dilsaz يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 23:58:09

ئاياللار مائارىپىدىكى بىر نامايەندە ....

ئاياللار مائارىپىدىكى بىر نامايەندە

ئاپتورى :
ھاكىم جاپپار


ئەخمەت ئىمىن

بۇندىن يېرىم ئەسىر بۇرۇن غۇلجا شەھرىنىڭ مەركىزى كوچىسى __ستالىن كوچىسىدا قەد كۆتۈرگەن ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى ، بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ساۋاقداشلار چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن ئەسلىشىدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى ياخشى، ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقۇرى بولۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن تارتىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغىچە ئىلى رايونىدىكى ئەڭ قابىل ئۇستازلار توپلانغان ئىدى. بۇ مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ تارىخىدىكى ، بولۇپمۇ ئاياللار مائارىپى تارىخىدىكى چاقناپ ئۆتكەن يۇلتۇزغا ئوخشاش بىر نامايەندىدۇر.

ئازاتلىقتىن بۇرۇن غۇلجىدا خانىم- قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس قۇرۇلغان بىر ھۈنەر-سەنئەت مەكتىپى بار ئىدى، ئۈچ ۋىلايەت دەۋرىدىن تارتىپ ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىغىچە بۇ مەكتەپتە بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت دەرسلىرى ئۆتۈلسە، بىر تەرەپتىن كىيىم تىكىش، كەشتىچىلىك ۋە باشقا ھۈنەر-كەسپلەر ئۈگىتىلەتتى. بۇ مەكتەپتە ھەر مىللەت خانىم-قىزلىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش ئۆگىنىپ چىقاتتى. بۇ مەكتەپنىڭ شۇ چاغلاردا ئاياللار مائارىپىدا بەلگىلىك رولى بولغان، لېكىن ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە بۇ بىر مەكتەپ ئازلىق قىلاتتى. كونا ئۆرپ-ئادەت، ئائىلە بېسىمى ئاستىدا قىزلار كۆپىنچە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇپلا ئائىلىدە بولۇپ قالاتتى. مەكتەپلەردىكى قىز ئوقۇغۇچىلار سانى سىنىپ ئاتلىغانسېرى
كېمىيىپ، تولۇقسىز، بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلارغا چىققاندا تېخىمۇ ئازىيىپ كېتەتتى. شۇ چاغدىكى قىز-ئوغۇللار ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرەە كۆپىنچە ئائىلىلەر قىزلىرىنى ئەۋەتىشنى خالىمايتتى.

1950-يىلىدىكى ئىلى ۋىلايەتلىك مەدەنى-مائارىپ بۆلۈمىنىڭ غۇلجا شەھرىدىكى مەكتەپلەر، ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، قىز ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپ ئومۇمى ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ %42ىنى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئومۇمى ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ %36ىنى تەشكىل قىلغان. بۇ ئەھۋال ئاياللاردىن يۇقۇرى سەۋىيەلىك خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، ئالىي مەكتەپلەرگە قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتىشتە قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئاياللار مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈش، شەرت-شارائىت ھازىرلاپ ئىلىدا مەخسۇس بىر قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. شۇ چاغدىكى ئىلى ۋالىي مەھكىمە مەدەنىي-مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ھاكىم جاپپار تۇنجى بولۇپ ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەشەببۇس ئىلى يەرلىك كومىتېت، ۋالىي مەھكىمە رەھبەرلىرىنىڭ ھەم ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىگە ئېرىشىپ، 1951-يىلى 9-ئايدا ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى رەسمىي قۇرۇلدى.

مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ھاكىم جاپپار قاتارلىق مەسئۇل كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مەكتەپ قۇرۇلۇشى، تەشكىلى ئاپاراتى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، تەلەم
تەربىيە قاتارلىقلار يۇقۇرى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. مەكتەپ قۇرۇلۇشى پۈتكىچە باشقا مەكتەپلەرنىڭ ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. 1954-يىلى ستالىن كوچىسىدىكى ( ھازىرقى ئىلى ئوبلاستلىق ئېلىكتىر كۈچى ئىدارىسى قورۇسى) ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، مەكتەپ ئاشخانىلىرى سېلىندى.

ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ ھاكىم جاپپار(قوشۇمچە)، ماھىنۇر خانىم مىراجى(تاتار)، رەئىسە كېرىم(تاتار)، سەلىمە تۇرسۇن، ئەخمەت ئىمىنلار مۇدىر بولدى. مەكتەپتە پارتىيە ، ئىتىپاق تەشكىلى قۇرۇلۇپ، تۇردى سوپى، ئابدۇسالام مېھرى، ئەخمەت ئىمىنلار ئلگىرى-ئاخىر بولۇپ مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسىنىڭ شۇجىسى، سەلىمە ئابلىمىت مەكتەپ ئىتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولدى. ئىلمىي مۇدىرلار تەرتىپى: مەۋلان قاراباشىۋ، ئەلفىيە(تاتار)، غىلاجىدىن، توختىبۈۋى(ئۆزبېك)، رەيھان بەختىيار، زىننەتبۈۋى ئىمىن قاتارلىقلار.

مەكتەپ تەلىم
تەربىيە، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن شۇ چاغدا ئەخلاق-پەزىلەت، كەسپى قابىلىيەت جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن رىزۋان ناسىر، سەلىمە تۇرسۇن، توختىبۈۋى، زىننەت ئىمىن،ئاۋۇت ئابدۇراخمان، غىلاجىدىن، ئىمىر كېبىر، يۈسۈپ ئىلياس، تۇردى سوپى قاتارلىقلارنى يۆتكەپ كەلدى، 1953-يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ياشلار ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلىدى.

ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلغان 1-ئوقۇش يىلى يەتتە سىنىپ، 250 ئوقۇغۇچى، 2-،3-،4-ئوقۇش يىللىرى ھەر يىلى توققۇز سىنىپتىن 370 ئوقۇغۇچى ئەتراپىدا ، 5-ئوقۇش يىلىدىن تارتىپ 1961-يىلىغا قەدەر ھەر يىلى10 ياكى 11سىنىپتىن 400ئوقۇغۇچى ئوقۇغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار غۇلجا شەھرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيىلەردىن، ھەتتا ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق ۋىلايەتلەردىن قوبۇل قىلىناتتى. بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، تاتار، تۇڭگان ، شىۋە قاتارلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇپ كەلگەن.

بۇ مەكتەپتە 1955-يىلدىن 1961-يىلىغىچە يەتتە قارار 513 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، بۇلاردىن 308نەپىرى ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەر خىل ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلدى. 1956-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە يەتتە نەپەر ئوقۇغۇچى سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا چىقىرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرىنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرى بىلەن بىر قىسىم ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇشقا بارالمىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار غۇلجا شەھىرى ۋە ھەر قايسى ناھىيىلەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

پەقەت غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىلا 1991-يىلىغىچە " مائارىپ سېپىدە 30يىل خىزمەت قىلغان" دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن سابىق ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 90نەپەر بولغان. ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق ئىككى شەھەردىلا دوتسېنت، پىروففېسسور، تەتقىقاتچى، ئالىي ئىنژېنىر، مۇدىر ۋىراچ ئۇنۋانلىرىغا ئېرىشكەن سابىق قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 70تىن ئاشىدۇ.

مىللى ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى1961-يىلىدىن باشلاپ
ئوغۇل-قىزلار، مىللىي،خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ئوقۇيدىغان غۇلجا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆگەرتىلدى. 1963-يىلى 9-ئايدا مىللى ئوقۇغۇچىلار غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا(ستالىن )مەكتەپكە كۆچۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئايلاندۇرۇلدى. ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى ئاساسى سابىق ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەكتەپنىڭ ئارخىپلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىللىرىدە يوقۇلۇپ كەتكەن، مەكتەپ قورۇسىمۇ قالايمىقانچىلىق يىللاردا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان ، ئۇنىڭ باشقا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگىنىگىمۇ 40يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۆز ۋاقتىدا ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە خىزمەت قىلغان پىشقەدەملەر ۋە ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئەسلىمە يېزىپ چىقىلدى.




مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى 2002-يىل9-سان


tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:41:20

ياخشى يېزىپسىز \"\"

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:56:25

شۇ ۋاقىتلاردا مائارىپ سۈپىتى بەكمۇ ياخشى ئىكەندۇق، ئوقۇغانلارمۇ شۇنداق مەلۇماتلىق،يۇقىرى ساپالىق، ئىختىساسلىق بوپ يېتىشىپ چىقىدىكەندۇق......

ھازىر نىمە بوپ كەتتىكىن تاڭ  {:106:}
بەت: [1]
: ئاياللار مائارىپىدىكى بىر نامايەندە ....