يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.6 ۋە QQ غا ئۇيغۇرچە ئەۋەتكۈچ 1.88 نەشىرى
تۆۋەندە مېنىڭ تورداشلارغا ئېلىپ كەلگىنىم «يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى»نىڭ ئىككى ھەقسىز يۇمشاق دېتالى.
1)يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.6 نەشىرى: بۇ نەشىرى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20 -كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ بۇرۇنقى نەشىرىدىن
پەرىقلىنىدىغان يېڭى ئىقتىدارى بولسا،نۇرغۇن ئىچكى خاتالىق تۈزىتىلىش بىلەن بىرگە،ئېكراندىن سۆز تۇرۇش قىسىمى ۋە
ئىزدەش قىسىمى ئەلالاشتۇرۇلغان ھەم بۇ نەشىرىدە "ئانا تىلىم لۇغىتى" نىڭ سۆزلۈكى "ئۇيغۇرچە_خەنزۇچە" ۋە "خەنزۇچە -
ئۇيغۇرچە " ئىندىكېسلاپ قوشۇلغان،لازىملىق تورداشلارنىڭ چۈشۈرۈپ سىناپ،پىكىر تەكلىپ بېرىشىنى سورايمىز.
تەپسىلاتى ۋە لۇغەت ئامبىرىنى چۈشۈرۈش ئادېرىسى: http://www.newera.cc/show.asp?id=261
چۈشۈرۈش ئادېرىسى: http://php.newera.cc/down/EraDic/EraDict2.6.rar
لۇغەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن چۈشۈرۈپ "ياردەم" دىن ياردەم ھۆججىتىنى تەپسىلىي ئوقۇۋېتىشىڭىزنى تەشەببۇس
قىلىمىز.
2)QQ غا ئۇيغۇرچە ئەۋەتكۈچ 1.88 نەشىرى:بۇ نۇسخىسى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21 -كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ،بۇ بىر QQ
ئالاقىلىشىش قورالىدا كومپىيوتېردا ئالاقىلەشكەندە قارشى تەرەپ بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىشتا يېزىق كىرگۈزۈش ياردەم قورالى
بولۇپ،بۇ دېتال ئارقىلىق خەت يېزىپ ئەۋەتكەندە قارشى تەرەپ ھېچقانداق ئۇيغۇرچىگە ئائىت دېتال قاچىلىمىسمۇ نورمال
كۆرەلەيدۇ،چۈنكى يېزىق رەسىم شەكلىدە بارىدۇ. بۇ نۇسخىسدا بەزى ئىچكى خاتالىقلار تۈزۈتىلدى ھەم تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار
مۇكەمممەلشتۈرۈلدى،يوللىغان خەتنى يەنە قايتا يوللىماقچى بولسىڭىز ئاستى ئىستىرېلكا بەلگىسى "↓" نى بېسىپ بۇرۇن يازغان
مەزمۇننى كىرگۈزەلەيسىز ۋە دائىملىق سۆزلەرنى ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلەيسىز، ھەرخىل يۇنىكود تۇنىمايدىغان دېتاللاردا يېزىق بىر
تەرەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن،تەھرىرلىگۈچ قىسىمىدىكى "خىيالدىن كۆچۈرۈش" تېخىمۇ كۈچەيتىلدى.
تارقاتقۇچى بېكەتتىكى تەپسىلاتى: http://www.newera.cc/show.asp?id=252
چۈشۈرۈش ئادېرىسى:http://www.newera.cc/down/UYSender/UYSender.rar
بۇ دېتالدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن دېتالنى تۇنجى قوزغتقاندا چىققان ياردەم ھۆججىتىنى ياكى "يوللاش" كۇنۇپكىسى
يېنىدىكى "؟" بەلگىسى بار كۇنۇپكىنى بېسىپ ياردەم ھۆججىتىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمىز.
يۇقارقى ئىككى دېتالنىڭ ياردەم ھۆججىتى Word ھۆججىتى بولۇپ،ياردەم ھۆججىتىنى ئاچالمىسا بۇ كومپىيوتېرىڭىزغا Word
نىڭ قاچىلانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،ئۇنداقتا Word نى قاچىلىسىڭىز ياردەم ھۆججىتىنى نورمال كۆرەلەيسىز.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:ئەگەر بۇ دېتاللار باشقا تور بەتتە تارقىتىلسا ،يۇقارقى ئىككى دېتالدا بايقالغان خاتالىقلارنى ۋاقتىدا
تۈزۈتۈپ تېخىمۇ كۆپ تورداشلارغا مۇكەممەل ،يېڭى نۇسخىسىنى ۋاقتىدا تەمىنلەش ئۈچۈن دېتال ۋە ئامبارنى ئەسلى مەنبەدىنلا
چۈشۈرۈش تەمىنلەنسە.
يۇقارقى ئىككى دېتالنى ئىشلىتىشتە قىينالغان ياكى ئىشلىتەلمىگەن تورداشلار سەمىگە:
ئەگەر ئۇيغۇرچىنى بىلىسەڭلار،ئاۋال يازمىنى ۋە ئورگان بېكەتتىكى تەپسىلاتىنى ھەم ياردەم ھۆججەتلىرىنى ئازراق ۋاقىت
چىقىرىپ چۈشۈنۈپ ئوقۇپ، چۈشۈنەلمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس يازساڭلار.لۇغەت ۋە ئۇيغۇرچە ئەۋەتكۈچ يېشىل دېتال
بولۇپ،قاچىلاش ھاجەتسىز،چۈشۈرۈپ پىرىستىن يېشىپ قوزغىتىپ ئىشلەتسىلا بولىدۇ.
لۇغەتنى چۈشۈرسىڭىز لۇغەت ئاساسىي پىروگىراممىسى پەقەت "ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە" سانداننىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان،باشقا
ساندانلارنى دېتال ئورگان بېتى http://www.newera.cc/show.asp?id=261 غا كىرىپ چۈشۈرۈپ قاچىلىساڭلار
بولىدۇ.
سانداننى قاچىلاش ئۇسۇلى ياردەم ھۆججىتىدە ۋە ئورگان بېتىدىكى چۈشەندۈرۈشتە يېزىلغان.

yasin417نىڭ تېمىسىدىن نەقىل)QQ غا ئۇيغۇرچە ئەۋەتكۈچ 1.88 نەشىرى:بۇ نۇسخىسى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21 -كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ،بۇ بىر QQ
مەن بۇنداق دىتالنى 21-چىسلادىن بۇرۇن كۆرگەن..
1- قەۋەتتىكى tewip0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن چۈشۈرەلمىدىم!![]()
http://www.newera.cc/down/UYSender/UYSender.rar
بۇنى تور كۆرۆۈچنىڭ ئادرىس سىتونىغا چاپلاپ enter
كۆپ رەھمەت!ئەمما پىروگراممېرلار ئەمدى ئاندرويد، ئالما دەۋرىگە ئۆتسەڭلار، ئاشۇ سىستېمىلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە - پالانچە لۇغەتلەرنى ئىشلىسەڭلار تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
2- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن بۇنداق دىتالنى 21-چىسلادىن بۇرۇن كۆرگەن..
يېڭى نەشىرىكەن .... مەن ئۈچ يۈنىلىشلىك لۇغەتنى چۈشۈردىم ، بىراق ئىشلىتەلمىدىم.
ئېغىر كۆرمىسڭىز 1716607235نى قوشۇۋېلىپ، ماڭا رەتلەپ بەرسىڭىز. ئاۋۇ لوغەت ئاندىرويىدنىڭ بولۇپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ پېچەت ئىش بۇلاتتىكەن. ئاندرويدنىڭ دەپ قاپسىلەر، ئاندرويدنىڭ ئۇنىڭ پەيزى لۇغىتى بار.
خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە-ئەرەپچە-ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت قاتارلىق
8- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاندرويدنىڭ دەپ قاپسىلەر، ئاندرويدنىڭ ئۇنىڭ پەيزى لۇغىتى بار.
خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە-ئەرەپچە-ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت قاتارلىق
مەن سىزنىڭ تور بېتىڭىزدىن ھېلىقى 深蓝词典دىگەننى چۈشۈرۈپ،تور بېتىڭىزدە تەمىنلەنگەن لوغەت ئامبارلېرىنى قوشۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن.ئۇيغۇرچە خەنزۇچە تەرجىمە قىلىشتا بەك ياخشىكەن،ئىشقىلىپ سىزنىڭ تور بېتىڭىزدىن جىق پايدا ئېلىپ كەتتىم.
سىز دىگەن خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە-ئەرەپچە-ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت مەن ئىشلىتىۋاتقان مۇشۇ لوغەتنى كۆرسىتەمدۇ ياكى باشقا بىر لوغەتمۇ بارمۇ؟
قايسى لۇغەتنىڭ ئىزدەش سۈرئىتى مۇشۇنچىلىك؟ ئۇنداق دېسەم ئېشىپ كەتمەس ئەمما ماۋۇ لۇغەتكە راستلا كۆپ ئىشلەپتۇ جۇما. سۈرئەت دىگەن ئالامەت تىزكەن. خېلى مۇكەممەللىشىپتۇ.يېڭى ئىرادىكىلەرگە رەھمەت! تېخىمۇ تىرىشىڭلار! سىلەرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇمكىن بولسا بۇ لۇغەتنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ چىقىشىڭلارغا تىلەكداشمەن!
تېخى ماۋۇ سۆز تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈڭ

بەت:
[1]