elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 00:53:30

ئورۇقلاش توغرىلىق يېڭى ئۇچۇر

مەزمۇن ئېھتىياجى سەۋەبلىك  يېڭى ئۇچۇرنى ئاخىرىدىراق يازدىم،ئاخىرىغىچە ئوقۇڭ!

شۇنداق قىلىپ ئورۇقلاش كوچىسىغا كىرگەندى كېيىن شۇ ئىشنىڭ غېمىدە بولىدىغان گەپكەن،

بويۇم 1.78مېتېر،ئېغىرلىقىم 78 كىلوگىرام( بۇرۇن70~75)،ئىشقىلىپ ئانچە سېمىز بولمىساممۇBMI ماۋۇ ئازراق قورساق ماڭا بەك سەت كۆرۈنۈپ كەتتى.

كۈنلۈك تاماق مىقدارىغا چەك قويدۇم،ئەتىگەندە بىر چىشلەم ناشتا،چۈشتە يېرىم قاچا ئاق بەتتە ياكى لەغمەن،كەچتە 3 كويلۇق لىغىرداق ياكى 4 قوشۇق تاماق...قوشۇۋالسام بىر ئىككى تال ئالما ياكى نەشپۈت......ئىشقىلىپ بۇرۇنقىدىن ئاسمان زېمىن ئاز!

كۈندە ئەتىگەن كەچتە 25 قېتىم قورساق قاتلاش،6 قېتىم سۈپەتلىك يەر بېغىرلاش....

1.قېرىق كاۋا ئورۇقلىتىش تابلېتى ۋە 2.ئورۇقلىتىش قەھۋەسى،3. ئابى كەۋسەر مۇلەييىن ئورۇقلىتىش دورىسى4. قان مېيىنى چۈشۈرۈش تابلېتى ( ئۇيغۇر تىبابىتى دورىسى) 5.بېلىق مېيى ئاپتىمەن....

ئەمدى بۇ دورىلارنىڭ تەركىۋىگە قارىسام مۇنداق بىر يېڭى تەركىپ بار ئىكەن.

左旋肉碱

بۇ نەرسىنى ئېنگىلىزچىدا L-carnitine دەيدىغان بولۇپ ئۆزى ئامىنو كىسلاتالارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ رولى بەدەندىكى مايلارنىڭ ئېنىرگىيىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى باركەن،ئۇ توغرىلىق ئىزدەپ باقسام ئۇنى ئورۇقلاشتىكى ئەڭ بىخەتەر،ئەكس تەسىرى يوق مەھسۇلاتى دەپتۇ. راست شۇنداقمىدۇ؟

دىققەت!!!

1. ئورۇقلاش ئۈچۈن بىر مەزگىل چېنىقىپ ئورۇقلىغاندىن كېيىن چېنىقىش توختىسا يەنە تېز سۈرئەتتە سەمرىپ كېتەمدۇ؟

2.ئورۇقلىتىش دورىلىرىنىڭ تەركىۋىدە ھورمۇن بولامدۇ؟دورا ئىچىپ ئورۇقلاپ بىر مەزگىلدىن كېيىن دورىنى توختاتسا شىددەت سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

3.ئورۇقلاش - بۇمۇ بىر خىل ئىلىمكەن،قانداق ئورۇقلىسا ئىلمى،بىخەتەر،سالامەتلىككە زىيىنى يوق ئورۇقلىغىلى بولىدۇ؟

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 02:01:49

ئاۋۇ 5 خىل دورىنى ئالغان بىلەن ئالدى - كەينىنى بىلىپراق يەي دەپ يىمەي تۇرۇپ تۇردۇم،

بىرى مۇلەييىن بەك ئاچچىقكەن،بىر قۇتا يەپ بوۋاسىر بوپ قالدىم دىمەسما \"\"

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 09:48:02

ئورۇقلاش قەھۋەسىنى ئىچمەڭ ، بۆرەككە زىيان قىلىدۇ ، توختاتقاندىن كىيىن سەمىرىپ كىتىش ئىھتىماللىقى بار .

左旋肉碱ئەسلى ياخشى نەرسە بولۇشى مۇمكىن ، لىكىن كۆپىنچىسىنىڭ تەركىۋىدە بۇ نەرسە يوق ، پەقەت قېپىغىلا يىزىپ قويىدۇ .

قېرىق كاۋا تابلىتىنىمۇ يىيىشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئۇنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىدىن بەكىرەك قەنت كېسەللىكلىرىگە مۇۋاپىق كىلىدۇ .

بېلىق مېيى قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ . ھىس قىلىشىمچە يېشىڭىز تېخى بۇ تۈردىكى ساغلاملىق يىمەكلىكىنى يەيدىغان يەرگە بارمىدى ، بۇنى قان تومۇرلار قېتىشقا باشلىغاندا قوشۇمچە ئىستىمال قىلسا مۇۋاپىق .

ئۇيغۇر تىبابەت دورىللىرىنى چۈشەنمەيمەن ، شۇڭا بىر نەرسە دىيەلمىدىم .

بىر گەپ بار « دورىلا بۈلىدىكەن ، ئۈچ ئۈلىشى زەھەر » دەپ . ساغلاملىق يىمەكلىكىمۇ شۇنداق ، يەنە كىلىپ دۆلىتىمىزدە ياسالغان ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى بەك ناچار ، ساپلا سۈنئى ماتىرياللارنى ئارلاشتۇرىدۇ ، ھەم ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىگە بولغان سۈپەت تەكشۈرۈشى بەك بوش ، شۇڭا بازار بەك قالايمىقان . زاۋۇتتىن بىر قۇتىسى بەش يۇەنگە چىقىدىغان ساغلاملىق يىمەكلىكى بازاردا 100يۇەندىن يۇقىرى پارچە سېتىلىدۇ .

خۇلاسە گەپ _ بەدەندە كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلمىسە ھەرگىز دورا يىمەسلىك كېرەك . سىمىزلىك بەك ئېشىپ كەتمىسە كېسەللىككە كىرمەيدۇ، يەنە كىلىپ سىزنىڭ بويىڭىزغا قارغاندا سىمىز ئەمەس ، قورساقنى يىمەكلىكنى كونتۇرۇل قىلىش بىلەن ئورۇقلاتقىلى بولىدۇ . ئاستىراق ئوتۇقلىمىسىڭىز قورساق تېرىڭىز ساڭگىلاپ تېخىمۇ چاتاق بولىدۇ .

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 09:58:02

يۈگۈرۈپ ياكى ئاتلىغۇچ سەكرەپ ئورۇقلسىڭىز ، كېيىن توختاپ قالسىڭىزمۇ ئاسانلىقچە ئورۇقلاپ كەتمەيسىز.... قورساق قاتلاپ ئورۇقلىسىڭىز ئاسان كەينىگە يانىدۇ... شۇڭائىزچىل داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ....  مەن كۈندە كەچتە 90 نى قورساق قاتلاپ ، 30 نى يەر بېغىرلاپ 25 كۈندە ئىككى كىلوگرام سېمىزلەپ قالغان ئىلگىرى \"\"... كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان ... تاماقنى يەۋېلىپلا يەنە ئولتۇرىدىغان ، شۇڭا قىلغان ھەرىكەتمۇ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ قويغان چېغى...

ئەڭ ياخشىسى ئاستا سۈرئەتتە ئۇزۇنغا يۈگىرەش ...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 10:29:07

بىر ئۇيقىغا بىر قورساققا ئامراقلار ئورۇقلايمەن دەپ خىيال قىلماڭلار مەنچە

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:08:09

ھەركەت بىلەن ساغلاملىق يىمەكلىكنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇرۇقلاش ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى . مەن بىرسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن « ئەنلى » يىمەكلىكىنى يىيىش بىلەن ، ھەركەت ۋە ئەدەتتكى ساغلام ئۇزۇقلىنىشنى ئاساس قىلىپ 40 كۈن ئىچىدە 15 كىلو ئۇرۇقلىدىم . ھازىر ئۇرۇقلىغىنىمغا 3 يىل ئەتراپىدا بولۇپ قالدى . يېتەكلىگۈچىگە 6000 يۈئەن پۇل تۆلىدىم . بۇنىڭ 4000 يۈئەننىگە مېنى « .ئەنلى» نىڭ يىمەكلىگى بىلەن تەمنىلىدى ، قالغان 2000 يۈئەن يېتەكلەش ھەققىكەن . ئەمما ھەقىقەتەن قايىل بولۇپ قالدىم . ھازىرغىچە تۇرۇپ 2 كېلودىن 4 كېلۇغىچە ئەسلىمگە قايتىپ قالىمەن ، ئەمما ئاساسەن ئۇرۇقلىغاندىكى ھالىتىمنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن . ئۇلارنىڭ ئۇرۇقلاشقا يېتەكچىلىك قىلىشىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ يەنى ئۇرۇقلاش جەريانىدا ساغلام ئۇرۇقلاش ھەم ئۇزۇقلىنىشنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ ئۈگىنىۋالغىلى بولىدۇ . دىمەك ، شۇ ئاساستا دىققەت قىلسىلا داۋاملىق سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دىگەن گەپ .ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېتەرلىك ئىقتىساد بولىشى كېرەك ، ئۇندىن باشقا چوقۇم شۇ ئىشنى باشقا ئىېلىپ چىقىدىغان ئىرادە بولىشى كېرەك .

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:21:33

5- قەۋەتتىكى koygandengizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاشۇ ئەنلىچىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى بارمۇ ؟؟؟ مەنمۇ بىر ئورۇقلاي دەپ بىر ئىلمىي بولغان ئورۇقلاش قائىدىسىنى بىلەلمەي يۈرىمەن!

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:26:44

ئەگەر سەل شارائىت ئادەتتىكىچە بولسا 6000كوي يۈتۈپ كەتكەن ئالدىنقى ئۈچ كۈندە 15 كىلو ئورۇقلاش مەقسەتكە پۈتۈنلەي يەتكىلى بولىدۇ . بۇنىڭدا ئىرادىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ  {:92:}

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:26:47

5- قەۋەتتىكى koygandengizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەركەت بىلەن ساغلاملىق يىمەكلىكنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇرۇقلاش ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى . مەن بىرسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن « ئەنلى » يىمەكلىكىنى يىيىش بىلەن ، ھەركەت ۋە ئەدەتتكى ساغلام ئۇزۇقلىنىشنى ئاساس قىلىپ 40 كۈن ئىچىدە 15 كىلو ئۇرۇقلىدىم .

مۇشۇ ئورۇقلاش ئۇسۇلىڭىزنى مۇمكىن بولسا  مالال كۆرمەي تەپسىلىراق بىر يېزىۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن،بۇ تېمىنى بۇندىن كېيىنمۇ باشقىلارئىزدەپ پايدىلىنىدۇ،سىزدىن ئەلگە نەپ بوپ قالار

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:28:29

6- قەۋەتتىكى abdullaevنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى koygandengizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەركەت بىلەن ساغلاملىق يىمەكلىكنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇرۇقلاش ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى . مەن بىرسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن « ئەنلى » يىمەكلىكىنى يىيىش بىلەن ، ھەركەت ۋە ئەدەتتكى ساغلام ئۇزۇقلىنىشنى ئاساس قىلىپ 40 كۈن ئىچىدە 15 كىلو ئۇرۇقلىدىم . ھازىر ئۇرۇقلىغىنىمغا 3 يىل ئەتراپىدا بولۇپ قالدى . يېتەكلىگۈچىگە 6000 يۈئەن پۇل تۆلىدىم . بۇنىڭ 4000 يۈئەننىگە مېنى « .ئەنلى» نىڭ يىمەكلىگى بىلەن تەمنىلىدى ، قالغان 2000 يۈئەن يېتەكلەش ھەققىكەن . ئەمما ھەقىقەتەن قايىل بولۇپ قالدىم . ھازىرغىچە تۇرۇپ 2 كېلودىن 4 كېلۇغىچە ئەسلىمگە قايتىپ قالىمەن ، ئەمما ئاساسەن ئۇرۇقلىغاندىكى ھالىتىمنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن . ئۇلارنىڭ ئۇرۇقلاشقا يېتەكچىلىك قىلىشىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ يەنى ئۇرۇقلاش جەريانىدا ساغلام ئۇرۇقلاش ھەم ئۇزۇقلىنىشنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ ئۈگىنىۋالغىلى بولىدۇ . دىمەك ، شۇ ئاساستا دىققەت قىلسىلا داۋاملىق سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دىگەن گەپ .ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېتەرلىك ئىقتىساد بولىشى كېرەك ، ئۇندىن باشقا چوقۇم شۇ ئىشنى باشقا ئىېلىپ چىقىدىغان ئىرادە بولىشى كېرەك .

ئاشۇ ئەنلىچىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى بارمۇ ؟؟؟ مەنمۇ بىر ئورۇقلاي دەپ بىر ئىلمىي بولغان ئورۇقلاش قائىدىسىنى بىلەلمەي يۈرىمەن!

مەنچىغۇ سىز ئىزدىگەن ئامۋايچى مۇشۇ بالىنىڭ نەق ئۆزىدەك قىلىدۇ، ئېلان دېگەننىمۇ مۇشۇنداق قاملاشتۇرۇپ بېرىدىغان بوپ كېتىپ بارىسىلە باللا\"\"

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:32:38

7- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر سەل شارائىت ئادەتتىكىچە بولسا 6000كوي يۈتۈپ كەتكەن ئالدىنقى ئۈچ كۈندە 15 كىلو ئورۇقلاش مەقسەتكە پۈتۈنلەي يەتكىلى بولىدۇ . بۇنىڭدا ئىرادىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ \"\"

كەمىنە چۈشەندى ماۋۇ ئىنكاسنى \"\"

مەندە 6000 كوي يوق..... ئۆي ئالىمەن دەپ قاتتىق ياسىلىپ كەتتىم\"\"

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:38:50

چاخچاقمۇ قىلدۇق ، لىكىن تۈپتىن مەن ئەمۋاينىڭ يىمەكىلكىنى ئىستىماق قىلىشنى تۈپتىن قوللىمايمەن . 1. ئىنتايىن قىممەت ، ئىقتسادى بارلار ئىستىمال قىلىدۇ دىگەن بىلەن ئادەمنىڭ بەسلىشىش پىسخىكىسى بويىنچە ئېيتقاندا سەندىن مەن قالامتىم دەپ سېتۋىلىشتىن يانمايدۇ .2. سېتۋالغان پۇل بىزدە قالسىغۇ مەيلىتى ، ئاساسەن پىرامىدانىڭ ئۇچۇدىكى يولداشلارنىڭ يانچۇغىغا كىرىپ كىتىدۇ . 3.كاللىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن بىر مۇنچە بالىلار ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ باي بولۇشنڭ كويىدا ئىشىكمۇ -ئىشىك يۈرۈپ ياشلىق باھارىنى ئىسراپ قىلىدۇ .

پۇل سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا ، قانداق خەجلەشنى مەندىن بەكىرەك بىلىسىز ، لىكىن مۇنبەردە باشقىلارغا مۇنداق خەجلىسەك ياخشى دىگەندە تەسىرىنى ئويلىشىپ دىگەن تۈزىكىرەك . ئەگەر ئېلان بولسا بۇنى چۈشۈنىمەن .

akbarr يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 13:00:09

ئاپلا مەن ئازراق سەمىرسەم بولىتى..... \"\"

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 13:13:54

左旋肉碱 ئادەتتە سۈت پاراشوكلىرىنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلىدىغان بىر تەركىب ،ئاساسەن ھايۋان گۆشىدىن ئېلىنىدۇ . ھالال -ھارامنى سۈرۈشتۈرىدىغانلار دىققەت قىلىپ قويسا بولىدۇ .

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 13:58:34

بىۋاستە تەجرىبەم بويىچە قارىغاندا، ئەتىگەنلىك ناشتىنى قانچە بالدۇر ۋە سۈپەتلىك قىلسىڭىز (مىقدارىنى كۆپ دېمىدىم)، شۇنچە تېز سەمىرىپ كەتمەيسىز. مەن كۆرگەن سىمىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەتىگەنلىك ناشتىنى سائەت 9:00 دىن كېيىن قىلىدىغانلار.

يېگەن تامىقىڭىز تولۇق ھەزىم بولماي تۇرۇپ، ئۈستى-ئۈستىلەپ تاماق يېمىسىڭىز سەمىرىپ كەتمەيسىز.

داۋاملىق بۇغداي تامىقىغا كۆنىۋالماي، گۈرۈچ، پۇرچاق، قۇناق تائاملىرىنىمۇ تەرتىپلىك يېسىڭىز، تېز سەمىرىپ كەتمەيسىز.

بەدىنىڭىزنىڭ مىجەزىگە دىققەت قىلسىڭىز، سەل ھۆل سوغۇقلۇق ئېشىپ كەتسە، بۇنىڭغا سەل قۇرۇق ئىسسىغلىق قىلىپ تەڭشەش ئارقىلىق، مۆتىدىل ھالەتتە تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالىسىڭىز تېز سەمىرىپ كەتمەيسىز.

بەدىنىڭىز تولۇق سۈمۈرۈپ ھەزىم قىلالمايدىغان ياغلاردىن، خېمىيەلىك ماددىلاردىن ئىلاجى بار يىراق تۇرۇڭ، بولۇپمۇ قوي يېغى، كالا يېغى، ھەر خىل تەييار يېمەكلىكلەردىكى ياغلار تولۇق ھەزىم بولالمىسا، كېيىنچە جىگەردە، قان تۇمۇردا چۆكمە ھاسىل قىلىۋېلىپ، قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللەرنى چىقىرىپلا قالماستىن، يۈرەك ئاغرىقى، جىگەر قېتىش..... كېسەللىرىگە سەۋەب بولىدۇ.

گاژ-گۇژ، ۋاژ-ۋۇز قىلىپ ياغدا قىزارتىپ قۇرۇلغان تائاملار جىگەرنى بەك تېز كاردىن چىقىرىدۇ. جىگەر بىچارە بولۇپ قالسا، كىشى ئاسانلا قەۋزىيەت بولىدۇ، قان تۇمۇرىمىزغا پاكىزە قانلارنىڭ يېتىپ بېرىشى تۇسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئاچچىق-چۈچۈك تەمىنى بەك تەڭشەپ، تۇزلۇق قىلىپ ئېتىلگەن تائاملار بۆرەككە بېسىم چۈشۈرىدۇ.....

ئىشقىلىپ، نەپسىمىزگە بەك بېرىلىپ كەتمەي، نورمال غىزالانساق، رامىزان روزىسىدىن باشقا چاغلاردىمۇ (مەسىلەن: مۇھەررەم ئېيىدىكى ئىككى كۈنلۈك روزا، دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرىدىكى روزا، شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈنلۈك) نەپلە روزا قاتارلىقلارغا ئادەتلەنسەك، سەمىرىپ كەتمەي، ئۇرۇقلاپمۇ كەتمەي نورمال تۇرغىلى بولىدۇ. يىلدا ھېچ بولمىغاندا بىرەر قېتىم تىۋىپنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھاجامات قىلدۈرۈش (مۆرە، دۈمچە تەرەپتىن قان ئالدۇرۇش) جىگەرنىڭ خىزمەت يۈكىنى زور دەرىجىدە يەڭگىللىتىدۇ. چۈنكى جىگەرنىڭ قان ئامبىرى دۈمچىمىزنىڭ ئۈست تەرىپىدە بولۇپ، بۇ يەردىن قان ئالدۇرغاندا، پاسكىنا قانلار چىقىپ كېتىپ، بەدەننى پاكىزلىغىلى، جىگەرنىڭ يېڭى قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

بىز نەپەسلەنگەن ھاۋامۇ بەك مۇھىم. پاكىز تائام، پاكىز سۇ، پاكىز ھاۋا، مۇشۇ ئۈچ نەرسە تەڭپۇڭ بولسا، غىزايىمىز پاكىز بولدى دېگىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ ساپ ھاۋا سەھەردە بامدات ۋاقتىدا سىرتتا نەپەسلەنگەن ھاۋا، بۇ ھاۋادىكى ئوكسىگىن مىقدارى قۇياش كۆتىرىلگەن چاغدىكى ئوكسىگېن مىقدارىدىن كۆپ. دىققەت قىلسىڭىز، چۈشكىچە ئۇخلىغان ئادەمنىڭ چىرايى بىلەن ئەتىگەن سەھەر قوپقان ئادەمنىڭ چىرايىدىكى پەرقنى كۆرەلەيسىز.

نەپەسلەنگەندە ھاۋانى سۈمۈرگەندىن كېيىن يەنە چىقىرىمىزغۇ، شۇنىڭدەك، يېگەن تائاملىرىمىز ھەزىم بولۇپ، بەدىنىمىز سۈمۈرگەندىن كېيىن ئاشقىنى ،سىرتقا چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىك بولغىنى (چوڭ-كىچىك تەرەت) نورمال چىقىرىۋېتىلمىگەندە، بەدەن يەنە كېسەل بولۇپ قالىدۇ.......

قالغىنىنى بىرزات ھېكىم ياخشى بىلىدۇ. مەن تىۋىپ ئەمەسمەن، بىراق ھەر خىل مىللەت كىشىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈش، باشقا تىلدىكى ئەنئەنىۋى تىبابەت ماتىرىياللىرىنى كۆپرەك كۆرۈش نەتىجىسىدە ھېس قىلغانلىرىمندىن ۋە بېشىمدىن ئۆتكەنلەردىن بەزىسىنى يېزىپ قويدۇم.

قىسقىسى، ئۇرۇقلاش ئۈچۈن دورا يېيىش ھاجەت ئەمەس. يىيىش-ئىچىش، چىقىرىشتا تەڭپۇڭلۇققا دىققەت قىلىسىڭىز، سىزنى ياساپ ياراتقۇچى «مۇنداق قىلغىن» دەپ بىلدۈرگىنى بويىچە ئىش قىلسىڭىز، ساغلاملىقىڭىزدىن چاتاق چىقمايدۇ.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 14:04:01

ۋاي نىمانداق قىززىق سىلەر ؟ ! چۈشلۈك چېيىمنى ئىچىپ كەلگۈچىلا مېنى « ئەنلى » چىگە چىقىرىۋەتتىڭلارمۇ نىمە ؟! ئاۋۇ 6000 كوينى يوقىتىپ قويسىلا ئۇرۇقلايدۇ دىگەن ئىنكاسنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىپتىمەن .

مەن « ئەنلى » نىڭ ئىستىمالچىسى ، ئەمما تەشۋىقاتچىسى ئەمەس . ئۇلارنىڭ قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇرۇقلاشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىغا كەلسەك ، ئاساسەن كۈندە 15000 قەدەمدىن ئارتۇق مېڭىشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن كالا گۆشى بىلەن تۇخۇم ، كۆكتات ، مىۋە - چىۋە يىيىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن . ھەر ۋاقلىق غىزا ھەم ساغلاملىق يىمەكلىكىنىڭ قانداق يىيىلىدىغانلىقى ھەققىدە كىشىلەرنىڭ تەن ئېغىرلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن بېرىدىغان مەخسۇس خاتىرىلىرى بار ، شۇ بويىچە ماڭىدىغان گەپ . ھەر ۋاقلىق تامىقىڭىزنى ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ تۇرىدىغان تارازىغىچە ھەقسىز تەمىنلەيدۇ . ئۇندىن باشقا ماڭغان ھەر بىر قەدىمىڭىزنى ئۆلچەيدىغان ، بەلگە ئېسىۋالىدىغان ئەسۋاپنىمۇ بېرىدىكەن . ئىشقىلىپ ئۇرنۇمدىن تۇرغاندىن تارتىپ ، كەچتە ياتقىچە نىمە يەپ ، نىمە پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىم توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرى ئۈزۈلمەيدۇ ، يا ئېىرىنمەيدىكەن ، شۇنداق قىلىپ 40 كۈندە كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتىم.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 15:40:21

مىنى بۇنداق قىرىق كۈنلىك ئازابلىق يىتەكلىسە بەلكىم ئورۇقلاپ ئۆلۈپ كىتىشىم مۇمكىن . بۇنىڭدىن كۆرە چىقىپ قىرىق كۈن پاختا تەرسەم 6000 يۇەن تاپىمەن ، 12 مىڭ يۇەننى پۇل يوق ئوپراتسىيىگە كىرەلمىگەن بىرەرسىگە بەرسەم ، ئاندىن بۇنى تورغا يازسام مانا بۇ ھەققى ئۈنۈمگە ئېرىشكىنىم ئەمەسمۇ \"\"

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 15:50:57

4- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر ئۇيقىغا بىر قورساققا ئامراقلار ئورۇقلايمەن دەپ خىيال قىلماڭلار مەنچە

مەن قورساققا ئامراق,لىكىن ئاسانلىقچە ئۇيقۇم كەلمەيدۇ,يوتقانغا كىرىپمۇ ئىككى سائەت ياتماي تۇرۇپ ئۇخلىيالمايمەن,شۇڭلاشقا سەمىرمىگەن ئوخشايمەندە......

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 18:22:15

كىشىلەرنىڭ ئورۇقلاش غېمىگە چۈشكەنلىكى _ كۆڭلىنىڭ خاتىرجەم، قورسىقىنىڭ توق، كىيىمىنىڭ پۈتۈن، ئۇيقىسىنىڭ ياخشى، باي- باياشات، غەم - ئەندىشىسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ \"\"

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 18:24:41

شۇنداق بولغانكەن، مەنمۇ ئەل ئىچىدە ئىقتىسات تۈپەيلى ئوقۇشسىز قالىدىغان بالىلارنىڭ ئەمدى چىقمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسام بولغۇدەك \"\"
بەت: [1] 2
: ئورۇقلاش توغرىلىق يېڭى ئۇچۇر