شىنجاڭدا تور سودىسى ۋە 270 مىليۇن
ئىلاۋە: كۈنىمىزدە توردا مال سېتىۋىلىش كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتىدۇ. توردا يېڭى مال سېتىۋالغاندا ئازتولا ئەنسىرىگەن بولساق، ھازىر ئىشەنچىلىك تور دۇكانلاردىن خاتىرجەم مال سېتىۋالىدىغان بولدۇق. جىڭدوڭ، تيەنماۋ، سۇنىڭ، ئامازون، داڭداڭ، تاۋباۋ ۋە باشقا تالايلىغان تور دۇكانلىرى ئېستىمالچىلارغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىرگە، نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشتى.
چوڭ تور دۇكانلىرى يىللار ئىلگىرىكى شىنجاڭغا مال يەتكۈزەلمەسلىك ياكى كۆپرەك ئەۋەتىش ھەققى قوشۇپ يەكتۈكۈزۈشتىن، ھازىرقى تۆۋەنرەك ئەۋەتىش ھەققى ئېلىش ھەتتا ھەقسىز ئەۋەتىشكە يۈزلەندى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى توردىن مال سېتىۋىلىشقا جەلپ قىلدى.
ئۇنداقتا، بىز شىنجاڭلىقلار بۇ يۈزلىنىشتىن قانچىلىك پايدىغا ئېرىشتۇق؟
تاۋباۋدا ئۇششاق دۇكان ئاچقانلار كۆپ بولدى، تىيەنماۋدا شىركەت سۈپىتىدە دۇكان ئېچىۋاتقانلاردىن قانچىلىك بار نامەلۇم. يېقىندىن بېرى كۆپلەپ سېتىلىۋاتقان چىلان، بادام ۋە باشقا شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىزدەپ ئېرىشكەن ئۇچۇردىن قارىغاندا، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىشى ياخشى بولغان دۇكانلارنىڭ كۆپنىچىسى ئىچكىرىدىن مال يەتكۈزىدۇ، ھەممىسى دېگۈدەك ئىچكىرىدە ئوراپ-قاچىلانغان ماللار. شىنجاڭدىن يەتكۈزىلىدىغانلىرىمۇ ئازتولا بار، لېكىن بۇنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇ خوجايىنلاردەك قىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى توردىن سېتىۋېلىشى بىلەن ئىچكىرىدە شۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ھارۋىلىق سېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بازىرى كاساتلىشىشقا باشلىدى، مەن نەچچە يىلدىن بېرى شۇنداق تىجارەت قىلىۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ بايانلىرىدىن بۇنىڭغا تېخىمۇ چىن پۈتتۈم. سۈپەتلىك ئورالما، ئازتولا تەڭشەلگەن تەم ئالدىدا ئورالمىغان، شەھەر كوچىلىرىدا ئاساسەن ئۈستى ئوچۇق تۇرىدىغان يىمەكلىرىمىزنىڭ سېتىلىشى تەسلشىۋاتىدۇ.(تېمىدىن چەتنەپ كەتتۇقمۇ ھە)
ئەھۋال شۇنداق، بۇ خىل يۈزلىنىشتىن بىزلەرنىڭمۇ بىر كىشىلىك پايدا ئېلىشىمىزغا نېمىلەر توسالغۇ بولىۋاتىدۇ، قانداق مەسىلىلەر مەۋجۈت؟ نېمىلەرنى قىلىپ، نېمىلەرنى ئويلىشىمىز كېرەك، دىگەن مەزمۇنلاردا ئازتولا ھال-مۇڭ بولۇشسساق، دىمەكچى.
نەپ تەگمەيدىغان تېمىلاردا جىق تالاشتۇق، ھېچ پايدىسى چىقمىدى، پۇلسىزلىق بىزنى، قېرىندىشلىرىمىزنى قىيىۋەردى.
تۆۋەندە بىر قىسىم ئۇلانمىلار ۋە خەۋەرلەر بېرىلدى، خالىغانلار كۆرۈپ بېقىڭلار.
270 مىليۇنلۇق زاكاس ھەققىدىكى خەۋەر پەقەت شىنجاڭدىكىلەرنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىش ئېھىياجىنىڭ خېلى يۇقىرلىقىنى يورۇتۇش مەقسىتىدە مىسال قىلىندى.
1. شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توردىن مال سېتىۋىلىشى توغرىسىدا ئىزدىنىش(ئىلمىي ماقالە) http://www.doc88.com/p-996319317092.html
2. شىنجاڭنىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودىسىغا نەزەر
http://www.xjass.com/jj/content/2012-03/08/content_223824.htm
3. 270 مىليۇنلۇق زاكاس ھەققىدە ئازغىنە تەھلىل
http://news.163.com/12/1113/02/8G5HD89F00014JB6.html
«11-ئاينىڭ11-كۈنى»دىكى بويتاقلار بايرىمىدا شىنجاڭنىڭ تاۋباۋ تورىدىن ئالغان مال سوممىسى 270 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ 26-ئورۇندا تۇرغان
270 مىليۇن يۈەن! بۇ ئەمدىلا ئاياقلاشقان تاۋباۋ تيەنماۋ «11-ئاينىڭ11-كۈنى»دىكى مال سېتىش پائالىيىتىدە شىنجاڭدىن زاكاز قىلىنغان ئومۇمى سودا تالونى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 26-ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ سانلىق مەلۇمات بۈ يىلقى «1-ئۆكتەبىر» ئالتۇن ھەپتىلىكىدە ئۈرۈمچىدىكى 18 چوڭ ـ ئوتتۇرا تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى ۋە 33تاللا بازىرىدا سېتىلغان تاۋار ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.
شىنجاڭنىڭ 270 مىليۇنلۇق سودا سوممىسى ئىچىدە، ئۈرۈمچىنىڭ سودا سوممىسى 90 مىليۇن يۈەندىن ئاشقان. تۈنۈگۈن، تاۋباۋ تورىنىڭ خادىمى جاۋ جىڭپېڭ «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ سېتىۋىلىش كۈچىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق» دېگەن سۆز بىلەن شىنجاڭنىڭ بۇ قېتىملىق مال سېتىۋىلىش سوممىسىغا باھا بەردى.
تور سودىسىدىكى يېڭى ئاتامان تيەنماۋ تورى
بۇ يىللىق توردا ئېتىبار باھادا سېتىش پائالىيىتىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقان تور بېكىتى تيەنماۋ تورى، نۇرغۇن تاراتقۇلاردا تيەنماۋ تورىنىڭ بۇ يىللىق تور سودىسى ئۇرۇشىغا نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى، ئۇلار تەشۋىقاتقىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلدى، مەسىلەن داڭلىق كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، 11-نويابىر تيەنما تورىدا مال سېتىۋېلىش بايرىمى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى شۇنداقلا تيەنماۋ تورىنىڭ شۇكۈنى ئىستېمالچىلارغا ئەڭ يۇقىرى ئېتىبار بىرىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلدى.
تيەنماۋ تورىنىڭ ئەسلىدىكى ئىسمى جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلارغا ناتونۇش ئەمەس، يەنى توردا نەرسە ئېلىپ باققان كىشىلەرگە ئەڭ تونۇش بولغان تاۋباۋ تورى، تاۋباۋ تورى ئۇنىۋېرسال مال سېتىۋېلىش تورى بولۇپ، نەچچە مىڭ ماركا، زاۋۇتلارنى تور سەھنىسى ئارقىلىق ئىستېمالچىلار بىلەن بىۋاسىتە سودىلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغان سودىلىشىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. تاۋباۋ تورى 2012-يىلى 11-يانۋار رەسمىي تيەنماۋ تورىغا ئۆزگەرتىلگەن، لوگوسى قارا مۈشۈك قىلىپ لاھىلەنگەن، بۇيىل 11-نويابىر بويتاقلار بايرىمىدا سېتىلىش سوممىسى 13سائەت ئىچىدىلا 10مىليارد يۈەن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ دۇنيا رېكورتى ياراتقان، ھازىر كىشىلەر تور سودىسىدا ئاتامانلىق ئورۇنغا ئىگە بۇ قارا مۈشۈكنىڭ يەنە قانداق مۆجىزىلەرنى يارىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.
مەنبە: خەلق تورى
http://uyghur.people.com.cn/157596/index.html
شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشنى ئاساس قىلغان چوڭ تىپتىكى شىركەتلەردىن شىنجاڭدا بىر نەچچىسى بار ، ئەڭ چوڭى شىنجاڭ مىۋىچىلىك گورۇھى قارمىقىدىكى 大唐丝路 دىگەن شىركەت ، ئۇنىڭدىن قالسا يەنە بىرنەچچە كىچىك شىركەتلەر بار (特色林果,果果网 دىگەندەك )، ھەممىسىىنىڭ تاۋباۋ ، تىيەنماۋ دىگەنلەردە دۇكانلىرى بار ، ھەممىسى شۇ خەنزۇ خوجايىنلارنىڭ شىركەتلىرى . ئەڭ چوڭ ئورۇندا تۇرىدىغىنى يەنىلا شىنجاڭ مىۋىچىلىك گورۇھى ، يىللىق ئومۇمىي سودا قىممىتى نەچچە مىليارد كىلىدۇ . يەنە مەخسۇس پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ، ئوراپ قاچىلاپ ساتىدىغان شىركەتلەر بار ، 八大怪 دىگەندەك ، ئاساسلىقى قۇرۇق مىۋە-چىۋىلەر ، قاق ياڭاق بادام دىگەندەك . مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە كەلسەك چىرايلىق ئوراپ قاچىلاپ قويغىنى بىلەن كوچىدا باققاللار سۆرەپ يۈرۈپ ساتىدىغان مىۋىلەر بىلەن ھىچقانداق پەرقىي يوق ، ھەتتا ئالامەت ناچار ، {:92:} {:92:} ! بۇنداق توردا ساتقان نەرسىلەرنى يەنە شۇ ئىچكىرىدىكىلەر كۆپ سېتىۋالىدۇ ، شىنجاڭ تەۋەسىدە سېتىۋالىدىغانلار يوق دىيەرلىك . ھازىر شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مىۋە-چىۋىلىرىنىڭ توردىكى بازىرى ئاساسەن شۇلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ بولدى ، ئەگەر يېڭىدىن كىرمەكچى بولغانلار بولسا چوقۇم ھىچ بولمىسا 10 مىليوندىن ئوشۇق مەبلىغى بولسا ، كەمىدە بىر - ئىككى يىل پايدا ئېلىشىنى مەقسەت قىلماي ، بازار ئىگىلەپ ئۆزىنىڭ تور سودىسىكى ئىناۋىتىنى تىكلىيەلىسە ئاندىن پۇت تىرەپ تۇرالىشى مۇمكىن . تاۋباۋ ھېچقاچان تىيەنماۋغا ئۆزگەرگىنى يوق،پەقەت taobaomall نىڭ قىسقارتىلمىسى tmallنىڭ ئاھاڭ ئوقۇلۇشىدىن كىلىپ چىققان،پەقەتلا تاۋباۋنىڭ بىر تارمىقى خالاس!!!ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئالىبابانىڭ قول ئاستىدىكى بىكەتلەر،تىيەنماۋ بىر قەدەر مۇكەممەل ئىشەنچىلىك بولۇپ،ساختا ماللار ئاساسەن يوق دىيەرلىك(پۈتۈنلەي يوق ئەمەس،يېڭلانغان ئېلىكتورونلۇق مەسھۇلاتلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ)،خەلق تورىدىكىلەر شۇنىمۇ بىلمەمدىكىنە،توغرىسى تاۋباۋ سودا شەھەرچىسى تىيەنماۋ سودا شەھەرچىسىگە ئۆزگەردى!!! ما يېزىمىزدا ساتالمىغان 1000توننا ياڭيو بارتى، توردا ساتقلى بۇلامۇ؟ مەن 11-ئاينىڭ11-كۈنى تىيەنماۋغا 2000يۈەندەك سودا قىلىپ بەردىم.ئالغان نەرسىلېرىمدىن بىرسى ئۈچۈنچى كۈنىلا كەلدى،(ئۈمرۈمدە توردىن مال سېتىۋېلىپ ئەڭ تېز تاپشۇرىۋالغان بىر قېتىملىقى)ئۇنىڭدىن باشقىلېرى ھازىرغىچە تېخى يولدىكەن. تاۋباۋدىكى قۇرۇق يەل-يېمىش سودىسىنى ئۆزىمىزگە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا قىلىپ كېڭەيتكىلىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن:
1.原产地采购 شۇ خىل مەھسۇلاتنى ئۆزىنىڭ چىقىش ئورنىدىن سېتىۋىلىش(سېتىش)
چىلاننى مىسالغا ئالساق، قارىدۆۋىنىڭ چىلانلىرىنىڭ داڭقى بولغاندىكىن شۇ يەردىكى بىرەر دېھقاننىڭ بېغىدىكى بىر قانچە تۈپ چىلان دەرىخىنى نىشانلاپ، ئەتىيازدىن تارتىپ تا چىلانلار پىشىپ تەييار بولغىچە بولغان جەريانلارنى كامىدا ئايدا بىرەر قېتىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا رەسىمگە تارتىپ ساقلاپ ماڭساق، ( تاۋباۋدىكى دۇكان نامىنى كىچىك تاختىغا بېسىپ، رەسىمگە بىللە تارتىپ، ئۆزىمىزنىڭ بۇ رەسىملەرنى توردىن ياكى باشقا جايلاردىن تېپىپ كىرىشتۈرۈپ قويمىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ قويساقمۇ بولىدۇ) خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا جىق پايدىسى بولىدۇ.
2.原始包装 ئەسلى پىتى ئورالمىغا قاچىلاش
خەنسۇلارمۇ ئىسلانغان، ئاقارتىلغان، كىسلاتا-ئىشقارلارغا چىلانغان، رەڭ بېرىلگەن ... مەھسۇلاتلارغا ھۆ بولغاندۇ. شۇڭا ، قاغىلىق تەرەپتىكىلەر بادام،ياڭاقلىرىنىڭ پىشىش مەزگىلىدىن تارتىپ قېقىش، پوستىدىن ئايرىش، قۇرۇتۇش..قاتارلىق جەريانلارنى رەسىمگە تارتىپ ماڭسا، ئاندىن چىرايلىق لايىھەلەنگەن 牛皮纸(سىمۇت قەغەز؟) گە ئوراپ ياكى باشقا مۇھىت ئاسرايدىغان ئورالمىلارغا قاچىلاپ ساتسا.. بۇمۇ خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىشى مۇمكىن.
ئۈستىدىكى ئىككى نۇقتىنى ھازىرغىچە قىلغانلار ياكى قىلىۋاتقانلار جىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەسىلەن، ئىچكىرىدىكى بىرەر خېرىدارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىساق، ئۇ شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتىنى سېتىۋالماقچى بولسا كۆلەملەشكەن، پايدا زەنجىرى مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن تىيەنماۋدىكى دۇكانغا قارىغاندا مەھسۇلات چىققان ئورۇندىن،ھەتتا شۇ خىل مېۋە ياكى يەل-يېمىشنى ئىشلەپچىقارغان ئادەمدىن بىۋاستە سېتىۋىلىشى مۇمكىن.
بىرەر يىل مۇشۇ تەرىقىدە سودا قىلسا كىيىنچە ھەتتا پۈتۈن بىر مەھەللىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى توردىلا سېتىپ بولىشى مۇمكىن.
----
تىيەنماۋنىڭ ماللىرى ئادەتتىكى دۇكانلاردىن قىممەت چىقىۋاتىدۇ. 11.11 دىكى ئېتىبار پائالىيىتىمۇ بىر ئويۇندەكلا بىلىندى. يېرىم باھادا سېتىلغىنى يەنىلا شۇ داڭلىق ماركىلارنىڭ قىممەت مەھسۇلاتلىرى. تەننەرخى 100 كويلۇق ئىشتاننى 860 كوي دەپ يېزىپ، ئاندىن 50% باھادا ساتتۇق،پايدىنى سىزگە ئۆتۈنۈپ بەردۇق... دەپ.
يەنە بىر يېرى، شىنجاڭنىڭ تور سودا ئىستىقبالى شۇنچە چوڭ بولغاندىكىن سۇيۇق بويۇملارنى تېز يوللانما ئارقىلىق توشۇغىلى قويسا بولمامدۇ. ems بىلەن e邮宝
دېگىنى ئېشەك ھارۋىسىنىڭ ئۆزى. ئۈرۈمچىگە 11 كۈندە قەشقەرگە 22 كۈندە كېلىدۇ. شۈنفىڭ، ئۇنىڭدىن قالسا شېنتوڭ ئەڭ تېز، لېكىن سۇيۇق بويۇملارنى ئومومەن توشۇمايدۇ.
تاۋباۋ بىلەن ئالى دىن ھەر 3 كۈندە دېگۈدەك بىر قېتىم نەرسە ئالىدىكەنمەن. قورساق كۆپىكى جىق

تور سودىسىدىن مەنپەئەتلەنگەر كۆپ ، مەن خېلىدىن بېرى تاۋباۋدىن خەۋەرلىشىش تۈرىدىكى مەۋھۇم مەھسۇلات ( VOIP قىممەت تولۇقلاش كارتىسى ) سېتىۋالىمەن ، ئۆتكەن ئايدىكى( 10 - ئايلىق ) سودا سوممىسى 15190 يۇۋەن بولۇپتۇ .
5- قەۋەتتىكى piganنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تور سودىسىدىن مەنپەئەتلەنگەر كۆپ ، مەن خېلىدىن بېرى تاۋباۋدىن خەۋەرلىشىش تۈرىدىكى مەۋھۇم مەھسۇلات ( VOIP قىممەت تولۇقلاش كارتىسى ) سېتىۋالىمەن ، ئۆتكەن ئايدىكى( 10 - ئايلىق ) سودا سوممىسى 15190 يۇۋەن بولۇپتۇ .
دۇكىنىڭىزنىڭ ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويمامسىز ، مەن تېلفۇن كارتامغا ئادەتتە ھەپتىدە بىر پۇل قاچىلايمەن ، بىرە يىل بولدىمىكى بىرلا دۇكاندىن ئېلىۋاتقىلى ، ئاشۇنىڭدىن ئېلىۋېرىپ ئېلىش دەرىجەممۇ 1 ئالماستىن ئېشىپ كېتىپتۇ ... 029.gif قۇرۇق مىۋىنى چوڭ شىركەتلەر كونتۇرۇل قىلىۋاپتۇ ، ئىچكىردىكى باھا بەيگە مەيدانىدىكى توپ بازاردىنمۇ ئەرزان تۇرمامدۇ . قانداق تۈردىكى دۇكان ئاچساق بولىدىكى ؟ مال مەنبىئى بار ئادەم بىلەن دۇكاننى بېسىپ ئاچالايدىغان ئادەم بىرلىشىپ قىلمىسا مال تۇرۇپ تورغا چىقرالمىسا ، تورغا چىقرالايدىغان تۇرۇپ مۇقىم ، باھاسى تۆۋەنىرەك مال مەنبىئى بولمىسا ئەپلەشمەيدىكەن .
جىق ئويلۇدۇم ، زادى قايسى تۈردىكى مالنىڭ بىزدىن ئىچكىرگە سېتىلىشىنى بۇلار كونتۇرۇل قىلالمىدى ، ئويلاپ ھىچ بېشىغا چىقالمىدىم .
10- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قۇرۇق مىۋىنى چوڭ شىركەتلەر كونتۇرۇل قىلىۋاپتۇ ، ئىچكىردىكى باھا بەيگە مەيدانىدىكى توپ بازاردىنمۇ ئەرزان تۇرمامدۇ . قانداق تۈردىكى دۇكان ئاچساق بولىدىكى ؟ مال مەنبىئى بار ئادەم بىلەن دۇكاننى بېسىپ ئاچالايدىغان ئادەم بىرلىشىپ قىلمىسا مال تۇرۇپ تورغا چىقرالمىسا ، تورغا چىقرالايدىغان تۇرۇپ مۇقىم ، باھاسى تۆۋەنىرەك مال مەنبىئى بولمىسا ئەپلەشمەيدىكەن .
جىق ئويلۇدۇم ، زادى قايسى تۈردىكى مالنىڭ بىزدىن ئىچكىرگە سېتىلىشىنى بۇلار كونتۇرۇل قىلالمىدى ، ئويلاپ ھىچ بېشىغا چىقالمىدىم .
ئۇنداقتا @hebib ئېيتقاندەك \"يېشىللىش\"قا يۈزلىنىش يېڭى چىقىش يولىدەك قىلامدۇ نىمە؟
مۇنداق سۇئال تۇۇغۇلدى:
ئېستىمالچىلارغا نىسبەتەن، ئوخشاش مەھسۇلاتنى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى مال يەتكۈزگۈچىدىن سېتىۋېلىش بىلەن ئىچكىرى تەۋەسىدىكى مال يەتكۈزگۈچىدىن سېتىۋىلىشنىڭ قايسىىنىڭ مايىللىقى بەكرەك يۇقىرى؟
شىنجاڭدىن يەتكۈزگەندە، چىقىدىغان يېرى بولغاچقا \"ئىشەنچلىك، سۈپەتلىك، يەرلىك\" تۈسىنى بېرىش ئاسانراق بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن \"يېشىللىق\" ئاتىقىنى چاپلاشمۇ ئاسان بولىدۇ. لېكىن مال يەتكۈزۈش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن.
ئىچكىرىدىن يەتكۈزگەندە، مال يەتكۈزۈش ۋاقتى تېز، ئىككىلا تەرەپكە قولايلىق. لېكىن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى، بىرلىك باھاسى ئېستىمالچىلارغا ئوخشاش نەرىسنى شىنجاڭدىن ئالغاندەك رازىمەنلىك تۇيغۇسى بىرەلىشى ناتايىن.
ئەگەر، يۇقىردىكى ئېستىمالچىلارنىڭ ئىچكىرىدىن سېتىۋالغاندىكى رازىمەنلىك تۇيغۇسى دىگەندەك مۇھىم ئامىل بولمىسا، ئىچكىرىدە سېتىلىۋاتقان ئوخشاش مەھسۇلاتنىڭ يېشىلراقلىرىنى ئىچكىرىنىڭ ئېستىمالچىلار مەركىزى توپلاشقان ئورۇنلىرىغا ئىسكىلات قۇرۇپ، شۇ يەردىن تېز سۈرئەت بىلەن سۈپەتلىك ماللارنى ساتسا، ئۆزگىچە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقى تۇغۇلامدۇ-قانداق؟
@Abdiweli يۇقىردىكى تەسەۋۋۇرغا سىز قانداق قارايسىز؟11- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەگەر، يۇقىردىكى ئېستىمالچىلارنىڭ ئىچكىرىدىن سېتىۋالغاندىكى رازىمەنلىك تۇيغۇسى دىگەندەك مۇھىم ئامىل بولمىسا، ئىچكىرىدە سېتىلىۋاتقان ئوخشاش مەھسۇلاتنىڭ يېشىلراقلىرىنى ئىچكىرىنىڭ ئېستىمالچىلار مەركىزى توپلاشقان ئورۇنلىرىغا ئىسكىلات قۇرۇپ، شۇ يەردىن تېز سۈرئەت بىلەن سۈپەتلىك ماللارنى ساتسا، ئۆزگىچە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقى تۇغۇلامدۇ-قانداق؟
بۇ خىل پىلاننى بىر نەچچە ئاي بۇرۇن قۇرۇق مىۋىنى كونتۇرۇل شىركەتلەر ئويلۇشۇپ ھازىر ئەمىلىيلەشتۇرۇش ھالىتىگە يىتىپ بولدى . مەن بۇ توغىردىكى ئۇچۇرلارغا بەك دىققەت قىلىمەن . تەنە بىرسى ئىچكىردىكى ئەشۈ ئەرزان قۇرۇق مىۋىلەرمۇ دىيارىمىدىن چىققان ، رەسمىيىتى تولۇق . ئۇلارنىڭ تەننەرقىنى بۇ دەرىجىدە كونتۇرۇل قىلالىشى ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ .
13- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
11- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەگەر، يۇقىردىكى ئېستىمالچىلارنىڭ ئىچكىرىدىن سېتىۋالغاندىكى رازىمەنلىك تۇيغۇسى دىگەندەك مۇھىم ئامىل بولمىسا، ئىچكىرىدە سېتىلىۋاتقان ئوخشاش مەھسۇلاتنىڭ يېشىلراقلىرىنى ئىچكىرىنىڭ ئېستىمالچىلار مەركىزى توپلاشقان ئورۇنلىرىغا ئىسكىلات قۇرۇپ، شۇ يەردىن تېز سۈرئەت بىلەن سۈپەتلىك ماللارنى ساتسا، ئۆزگىچە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقى تۇغۇلامدۇ-قانداق؟
بۇ خىل پىلاننى بىر نەچچە ئاي بۇرۇن قۇرۇق مىۋىنى كونتۇرۇل شىركەتلەر ئويلۇشۇپ ھازىر ئەمىلىيلەشتۇرۇش ھالىتىگە يىتىپ بولدى . مەن بۇ توغىردىكى ئۇچۇرلارغا بەك دىققەت قىلىمەن . تەنە بىرسى ئىچكىردىكى ئەشۈ ئەرزان قۇرۇق مىۋىلەرمۇ دىيارىمىدىن چىققان ، رەسمىيىتى تولۇق . ئۇلارنىڭ تەننەرقىنى بۇ دەرىجىدە كونتۇرۇل قىلالىشى ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ .
مۇنداق دەڭ، چاققان چىقىپتۇغۇ. تەننەرقىنى سىز دىگەندەك كونتىرول قىلىۋالغىنىغا قارىغاندا، ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن بىۋاستە ياكى بىرىنجى قولدىنلا مال كىرگۈزىدىغان ئوخشايدۇ. لېكىن بۇ ھەممىنى شۇلارنىڭ كونتىرول قىلىۋالغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ دە.
ئالدىنقى يىلى بېيجىڭدىكى ۋولمارت كورلىدىن نەچچە مىڭ مو يەر سېتىۋاپتۇ، مەخسۇس بېيجىڭدىكى دۇكانلىرىنى كورلا نەشپۈتى بىلەن تەمىنلەش بازىسى قىلماقچىكەن.
ھازىر توردا بازىرى بولىۋاتقىنى چىلان بىلەن ياڭاق ، بۇلاردا مەبلەغ بار ، مەخسۇس بازار تەكشۈرتۈپ قايسى مال ياخشى ماڭسا شۇنى كونتۇرۇل قىلۋىلىۋاتىدۇ . مەركەزكارخانلىرى بازارنى كونتۇرۇل قىلىۋالغاندەك ، ئەمدى توردىكى مۇشۇ ئازىراق نان تېپىپ يەيدىغان بوشلۇقنىمۇ ئىگەللىۋالغىلى تۇردى . بىر قارا ئۆڭكۈر شەكلىدىكى غايەت زور مەبلەغ ھەر قانداق پۇرسەتنى يالماپ ، ماڭىدىغان يول قويمايۋاتىدۇ . مىنىڭچە دۆلەت سىياسەت بەلگىلەپ چەكلەش تەدبىرى قوللانمىسا كۆپىنچە كىشىلەرگە نىسبەتەن توردا ساختا مال سېتىشتىن باشقا چىقىش يولى قالمايدۇ .گەرچە جوڭگودەك ئادىم كۆپ دۆلەتكە نىسبەتەن بۇنداق قىلىش ئاقىلانىلىق بولمىسىمۇ ئەمەلىيەتتە دۆلەت سودىدا كاپىتالنىڭ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ قولىغا توپلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ . بىزنىڭ مىللىي كارخانىچىلىرىمىزنىڭ پائالىيىتى يەنىلا پارتىزانچە ھالەتتە . بەلكىم ئۇلاردىنمۇ « شىنجاڭ مىۋىچىلىك گۇرۇھى » غا ئوخشاش چوڭ گۇرۇھلارنى قۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ئۆزگەرتكۈسى كېلىدىغانلار باردۇر ، ئەمما سىياسەت جەھەتتە قوللاش يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن يېرىم يولدا توختاپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىشنى ئەلۋەتتە چەتكە قاققىلى بولمايدۇ . نىمىلا ئىش قىلسا بىر پۇتىقى چىقىپ تۇرسا كىم بىزار بولمايدۇ دەيسىز ؟ ئالدىنقى يىلدىن تارتىپ تۇرۇپلا ئالمىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى . ئىلى تەۋەسىدىكى بىر تۈركۈم باققالچىلىق قىلىپ باققان ياكى شۇ يولدا مېڭىپ باققانلار ، يەنە بىر قىسىم قولىدىكى ئېشىنچە پۇلنى مەبلەغ قىلىپ تەۋەككۈل قىلىپ بېقىشىنى خالىغۇچىلار بولۇپ بىر تۈركۈم كىشى ئالما ئېلىپ سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتلىرىغا باستى . بۇنىڭ سۇغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرغانلارغىغۇ پايدىسى كۆپ بولغاندۇ ، ئەمما ئەتىيازغا چىقىش بىلەن ئالمىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپ ، ئالما باسقاننىڭ ھەممىسىنىڭ زىيىنى بەك ئېغىر بولدى . دىمەك زىيان باھا بېكىتىشتىن چىقتى دىگەن گەپ . بۇ چوڭ گۇرۇھلار قولىدىكى نامەلۇم يوللار ئارقىلىق كەلگەن زۇر مەبلەغ بىلەن باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى ئىگەللىۋالغاندىن كېيىن ، بىزنىڭ تىجارەتچىلىرىمىز ۋاقتى كەلگەندە سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتماي ئامالى يوقكەن .
توردا ئۆزىمىزنىڭ ماللىرىنى بازارغا سېلىپ نەتىجە قازىنىش ئۈچۈنمۇ مېنىڭچە باشقىلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلەمدىكىن دەيمەن ........ 11.11 ئىتىبار باھالىق مال سېتىش پائالىيىتىدە ماڭىمۇ تەلەي كەلگەن ئىدى.
تيەنماۋدا كەچ سائەت 20:40 تا ئېلىپ بېرىلغان 40 دانە ليەنشياڭ خاتىرە كومپيۇتېرىنى 50% باھادا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سېتىش پائالىيىتىدە مەن بىر دانە كومپيۇتېرنى مۇۋاپىقىيەتلىك سېتىۋالدىم.
سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرىكى ۋە سېتىۋېلىپ بىر نەچچە كۈنگىچە بولغان توردىكى مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى تۆۋەندىكىچە ئىدى:
处理器 英特尔 HR 赛扬TM双核 B830( 1.8GHz)
操作系统 不带系统
芯片组 Intel HM70高速芯片组
内存 2GB DDR3
缓存 3MB 三级高速缓存
硬盘 500G 5400转
无线局域网卡 802.11 BGN无线局域网卡
光驱 超级DVD刻录
显示屏 14寸LED液晶显示屏(16:9黄金比例)
显卡 核芯显卡
显示内存 共享
视频输出 HDMI高清端口、标准VGA接口
摄像头 30万像素摄像头
摄影系统 超强立体声音箱
网络连接 10M/1000M以太自适应网卡
蓝牙 2.1模块或以上
尺寸 340mm x 234.6mm x 20.2-34.6mm
重量 2.2Kg (含)
标准接口 1xUSB3.0,2xUSB2.0接口,VGA接口,RJ45、抗噪麦克风,耳机麦克风二合一插孔/音频输出, 四合一读卡器, HDMI高清输出接口
ئەمما، سېتىۋېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلىشىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلدى ۋە ئەمەلىي مەھسۇلاتتىمۇ ئەسلىدىكىگە ئوخشىماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلدى:
يەنى، تۆۋەندىكى ئىككى قىسىمدا پەرق كۆرۈلدى:
سېتىۋالغان چاغدا:
硬盘 500G 5400转
光驱 超级DVD刻录
ئەمەلىي مەھسۇلات:
硬盘 320G5400转
光驱 无光驱
بۇ مەسىلىنى ساتقۇچى تەرەپكە ئېيتقان ئېيتسام، ئۇلار كۆپ ئەپۇ سوراپ، ئىلگىرى مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىدە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى، شۇ كۈنى سېتىلغان 40 دانە كومپيۇتېرنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇنداق ئىكەنلىكىنى، مالنى ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە ئىككى خىل ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئېيتتى:
بىرىنچى: مالنى شەرتسىز قايتۇرىۋېتىش
ئىككىنچى: مالنى قايتۇرىۋەتمىگەن ئەھۋالدا سېتىۋالغۇچىغا 100 يۈەن نەق پۇل قايتۇرۇش ۋە 100 يۈەن قىممىتىدىكى مىكروسوفت ماركىلىق سىمسىز مائۇس سوۋغا قىلىش
-------------------------
تورداشلار بۇ ئىشقا مەسلىھەت بەرسەڭلار، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تۈرلۈك ئۇسۇلىغا قوشۇلسام بولامدۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك پۇل قايتۇرىۋالغىلى بولامدۇ؟ @sayrami
cctv-7 قانالدا يېزى-ناھىيەلەردە مەلۇم بىر خىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى سېتىلماي بېسىلىپ قالسا ھەقسىز ئىلان قىلىپ بېرىدۇ.
《致富经》《每日农经》《聚焦三农》 مۇشۇ ئۈچ پىروگىراممىدا ئېلان قىلىدۇ.
央视七频道免费农产品广告电话01082101644
ئۈنۈمى بولامدۇ-يوق بىلمىدىم. ھەر ھالدا سىناپ بېقىڭلا.
==========
@terjime تىجارەتچىنىڭ يولى بىر رىسقى بۆلەك.
ئاۋۋال تور سودىسى قىلىدىغان كىشىلىرىمىز كۆپەيسە بولىتى.
شەرقى شىمالنىڭ ياخشى سۈپەتلىك قېرىنقۇلاق(黑木耳) لىرىنى ئالماقچى بولساق شىنجىن، خاڭجۇ ياكى چوڭچىڭدىكى دۇكاندىن ئەمەس، جىلىندىكى بىرەر دۇكاندىن ئالىمىز. بادام، ياڭاقمۇ شۇنداققۇ ~
بىرەر ناھىيەدىكى مەلۇم بىر باغنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، شۇ باغنىڭ مىۋىسىنى كونتىرول قىلىۋالساقمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ بىزگە پايدىلىق سىياسەت چۈشۈپ قالارمىكى دەپ

17- قەۋەتتىكى hurxidiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
11.11 ئىتىبار باھالىق مال سېتىش پائالىيىتىدە ماڭىمۇ تەلەي كەلگەن ئىدى.
تيەنماۋدا كەچ سائەت 20:40 تا ئېلىپ بېرىلغان 40 دانە ليەنشياڭ خاتىرە كومپيۇتېرىنى 50% باھادا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سېتىش پائالىيىتىدە مەن بىر دانە كومپيۇتېرنى مۇۋاپىقىيەتلىك سېتىۋالدىم.
سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرىكى ۋە سېتىۋېلىپ بىر نەچچە كۈنگىچە بولغان توردىكى مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى تۆۋەندىكىچە ئىدى:
处理器 英特尔 HR 赛扬TM双核 B830( 1.8GHz)
操作系统 不带系统
芯片组 Intel HM70高速芯片组
内存 2GB DDR3
缓存 3MB 三级高速缓存
硬盘 500G 5400转
无线局域网卡 802.11 BGN无线局域网卡
光驱 超级DVD刻录
显示屏 14寸LED液晶显示屏(16:9黄金比例)
显卡 核芯显卡
显示内存 共享
视频输出 HDMI高清端口、标准VGA接口
摄像头 30万像素摄像头
摄影系统 超强立体声音箱
网络连接 10M/1000M以太自适应网卡
蓝牙 2.1模块或以上
尺寸 340mm x 234.6mm x 20.2-34.6mm
重量 2.2Kg (含)
标准接口 1xUSB3.0,2xUSB2.0接口,VGA接口,RJ45、抗噪麦克风,耳机麦克风二合一插孔/音频输出, 四合一读卡器, HDMI高清输出接口
ئەمما، سېتىۋېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلىشىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلدى ۋە ئەمەلىي مەھسۇلاتتىمۇ ئەسلىدىكىگە ئوخشىماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلدى:
يەنى، تۆۋەندىكى ئىككى قىسىمدا پەرق كۆرۈلدى:
سېتىۋالغان چاغدا:
硬盘 500G 5400转
光驱 超级DVD刻录
ئەمەلىي مەھسۇلات:
硬盘 320G5400转
光驱 无光驱
بۇ مەسىلىنى ساتقۇچى تەرەپكە ئېيتقان ئېيتسام، ئۇلار كۆپ ئەپۇ سوراپ، ئىلگىرى مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىدە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى، شۇ كۈنى سېتىلغان 40 دانە كومپيۇتېرنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇنداق ئىكەنلىكىنى، مالنى ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە ئىككى خىل ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئېيتتى:
بىرىنچى: مالنى شەرتسىز قايتۇرىۋېتىش
ئىككىنچى: مالنى قايتۇرىۋەتمىگەن ئەھۋالدا سېتىۋالغۇچىغا 100 يۈەن نەق پۇل قايتۇرۇش ۋە 100 يۈەن قىممىتىدىكى مىكروسوفت ماركىلىق سىمسىز مائۇس سوۋغا قىلىش
-------------------------
تورداشلار بۇ ئىشقا مەسلىھەت بەرسەڭلار، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تۈرلۈك ئۇسۇلىغا قوشۇلسام بولامدۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك پۇل قايتۇرىۋالغىلى بولامدۇ؟
سىزگە تەكلىۋىم مالنى قايتۇرۋېتىڭ.سىز مال سېتىلۋاكغان دۇكان بەك ئىشەنچىسىز ئىكەن.