yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 12:31:39

قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى[تەرجىمە]

  قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى

     مەيلى مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخى ماتېرىياللىرى  ياكى خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللار ۋەياكى باشقا تىللاردىكى تارىخى ماتېرىياللاردا بولسۇن ھازىرغا قەدەر قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرسىدا بىۋاستە مۇناسىۋەت يۈز بەرگەنلىك توغرىسىدىكى ماتېرىياللار تېخى بايقالمىدى.بىراق،بىز خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللاردىن بۇ مەسلە ھەققىدىكى بەزى ۋاستىلىك ماتېرىياللارنى رەتلەپ چىقالايمىز.

    <<يېڭى تاڭنامە . ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى>> دە :"تاڭ يىزوڭ(مىلادىيە 860-874) دەۋردە چوڭ سەردار بۆگۈتېكىن      (仆固俊) بېشىبالىقتىن چىقىپ تۈبۈتلەرنى مەغلۇب قىلدى ھەم تۈبۈت سەركەردىسى شاڭ كوڭرې(尚恐热)نى ئۆلتۈردى،شۇنىڭ پۈتكۈل قوچو دىيارى(بەش ناھىيە-ت) ۋە لۈنتەي(ئۈرۈمچى ئەتراپى-ت) لەرگە قاتارلىق ئىگە بولدى."دەپ خاتىرلەنگەن. <<ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇمى تەدبىرلىرى>>(资治通鉴)دا بۇ ۋەقەنى شيەنتوڭنىڭ يەتتىنجى يىلى(مىلادىيە 866-يىلى) يۈز بەرگەن دەپ قارىغان:"باھاردا، گۈييى ھىراۋۇلى    (归义节度使) جاڭ يىچاۋدىن كەلگەن مەلۇمات: بېشىبالىقلىق بۆگۈتېكىن قوچو،لۈنتەي(轮台، ئۈرۈمچى ئەتراپى-ت)،چىڭجېن(清镇) قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇردى>> دەپ خاتىرلەنگەن."

    ئۇنداقتا بۆگۈتېكىن مىلادىيە 840-يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى قايسى تارماق ئۇيغۇرلارغا تەۋە؟ فەن ۋېنلەن(范文澜) ئەپەندى ئۇلار پانتېكىن تارمىقىغا تەۋە دەپ قارايدىكەن،بىز ئىككىنجى بابتا ئۇنىڭ كۆزقارىشىنى نەقىل ئالغان،بۇنىڭ تارىخى ئاساسى بار.قارىغاندا،بۆگۈتېكىن ئەسلى پانتېكىننىڭ قول ئاستىدىكى بىر چوڭ سەردار(大酋) ئىكەن.پانتېكىن يەتتەسۇ رايونىدا قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن ،ئۇ بىر تارماق قوشۇننى باشلاپ شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلىپ جۇڭغار ئويمانلىقىغا كىرگەن ھەم ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چىڭجېن(بۈگۈنكى شىخو بىلەن ماناسنىڭ ئوتتۇرسىدا)،بېشىبالىق،لۈنتەي(ئۈرۈمچى ئەتراپى-ت)لەرنى ئىگەللىگەن،كېيىن تەڭرىتاغدىن ھالقىپ قوچوغا كىرگەن.دەسلەپتە،بۆگۈتېكىن قاراخانىلار سۇلالىسىغا تەۋە بولغان چوڭ سۈيۈرغال بەگ بولغان،كېيىن كۈچىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مىلادىيە 981-يىلى ئۆزلىرىنى "ئارسلانخان" دەپ ئاتاشقا باشلاپ قاراخانىلار سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ رەسمى مۇستەقىل بولغان،بۇ دەل تارىخى كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان  "قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى"دۇر.بۇ كېيىن مىلادىيە 1041-يىلى يەتتەسۇ رايونىنىڭ ھۆكۈمرانىمۇ قاراخانىلار سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولىغىنىغا ئوخشايدۇ.

     قوچو ئۇيغۇرلىرنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىدا يەنە دىنى جەھەتتىكى سەۋەبمۇ بولۇشى مۇمكىن.قاراخانىلار سۇلالىسىدىكى تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى مۇسا ئارسلانخان تەختكە ۋارسلىق قىلغاندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ دىنى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرسىدە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتكەن.مىلادىيە 960-يىلى 200 مىڭ چېدېر تۈركى تىللىق  كۆچمەن چارۋىچىلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان.ئەمما، قوچو ئەينى ۋاقىتتىكى بۇددا دىنىنىڭ مەركىزى بولۇپ بۇددا دىنىنىڭ بۇ يەردىكى تەسىرى ئىنتايىن زور ئىدى.ئۇلارنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن زىدىيەت يۈز بەرگەنلىكى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ،شۇڭلاشقا ئۇلار مىلادىيە 981-يىلى مۇستەقىلىق جاكارلىغان.

     ناھايىتى ئەپسۇس،ماتېرىياللارنىمۇ بىز ھەتتا قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرسىدىكى بېرىش-كېلىش توغرىسىدىكى ۋاستىلىك  ماتېرىياللارنىمۇ  تېخى ئىگەللىمىدۇق.قارىغاندا،بۇ ئىككى خاندانلىقنىڭ دىنى-ئېتىقادى گەرچە ئوخشاشمىسىمۇ،بىراق ئۇلار ئوتتۇرسىدا زور كۆلەملىك قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ باقمىغان،چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخى ماتېرىياللىردىمۇ بۇ جەھەتتىكى بىۋاستە تارىخى خاتىرلەر يوق.

     مەنبە:  ۋېي لياڭتاۋنىڭ <<قاراخانىلار سۇلالىسى تارىخى ماقالىلىرى>>(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986-يىل   خەنزۇچە نەشرى،152-بەت)

     تەرجىمە قىلغۇچى:ياغلاقار.

     ئاپتور ھەققىدە: ۋېي لىياڭتاۋ(魏良弢) نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى تەتقىقاتچىسى،1933-يىل 3-ئاۋغۇست شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ چاڭيى شەھىرى  (昌邑市)دە تۇغۇلغان،خەنزۇ.1949-يىلى مارتتا خىزمەتكە قاتنىشىپ جوڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھەر  (潍坊市)لىك تارماق بانكىسىدا بوغالتىر بولغان.1956-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسىگە تەقسىم قىلىنىپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتىتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتچىلىق قىلغان ھەم فاكۇلتېت مۇدىرى بولغان.1985-يىلى نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىغا يۆتكەلگەن،1987-يىلى تەتقىقاتچىلىققا ئۆسكەن.ئۇ ھازىر جوڭگو مىللەتلەر تارىخى ئىلمى جەمئىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى.

ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىردىن <<قاراخانىلار سۇلالىسى تارىخى ماقالىلىرى>>، <<مىڭ سۇلالىسى دەۋرى ۋە چىڭ سۇلالىسنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تۇرپان ھۆكۈمرانلىرنىڭ شەجەرىسى-- قوشۇمچە شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى>>، <<تارىخى تەتقىقات>>، <<قاراقىتان خانلىقى تارىخى تەتقىقاتى>>، <<يەكەن خانلىقىنىڭ شەرقى زېمىنىنى ئىسپاتلاپ چۈشەندۈرۈش>>، <<تارىخى جۇغراپىيە>> ۋە <<بالا پادىشاھ>>قاتارلىق ئەسەلىرى نەشىر قىلىنغان. نۆۋەتتە ئۇ <<جوڭگو قەدىمقى دەۋر غەربى يۇرت تارىخى>> ۋە <<يەكەن خانلىقى تارىخى>>نى يېزىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 15:43:46

ئۇيغۇرلىرمىزنىڭ بۇ ھەقتە يىزىپ قالدۇرغان تارىخى يازما مىراسلىرى يوقمىدۇ \"\"

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 15:51:08

ۋېي لىياڭتاۋ(魏良弢) ئەپەندى لىيۇ جىڭيىن بىلەن بىرلىشىپ يازغان «خوجىلار جەمەتى ھەققىدە » دېگەن كىتاپنى ئەمدى ئوقۇۋاتاتتىم . بۇ ماقالىمۇ شۇ كىشىنىڭ ئىكەن.

ئۇ كىتاپنىڭ پايدىلانغان ماتېرىياللار قاتارىدىكى تېزىملىكلەر مىنى بەك جەلىپ قىلىۋاتىدۇ.

قارىغاندا ۋېي لياڭتاۋنىڭ <<قاراخانىلار سۇلالىسى تارىخى ماقالىلىرى>>(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986-يىل خەنزۇچە نەشرى،152-بەت) دېگەن كىتابىنىڭمۇ پايدىلىنىش قىممىتى باردەك قىلىدۇ .

تېمىڭىزغا تەشەككۇر !

dilkex يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 16:17:02

يا ھەزرەت، بۇ لۇنتەي دېگەن يەرنىڭ ئەجەپمۇ چېكى توختىمىدى. بىر چاغلاردا شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى دېگەن كىتاپنى ئۆگىنىڭلار دەپ تارقىتىۋىدى، ئۇنىڭدا لۇنتەينىڭ ئورنى ھازىرقى بۈگۈر ناھىيىسى، شاھىنشاھلىرىمىز بۇ يەردە قورۇقچى بەگمۇ، تۇتۇقبەگمۇ، ھېراۋۇلمۇ مەھكىمىسى قۇرغان، دەپ يادىلاتتى. كىيىن بۈگۈرنى كولىسا ھېچبىر پايدىلىق نەرسىلەر چىقماي، خاتا بولۇپ قاپتۇ، لۇنتەي ئۈرۈمچىدە، ئۈرۈمچىنىڭ ئولانبايمۇ بىر يېرىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇ يەردىن ماددىي ئىسپات چىقتى دەپ ئۇيغۇرچە، خامسۇچە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە خەۋەر بەردى. كەچۈرۈڭلار، بۇنداق تىكىشى توختىمايدىغان ئەپقاچتى گەپلەر مىڭەمنىڭ 内存دىن يۇيۇلۇپ كېتىپتۇ، ۋاقتى ئېسىمدە يوق. بۇ لۇنتەي شەھرىنىڭ چاقى بار بولغىيمىتى، سۆرەپ يۈرىدىغانغا دەپ تۇرىۋالسام، ئەلقىسسە شۇنداق قىلىپ، مۇنداق بولۇپ شامال ئۇچۇرۇپ كۆچۈپ يۈرىدىغان بۇنداق شەھەرنىڭ بارلىقىغا، بىر نېمە مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا باشلىقلىرىمىز بىر نېمىلەرنى دەپ ئاران ئىشەندۈرگەنىدى، كىيىن يېنىۋىلىپ ئىشەنمەسلا بولدۇم. بىز تەرەپلەردە شەھەر ئەمەس، بىرەر ئەسكى تام، قىر، دۆڭلۈكمۇ ئاسان كۆچۈپ يۈرمەيدۇ.بۇ قانداق شەھەر بولغىيتى.ياۋ پانا، بۇ ئىنسانىيەت شەھەر تارىخىدىكى بىر مۆجىزە ئىكەن.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 16:23:21

3- قەۋەتتىكى dilkexنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 17:43:13

----------------------------

دىيارىمىز تارىخىدا نامى خەنزۇچە لۈنتەي(轮台) دەپ ئېلىنغان جايدىن ئىككىسى بار ئىكەن.ئۇنىڭ بىرى خەن سۇلالىسى دەۋردىكى لۈنتەي بولۇپ ئورنى  بۈگۈنكى بۈگۈر  ناھىيەسىگە توغرا كېلىدىكەن.يەنە بىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋردىكى لۈنتەي بولۇپ بۈگۈنكى ئۈرۈمچى ئەتراپىغا توغرا كېلىدىكەن.

alif يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 08:30:58

تورداش بۇ تېمىڭىزنى تور بېكتىمگە يوللاپ قويدۇم. سىز دىن بىسوراقلا، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 08:40:44

6- قەۋەتتىكى alifنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تورداش بۇ تېمىڭىزنى تور بېكتىمگە يوللاپ قويدۇم. سىز دىن بىسوراقلا، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم.

مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىزلا بولدى.

alif يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 21:07:00

7- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى alifنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تورداش بۇ تېمىڭىزنى تور بېكتىمگە يوللاپ قويدۇم. سىز دىن بىسوراقلا، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم.

مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىزلا بولدى.

ئەگەر ۋاقىتڭىز بولسا تور بېكەتنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. قالغىننى تەپسىلى سۆزلىشەرمىز  تور بېكەت ئادىرېسى: http://www.izchilar.com

nwrty327 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 08:32:34

كىچىكىمدە تارىخقا ئازراقمۇ قىزىقماييتتىم ، توغرا قىپتىمەن دەيمەن. بىرسى ئۇنداق دىگەن، بىرسى مۇنداق دىگەن، يا بىر-بىرىگە توغرا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان. يەنىلا ماتىماتىكا ياخشىكەن. بىرنى بىر، ئىككىنى ئىككى دەپ چۈشەنسىلا بولىدۇ. تېما بەك ياخشى تېمىكەن، جاپا چېكىپسىز رەھمەت.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 11:02:02

ئەرەپ  تارىخچىسى ئىبنى ئەسىرنىڭ  كامىل تارىخ al-Kamil fi al-Tarikh历史大全ناملىق كىتاۋىدا مۇنداق مەزمۇن بارمىشقۇ :

http://ep.yimg.com/ca/I/fadakbooks_2227_6463423

伊本·艾西尔《全史》记载,1017年有10万(一说30万)帐异教突厥人(包括黑契丹人)侵入七河地区,深入到距巴拉沙衮8日路程的地方。喀喇汗王朝大汗艾哈迈德·托干汗抱病亲自率军迎敌,打败入侵者,杀死20多万人,俘虏10万人,缴获大量战利品,全胜而归。

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 20:25:43

10- قەۋەتتىكى pis-pasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەرەپ  تارىخچىسى ئىبنى ئەسىرنىڭ  كامىل تارىخ al-Kamil fi al-Tarikh历史大全ناملىق كىتاۋىدا مۇنداق مەزمۇن بارمىشقۇ :

http://ep.yimg.com/ca/I/fadakbooks_2227_6463423

伊本·艾西尔《全史》记载,1017年有10万(一说30万)帐异教突厥人(包括黑契丹人)侵入七河地区,深入到距巴拉沙衮8日路程的地方。喀喇汗王朝大汗艾哈迈德·托干汗抱病亲自率军迎敌,打败入侵者,杀死20多万人,俘虏10万人,缴获大量战利品,全胜而归。

     نىمە بۇ ،ئۇ ئەرەپ خەنسۇچە يېزىپتۇما ؟

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 10:31:52

قوچو ئۇيغۇرلىرنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىدا يەنە دىنى جەھەتتىكى سەۋەبمۇ بولۇشى مۇمكىن.قاراخانىلار سۇلالىسىدىكى تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى مۇسا ئارسلانخان تەختكە ۋارسلىق قىلغاندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ دىنى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرسىدە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتكەن.مىلادىيە 960-يىلى 200 مىڭ چېدېر تۈركى تىللىق كۆچمەن چارۋىچىلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان.ئەمما، قوچو ئەينى ۋاقىتتىكى بۇددا دىنىنىڭ مەركىزى بولۇپ بۇددا دىنىنىڭ بۇ يەردىكى تەسىرى ئىنتايىن زور ئىدى.ئۇلارنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن زىدىيەت يۈز بەرگەنلىكى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ،شۇڭلاشقا ئۇلار مىلادىيە 981-يىلى مۇستەقىلىق جاكارلىغان.

===============================================

ماۋۇ يېڭىچە قاراش ئىكەن .200 مىڭ چىدىر -بىر مىيۇن نوپۇس دىگەن گەپ .

لىكىن ماۋۇ 仆固俊نى \"\"بۆگۈ تىكىن\"\" دەپ تونۇش ۋە ئۇنى پانتېكىن قول ئاستىدىكى سەركەردە دەپ بىلىشتە خاتالىق بارمىكى دەپ گۇمان قىلىمەن .چۈنكى تېكىن(خانزادە)نى تاڭ سۇلالىسى ۋاقتىدىكى تارىخچىلار 特勤 دەپ يېزىققا ئالغانلىغى تورىلىق ئۇچۇر بار .شۇڭا 仆固俊نى بۆگۈ تېكىن دەپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ياكى شۇنداق تونۇشتا مەسىلە بار .

ئوخشاشلا قەدىمقى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ئىزدەنگەن شىمال مىللەتلىرى تارىخ تەتقىقاتچىسى 杨胜敏 (خۇيزۇ) بولسا \"\"بۆگۈتېكىننى ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر(توققۇز ئوغۇز) خەلقىنى باشلاپ جەنۇپقا يەنى سەددىچىن سېپىلى ئەتراپىغا كۆچۈپ بېرىپ شىمالنى قايتىدىن ئىگەللەشكە پۇرسەت كۈتكەن چوڭ خانزادە .ئۇ 846-يىلى قاغانلىق تەختىدە ئولتۇرغان .ئۇزاق ئۆتمەت تاڭ قوشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىدە ئۆلتۈرىلىپ خەلقى يەنە بىر قېتىم ئېغىر قىسمەتكە يولۇقۇپ غەربى قەنۇپقا يەنى گەنجۇغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىنغان .بۆگۈتېكىن ئۆلگەندىن كېيىن پانتېكىن ئۆزىنى قاغان دەپ ئېلان قىلغان .仆固俊 بولسا پان تېكىن قول ئاستىدىكى سەردار بولۇپ پان تېكىنگە ئاسىلىق قىلىپ بېشبالىقنى ئىگىلىۋالغان ھەم ئىدىقۇت ئېلىنى قۇرغان\"\" دەپ قارايدىكەن .

مەن مۇشۇ ياڭشېڭمىننىڭ قارىشىغا مايىلراق .چۈنكى بۇ رىئاللىققا يېقىن .يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى غەرپكە ،بىر قىسمى جەنۇپقا(بۇلارنىڭ ئامان قالغانلىرىنىڭ بىر قىسىمى غەربى قەنۇپقا كۆچكەن) ،يەنە بىر قىسمى قىتانلار يېرىگە كۆچكەن .غەرپكە كۆچكەنلەر پانتېكىننىڭ تىرىشچانلىغى ئارقىسىدا قاراخانىلار سۇلالىسىنى تەشكىل قىلغان ،كېيىن ئىدىقۇت بۆلۈنگەندىن گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىمۇ بىۋاستە چىگراسى ئايرىپ تاشلانغان ،ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغان سۇلالىدىن ئايرىلغان .

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 11:56:20

12- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

----------------------

مەن  \"仆固俊\" نى بىر كىتابتا \"بۆگۈتېكىن\" دەپ ئالغانلىقىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن شۇنداق ئالغانىدىم، بىراق نېمىشقا شۇنداق دەپ ئالغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن.

تارىخىمىزدىكى بەزى شەخىسلەرنىڭ نامى تازا بىرلىككە كەلمەپتۇ،بىر تارىخى شەخسىنىڭ ئىسمىنى بىر كىتابتا مۇنداق دېسە،يەنە بىر كىتابتا ئۇنداق دەۋاتقان،بەزى چاغدا  ئادەم كۆرۈپ كېتىۋېتىپ ئارلاشتۇرۇپ قويىدىكەن.\"\"

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 15:59:27

سىز مەنبەدە تېلغا ئالغان بۇ ئەسەر 2000-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا «قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان» دېگەن نامدا تەرجىمە قىلىنغانئىدى، تەرجىمىسىنى ئابلەت نۇردۇن قاتارلىق 4 كېشى ئىشلىگەن.

   مەن سىز تەرجىمە قىلغان بۆلەكنى كىتاپتىكىسى بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۆردۇم ، يەر ناملىرى ئىسىملاردا ئازراق پەرىق بارىكەن، بولۇپمۇ «لۇنتەي»نى ئۇ كىتاپتا بۆگۈر دەپ ئاپتۇ ( شۇ كىتاپ 238-بەت) ، قارىغاندا ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى بۈگۈر بولمىسا كىرەك.

خۇاتاۋنىڭ « 8-10-ئەسىردىكى غەربىي يۇرۇت تارىخىي ھەققىدە تەتقىقات» دېگەن ئىسىرىدىمۇ « ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى»دېكى نەقلدىمۇ بۇ يەر نامىنى بۇگۇر - دەپ ئاپتۇ ( شۇ كىتاپ ،195-بەت).

قارىغاندا بۇ تەرجىمىلەردە بىردەكلىك يوقتەك قىلىدۇ.

تەرجىمىڭىزنى مەن تىلغا ئالغان كىتاپلار بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۆرەرسىز.

ھە راس ، 仆固俊 نى مەن تىلغا ئالغان ھەر ئىككى كىتاپتا «بۆگۇتېكىن» دەپ ئاپتۇ.

تېمىڭىزغا تەشەككۇر !

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 16:49:24

14- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز مەنبەدە تېلغا ئالغان بۇ ئەسەر 2000-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا «قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان» دېگەن نامدا تەرجىمە قىلىنغانئىدى، تەرجىمىسىنى ئابلەت نۇردۇن قاتارلىق 4 كېشى ئىشلىگەن.

  مەن سىز تەرجىمە قىلغان بۆلەكنى كىتاپتىكىسى بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۆردۇم ، يەر ناملىرى ئىسىملاردا ئازراق پەرىق بارىكەن، بولۇپمۇ «لۇنتەي»نى ئۇ كىتاپتا بۆگۈر دەپ ئاپتۇ ( شۇ كىتاپ 238-بەت) ، قارىغاندا ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى بۈگۈر بولمىسا كىرەك.

خۇاتاۋنىڭ « 8-10-ئەسىردىكى غەربىي يۇرۇت تارىخىي ھەققىدە تەتقىقات» دېگەن ئىسىرىدىمۇ « ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى»دېكى نەقلدىمۇ بۇ يەر نامىنى بۇگۇر - دەپ ئاپتۇ ( شۇ كىتاپ ،195-بەت).

قارىغاندا بۇ تەرجىمىلەردە بىردەكلىك يوقتەك قىلىدۇ.

تەرجىمىڭىزنى مەن تىلغا ئالغان كىتاپلار بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۆرەرسىز.

ھە راس ، 仆固俊 نى مەن تىلغا ئالغان ھەر ئىككى كىتاپتا «بۆگۇتېكىن» دەپ ئاپتۇ.

تېمىڭىزغا تەشەككۇر !

سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت، مەنمۇ ئۇ سىز دېگەن كىتابلارنى تېپىپ سېلىشتۇرۇپ باقسام بولغۇدەك.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 15:32:21

قېرىنداشلار ئاگاھ بۇلايلى قاراخانىلار بىلەن قۇچۇلار تۈپتىن زىت ئىككى دىن تۇرۇپ مىللەت بىرلىكى بولغاچ ئۇرۇشۇپ يۈرمەپتۇ ،خانلىقى داۋام ئېتىپتۇ .بىز مىللەت ،دىن ،تىل بىر ،شۇ ئۇيەرلىك بۇلۇپ بۇيەرلىك بولمىغاچقا \"\" لىنىپ ئۇ بىلەن بۇ بىربىرىمىزنى يىيەلمەي ھە ! ھالىمىز نىم بولساق خوپبۇلارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 15:39:35

قۇجۇمۇ، قوچومۇ؟

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 23:42:28

16- قەۋەتتىكى dillaniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قېرىنداشلار ئاگاھ بۇلايلى قاراخانىلار بىلەن قۇچۇلار تۈپتىن زىت ئىككى دىن تۇرۇپ مىللەت بىرلىكى بولغاچ ئۇرۇشۇپ يۈرمەپتۇ ،خانلىقى داۋام ئېتىپتۇ .بىز مىللەت ،دىن ،تىل بىر ،شۇ ئۇيەرلىك بۇلۇپ بۇيەرلىك بولمىغاچقا \"\" لىنىپ ئۇ بىلەن بۇ بىربىرىمىزنى يىيەلمەي ھە ! ھالىمىز نىم بولساق خوپبۇلارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

----------------------------------------------------------

نەدە ئۇرۇشمايدۇ ؟ قاراخانىلار خوتەن ئۇرۇشىدا تىبەت بىلەن مۇشۇ قۇچۇلار خوتەننى قوللاپ ھەممىسى بۇددىست بولغاندىكىن ، ئاخىرى خوتەن تۈگىگەندىن كىيىن قاراخانىلار غەرب تەرەپتىن ، ئىدىقۇتلار شەرقىي تەرەپتىن كۇچانى پاسىل قىلىپ راس ئۇرۇشۇپتىكەن ، نەتىجىدە بىر بىرىنى يېڭەلمەي ئاستا سۈلھى سالا بىلەن قايتىشىپتىكەن .

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 07:43:35

10- قەۋەتتىكى pis-pasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەرەپ  تارىخچىسى ئىبنى ئەسىرنىڭ  كامىل تارىخ al-Kamil fi al-Tarikh历史大全ناملىق كىتاۋىدا مۇنداق مەزمۇن بارمىشقۇ :

http://ep.yimg.com/ca/I/fadakbooks_2227_6463423

伊本·艾西尔《全史》记载,1017年有10万(一说30万)帐异教突厥人(包括黑契丹人)侵入七河地区,深入到距巴拉沙衮8日路程的地方。喀喇汗王朝大汗艾哈迈德·托干汗抱病亲自率军迎敌,打败入侵者,杀死20多万人,俘虏10万人,缴获大量战利品,全胜而归。

الكامل في التاريخ نىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى مەندە بار، لازىم دېگۈچىلەرگە ئەۋەتىپ بىرىمەن.
بەت: [1] 2
: قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى[تەرجىمە]