muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 04:24:01

‹‹ ئېچىۋېتىش ›› تەلىپى شىنجاڭ ئۈچۈن ئالاھىدە بېكىتىلگەن[كۆچۈرۈلمە]

18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى ‹‹ ئېچىۋېتىش ›› تەلىپى شىنجاڭ ئۈچۈن ئالاھىدە بېكىتىلگەن





 نۇرغۇن چېگرا ئېغىزى بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغان شىنجاڭ قانداق قىلىپ سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى پەللىسىگە يېتەلەيدۇ ، 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپكە ئاساسەن ، قانداق قىلىپ ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەرنىڭ مۇنازىرە دوكلاتىدىكى مۇھىم بىر تېما .



  كىشىلەرگە ئايانكى ، شېنجېننىڭ كىچىككىنە بېلىقچىلىق كەنتىدىن مۆجىزىلىك ھالدا تەرەققىي قىلىپ ، دۇنياغا تونۇلغان چوڭ شەھەرگە ئايلىنىشى ، ئارقىدا قالغان شەھەر ئەتراپى رايونى فۇدۇڭنىڭ رىۋايەتلەردىكىدەك خەلقئارالىق چوڭ شەھەر شاڭخەينىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ ، «شېنجېنچە سۈرئەت » تە ئۇتۇق قازىنىپ ، خەلقئارالىق ئۆلچەمدىكى « فۇدۇڭچە يۈكسەكلىك» كە كۆتۈرۈلىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى ئىچىدە سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ئامىل . شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئىلگىرىكى تەرەققىيات قەدىمى ئېچىۋېتىشتىن مەنپەئەتلەنگەن ؛ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات قەدىمىمۇ ئوخشاشلا ئېچىۋېتىشقا تايىنىدۇ .



  قەشقەر ۋە قورغاسنى مىسالغا ئېلىپ ئېيتساق ، جۇڭگونىڭ غەربىي دەرۋازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەر بەش دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ ، دۆلەت 1-دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزىدىن ئالتىسى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن . 2010-يىلى 5-ئايدا ، مەركەز رەسمىي ھالدا قەشقەرنى ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىپ تەستىقلىدى ، قەشقەر ئاۋىياتسىيە چېگرا ئېغىزىنىڭ ئەۋزەللىكىمۇ بارغانسېرى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى . 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېڭ جېنشەن مۇنداق دېدى : ئۆتكەن يىلى قەشقەر ئايرودرۇمىدا سىرتقا چىققان ۋە سىرتتىن كىرگەن ئادەم سانى 920 مىڭغا يەتتى، ھازىرقى مۇشۇ مەزگىلگىچە 940 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى . بۇ يىل 1 مىليونلۇق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشتىن ئۈمىد بار .



  ئوخشاشلا دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قىلىپ تەسىس قىلىنغان قورغاسمۇ تاشقى سودا جەھەتتە كۈچلۈك داغدۇغا پەيدا قىلدى . 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئوبلاست باشلىقى مېنىن زەينېل مۇنداق دېدى : ئالدىنقى يىلى قورغاس چىگرا ئېغىزىدىن مال چىقىرىش مىقدارى 10 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىپ ، ئىمپورت–ئىكىسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى تاماملىدى ، بۇ يىل مۆلچەر بويىچە مال چىقىرىش مىقدارى 13 مىليون توننىغا يېتىپ ، ئىمپورت–ئىكىسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن.



  قەشقەر، قورغاسنىڭ تەرەققىياتى پەقەتلا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى . شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى ئاستىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت–ئىكىسپورت سوممىسى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكىچە 10 يىل ۋاقىت كەتتى ، 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكىچە 3 يىل ۋاقىت كەتتى ، 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكىچە پەقەتلا 14 ئاي ۋاقىت كېتىپ ، ئوخشاشلا غايەت زور تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.



  دەل مۇشۇنداق بولغاچقا 18-قۇرۇلتايدا ، تېخىمۇ پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ ، ئورتاق يېڭىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، كۆپ تەرەپلىك تەڭپۇڭلىشىش ، بىخەتەر يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي سىستېما بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىندى . مۇئەللىپنىڭ قارىشىچە ، بۇ شىنجاڭ ئۈچۈن ئالاھىدە قىلىپ بېكىتىلگەن .



  16-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى 10 يىلدا ، شىنجاڭنىڭ ئىچكىرىگە ، تاشقىرىغا قارىتا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى توختىماستىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن باشلاپ ، ئاپتونوم رايون ئىستراتېگىيە قاتلىمىنى ئىچكىرى–تاشقىرىغا كېڭەيتىپ ، تىرىشچانلىق بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ غەرىبكە قارىتا ئېچىۋېتىلگەن كۆۋرۈكلۈك رولىنى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ، توختىماستىن شەرىققە ، غەرىبكە قارىتا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، قۇرۇلمىنى ئەۋزەللەشتۈرۈپ ، كارخانا تەربىيەلەپ، ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ ، مۇھىتنى ياخشىلاپ، ئىقتىساسلىقلارنى توپلاپ ، زاپاس كۈچنى يىغدى . ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ جۇشقۇن تەرەققىياتىدىن بىز ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۇق . ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭ دائىرىلىشىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ. يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ، تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ نورمال تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم بىر يولى ئېچىۋېتىش ، يەنىمۇ ئېچىۋېتىش، چوڭ ئېچىۋېتىش كېرەك .



  بۇ خۇددى قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ۋالىي گۈلشات ئابدۇقادىر ئېيتقاندەك ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، قاتناش تورى كۈندىن–كۈنگە مۇكەممەللىشىپ ، ئىقتىسادىي سۇپا ھاسىل قىلغاندا ، ئۆتكەن كۈنلەردىكى چىگرا قورغىنى « شەرىق بىلەن غەرىبنى تۇتاشتۇرۇش » ، «غەربتىن كىرىپ شەرىققە چىقىش » تىكى كۆۋرۈك قورغىنىغا ئايلىنالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل . شىنجاڭچە چوڭ قۇرۇلۇش ، چوڭ ئېچىۋېتىش ، يۇقىرى تەرەققىياتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا ، بىز پەقەت ئېچىۋېتىش ئۇسلۇبىدا تۇرۇپ ، دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى ئىككى بازار ، ئىككى بايلىق مەنبەسىدىن ياخشى پايدىلانساقلا ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى چوقۇم تېخىمۇ گۈللىنىدۇ.


مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى


esir يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 10:42:06

ئېچىۋەتكەنسېرى ئۆيدىن تالاغا چىقىشقا پېتىنالماس بولۇپ قالدىم. 200 مېتىردا بىردىن تەكشۈرۈش پونكىتى... خۇدايىم، نەپسىممۇ سىقىلىپ كېتىۋاتىدۇ!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 08:56:54

ئىشىكنى ئېچىۋەتكەن بىلەن سوغۇق شامال كىرىدۇ. يا كىرىپ چىقىدىغان بىلەتنى بەرمىسە ئىشىكنى يوغان ئاچقان بىلەن بىزگە پايدىسى نىمە.

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 09:16:17

قەشقەرنى ئىقتىزادى ئالاھىدە رايۇن قىلىشنى پىلانلاپ تەشۋىقات ۋاستىللىرى ‹قەشقەر ئالاھىدە رايۇن› ‹喀什特区› دەپ ئېغىزلىرىدىن شالى ئېقىپ كەتكۈچە جار سىلىشقا باشلىغان ، بۇنى ئاڭلىغان ئىچكىرىدىكى قۇرۇق سومكا شىركەرتلەر‹皮包› بەس -بەستە كىلىشكە باشلىدى ،مىسالى قەشقەر ...... شەھەرچىسى......城 نى قۇرماقچى بولغانلار يىنىدا پۇل يوق قۇرۇلۇش پۇتمەي تۇرۇپلا يىرىم يولدا ئىككى قۇرۇلۇش قىلغۇچى شىركەتنى ئالماشتۇرۇپ بولدى بىرسى بىلەن دەۋا ئۈستىدە. ئارقىدىن ھازىر ئىقتىزادى تەرەققىيات رايۇنى قىلىپ بىكىتتى ،دەرىجىسى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك (كورلا دۆلەت دەرىجىلىك)،قورغاس دۆلەت دەرىجىلىك. كۆڭۈللەرنى ئەمىن تاپقۇزۇش ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇپ قويدۇم \"\"

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 11:46:44

يەنە نەگىچە ئاچىدىغاندۇ؟ قاچانمۇ يىپىشنىڭ بۇيرۇقى چۈشە؟



بۇ ئېچىش ھەققىدە بىرسى مۇنداق قوشاق توقۇپتۇ:



كىيىم دىگەن ئەزەلدىن ئەخلاق-ھايات پەردىسى،

ئەخلاق بىلەن ئەل كۆكلەپ، پارلاق بولۇر كەلگۈسى،

ھېجاپ قاچان بوپ قالدى؟ جىنايەتنىڭ بەلگىسى،

ئەيىپلىكمۇ ئەجىبا ھېجاپلىقنىڭ ھەممىسى؟

شۇ كادىرنى ئوقۇتقان - ياغلىق چەگكەن ئانىسى....





يېڭى دەۋىر خەلىق قوشاقلىرى

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 17:04:36

ئېچىۋىتىدۇ ، ئېچۋىتىدۇ ، ھەر قېتىم قۇرۇلتاي ئاچسا ئۇنداق ئاچىمىز بۇنداق ئاچمىز دەپ پىلان دىگەن بىر تاغار ، دىڭ شىياۋپىڭ « ئاق مۆشۈك ، قارا مۈشۈك ، چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك » دەپ . ئېچۋەتكەنسىرى يانچۇقتا پۇل كۆپەيمەي ئازلاپ كىتۋاتىدۇ . مۇنداق قارىسام يەنە پۇل بايغا ، سۇ سايغا ئېقۋىرىدىكەن ، مەن بولسام تېلۋۇزۇردىكى ناخشا -ئۇسۇل كۆرۈپ قوساق ئاچ قالمىغانغا شۈكىرى قىلىپ ياشاۋىرىپتىمەن . ھازىر بۇنداق داغدوغىلىق خەۋەرلەر چورت خوش ياقماسلا بولدى .

nurfiya يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 16:56:43

مۇشۇ ئېچىۋىتىش دىگەننى قانداق چۈشەنسە بۇلار \"\" \"\"

function يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 17:15:54

4- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېچىۋەتكەنسېرى ئۆيدىن تالاغا چىقىشقا پېتىنالماس بولۇپ قالدىم. 200 مېتىردا بىردىن تەكشۈرۈش پونكىتى... خۇدايىم، نەپسىممۇ سىقىلىپ كېتىۋاتىدۇ!

ئۆي بىلەن ئىدارنىڭ ئارىلىقى بىر كېلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ، لېكىن نەچچە قېتىم تەكشۈرۈلدىم، بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئىشقا كېچىكىپ قالدىم، نەچچە كىلومېتىرلىق يولغا مېڭىشنىڭ ئورنى قالمىغاندەك، تەكشۈرۈۋېرىپ ئادەمنىڭ پىسخكىسىدىن چاتاق چىقامىكىن تاڭ، جىنايەتچىدەك ھېس قىلىپ خۈدۈكسىرەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن كىشى، تېلېفۇننىڭ سىم كارتىسى، سىسىغىم كارتىسى، تېلېفۇننىڭ ئۆزى.... دېگەندەكلەرنى نەچچە تەكشۈرۈپ تېلېفۇننىڭمۇ پەكىرىنى ئۇچىرىۋەتتى... بەلكىم ئىشىكنى مۇشۇنداق ئاچسا كېرەك.
بەت: [1]
: ‹‹ ئېچىۋېتىش ›› تەلىپى شىنجاڭ ئۈچۈن ئالاھىدە بېكىتىلگەن[كۆچۈرۈلمە]