى مۇمكىن .

جون كاتلىر ، مىدستسىنا دوكتۇرى ، پىسخىكا دوكتۇرى

ئۇزاق يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ مىڭسىگە \" خىمىيىلىك داۋالاش راك كېسىلىنىڭ بىردىن بىر ئۇسۇلى\" دىگەن ئىدىيە سىڭدۈرۋىتىلدى .ھازىر تۆۋەندىكى باشقىچە بولغان بىرخىل داۋالاشنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلايمىز .

1.ھەر بىر ئادەمنىڭ تىنىدە راك ھۆجەيرىسى بولىدۇ . بۇ ھۆجەيرىلەر كۆپىيىپ نەچچە يۈز مىلىيۇنغا يەتمۈگىچە ئادەتتىكى تەكشۈرۈشتە بايقىغىلى بولمايدۇ . دوختۇر راك كېسىلى بىمارلىرىغا داۋالاش ئارقىلىق ئۇنىڭ تىنىدىكى راك ھۆجەيرىسىنىڭ يوقالغانلىقىنى ئېيتىدۇ ، ئەمىليەتتە بۇراك ھۆجەيرىللىرىنىڭ سانىنىڭ ئۆلچەم قىممىتىگە يەتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن لابۇلاتىريەلىك تەكشۈرۈشتە بايقالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .

2.ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمىرىدە راك ھۆجەيرىللىرى 6قېتىمدىن 10 قېتىمغىچە پەيدا بولىدۇ .

3.بىر ئادەمنىڭ ئىمۇنىت سىسىتىمىسىنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك چاغدا راك ھۆجەيرىللىرى ئاسانلا يوقۇتۇلۇپ ، كۆپىيىشى تىزگىنلىنىدۇ ، ئۆسمە شەكىللىنىش ئىھتىماللىقىمۇ بولمايدۇ .

4.ئەگەر بىر ئادەم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولسا بۇ ئۇنىڭدا ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك مەسىلىسىنىڭ بارلىقىدىن درەك بىرىدۇ . بۇ بەلكىم ئىرسىيەتتن بولۇشى مۇمكىن ، بىراق بۇنىڭدىمۇ يەنە مۇھىت ، يىمەكلىك ، تۇرمۇش ئادەتلىرى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسرىمۇ مەۋجۇت بولىدۇ.

5.ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ئۈنۋىرسال كېسەللىكىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلماقچى بولسىڭىز ، چوقۇم ئۇزۇقلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشىڭىز لازىم . ئۇزۇقلۇق مىقدارى مول يىمەكلىكلەرنى كۆپىرەك ئىستىمال قىلىش ، ھەر كۈنى تۆت -بەش ۋاخ تاماق يىيىش ، تاماققا ئىمۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ماددىلارنى ئارلاشتۇرۇش كېرەك ..

6.ئاتالمىش خىمىيەلىك داۋالاش بەدەندىكى كۆپىيۋاتقان راك ھۆجەيرىللىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ . لىكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئېلىك ۋە ئاشقازان -ئۈچئەيدىكى كۆپىيۋاتقان ساغلام ھۆجەيرىلەرنىمۇ قوشۇپ يوقۇتۇپ تاشلاپ ، ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ .

7.نۇر ئارقىلىق داۋالاشمۇ راك ھۆجەيرىللىرىنى يوقىتش بىلەن بىر ۋاقىتتا ساغلام ھۆجەيرە ، توقۇلما ۋە ئەزالارنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش ، تاتۇق پەيدا قىلىشتەك زىيانلىق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

8.خىميىلىك ۋە نۇر ئارقىلىق داۋالاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ، ئۆسمىدە كىچىكلەش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ . لىكىن بارا -بارا داۋالاش ئۈنۈمى بىلەن داۋالاش ۋاقتى ئوڭ تاناسىپ بولماي قالىدۇ . خىمىيەلىك ۋە نۇر ئارقىلىق داۋالاش ۋاقتى كۈندىن -كۈنگە ئۇزىرايدۇ ، ئۆسمە بولسا بىمارنىڭ بەدىنىدە بارغانسىرى تىز ئۆسىدۇ .

9.ئۇزاق مۇددەتلىك خىميەلىك ۋە نۇر ئارقىلىق داۋالاش بەدىنىمىزدە نۇرغۇن زەھەرلىك ماددىلارنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئىممۇنىت سىسىتىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ ھەتتا ئۈزۈل- كېسىل بەربات قىلىدۇ .شۇڭا كىچىكىنە يۇقۇملىنىش ياكى قوشۇمچە كېسەللىك راك كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ ھاياتغا خاتىمە بېرىشكە سەۋەپچە بولۇپ قالىدۇ .

10.ئۇزاق مۇددەتلىك خمىيەلىك ۋە نۇر ئارقىلىق داۋالاش راك ھۆجەيرىللىرىدە قارشىلىق كۈچى شەكللەندۈرۈپ ، ئۇنى يوقۇتۇش بارغانچە تەسلىشىپ كىتىدۇ . ئۇنداقتا ئوپراتسىيە قىلىشچۇ ؟ كەچۈرۈڭ ، بۇ ئۇسۇل راك ھۆجەيرىللىرىنىڭ باشقا ئەزالارغا كۆچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

11.راك ھۆجەيرىللىرىنىڭ تىزلىكتە بۆلۈنىشى ۋە ئۆسۈشى زور مىقداردىكى ئىنىرگىيىگە مۇھتاج بولىدۇ ، شۇڭا راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۇزۇقلىنىشىنى كونتۇرۇل قىلىش ، يەنى مىدىتسىنا ساھەسىدىكى \"راك ھۆجەيرىللىرىنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش\" ئۇسۇلى راك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرسى .



قوشۇمچە :

راك ھۆجەيرىللىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ياردەم بىرىدىغان يىمەكلىكلەر ( ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن قىسقارتىلدى، ئەسلىدىكى خەنزۇچە ماقالىگە قارالسۇن)


1.شىكەر جەۋھىرى قوشۇلغان تاتلىق يىمەكلىكلەر .2. كالا سۈتى . 3.بېلىق ۋە توخۇ گوشىدىن باشقا گوش تۈردىكلەر . 4.كافىي ، چاي ،شاكىلات .

كۆپ ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك يىمەكلىكلەر :

1. يېڭى كۆكتات ، مىۋە سۈيى ،بۇغداي تۈردىكىلەر ، قاتتىق پوستىلىق مىۋىلەر ۋە مۇۋاپىق مىۋە -چىۋە .2 .تەركىبىدە ۋىتامىن ئى مول بولغان يىمەكلىكلەر .

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

1.راك كېسىلى ئادەمنىڭ مەنۋىيىتى ،جىسمى، روھىنى سىنايدىغان كېسەللىك بولۇپ . ئۈمىتۋار روھىي كەيپىيات راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ راك بىلەن بولغان جېڭىدىكى ئەڭ چوڭ غەلبە ياردەمچىسى .ئەكسىچە بولغاندا ، غەزەپلىنىش ، روھىسىزلىق ، ئۈمۈتسىزلىك ئادەمنىڭ تىنىدە ئىنتايىن يۇقىرى جىددىيللەشكەن كېسىلاتالىق ھالەت پەيدا قىلىپ راك ھۆجەيرىللىرىنىڭ كۆپىيىش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ . شۇڭا چوقۇم كۆڭۇلنى ئازادە تۇتۇپ ، تۇرمۇشتىن بەھۇزۇر زوق ئېلىڭ !

2.راك ھۆجەيرىللىرى ئوكسىگىنلىق مۇھىتتا كۆپىيەلمەيدۇ . ھەر كۈنى مۇۋاپىق ھەركەت قىلىپ بېرىش ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگىننى ھۆجەيرىلەرگە سىڭدۈرىدۇ. \" ئوكسىگىلىق داۋالاش ئۇسۇلى \" يەنە بىر خىل راكقا قارشى تۇرۇش ئۇسۇلىدۇر .

3.سۇلىياۋ يېڭى پېتى ساقلاش ئورالمىسغا ئورالغان يىمەكلىكنى ياكى سۇلىياۋ قاچىدىكى يىمەكلىكلەرنى مىكرو قازانلىق ئوچاققا سېلىپ قىززىتماڭ .

4.سۇلىياۋ قاچىدىكى ئىچىملىكنى توڭلىتىش ساندۇقىدا ساقلىماڭ .





بۇ ماقالىنى بۈگۈن ئاخىرى تولۇق تەرجىمە قىلىپ تۈگەتتىم . گەرچە چوقۇم مۇشۇنداق دىيىشكە بولمىسىمۇ بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارايمەن . چۈنىكى سىنا ، سوخۇ ، ئەنقا تور بىكەتلىرىدىمۇ نۇرغۇن تورداشلار بۇ ماقالىغا ياخشى باھا بەرگەنكەن . مەن باشقا مۇنبەرلەرگە ئەزا ئەمەس ، شۇڭا پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغان باشقا مۇنبەرگىمۇ ئەزا تورداشلار بولسا شۇلارغىمۇ يوللاپ قويساڭلار ، تېخىمۇ كۆپ ئادەم دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى بىلىۋالسا دەپ ئويلايمەن .

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 09:14:43

مېنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى جان جىگەر ئاغىينەم 2008- يىلى مۇشۇ مېڭە ئۆسمىسى بىلەن تۈگەپ كەتتى ، كېسەل بايقىلىپ تۈگەپ كەتكۈچە 3 ئايلا ۋاقىت ئۆتتى ، كەسپى پۇتبول ،ئۆزىمۇ شۇنداق قاۋۇل گۇيتى ، بۇرۇن ئانچە مۇنچە بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ دەيتى ، ئۇ مەزگىللەرئانچە مۇنچە بوتۇلكا تىكلەيدىغان چاغلار بولغاچقا چاقچاق قىلىپ ‹‹ ماڭە ،ساقايتىپ قويىلى ›› دەپ ئىچىپ كېلەتتۇق ، كېيىن ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپتىكەن دەسلەپكى دىئاگنوزدا قان قۇيۇلۇش دەپتۇ ، ئاسما ئوكۇل سالغۇزۇپ يۈردى ، كېيىن خىزمەت ئىشى دەپ ئالدىراشچىلىقتا بىر ئىككى ھەپتە كۆرۈشەلمىدىم ، قايتىپ كېلىپ ئاغىينىلەردىن سورىسام ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى كېتىپتۇ دىيىشتى ،ھە.... ياخشى بوپ كىتەر دەپ قويدۇق -يۇ ،بىراق قان قۇيۇلۇشقىمۇ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان گەپمۇ ؟ دەپ گۇمانلىنىپ قالدۇق ، تىلىفۇن ئۇرساق ئالمايتى ، بىرەر ئاي ئۆتمەي قايتىپ كەپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق ،ئۆيىگە باردۇق ، بارساق ئۆيدىكىلىرى ئۇ يەرگە كەتتى ،بۇ يەرگە كەتتى دەپ بىزنى يولغا سالاتتى ، تىلىفۇن قىلساق ئاكىلىرى ئېلىپ يوقلۇقىنى ئېيتاتتى، (كېيىن بىلسەك ئۇ بىز بىلەن كۆرۈشسە چىدىيالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تىلىفۇننى نەچچە قېتىم ئۆزى ئېلىپ قالسىمۇ ئۆزى يوق دىگەنىكەن ) ،شۇنداق قىلىپ كېيىن خوتەنگە ئېلىپ كەتتى دەپ ئاڭلىدۇق ، ئۇنىڭ بىلەن دىدار كۆرۈشمىگەننىڭ 3- ئېيىدا  ئەتىگەندە مەكتەپتە دىجۇرنى تۇرۇۋاتسام تىلىفۇنۇمغا خەۋەر كەلدى ...خوتەندىن ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ ، كېلەلەمسەن دەپ ... \"\" ...بارسام.........



ئەسلى بۇگەپلەرنى دەپ تېما ئېگىسىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلغۇم يوقتى ، ئېسىمگە كېلىپ قالدى ، ئىشقىلىپ مېڭە ئۆسمىسىنىڭ ئاغرىقى بەك يامان ، ئامال بار بىمارنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈپ بېرىڭلار، ئىلھام بېرىڭلار ، قالغان شىپاسىنى ئاللا بېرىدۇ .

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 16:27:55

نىمىشقا مېڭە ئۆسمە ، راك كىسەللىكلىرى بۇرۇنقىدىن كۆپلەپ كىتىۋاتىدۇ ، ياكى بۇرۇنمۇ بارمىدۇ ......



3 ھەپتە بولدى ، چوڭ دادام مېڭە راكى بىلەن ۋاپات بولدى ، ئۈرۈمچىدە 1 ئاي تۇردۇق ، ئوپراتسىيەمۇ قىلدۇق ، نەچچە ئاي ئۆمۈر كۆردى ، لېكىن تارتقان جاپاسىنى دىمەيلا قوياي ، بەك قىينالدى ....





تەرجىمە تەرجىمە قىلغان ماقالىنى ئۇقۇپ بىرەر قۇر ئۈزۈمگە تەسللىي تاپتىم ، بىزدىمۇ تۇيۇقسىز راك نىڭ پەيدا بوپ قېلىش نىسپىتى قانچىلىك !

TERJIME يوللانغان ۋاقتى 2012-11-26 20:40:06

ئانا دىيار دوختۇرخانىسدىكىلەر نىمە دەپ قايىل قىلدى ؟ ئەگەر ئىسىمدە خاتا قالمىغان بولسا ( ئەگەر خاتا ئەستە تۇتىۋالغان بولسام ئاللا كەچۈرگەي)ياشقا چوڭ تازغۇنلۇق بىر تۇققىنىمىز مۇشۇ دوختۇرخانىدا مىڭىسىنى ئوپراتسىيە قىلغان ، ئوڭۇشلۇق بولدى دەپ ئوپراتسىيىدىن چىققان بولسىمۇ تۇيۇقسىز ئىككى كۈندىن كىيىنغۇ دەيمەن تۈگەپ كەتكەن .

بۇ تىمىنى يازغانكەنسىز بولسا ئوپراتسىيدىن بۇرۇنقى دوختۇرنىڭ پىكىرى ، ئوپىراتسىيىدىن كىينكى سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئۈزۈپ قويماي يىزۋىتىڭ ، بۇمۇ سىزنىڭ بۇندىن كىينكى مۇشۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغۇچىلارغا قىلغان ياردىمىڭىز بولۇپ قالغۇسى .

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 21:01:12

ئوپراتسىيە قىلدىمۇ نەۋرە ئىنڭىزنى ؟

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 09:21:23

ماۋۇ تېمىنى نېمىشقا ئاچقاندىمەن \"\"

بىمارغا شىپالىق، ئائىلىسىگە سەۋر تىلەيمەن.

قەشقەر ئانا دىيار دوختۇرخانىسىدا مۇشۇ خىلدىكى بىر كېسەلنىڭ ئوپېراتسىيە بىلەن ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 23:06:31

نەۋرە ئىنىم ھازىرغىچە سالامەت تۇرىۋاتىدۇ. قەشقەر ئانا دىيار دوخـتۇرخانىسىدىكى مىرزاھىت دوختۇر قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ ياخشى مىڭە كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىكەن. مەن كىرەمباغ دوختۇرخانىدىكى باشقا دوختۇرلاردىنمۇ سۈرۈشتە قىلدىم. ئۇلارمۇ مىرزاھىتقا قول قويىدىكەن. باشتا ئوپراتسىيە قىلىمىز دىيشىكەن، ئەمما بىر باسقۇچلۇق كۆزىتىپ داۋالاشتا ئۆسمىدە تەرەققىي قىلىش ھالىتى كۆرۈلمىگەچكە، ئوپراتسىيە قىلماي داۋاملىق كۆزەتمەكچى بولدى.

كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا رەھمەت. ياخشىلارنىڭ ياخشى دۇئالىرىغا ھەم رەھمەت.

patem يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 10:55:18

4- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ ئاپامنىمۇ لىمفا راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى، ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ، دېگەندە بىز چىشىمىزنى چىشلەپ تۇرۇپ ئۆزىمىز ئەڭ ئۆتكۈر دورىلارنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن جۇڭيى تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالىدۇق. نەتىجىدە بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ تۈگەپ كەتتى. تەكلىۋىم ئۇيغۇر تېبابەت بولسۇن، جۇڭيى تېبابىتى بولسۇن جىددىي تۇتۇپ داۋالانغاچ بىر مەزگىل كۆزىتىپ باققىنى ياخشىمىكىن، دەپ ئوويلاپ قالدىم. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت تەكلىپ. قالغانلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى دەپ باقسا ، شۇلاردىن پايدىلىنىپ زادى قانداق ئۇسۇلدا داۋالاش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئاخىرقى قارارنى شۇ نەۋرە ئىنىڭىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۆزلىرى چىقارسا مۇۋاپىق بولىدۇ ، دەپ ئويلايمەن.



ئىنىڭىزغا شىپالىق بەرگەي ، ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋىر تىلەيمەن.


لىمفا راكى توغۇرلۇق سورايدىغىنىم بار ئىدى: دەسلەپكى ئالامىتى، قايسى جەھەتلەردە تەكشۇرتۇش ئىلىپ بىرىش كىرەك؟    دىگەندەك  .....بىلىدىغانلىرڭىزنى دەپ بەرسىڭىز بولۇپتىكەن  .




tursun12 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 10:56:46

مىنىڭ ھاممامنىڭمۇ مىڭە غولىدا ئۆسمە بار ئىدى. 4 يىل بۇرۇن تۇيۇقسىز بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىدىغان بۇلۇپ قالغان. بىز بىلمەي قان قېتىش ئوخشايدۇ دەپ داۋالاپ يۇرۈپتىمىز. كېين خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا خېزىدا تەكشۈرتسەك مېڭە غولىدىكى ئۆسمە ئىكەن دىگەن . ئولار بىز داۋالىيالمايمىز. ئۈرۈمچىگە ئاپىرىڭلار دېدى. ئۇندىن كېيىن خوتەن يېڭىھايات دوختۇرخانىسىغا ئاپاردۇق ئۇلار ئوپراتسىيە قىلايلى دىدى. بىز ۋىلايەتتە بولمايدۇ دىگەننى بۇلارنىڭ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىدۇق. ئۇندىن باشقا باشقىلار بۇ دوختۇرخانىدا مىڭىسىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرغانلارنىڭ تولىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى دىدى.  ئۇندىن كېيىن ئۆيدە ئاز تولا دورا يەپ كۈتۈندى. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېين قايتا تەكشۈرتتۈك . مېڭىدىكى ئۆسمە قايتا چوڭايمىغانلىقىنى دىدى. مەنمۇ ئىككى قېتىملىق خېزىدا تارتقان رەسىمنى كۆرگەن ھەر ئىككىلا قېتىمدا باشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياڭاقچىلىك چوڭلۇقتا ئۆسمە كۆرىنەتتى. كېين خوتەن ئېھسان دوختۇرخانىسىدا 40 كۈن داۋالاندى. ئانچە ئۈنۈمى بولمىدى.  مانا 5 يىل ئۆتۈپ كەتتى .. ھاممام دەسلەپتە ئۆزى ماڭالايتتى. ھازىر كارىۋاتتىن چۈشەلمەيدۇ... خۇدا ساقلىسۇن بۇنداق ئېغىر كىسەللەردىن. ئازاپلاردىن. سىلەرگە تەۋسىيەم. تۇرمۇش ئادىتىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. گۇناھ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. بۇ ھاممامنىڭ 30 يىللىق موخۇركا (تاماكا) چىكىش تارىخى بار ئىكەن. ھازىر 50 ياشقا كىردى.

qehwe يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 11:36:13

مەن بۇ خەتلەرنى يېزىۋاتقاندا كۆز يېشىم تارام تارام.،...مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىم.ئەڭ مېھرىبان كۆيۈمچان باغرى ئىللىق داەام دەل مۇشۇ يىل 10ئاينىڭ 18 مۇشۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن قازا تاپتى.ئۇلۇغ ئاللا دادامنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلسۇن!


مېنىڭ دادام 2011-يىلى 5ئاينىڭ ئوتتۇر؛لىرى دىئاگنوز قويۇلغان،.ئەينى ۋاقىتتا مەن شاڭخەيدە بولغاچقا شۇ يەردىكى داڭلىك دوختۇر؛لاردىن تارتىپ مەسلەھەت سورىمىغان ئادەم قالمىدى،نۇرغۇن ماتىريال كۆردۈم.ئۇ چاغدىكى ئازابنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس،دادامنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىمكىن ئۇنىڭدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قېلىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن.شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئوپراتسىيە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق،چۈنكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بىردىنبىر داۋالاش ئۇسۇلى مۇشۇ ئوراتسىيە ئىكەن基因治疗دېگەنداەك داۋالاشلار تېخى تەتقىقات باسقۇچىدىكەن،بۇ كېسەلگە دۇنيادا داۋا يوق ئىكەن.ئاللادىن تىلىدۇق،.لېكىن سەۋەپ قىلماي بولمايتتى،ئاخىرى كېسەل بايقىلىپ بىر ھەپتىگىچە ئۈرۈمچى خەلق دوختۇرخانىسىدا .ئورۇنلاشتۇق،قايتا تەكشۈرۈشتى،دوختۇرلار يەنىلا شۇ كېسەلكەن،ئئوپراتسىيە قىلىش كېرەك،قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى دىدى،شۇنداق قىلىپ 6ئاينىڭ 7سى ئوپراتسىيە قىلىندى،دادام ئوپراتسىيەدىن چىققاندا باش قىسمى تېڭىلغان،سول تەرىپى ھەركەت قىلالمايدىغان ھالەتتە ئىدى.؛لېكىن دوختۇرلار ئوپراتسىيەنىڭ ناھايىنى ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى ئېيتىشنى،ئاللاغا شۈكرى دىدۇق،شۇنداق قىلىىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن نەتىجە چىقتى،4جى دەرىجە ئىكەن ئۆسمە دەرىجىسى،يەنە بىر قېتىم يىغلاشتۇق،ئاللادىن تلىدۇق،داۋالاشنى داۋام ئەتتۇق،ئوپراتىسىيە قىلىنىپ 15كۈندىن كېيىن نۇر بىلەن داۋالاش بىلەن تەڭ خىمىيىلىك دورا يىيىشنى باشلىدى،بۇ جەرياندا دادامنىڭ تارتقان ئازابلىرى،بىزنىڭ كۆز ياشلىرىمىزنى دىمەيلا قوياي،ئاللا ئۇ كۈنلەرنى بەندىسىگە كۆرسەتمىسۇن.شۇنداق قىلىپ بىرەر ئايلاردىن كېيىن دادام ماڭالايدىغان بولدى،دوىتۇرخانىدا ساپمۇساق ئىككى ئاي داۋالانغاندىن كېيىن ئىككى ئايلىق خىمىيەلىك دورىنى ئېلىپ قايتتۇق.يەنى شۇ 替莫唑胺،ئاللاغا شۈكرى دادام سەللىمازا ساقايدى،ھەممە يېرى نورمال ئىدى.ئاللاغا مىڭ ھەمدۇسانالارنى ئېيتتۇقيۇ يۈرىكىمىزنىڭ بىر يېرىدە ئەنسىرەش،چۈنكى بۇ كېسەل 100%复发.پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا بار ئىدى خالاس،شۇنداق قىلىپ ئىككى ئايدا بىر يەنە شۇ خەلق دوختۇرخانىسدا قايتا تەكشۈرتۈپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى،ئاللاغا شۈكرى،بۇ  بىر يىل جەريانىدا دادامنىڭ ھەر ئايدىكى 5كۈن خىمىيىلىك دورا يىگەندىكى ئازابىنى دىمىگەندە ئىككى ئايدىكى بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىپ بولغۇچىلىك ۋاقىتتىكى بىزنىڭ جىددىلىشىش ئەنسىرىشىمىزنى دېمىگەندە ئاللاغا شۈكرى،تولىمۇ ياخشى ئۆتتۇق.بۇ يىل 7ئايدا يەنە تەكشۈرتكىلى كەلدۇق،دوختۇر مۆجخزە خارەكتىرلىك ئ.ىش بولغىنىنى،.ھېچقانداق قايتا ئۆسۈش ئەھۋالىنىڭ يوقلىقىنى،خىمىيىلىك دورىنى داۋاملىق يىيىشىمىزنى ئېيتتى،چۈنكى دادامنىڭ ئۆسمىسى 4جى دەرىجە بولغاچقا دوختۇر تىز بولسا بىرەر ئىككى ئايدا كېيىن بولسىمۇ 6ئايدا ئەسلىدىكى چوڭلۇقتا ئۆسۈپ بولىدۇ،ئەڭ ئۇزق بولغاندا بىرەر يىل ئۆمۈر كۆرىلەيدۇ دەپ ئېنىق ئېيتقانتى،شۇنچىلىك خۇرسەن بولدۇق.ئاللاغا ھەمدۇسانار ئېيتتۇق.ھەتتا بەزىدە دەادامنىڭ مېڭە ئۆسمىسى ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتاتتىم.چۈنكى ھەممە شۇنچىلىك نورمال.لېكىن 8ئايدىن كېيىن دادام بەك ئاجىزلاپ كەتتى،ماڭسا سەنتۈرلۈپ كېتەتتى،پۇتۇمدە ماغدۇر يوق دەپ،خىمىيىلىك دورىنى توختاتتۇق.يەنە تەكشۈرتتۇق،ھەممە يەر شۇنداق نورمال،لېكىن مېڭە يىگىلەش ئېغىر،مېڭىنىڭ نورمال توقۇلمىلىرىدە ئۆلۈش ئەھۋالى ئېغىر.يەنە پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىز.كېيىن 9ئايلارنىڭ ئوتتۇرىدا دادام پۈتۈنلەي ماڭالمىدى،دوىتۇرغا ئاپاردۇق،يەنە كېسەلنى تاپالمىدى،ھەممە تەكشۈرۈش نەتىجىىسى نورمال،دادام ماڭالمىغاننى ھېساپقا ئالمىغان باشقا يەر ياخشى ئىدى.يەنە شۈكرى دېدۇق،.10ئاينىڭ 3كۈنى تويۇقسىز گەپتىن قالدى،نەپەس قىيىنلىشىپ،دادام ئاجىزلاشقاندىن باشلاپ بەلغەم جىق ئىدى.شۇ كۈنى نەپەسمۇ قييىنلاشتى،ئۆزگۈرۈش شۇنچىلىك تىز،دەرھال دوختۇرغا ئاپاردۇق،icuغا ئالدى،.رەھمەتلىك دادام ھوشسىز ھالەتتە دوختۇرخانىدا 15 كۈن ياتتى،كۈندە يېرىم سائەتلا كۆرەلەيتتۇق.دادام ھوشسىز،ئۆپكە ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملانغان دىيىشتى،دوختۇرلار ئەمدى ئامال يوق.تەييارلىق قىلىڭلار دىدى،بۇ ئازابنىمۇ دىيىشكە تىلىم بارمايدۇ،مۇشۇ تاپتا ئۆكسۈپ كېتىپ بارىمەن.شۇنداق قىلىپ 18چىسلا ئەتىگەن دادامدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدۇق.ئاللا دادامنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن!


دادام شۇ كېسەل ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن تارتىپ دادام ئالەمدىن ئۆتسە مەنمۇ ياشىيالارمەنمۇ دەپ ئويلىغان.زار زار يىغلىغان،كەتكەنننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمايدىكەن،.يىغلىدۇق.زارلىدۇق.يەنە ئاش نان يەپ ياشىماي بولمىدى،

qehwe يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 11:40:11

ئۇاف،شۈكرى ئالللا،مەن ئۆزەم بىئولوگىيە ئوقۇغان.دادام مېڭە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ماتىرياللارنى كۆرۈپتىمەن.ھازىر ئالدىراش بولۇپ قالدىم .قالغىنىنى ھېلى يازاي.ئىشقىلىپ ئاللادىن تىلەڭ.

qehwe يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 12:16:16

راڭ كېسىلى ئادەتتە بەدەننىڭ مەلۇم يېرىدە بايقالغان ئىكەن ئۇ پۈتۈن بەدەن خارەكتىرلىك بولىدىكەن.يەنى پۈتۈن بەدەن ئاجىزلاشقان،راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆرۈلۈش ئھتىماللىقى زور يۇقىرلىغان ھالەتەە بولىدىكەن،ئادەتتە ھەر بىر نورمال ھۈجەيرىنىڭ ئىچىدە راك پەيدا قىلغۇچى گېىن ۋە راكنىىڭ پەيدا بولىشىنى توسقۇچى گېن بولىدۇ،ئەگەر راك پەيدا قىلغۇچى گېن ئىپادىلىنىپ چىققاندا راكنىڭ پەيرا بولىشىنى توسقۇچى گېن ئاكتىپلاشمىسا راك چۈجەيرىسى پەيدا بولىدۇ،ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن سىرت يەنە راك پەيدا قىلغۇچى خىمىيىلىك فىزىكىلق ماددىلار،ھەر خىل راك پەيدا قىلغۇچى ۋىروسلار قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىنمۇ راك پەيدا بولىدۇ،

گېپىمىزگە قايتساق.گەرچە راك ھۈجەيرىسى مەلۇم ئ.ورۇندا بايقىلىپ ئۆسمە شەكىللەندۈرگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە بەدەننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يوشۇرۇن راك چۈجەيرىسى ئۇيقۇ ھالەتتە دېگەن گەپ،شۇڭا ئۆسمىنى كېسىۋەتكەن تەقدىردىمۇ باشقا جايلاردىكى راك ھۈجەيرىلىرى ئويغۇنۇپ قايتا ئۆسمە پەيدا قىلىشى،ياكى بەدەننىڭ نورمال فىزىلوگىيىسىگە تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن.يەنى راك كېسىلى پۈتۈن بەدەن خارەكتىرلىك كېسەل،ھەرگىزمۇ بىر جايدا ئۆسمە پەيدا بولغانلىق شۇ جايدىلا راك ئۆزگىرىشى بار دېگەنلىك ئەمەس.

يەنە باشقا تورداشلار دېگەندەك راك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشتا كەيپىيات بىرىنچى ئورۇندا،كەيپىيات ياخشى بولغاندا ئىمۇنىت سىستىمىمىز قايتىدىن جانلىنىپ راك ھۈجەيرىلىرى زور مىقتاردا كۆپىيىشكە ئىمكان ئازراق بولىدۇ،لېكىن كەيپىيات ناچار بولغاندا راك ھۈجەيرىلىرى جانلىنىدۇ.

راك كېسىلىنى داۋالاشنى دېگەندە،ئىمكان يوقمۇ ئەمەس.ئەڭ مۇھىمى بالدۇر بايقاش .ئاكتىپ داۋالاش،نۇرغۇن راك كېسىلىنىڭ ساقايغان مىساللىرىنى ئاڭلاپ كۈرۈپ تۇرىۋاتىمىز،قالغىنى ھەممىسى ئاللانىڭ ئىرادىسى.

مەنمۇ دادامنى داۋالىتىش جەريانىدا نۇر بىلەن داۋالاش ،خىمىيىلىك دورىنىڭ زىيانلىق تەسىرىنى ناھايىتى كۆپ سۈرۈشتە قىلغان.لېكىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قوللىنىۋاتقان داۋالاش مۇشۇ،قوللانماي ئامال يوق.كېيىن دادامنىڭ مېڭىسىنىڭ يىگىلىشىنى،بەدەننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاجىزلىشىشىنى مەنمۇ شۇ نۇر ھەم خىمىيىلىك دورىدىن كۆردۈم.چۈنكى نۇر بىلەن خىمىيىلىك دورا راك چۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرگەن بىلەن نورمال بولغان چۈجەيرە توقۇلمىلارغىمۇ ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىكەن.

دادام داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدىمۇ دوختۇرنىڭ يېشى بىر قەدەر كىچىك بىمارلارغا خىمىيىلىك دورىنى تەۋسىيە قىلمىغانلىقىنى بىلىپ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا دوختۇر ماڭا يېشى كىچىك بىمارلارنىڭ ئىممۇنىت كۈچى ئۆزىگە نىسپەتەن ئەڭ كۈچلۈك دورا،ياشانغانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزرتىش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلغان بىلەن ياشلارنىڭ ئەزەلىرىنى قوغدىمىساق بولمايدۇ،ئۇلار راكنى يىڭىپ يىڭى ھاياتىنى داۋام ئېتىشى مۇمكىن دېگەن ئىدى.

ئىشقىلىپ مېنىڭمۇ تەۋسىيەم ئەڭ ياخىشىسى نۇر بىلەن خىمىيىلىك داۋالاشنى قىلمىغان ياخشى.

يەنە بىرسى بىمار گۆشنى ئامال بار يېمىسۇن.

مەن دادام ئۈچۈن ماتىريال ئىزدىگەندە مۇشۇ 胶质瘤غا گىرىپتار بولۇپ 12يىل ياشىغان ھازىرغىچە ياشاۋاتقان بىر خەنزۇنىڭ ئايالى بىلەن سۆھبەتلەشكەنمەن.ئەلۋەتتە،ئۇ يولداشنىڭ بىرىنچى دەرىجە ئىكەنتۇق.بىر قەدەر يېنىك دېگەن گەپ،ئاندىن ئۇلار نورمال نۇر خىمىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن سىرت 12 يىلدا ئاساسەن گۆش يەپ باقمىغان،ئاساسلىقى موگو تۈرىدىكى سەي كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلغان،ھەر خل قۇۋەت تولۇقلىغۇچى جوڭيى دورىلىرىنى ئىشلەتكەن،.12 يىل داۋامىدا ئاشقازاندا،ئ.ۈچەيدە ئۆسمە كۆرۈلگەن،ئۇلارنىمۇ ئوپراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن يەنە شۇ يىمەكلىك بىلەن داۋالاشنى داۋاملاشتۇرغان.يەنە ئەڭ مۇھىمى ھەر كۈنى بىر سائەت ئەتراپىدا يولدىشىنى چېنىقتۇرغان.

شۇڭا يېمەكلىكىنى ياخشىراق تەڭشەپ بەرسەڭلار دېگەننى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىشقلىىپ راكقا ئاللاھ شىپا بەرسە داۋا،بولمىسا داۋا ئاساسەن يوقلىقى ئېنىق،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىر پىشقەدەم راق چۈجەيرىسى تەتقىقاتى بلەن شۇغۇللىنىدىغان پىراففىسورىمىز ماڭا :«راك دېگەن بىر ئىنىرگىيە شورىغۇچى شامغا ئوخشايدۇ،بەدەندە راك ھۈجەيرىسى بايقالغانكەن ئۇنى يوقاتقان تەقدىردىمۇ ئۇ پۈتۈنلەي يوقىمايدۇ،بەدەننى ئاستا ئاستا كۆيدۈرىدۇ،كۆيدۈرۈپ كۆيدۈرۈپ بەدەندىكى پۈتۈن ئىنىرگىيە خورىغاندا شام ئۆچىدۇ.ئادەمنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ »دېگەنتى،دادامدا كېسەللىك بايقالغاندىن باشلاپ دادام ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارلىقتىكى بارلىق داۋالاش،ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ بۇ گەپلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە چىن پۈكتۈم.

دەيمەن.قېرىندىشىڭىزنى ياخشى بېقىۋېلىڭ،مېھرىگە قېنىۋېلىڭ.

يەنە دەيمەن،ئاتا ئاناڭلارنى قەدىرلەڭلار قېرىنداشلىرىم.ئاتىسىز ئانىسىز كۈن ھەممىمىزگە بار.لېكىن بارىدا ھاياتىدا قەدىرلەڭلەر،ھەمراھ بولۇۋېلىڭلار،باغرىغا ئۆزۈڭلارنى ئېتىۋېلىڭلار،ئەركىلىۋېلىڭلار،ئاتا ئاناڭلارنى خوش قىلىۋېلىڭلار...ھەممە جان ئاللانىڭ ئىلكىدە،ئاللاھ ياقتۇرغاننى ئېلىپ كېتىدىكەن.سەبىر تىلەيدىكەنمىز،شۈكرى دەيدىكەنمىز،لېكىن يۈرەكتىكى ئوت،يۈرەكتىكى ئازاپ ،ئىچ ئاغرىقى كۈندىن كۈنگە ئۇلغايسا

ئۇلغۇيىدىكەنكى،ئازايمايدىكەن.ھېلىمۇ مېھىرىبان ئانامغا.سىڭلىمغا.ئۆزۈمگە،دادام ئۈچۈن ياش تۆككەن ھەر بىر ئۇرۇق تۇققان دوست يارەنلەرگە سەبىر تىلەۋاتىمەن ئاللادىن.

ئاللا مېھرىبان دادامغا كېسەل ئازابىي تارتقاننىڭ ئەجرىنى بەرسۇن!ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلسۇن!

ئاللادىن يەنە شۇنى تىلەيمەنكى بارلىق پەرزەنتلىرىنى ئاتا ئانا مېھرىگە،ئاتا ئانىلارنى پەرزەنت مېھرىگە قاندۇرسۇن!

ئۇف،ئاللادىن ئۆزۈمگە سەبىر تىلەيمەن!
بەت: [1] 2
: مېڭە ئۆسمىسىدىن مەسلىھەت سورايمەن