hacker 黑客 ئاتالغۇسى توغرىسىدا
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم،بۇ ئاتالغۇ ھازىر تىلىمىزغا ھەرخىل تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ:خاككىر،خەيكىر،ھەتتا بەزى چالا تىلماچلار ئەسلىhackerنىڭ خەنچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولغان黑客 نى خەت مەنىسى بويىچە قارا مېھمان دەپ تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ.مەنچە بولسا بۇنى قەستكار دەپ ئالساق قانداق بولا؟تەلەپپۇز قىلنېشىمۇ ئىنگىلىزچىسى بىلەن يېقىنلىشىپ قالدىكەن:خاككىر -قەستكار.دوستلارنىڭ مۇھاكىمە قىپ بېقىشلىرىنى سورايمەن.مېنىڭچە يەنىلا ئەسلى تىلدىكى ئاتىلىشى بويىچە خاككېر دەپ ئېلىۋەرسەك بولارمىكىن.
قەستكار دەپ ئالغىنىڭىزغۇ خېلى قاملىشىپتۇ،لېكىن قەستكار دېگەن سۆزدىن قەست قىلغۇچى دېگەن سەلبى مەنا چىقىپلا تۇردىكەن.
بۇ ئاتالغۇ خاككېر دەپ سىڭىشىپمۇ قالدى. ئەمدى ئۆزگەرتمىگەن ياخشىمىكىن. بۇمۇ ھىساپتا كومپىيۇتېرغا ئوخشاش يىڭى ئاتالغۇ بولغاندىكىن. باشقىلاردىن كەلگەن ئاتالغۇلار بىزنىڭ تىلىمىزدا بولمىسا، ئىمكانقەدەر ئاشۇ تىل بويىچە ئېلىش كېرەك، چۈنكى ئاشۇ ئاتالغۇنى ئاشۇ تىل كەشىپ قىلغانلىقتىن، خەقنىڭ كەشپىياتىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. كومپىيۇتېرنى يەنىلا كومپىيۇتېر دەيمىز، ھەرگىزمۇ خەنزۇچە بويىچە ئېلېكترونلۇق مېڭە دەپ ئاتىمايمىز، 90-يىللاردا ھەقىقەتەن ئېلېكترونلۇق مېڭە دەپ قىسمەن ئوموملاشتۇرغان ئىدى، لېكىن بىز بۇ ئەسۋاب بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئەسلى بويىچە ئاتىساق توغرا بولىدىغانلىقىنى بىۋاستە چۈشىنىپ يەتتۇق.2004-يىلى، مەن مۇشۇ ئاتالغۇ ھەققىدە باشئەگىم توربېتىدە مۇنازىرلەشكەن ئىدىم، ھەممە تورداشلار «قارا مېھمان» دەپ ئېلىشنى قاتتىق قوللاپ كەتتى، چۈنكى بۇ سۆز خەنزۇچىغا بەك ماس كېلەتتى. مەن خاككېر دەپ ئالايلى دىسەم، دەشنامغا قالغان ئىدىم.
مانا، بۇ سۆز ۋە كەسىپ بىلەن ئۇچرىشىدىغانلار كۆپەيگەنسېرى، خاككېر دەپ ئەسلى تەلەپپۇزغا يقىن قىلىپ ئېلىشنى قوللايدىغانلارمۇ كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. خاككېر يەنىلا خاككېر بولسۇن . خاككېر دەپ ئېلىشقا مەندىن بىر ئاۋاز. قەستكار دېگەنمۇ يەنىلا ئۇيغۇرچە ئەمەس. قەست ئەرەبچە، +كار بولسا پارسچە. يەنە كېلىپ خاككېر دېگەنننىڭ ياخشىسىمۇ بولىدۇ، ناچىرىمۇ بولىدۇ. شۇڭا ئارتۇق ئويلىشىپ يۈرمەي يەنىلار ئەسلىسى بويىچە «خاككېر» دەپ ئېلىۋەرگىنىمىز ياخشى. خاككېر بولسۇن .... ھا ھا ھا ............( بۇ يەردە تۆت سۆز قىسقارتىلدى ) كىچىك تىلشۇناسلار ، مىللەت ئۈچۈن سۆز ياساۋېتىپتۇدە . مەنچىمۇ خاككىر دەپ ئاتاۋەرسە ياخشىمىكىن بىكا قالدىڭىزما؟
بەت:
[1]