Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 13:34:37

Gmail گە ئۇيغۇرچە توريۈزى كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى

Google شىركىتى Gmail  دە ئۇيغۇر يېزىقىدا خەت ئالاقىسى قىلىۋاتقان
كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەم بۇ ئالاقىنى تېخىمۇ
قولايلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، Gmail گە توريۈزى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى قوشتى.

بۇ نېمە دېگەن گەپ؟


بۇ Gmail نىڭ خەت يېزىش رامكىسىدا خۇددى ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر ئۇيغۇرچە خەت يازغانغا ئوخشاشلا خەت يازالايسىز دېگەن گەپ.


بۇ ئىقتىدارنى قوزغىتىش ئۇسۇلى:

1. Gmail گە كىرىڭ.


2. ئوڭ ئۈستى تەرەپتە چىشلىق چاقنىڭ سۈرىتى بار، شۇنى چېكىپ، «تەڭشەك» (settings设置) نى ئېچىڭ.

3. ئېچىلغان بەتكە قارىسىڭىز Gmail نىڭ تىلىنى تاللايدىغان بىر رامكا بار، شۇ رامكىنىڭ دەل ئاستىدا

Enable input tools ياكى خەڭسوچە 启用输入工具 دەپ بىر تاللانما بار، شۇنى ۋە ئاستىدىكى ئوڭدىن سولغا يېزىشنى قوزغىتىشنى تاللاپ قويۇڭ. سىز 启用输入工具 نى
تاللىغاندا ئىككى كۆزنەكلىك بىر رامكا ئېچىلىدۇ، ئېچىلغان سول رامكىدىن
«ئۇيغۇرچە» نى قوش چېكىپ تاللاڭ، بۇ چاغدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئوڭ كۆزنەككە
قوشۇلىدۇ. بۇ چاغدا «ئوۋكەي»نى بېسىپ مۇقىملاڭ.

شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتتى.


4. ئىشلىتىش: Gmail دە خالىغان ئادەمگە خەت يېزىش كۆزنىكىنى ئېچىڭ.

ئوڭ
ئۈستىدىكى چىشلىق چاقنىڭ يېنىدا بىر كونۇپكا تاختىسىنىڭ سۈرىتى چىقىدۇ، شۇ
سۈرەتنىڭ يېنىدىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق كۆرسەتكۈچنى چەكسىڭىز، سىز بايا قوشقان
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بار. شۇنى بىر چېكىپ قويۇپ، خەت يېزىش رامكىسىغا خەت
باسسىڭىز، ئۇيغۇرچە چىقىدۇ.


yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 11:13:05

ھازىر سىناپ باقتىم، بولىدىكەن. تىل تاللاش رامكىسىنىڭ يېنىدىكى خەتنى چەكسەك ئاندىن تىمىدا تىلغا ئالغان كىرگۈزگۈچنى تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدىكەن.



ئوڭدىن-سولغا يېزىشقىمۇ بولىدىكەن، خەت نۇسخىسى سەترەككەن، ئەمما ئالاقە قىلىشقا تەسىر يەتمىگۈدەك.



گوگىل قارىغا كۆپ رەھمەت. ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىۋاتقان، ئەمما خوڭكوڭغا كۆچكەندىن بېرى تولا راۋان ئەمەس، ئەمما مىننەتدارلىق يۈزسىدىن ئاۋۋال شۇنىڭدىن ئىزدەپ پەقەت بولمىغاندا بەيدۇ نى ئىشلىتىمەن.

yolyol يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 18:59:34

Gmail خېلى بولدى ئېچىلمايدىغۇ .  18 دا دىن كىيىن ئېچىلامىكى  \"\" \"\"

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 11:19:50

سىللە بىر قوللۇق پۇتتۇردۇڭلارمۇ بۇنىمۇ ؟

شۇنداق بولسا ، مۇبارەك بولسۇن ...

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 12:20:23

2- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھازىر سىناپ باقتىم، بولىدىكەن. تىل تاللاش رامكىسىنىڭ يېنىدىكى خەتنى چەكسەك ئاندىن تىمىدا تىلغا ئالغان كىرگۈزگۈچنى تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدىكەن.



ئوڭدىن-سولغا يېزىشقىمۇ بولىدىكەن، خەت نۇسخىسى سەترەككەن، ئەمما ئالاقە قىلىشقا تەسىر يەتمىگۈدەك.



گوگىل قارىغا كۆپ رەھمەت. ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىۋاتقان، ئەمما خوڭكوڭغا كۆچكەندىن بېرى تولا راۋان ئەمەس، ئەمما مىننەتدارلىق يۈزسىدىن ئاۋۋال شۇنىڭدىن ئىزدەپ پەقەت بولمىغاندا بەيدۇ نى ئىشلىتىمەن.

مېنىڭچە خەت نۇسخىسىنى سەت دېگىلى بولمايدۇ. ئەرەب ھەرپلىرىنى ئىشلىتىدىغان يېزىقلارنىڭ ئورتاق خەت نۇسخىسى «تاھوما» تولىمۇ چىرايلىق. بىز خەڭسوچە خەتكە ئوخشاش چاسا چىقىرىپ يېزىپ كۆنۈپ قاپتۇق، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بۇ يېزىقىمىز، ئاشۇنداق ئەگرى - بۈگرى يېزىلسا چىرايلىق.
بەت: [1]
: Gmail گە ئۇيغۇرچە توريۈزى كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى