قازاق قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىلايلى
قازاق قېرىندىشىمىز بالغىن ،قىز،25ياش، كېسەل سەۋەبىدىن داۋانچىڭدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ شەھەرلىك ئۈچىنچى دوختۇرخانىنىڭ 16-قەۋەت 32-كارۋاتتا يېرىم ئايدىن بېرى ئوپراتسىيە ساقلاپ ياتماقتا ئىكەن...
بىمارنىڭ قانى تىپى O تىپلىق HR مىنوس قان بولۇپ ، ئادەتتە ئاز ئۇچرايدىغان قانلاردىن ئىكەن. ئوپىراتسىيەدە قان كۆپ چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولغانلىقتىن دوختۇر يېتەرلىك زاپاس قان تېپىلغۇچە ئوپىراتسىيە قىلىشنى كېچىكتۈرۈشنى ئېيتىپتۇ. بۇ قىز ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قان تىپىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە زاپاس قان بېرىپ قويۇش ئويىغا كەلمىگەن ئىكەن.خىزمەتدىشىم بىلەن بىرگە بارغان ئىدۇق، خىزمەتدىشىمنىڭ قان تىپى شۇخىل قاننىڭ پىلوس تىپى چىقىپ قالدى.
قېرىندىشىمىزغا ئوخشاش قان تىىپىدىكىلەرنىڭ ئەگەر ياردەم بېرىش ئويى بولسا 13579958193 ۋە 13579845106نومۇرلارغا تېلېفۇن قىلىپ ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز.
مەتۇدىن: بۇ تېمىنى باغداشتىن كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم، مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىمىز توغرا چۈشىنەر دەپ ئويلايمەن.
توغرا چۈشىنىمىز ،كېسەل مىللەت ئايرىمايدۇ .مېنىڭ قان تىپىم چۈشكەن بولسا بېرەتتىم،بىر يىراق تۇغقىنىمىزنىڭ قان تىپى مۇشۇ ئىدى ،ئەپسۇس ،ئۇ ئادەم قان بېرىشتىن بەكمۇ قورقىدۇ ،نەۋرىسىگىمۇ قان بەرمىگىلى تاس قالغان ئىدى. قان بېرىش نوۋىتى كىلىپ قالسا پىداكارلىق بىلەن بىرەر يۈز لىتىر قان بىرىۋەتسەم بولىتى . ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىن AB تىپلىق ، ھەقسىز قان تەغدىم قىلغۇچى لازىم بولسا ئالاقىلىشىڭ ( 72 سائەت ئىچىدە ئىناۋەتكە ئىگە ) مەن قان تىپىمنى A دەپ يۈرۈيمەن، لېكىن قان تىپىمنىڭ راستىنلا قايسى تىپتا ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمەن. مېنىڭكى ماس كەلمەيدىكەن. {:134:}2- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قان بېرىش نوۋىتى كىلىپ قالسا پىداكارلىق بىلەن بىرەر يۈز لىتىر قان بىرىۋەتسەم بولىتى .
پىنھانجون .ئۆزەڭلىمۇ 100 لىتىر كېلەمسىلەر....ئورۇقلا تۇراتتىڭلار مەكتەپتە... مېنى دوختۇر A تىپلىق ئىكەنسەن دەيدۇ، مەن ئىشەنمىدىم!

2- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قان بېرىش نوۋىتى كىلىپ قالسا پىداكارلىق بىلەن بىرەر يۈز لىتىر قان بىرىۋەتسەم بولىتى .
بىرە يۈز لىتىر . . .
بىر نەچچە بۇقىنىڭ قېنى ئەمەستۇ
8- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قان بېرىش نوۋىتى كىلىپ قالسا پىداكارلىق بىلەن بىرەر يۈز لىتىر قان بىرىۋەتسەم بولىتى .
بىرە يۈز لىتىر . . .
بىر نەچچە بۇقىنىڭ قېنى ئەمەستۇ
ھىيتتا مەھەللىدىكىلەرنىڭ قۇربانلىق قىلغان ماللىرىنىڭ قىنىنى يىغىپ قويغان ئوخشايدۇ!
بىر ھەپتىدىن كېيىن قان پونكىتىدىن تېلىفون قىلىپ «سەن ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپلىقكەنسەن» دەپ كىملىك نومۇرى، ئائىلىسىنىڭ ئادرېسىنى دېگەندەك نەرسىلەرنى سوراپ خاتىرىلىۋالغان ئىدى. مەن خۇتەندە تۇرسام قانداق بىرەرمەن ئەمدى ئۇ قاننى ،يا پۇچتىدىن ئەۋەتسەك نەچچە كۇندە بارار ئۇ بالىنىڭ يېنىغا ؟بېشىم بەكمۇ قاتتى .