yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 10:14:03

ئارغۇن قەبىلىسى[تەرجىمە]

ئارغۇن قەبىلىسى



ئارغۇنلار
تاۋزوڭيىنىڭ «جەنۇبى كەنتتە تېرىلغۇنى توختىتىش خاتىرسى››دا  تىلغا ئېلىنغان 31
خىل  رەڭدار كۆزلۈكلەرنىڭ 13-خىلى بولۇپ
تۇنگانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھېسابلىندۇ.



ئارغۇنلار
تالاستىن بالاساغۇنغىچە بولغان جايلارغا توغرىراقى بۈگۈنكى قىرغىزىستاندىكى چۇ
دەريا ۋادىسىغا تارقالغان،ئارغۇن دېگەن سۆز ئارلاش قانلىق دېگەن مەنىنى
بىلدۈردۇ.كەشمىردىكى لاداق ۋە لەھ كىشلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن كەشمىرلىكلەر توي قىلىپ
تۇغۇلغان پەرزەنتلەرنى ئارغۇن دەپ ئاتايدۇ،شۇڭلاشقا ئارغۇن دېگەن سۆز ئارلاش
قانلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.



ئارغۇنلار
ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا تارقالغان،قازاقىستان
قارغاندى ئوبلاستى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ،نوپۇسى تەخمىنەن بەش يۈز
مىڭ.باسمىللارمۇ ئۇلارنىڭ بىر كېلىش مەنبەسى ،ئارغۇنلار قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا
يۈزىنىڭ رەھبىرى بولۇپ كەلگەن.



ئارغۇنلار
ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ،قاراخانىلارنىڭ باشقۇرۇش دائىرسىدە ياشىغان بولغاچقا
خانلىقىنىڭ بىر تەشكىلى قىسمى ھېسابلىندۇ.



يۈەن
سۇلالىسىدىمۇ ئارغۇن قوشۇنى بولۇپ شۈنمالىن،فېڭجۇ ئەتراپىدا ناشىش دۇردۇنى(ئالتۇن
يىپتىن توقۇلغان) ئىشلەپچىقارغان،يۈەن سۇلالىسنىڭ ئاخىردا ئۇلار خۇيخۇي(مۇسۇلمان)
دەپ ئاتالغان،مىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن تۇنگانلار ۋە
ئۆزبېكلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن.





قازاقلارنىڭ
ئوتتۇرا يۈزىدىكى ئارغۇنلارمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ بەزىلار ئۇلارنىڭ نامى
موڭغۇل ئېمپىرىيەسى ۋە تېمۇر ئېمپىريەسى دەۋردىكى ماۋرائۇننەھىرنىڭ شىمالىدا
ياشايدىغان ئارغۇن ياكى ئارگونلاردىن كەلگەن دەيدۇ.چىڭ سۇلالىسى دەۋردە ئۇلار
قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا يۈزىنىڭ رەھبىرى بولغان،ئۇندىن باشقا قىرغىزلارنىڭمۇ ئارغۇن
دەيدىغان بىر قەبىلىسى بار.



تەرجىمىدە:ياغلاقار      مەنبە:http://zh.wikipedia.org/wiki/%E9%98%BF%E5%85%92%E6%B8%BE

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:12:45

ئارغۇنلار تاۋزوڭيىنىڭ «جەنۇبى كەنتتە تېرىلغۇنى توختىتىش خاتىرسى››دا تىلغا ئېلىنغان 31 خىل رەڭدار كۆزلۈكلەرنىڭ 13-خىلى بولۇپ تۇنگانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھېسابلىندۇ.





ئارغۇنلار ھەققىدە مۇپەسسەل چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇق.

...................

31 خىل رەڭدار كۆزلۇكلەرنىڭ ناملىرىنىمۇ بىلىۋالساق بولىدىغان ئوخشايدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تاتارلارمۇ بارمۇ؟ۋېكپىيدىيىدە رەڭلىك كۆزلۇكلەرنى چۇشەندۇرۇپ كىلىپ تاتارلارنىڭ سۇرىتىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:17:56

\"\"


yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 13:44:22

1- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئارغۇنلار تاۋزوڭيىنىڭ «جەنۇبى كەنتتە تېرىلغۇنى توختىتىش خاتىرسى››دا تىلغا ئېلىنغان 31 خىل رەڭدار كۆزلۈكلەرنىڭ 13-خىلى بولۇپ تۇنگانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھېسابلىندۇ.





ئارغۇنلار ھەققىدە مۇپەسسەل چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇق.

...................

31 خىل رەڭدار كۆزلۇكلەرنىڭ ناملىرىنىمۇ بىلىۋالساق بولىدىغان ئوخشايدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تاتارلارمۇ بارمۇ؟ۋېكپىيدىيىدە رەڭلىك كۆزلۇكلەرنى چۇشەندۇرۇپ كىلىپ تاتارلارنىڭ سۇرىتىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ.




يۈەن سۇلالىسى ئۆز دائىرسىدىكى خەلىقلەرنى موڭغۇللار، رەڭدار كۆزلۈكلەر،خەنلەرۋە نەنلەر دەپ تۆت تۈرگە ئايرىغان بولۇپ ئادەتتە موڭغۇل،خەن،نەندىن باشقا بارلىق خەلقلەر رەڭدار كۆزلۈكلەر دەپ قارىلىدۇ.

تاۋزوڭيىنىڭ \"جەنۇبى كەنتتە تېرىلغۇنى توختىتىش خاتىرسى\" دا رەڭدار كۆزلۈكلەرنى 31 خىل تۈرگە ئايرىغان،ئۇلار :


قارلۇقلار،قىپچاقلار،تاڭغۇتلار،ئوسەتلەر،تۇۋالار،قاڭلىلار،苦里鲁،ئارغۇنلار،合鲁歹،火里剌،



撒里哥،تۈبۈتلەر،ئونغۇتلار،密赤思،夯力،贵赤،匣拉鲁،秃鲁花،掘儿察歹،刺乞歹،


ئۇيغۇرلار،赤乞歹،خۇيخۇيلار(مۇسۇلمان ياكى تۇنگان)،نايمانلار،火里剌،甘土鲁،كەشمىرلەر،


哈剌吉答歹،秃鲁八歹،چەركەسلەردىن ئىبارەت.



بەزى تارىخچىلار رەڭدار كۆزلۈكلەر ئەمەلىيەتتە 20 نەچچە خىل دەپ قارايدىكەن. ،ئۈستىدىكى


\"苦里鲁\"،\"火里剌\"ۋە\"匣拉鲁\" دېگەنلەر بەلكىم قارلۇقلار(葛逻禄)نىڭ تەكرارلىنىشى،


\"夯力\" دېگەن قاڭلىلار(康里)نىڭ تەكرارلىنىشى بولۇشى مۇمكىن.


يەنە بەزىلىرنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئالىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.\"\"

بەت: [1]
: ئارغۇن قەبىلىسى[تەرجىمە]